Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-11-10 11:12:33

ئەسقەر VS ئەيدىز ( AIDS )


ئەيدىز بىمارى ئەسقەر بىلەن سۆھبەت


ئاساسىي ئەھۋال : ئەسقەر ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) ، ئەر ، ئۇيغۇر؛ زەھەر چېكىش تۈپەيلى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان. ئىلگىرى يۈرگەن قىزى بار بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىش تەلىپىنى قويغان. ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى يوق . چىقۇق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ، داۋالىنىش جەريانىدا تېببىي خادىملارنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىغان...

ئەسقەر ياخشىمۇ سىز ! سۆھبىتىمىزنىڭ بېشىدا ئۆزىڭىز ھەققىدە ئىككى ئېغىز توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
- مەن بۇ يىل 32 ياشقا كىردىم. زەھەر چېكىش جەريانىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالدىم. 1989- يىلى يىل ئاخىرىدا ، ماشىنىسى بار بىر دوستۇمدىن ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگەنمەك بولۇپ، كۈندە دېگۈدەك ئۇنىڭ بىلەن سىرتقا چىقىپ ماشىنا ھەيدەشنى مەشىق قىلدىم. ئۇ كىرا تارتىپ پۇل تاپاتتى. ھەر كۈنى كەچتە تاپقان پۇللىرىغا << ئاق تاماكا >> سېتىۋېلىپ چېكەتتى. راست گەپنى قىلسام بۇندىن ئىلگىرى ئۇنىڭ زەھەر چېكىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. بىر كۈنى چىشىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى، ئۇ ماڭا بۇ << تاماكا >> نى چەكسەڭ چىش ئاغرىقىڭ توختايدۇ ، - دېدى . شۇنىڭ بىلەن بىر تارتىم چەكتىم، دېگەندەك چىش ئاغرىقىم قويۇپ بەرگەندەك بولدى. شۇندىن كېيىن ئاستا - ئاستا ئاققا ئۆگىنىپ قالدىم. 1994 - يىللارغا كەلگەندە ، ئۈرۈمچىدە ئاق تاماكا تاپماق تەس بولۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن زەھەرنى ئوكۇل قىلىشقا ئۆگىنىۋالدىم. بۇ جەرياندا 2000- يىلى زەھەر چەككەنلىكىم ئۈچۈن بىر تۇتۇپ تۇرۇلدىم. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن چىقىپ، يەنە زەھەر چەكتىم يەنە تۇتۇلۇپ 2 يىل تۇتۇپ تۇرۇلدىم. بۇ قېتىم تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، كۈتمىگەندە، چىقۇق كېسىلىگە ( قورساق پەردىسىنىڭ نېپىز جايىدىن ئۈچەي - بېغىرلىرى چىقىپ قېلىش، ت ) گىرىپتدار بولۇپ دوختۇرغا باردىم. دوختۇرخانىدا ئەيدىز تۈرى تەكشۈرۈلۈپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىم مەلۇم بولدى.


سۆزلىرىڭىزدىن قارىغاندا، سىزنىڭ زەھەر چېكىش تارىخىڭىز بىرقەدەر ئۇزۇن ئىكەن. 94 - يىلى ئوكۇل ئارقىلىق چېكىشنى باشلاپسىز دېگەندىمۇ زادى قايسى قېتىملىقتا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىزمۇ بىر دېيەلمەيدىغان ئوخشايسىز. ئالدىنقى قېتىملىق پاراڭ جەريانىدا سىز ئۆزىڭىزنى بۇرۇن يۈرگەن قىزىڭىز بارلىقىنى ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىڭىزنى ئېيتقان ئىدىڭىز ، مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ باقامسىز ؟


- مەن ھازىرقى ئايالىم بىلەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدىن باشلاپ يۈرگەن ئىدىم. باشتىن - ئاخىرى بىر - بىرىمىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتۇق. مەن ئۆزۈمنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزۈمىنى ئۇنىڭغا لايىق كەلمەيمەن ، ئۇنى بەخىتسىز قىلىپ قويىمەن دەپ ئويلىدىم ھەم ئۇنىڭغا ئەيدىز يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرىدىم. شۇڭا، ئارىلىقتا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىش تەلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەجبۇرى ئايرىلىپ كەتتىم. كېيىنچە بىز يەنە قايتا يارىشىپ قالدۇق. ئۇمۇ مېنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىمنى بىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، مەن ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى، دىققەت قىلساقلا ئۆز- ئەيدىز يۇقۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرىۋالدى. شۇنداق قىلىپ 2005 - يىلى بىز تويىمىزنى قىلىپ، ئىناق ئەر - خوتۇنلاردىن بولۇپ قالدۇق. يەنە تېخى پەرزەنتلىك بولۇش ئۇيىمىزمۇ بار ...


