بىرقانچە ياخشى ئەق
بىرقانچە ياخشى ئەقىليە سوزلىرى
1
كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ساڭا سوزلەپ بىرىدىغان كىشى سىنىڭ ئەيىبىڭنىمۇ باشقىلارغا سوزلەپ بىرىدۇ .
2
شەكسىزكى خاتالىقنى تۈزۈتۈشنىڭ چارىسى خاتالىقنى ئېتراپ قىلىشتۇر ، ئەگەر خاتالىققا سەۋەپ كورسەتسە ، ئۇ چاغدا ئۇ گۇناھىنى ئاشۇرۋېتىدۇ .
3
ھىممەتلىك كىشى كەمبەغەللىك بىلەن پەسلىشىپ كەتمەيدۇ ، ھىممەتسىز كىشى باي بولغان تەقدىردىمۇ ، يا ئۇلۇق كىشىلەرگە ماسلىشىپ ، ئۇلارغا ماددى جەھەتتىن ياردەم بىرەلمەيدۇ ، ۋە ياكى كەمبەغەللەرگە ياخشىلىق قىلالمايدۇ .
4
كۈچلۈكلەردىن زەربە يىمەي دىسەڭ ، ئاقىز ۋە قول ئاستىڭدىكىلەرگە پايدا يەتكۈز .
5
كىشى ئەگەر ھاتەمدەك ساخاۋەتلىك بۇلۇپ ، ھىممىتىنى ئۈستۈن تۇتۇشنى خالايدىكەن ، ئۇ ھالدا قۇلىدىكى زەھەرمۇ ئابىھاياتقا ئوخشاپ قالىدۇ. بەرگۈچى گاداي بۇلۇپ ئالغۇچى شاھ بولسا ، بەرگۈچىنىڭ قۇلى ئۈستۈن ، ئالغۇچىنىڭ قۇلى توۋەن بۇلۇدۇ .
6
خەلق ئىچىدىن چىققان سېخى كىشى ئەلگە ئىككى خىل مۇكاپات تەقدىم قىلالايدۇ . بىرى ، خەلىققە ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھورمىتىگە ئىرىشىپ ، ئۇلار بىلەن ئارلىشىپ ياخشى ئۈتۈش ، يەنە بىرى ، گۈزەل ئەخلاقى ئارقىلىق خەلىقنىڭ تىنچ ، خاتىرجەم ياشىشىغا تەسىر كورسىتىش .
7
دۈشمەن بىلەن دوست تەڭلا پايدىلانغان مال-مۈلۈك ماھىيەتتە زەھەرلىك ئىچىملىكتۇر .
8
ياخشىلىق قىلالمىساڭ يامانلىق قىلما ، ياخشىلىقنى بىلمىسەڭ ياخشىلارغا قۇشۇل ، ياخشىلار قاتارىدا بۇلالمىساڭ ، ياخشىلارنىڭ ئەتراپىدا يۈر .
9
ياخشىلىق بىلەن نام قالدۇرۇشنىڭ ئۈزىلا كاتتا مۇكاپاتتۇر .
10
دۇنيا گۈلشىنىدە ھىچكىم مەڭگۈ قالالمايدۇ ، ياخشىلىق بىلەن نام قالدۇرۇش ئۇلۇغ سائادەتتۇر .
11
ئەجەلگە پارا بىرىپمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ ، ئەجەلنىڭ تىغى ئاخىر ئۈزىنىڭ جاللاتلىغىنى قىلىدۇ .
12
يىغلاش ، يالۋۇرۇشمۇ ئەجەلگە كار قىلمايدۇ ، مەيلى تەقۋادار ياكى پاسسىق بولسۇن ، مەيلى شاھ ياكى گاداي بولسۇن ، بۇ يولنى بەرىبىر بېسىپ ئۈتۈدۇ ،.
