maxina يوللانغان ۋاقتى 2008-11-14 20:20:57

بىرقانچە قىزىقارلىق كۈلكىلىك يۇمۇرلار

                                  بىرقانچە قىزىقارلىق كۈلكىلىك يۇمۇرلار

                                     ‹‹     ئەيدىز كىسىلى  ››

بالىلىرى سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئانىسىنىڭ چورسىگە ئولۇشۇپ ئانىسىغا تەسەللى بەرگەش ، سىزدىن كىيىن قالساق دادىمىزنىڭ كىيىن ئالغان ئايالىنىڭ خورلىشىدىن قورقىمىز دەپتىكەن ،

ئانىسى مەن ئولگەندىن كىيىن باشقىلارغا ئانام  ‹‹ ئەيدىز ›› كىسىلى بىلەن ئۈلۈپ كەتتى دەڭلار دەپتۇ ،

                           داۋۇت ئەزمە بىلەن مامۇت ئەزمە

بىر-بىرىگە قوشنا ئىككى شەھەردە داۋۇت ئەزمە  بىلەن مامۇت ئەزمە دىگەن ئىككى گەپچى ياشايدىكەن ، بىر يازدا داۋۇت ئەزمە  ‹‹ مامۇت ئەزمىنى زادى بىر ئىزدەپ تېپىپ ، گەپتە يىقىتىپ كەلمىسەم ›› دەپ مامۇت ئەزمىنىڭ شەھرىگە قاراپ يول ئاپتۇ ، ئۇ مامۇت ئەزمە تۇرغان شەھەرگە كىلىپ ، ئۇنىڭ ئۈيىنى ئىزدەپ تېپىپ ، ئىشىكىنى چىكىپتۇ ، ئويدىن مامۇت ئەزمىنىڭ ئوغلى چىقىپتۇ ،

مىنىڭ ئېتىم داۋۇت ئەزمە پالانى شەھەردىن كەلدىم ، داداڭ ئويدە بولسا چاقىرۋەت گىپىم بار ، - دەپتۇ بالىغا داۋۇت ئەزمە . بالا دەررۇ ئۇيىگە كىرىپ دادىسىغا گەپنى يەتكۈزۈپتۇ ، مامۇت ئەزمە خېلە ئۇزۇندىن كىيىن ئۇچىسىغا جۇۋا ، بېشىغا قۇلاقچا ، پۇتىغا پىيما كىيىپ چىقىپ داۋۇت ئەزمە بىلەن كۈرۈشۈپتۇ .

-           ئادىشوي ، مۇنچىلا ئىسسىقتا نىمانچە قېلىن كىيىنۋالدىڭىز ؟ -  دەپ داۋۇت ئەزمە چاقچاق قىلىپتۇ ،  شۇنى كۈتۈپ تۇرغان مامۇت ئەزمە دەررۇ ،  

-           سىلىنىڭ گىپىڭلار تۈگۈگىچە قىش چۈشۈپ كەتمىسۇن  ، دەپ شۇنداق قېلىن كىيىنۋالدىم ،- دەپ جاۋاپ قايتۇرغانىكەن ، داۋۇت ئەزمە ئۇنىڭغا گەپتە تەڭ كىلەلمەيدىغانلىغىنى بىلىپ دەرھال كەينىگە قايتىپتۇ .

   ئەسلى بۈگۈن مىنىڭ خەتنە تۇيۇم ئىكەن

     بىر-بىرى بىلەن بىلىشمەيدىغان ئۈچ ئوغرى تېپىشىپ قاپتۇ ، بىر ئويگە ئوغرلىققا چۈشمەكچى بۇلۇپ ، ئوينڭنە ئارقا تېمىنى تەشكەندىن كىيىن ، ياشرشق بىرىنى ؛

سەن كىر دىيىشىپتۇ ،

ھېلىقى ئوغرى تۈشۈكتىن ئوملەپ ئويگە كىرىشىگىلا ، خېلىدىن بىرى ئوغرىلارنى سىزىپ راسلىنىپ تۇرغان ئوي ئىگىسى قۇلىدىكى پىچاق بىلەن شارتلا قىلىپ ئۇنىڭ بۇرنىنى كىسۋاپتۇ ، ئوغرى بولسا بۇرنىنى قۇلى بىلەن تۇتقۇنىچە ؛

ۋاي-ۋۇي مۇنۇ ئويدىكى سېسىقچىلىقنى ،  - دەپلا ئومىلەپ كەينىگە يېنىپ چىقىپتۇ ،

نىمۇ دەيدىغاندۇ بۇ ؟ - دەپ ئىككىنچى ئوغرى تۈشۈكتىن ئومىلەپ كىرىپتىكەن ، ئوي ئىگىسى ئۇنىڭ بىر قۇلىقىنى كىسىپ تاشلاپتۇ ،

پاھ ، ماۋۇ ئويدە بۇلۇۋاتقان نەغمە-ناۋانى ، قۇلۇقۇم ەاس بۇلۇپ قالدى ، - دەپ ئۇمۇ قۇلۇقۇم گاس بۇلۇپ قالدى دەپ  قۇلۇقىنى تۇتۇپ يېنىپ چىقىپتۇ ،. ئۈچۈنچى ئوغرىنىڭ ئاچچىقى كىلىپ .