ئۇنداقتا ئايالىڭىز زادى ئەيدىزدىن يۇقۇملاندىمۇ ياكى ... ؟
ياق. ئۇ ھازىرغىچە ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىدى. بىز ئادەتتە بەك ئېھتىيات قىلىمىز.ئەر - خوتۇنلۇق تۇرمىشىدىمۇ دائىم بېخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز ...
بايا پەرزەنتلىك بولۇش ئويۇمىز بار دېدىڭىز ، بۇ ھەقتە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورۇنلىرىدىن مەسلىھەت ئېلىپ كۆردۈڭلارمۇ؟
- شۇنداق قىلدۇق. ئۇلار بىزگە پەرزەنتلىك بولۇشقا بولىدىغانلىقى ، ئەمما چوقۇم تۇغۇت جەريانىدا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، مۇنتېزىم دوختۇرخانىلاردا تۇغۇش ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېمىتىپ باقماسلىق كېرەكلىكى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىشتى.


ئەر - ئايال ئىككىڭلارنى ھازىر خىزمىتى بارمۇ ؟
- ھەر ئىككىلىمىزنىڭ خىزمىتى يوق. ئانچە - مۇنچە دۇكان ئېچىپ، ئۇنى ئېلىپ بۇنى سېتىپ دېگەندەك تۇرمۇشىمىزنى قامداپ كېلىۋاتىمىز ...


ئىككىڭلارنىڭ مۇقىم كىرىم مەنبەيىڭلار يوقكەن، بۇنداق شارائىتتا بالىلىق بولساڭلار ، بالىنى بېقىپ - تەربىيىلەش چىقىمىنى قانداق ھەل قىلماقچىسىلەر ؟
- بالىلىق بولۇش __ بۇ بىزنىڭ پەقەت ئارزۇيىمىز خالاس، بىز چوقۇم ئەتىلا بالىلىق بولىمىز دېگىنىمىز يوق ....


سىز ئۆزىڭىزنى چىقۇق كېسەللىكىگە گىرىپدار بولۇپ دوختۇرخانىدا داۋالانغانلىقىڭىزنى ئېيتتىڭىز ، داۋالىنىش جەريانىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەلەرسىزمۇ ؟
- چىقۇق ئۆزى بەك چوڭ كېسەلمۇ ئەمەس ئىكەن. ئەگەر ئۇلار ماڭا قورساق تاختىسىنى توغرا قويالغان بولسا بىر قېتىمدىلا ئىش پۈتەتتى . ئەمما ، ئۇلار بىرىنچى قېتىمدا خاتا قويۇپ ساپتۇ، ئىككىنچى قېتىمدا ئېلىۋېتىشتە تولۇق ئېلىۋەتمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھازىر 3 - قېتىم كىرىپ قايتا داۋالانماقچىمەن.
ئەڭ دەسلەپ دوختۇرخانىغا كىرگەندە، دوختۇر - سېسترالار مېنى ھە دېگەندە يەكلەشتى، كەينىمدىن يامان گېپىمنى قىلىشاتتى. ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىشمايتتى. تېخى بىر دوختۇر ماڭا دوق قىلىپ، 1 يىلمۇ ئۆمۈر كۆرەلمەيدىغانلىقىمنى، بۇ يەردە يۈرگىچە بالدۇرراق ئۆيگە كېتىپ ئەزرائىلنى كۈتۈشىم كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ، كۆڭلۈمگە ئازار بەرگەن ئىدى. شۇ چاغدا كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولغان، ھاياتلىقتىن ئۈمىدىمنى ئۈزگەن ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىدىن ئۆيۈمگە يېنىپ چىقتىم. 1 يىل ئۆتتى ، لېكىن مەن ئۆلمىدىم . شۇنىڭ بىلەن يەنە ئۈمىدلىنىپ دوختۇرخانىغا باردىم. بۇ قېتىم بارغاندا ، يەنە ئۆتكەن كۆرۈنگەن دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە توغرا كەلدى. ئۇ ھېلى ئۇنى ھېلى بۇنى بانا قىلىپ مېنى بالنىتسىغا ئېلىپ داۋالاشتىن يالتايدى. مۇئامىلىسىمۇ بەك قوپال ئىدى. كاللامدىن ، بۇرنۇمغا ئۆلۈمنىڭ پۇراپ قالغىنى ئېنىق، ئۆزۈمنىڭ قېنىدىن ئازراق شپىرىسقا ئېلىپ، مېنى ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەن مۇنۇ خۇمسا دوختۇرنىمۇ بىر يولىلا يۇقۇملاندۇرۇپ ئاندىن نېمە بولسا كۆرمەيمەنمۇ ، دېگەندەك خىياللار قۇتراپ ئارام بەرمەيتتى. كېينرەك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىدىكى يولداشلار ماڭا بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلەپ، بۇ ئىشنى يەنىلا قانۇن يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقنى كاللامدىن ئۆتكۈزدى. مەنمۇ مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورۇنلىرىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدىم. ھازىر قانۇن ئورۇنلىرى دوختۇرخانا بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىۋاتىدۇ. كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىدىكى يېتەكچىمۇ مەن ئۈچۈن كۆپلىگەن دوختۇرخانا - دوختۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، مېنىڭ چىقۇق كېسىلىمنى داۋالىتىۋېلىشىم ئۈچۈن جان كۆيدۈردى.