13
مۇددەرىس بولغان كىشى مەنسەپنى مەقسەت قىلماسلىقى ، بىلمىگەننى سوزلىمەسلىكى ، كىشىلەرگە ئوزىنى كورسىتىش ئۈچۈن دەرس كۆلىنى ياسىماسلىقى ، ئوزۈمچىلىك بىلەن پوپاڭچىلىق قىلماسلىقى ، نادانلىقتىن سەللىنى چوڭ يوگەپ ، چۇچىسىنى ئۇزۇن قۇيۇۋالماسلىقى لازىم .
14
كۈچلۈك بىر ئادەم كىچىك نالىنى باشقۇرۇشتا ئاجىزلىق قىلىدۇ ،ئۇقۇتقۇچى بىرمۇنچە بەڭۋاش ، شوخ بالىلارغا ئىلىم ، ئەدەپ –ئەخلاق ئۈگۈتۈدۇ ، بىلىشىمىز كىرەككى بۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ .
15
ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇغۇچىلاردا ھەققى ناھايىتى كوپ ، ئەگەر ئۇقۇتقۇچى پادىشاھ بولسا ، ئۇنىڭغا قۇللۇق قىلىش تۇلىمۇ ياخشىدۇر .
16
بىر قاراۋۇل زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر ئادەمنى زالىم قۇلىدىن قۇتقۇزۇپ ئۇنىڭ ھەققى ئۇچۇن ئارتۇق ھەق تەلەپ قىلسا ، قاراۋۇلنىڭ زالىم بىلەن ئورتاقلىقى بولغان بۇلۇدۇ ، ئەگەر خىزمىتىگە لايىق ھەق ئېلىشنى ئويلىغان بولسا ، ئۇ ھەق قاراۋۇلغا ئاتا مىراسى ، ياكى ئانا سۈتىدەك ھالال بۇلۇدۇ ، ئەگەر خىزمىتىدىن كەمرەك ھەق ئالاي دىسە ، بۇ ئۇنىڭ ئەرلىكى ھەم مەرتلىكىدۇر .خىزمەت قىلىپ ھەق ئالمىسا ئېيتىش كىرەككى ، ئۇ ئەۋلىيادۇر .
17
بىرسىگە يالغان بىلەن توھمەت قىلغان كىشى ، ئۈزىنىڭ قارايغان يۈزىنى داغلىغان بۇلۇدۇ ، يالغان سوز ئاز بولسىمۇ گۇناھتۇر ، زەھەرنىڭ مىقتارى ئاز بولسىمۇ جاننى ئالىدۇ ،
18
ئاقىللار پادىشاھنىڭ مۇلايىملىقىغا ئىشىنىپ كەتمەيدۇ ، ھېكىملەر ساراڭلارنىڭ سۈزىگە ئىشىنىشنى توغرا تاپمايدۇ ، چۈنكى ، بىرىنچىسى ، ساھىبى ئىختىيار ، ئىككىنچىسى بىئىختىيار ، ئەقىللىق كىشىگە ھەر ئىككىسىدىن ساقلىنىشقا توغرا كىلىدۇ ، بىرى ئىختىيار ئىگىسى ، يەنە بىرى نائىختىيار بولسا ، ئىككىسىدە ئەقىل ۋە ھىكمەتنىڭ تەتۈرى كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ .
19
ھاياتقا پەرۋاسىزلىق بىلەن قارايدىغان ئادەم زۈرۈر تېپىلغاندا ، ساڭا ياردەم بىرىشكە يارىمايدۇ ،ناپاك كىشى ھەمرا ۋە دوست بۇلۇشقا يارىمايدۇ .
20
ئۈزىنى تەمكىن تۇتالايدىغان ، دۇنيا ئىشلىرىنى ‹‹ غەم يەپ كىتىشكە ئەرزىمەيدۇ ›› دەپ قاراپ ، كوڭۇل-كوكسىنى كەڭرى تۇتۇدىغان كىشىنىڭ كوڭلىنى ‹‹ شاد ›› دىيىشكە بۇلۇدۇ ،