- بىرىڭ سېسىقچىلىق دەيسەن ، بىرىڭ نەغمە-ناۋا دەيسەن ، نېرى ئۈتۈشە ، ئوزەم بىر كىرىپ باقاي ، - دەپلا تۈشۈكتىن ئومىلەپ كىرىپتىكەن ، بۇ دورەم ئوي ئىگىسى ئۇنىڭ جان يېرىنى كىسىپ تاشلاپتۇ .

-بىكار نەغمە-ناۋا ئەمە سكەن-دە ئەسلى بۈگۈن مىنىڭ خەتنە تۇيۇم ئىكەن ئەمەسمۇ ،- دەپ ئۈچۈنچى ئوغرىمۇ دەرھاللا يېنىپ چىقىپتۇ .

  ماھارەت ۋە تاپاۋەت

بىر تەنھەركەتچىدىن ئاغىينىسى سوراپتۇ ،

-           مۇسانىقىگە چۈشكەندە نىمىدىن ئەڭ قورقىسەن ؟  تەنھەركەتچى جاۋاپ بىرىپتۇ ،

-           رىپىرنىڭ ماھارەتكە ئەمەس تاپاۋەتكە قارىشىدىن قورقىمەن ،

ئۈزىڭىزنىلا دوراپتۇ

      بىر ئادەم مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئالدىدا جامائەتكە ماختىنىپ دەپتۇ ؛

-خۇداغا مىڭ قەترە شۈكرى ، بالىلىرىم خۇددى ئۈزەمدەكلا زىرەك ، ئەدەپلىك چوڭ بولدى . . . . .

-تۇغرا ئېيتتىڭىز ، - دەپتۇ جامائەت ئىچىدىن بىرى ئۇنىڭ گىپىنى بۈلۈپ ، -بالىلىرىڭىزنىڭ ئەخلاق –پەزىلىتى خۇددى ئۈزىڭىزنىڭكىدەك بولغىنىغا گۇمانىمىڭز يوق ، قاچان سىزنىڭ ئىشىكىڭىز ئالدىدىن ئوتسەك ، بالىلىرىڭىزنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئەڭ سەت گەپلەر بىلەن تىللىشۋاتقانلىغىنى ئاڭلايمىز .

                                         گەپدان بالا

بىر ئادەمنىڭ بىرلا ئوغلى بۇلۇپ ، ئۇ تۇلىمۇ گەپدان ھازىر جاۋاپ ئىكەن ، بىر كۈنى چاي ۋاقتىدا چىنىنى ئۈستەل ئۈستىدە پىرقىرىتىپ ئويناۋاتقانكەن، ئانىسى ۋارقىراپتۇ ؛

-ھەي بالام چىنىنى پىرقىرىتىپ ئوينىما ، ھېلى ئىككى قىلىسەن بىكار  . . . . .

- بىر چىنەڭ ئىككى بولسا ياخشى ئەمەسمۇ ؟

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-11-15 00:28:41

ئاۋۇ ئىككى ئەزمىنىڭ يۇمۇرى راسا قىزىقكەن !

Freedom يوللانغان ۋاقتى 2008-11-15 02:54:24

بۇ قانداق يۇمۇر بولدى ئەمدى

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2008-11-15 07:12:18

ئۇزۇن بوپتىكەن كۈلگىدەك يۇمۇر ئۇچراتمىغىلى

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-15 09:56:59

ئوغرىلارنىڭكى ئەڭ نوچىكەن

tayger يوللانغان ۋاقتى 2008-11-15 11:20:39

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-11-15 12:09:22

ئوغىرنىڭ قىززىققكەن.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2008-11-15 15:17:20

ماڭا ياقىنى ئەيدىزنىڭ . رھمەت .

zilala يوللانغان ۋاقتى 2008-11-15 19:53:06

سوغاق چۇشكەن بىر كۇنى ئېرى مايكىسىنى ئىزدىسە يوق تۇرغىدەك ،خۇتۇنى :مايكىڭىزنى بىر قېتىم يۇساملا كىچىكلەپ كەتتى ئاكامغا بىرىۋەتتىم دەپتۇ ،ئېرى ئىشتىنىنى ئىزدىسە ئۇمۇ يوق ،خۇتۇنى يەنە :ئۇنىمۇ بىرلا يۇسام كىچىكلەپ كەتكەن ئىدى ئىنىمگە بىرىۋەتتىم دەپتىكەن ،ئىرى ناھايتى ئاچچىقلىغان ھالدى : ئۇنداقتا مېنىمۇ يۇيۇپ دەرھاللا سىڭلىڭغا بېرىۋەتمەمسەن دەپتۇ .

xarkiya يوللانغان ۋاقتى 2008-11-15 20:24:46

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-11-15 21:22:56

ۋاھ زىلالە خېنىمنىڭ يۇمۇرى پەيزىكەن مانا ...

Turjun يوللانغان ۋاقتى 2008-11-16 16:46:53

قالتىس  .داۋاملىق  يوللاڭلار  . بۇرادەرلەر

بەت: [1]
: بىرقانچە قىزىقارلىق كۈلكىلىك يۇمۇرلار