بايا ئايالىڭىزنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتىڭىز ، ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز ئەر - ئاياللىق تۇرمۇشىڭىلار، ئوتتۇرىڭلاردىكى مۇھەببەت ھەققىدە بىر - ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بېرەمسىز ؟

مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئەسلى مەنبە << يۈكسەل بلوگى >> دىكى مۇشۇ ماۋزۇلۇق ماقالىدىن ئوقۇغايسىز !

مەنزىل: http://yuksel.blogbus.com/logs/24011955.html

يۈكسەل بلوگى

http://www.yukselblog.com


zulal يوللانغان ۋاقتى 2008-11-10 22:40:47

بىز ئەيدىز بىمارلىرىغا ئەمەس ، بەلكى ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك .

nopano يوللانغان ۋاقتى 2008-11-10 23:56:14

بۇ بىمارغا قوپال مۇئامىلىدە بولغان دوختۇرنىڭ دوختۇرلۇق ئەخلاقى نەردىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2008-11-11 00:32:05

ئاللا ما بۇرادەرنى

قاچان تۇلۇق يوللايدىغان بولمىغىچە بىلوگىڭىزنى زىيارەت قىلماسلىقنى لايىق تاپتىم

hayatmorda يوللانغان ۋاقتى 2008-11-11 13:55:57

دۇختۇردا ھازىر ئەخلاق نىمە ئىش قىلسۇن ، پۇلى تۇگەپ كەتكەن بىمارنىڭ بېشدا قاراپ تۇرۇپ ،ئۇلسمۇ كارى بۇلمايۋاتقان ئەھۋالنى كۇرگەن مەن ،

يالغانمكىن دىمەك ،كۇرگەن ئۇرنۇم ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانا تاشقى كىسەل بۇلۇم ،بۇ تۇغۇرۇلۇق تەپسلى بىىر نەرسە يازغانتىم ،تۇرغا يۇلسام بۇلامدۇ بۇلمادۇ بىلمىدم

xamxar001 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-11 19:03:01

ئاللاھ   ھەربەندىگەئاسانلىقبەرسۇن.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2008-11-11 22:40:14

بلوگ ئېلانى بېرىۋېتىپسىزدە؟

بېشىنى يوللىغاندىكىن ئاخىرىنىمۇ قوشۇپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-11-11 22:44:19

10 ئۈلۈش يازمىنىڭ 9 ئۈلۈشىنى ھوزۇرۇڭلار سۇنسام يەنە مەندىن قالغان 1 نىمۇ بەرمەپسەن دەپ خېجىل قىلىدىغىنىڭلار قىززىقتە !

ھېلىمۇ بلوگىمغا ئىزدىنىشتىن كىرىدىغان تورداشلار بەكمۇ ئاز ، مۇشۇنداق ھۆنەر ئىشلەتمىسەم ھەرقايسىللىرى ئاياغ بېسىشمىسىلايا ...

Erdewil يوللانغان ۋاقتى 2008-11-14 10:06:42

يۇقۇملانغۇچىدا ھەقىقىي ئىمان بولسا، مىڭىسى بۇلغانمىغانلا بولسا كېسىلىنى باشقىلارغا قەتئىي يۇقتۇرماسلىقى شەرت!

بۇ ئۆزىگە ھام ئۆزگىگە ياخشى....

بەت: [1]
: ئەسقەر VS ئەيدىز ( AIDS )