hotanboyxxx يوللانغان ۋاقتى 2008-11-5 23:41:26

ئوغلۇمنىڭ تەتقىقات دوكلاتى

(ئامېرىكىدىكى) ياتىقىمغا يىقىن جايدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار ، توققۇز ياشقا كىرگەن ئوغلۇمنى مۇشۇ مەكتەپكە ئاپىرىپ بىرىپ سەل ئەنسىرەپ قالدىم .

بۇ قانداق مەكتەپ ئۆزى ! ئوقۇغۇچىلار سىنىپتا ئۆنلۇك ئاۋازدا پاراڭلىشىپ-كۈلۈشىكەن ، ھەركۈنى كامىدا ئىككى سائەت ئوينىغان ، چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى بولا - بولمايلا قويۇۋەتكەن ،مىنى ئەڭ ئەنسىرەتكىنى ، مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا ھېچقانداق كىتاب- ماتېرىيال ئوقۇتمايدىكەن .

ئالتۇن چاچ ، زەڭگەر كۆز ئايال مۇئەللىم ئوغلۇم ئاپارغان جوڭگۇ باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىق ماتىماتىكا دەرىسلىكىنى كۆرۈپ ، 6- يىللىققا چىقىشتىن بورۇن ماتىماتىكا ئۆگىنىشنىڭ زورۇرىيتى يوق - دەپتۇ .

ھەش- پەش دېگىچە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى ، ئوغلۇمنىڭ ئېنگىلىز تىلى سەۋىيسى خېلىلا ئۆسۈپ قالغان ئىدى ، ئۇ مەكتەپتىن قۇيۇپ بەرسە ئودۇل ئۆيگە كەلمەي ، كۆتۈپخانىغا كىرىپ نۇرغۇن كىتاپلارنى ئارىيەت ئېلىپ كىلىدۇ .

بىرقېتىم ئۇنىڭغا ، بۇنچە كۆپ كىتابلارنى نىمە قىلىسەن دىدىم ، ئۇ كىتاب كۆرگەچ ، كومپيۇتېر دا بىر نېمىلەرنى ئۇرۇۋېتىپتىكەن ،بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن ؛ تاپشۇرۇق- دىدى . ئۇرۇۋاتقان ماقالىسنىڭ تېمىسىغا قاراپ ، نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم ، <<جوڭگۇنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى>> ، مۇنداق چوڭ تېمىدا ماقالە يېزىشقا ، دوكتۇر بولغانلار جۈرئەت قىلالىشى مۇمكىن ، بۇنى كىم ئورۇنلاشتۇردى؟ - دەپ سورىسام ، ئۇ تۇزلا قىلىپ ؛ مۇئەللىم ،ھەر بىر ساۋاقداشقا ئۆز دۆلىتىنىڭ تارىخى ، جۇغراپىيەسى ، مەدەنىيتىنى تونۇشتۇرۇپ ،بىر كۆچمەنلەر دۆلىتى ئامرىكا بىلەن سېلىشتۇرۇپ ،ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىنى تەھلىل قىلىپ ، ئۆز كۆزقارىشىمىز چۈشەندۈرۈپ ماقالە يېزىشقا بۇيرۇدى- دىدى .

بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ ، ئوغلۇم تاپشۇرۇقىنى تۈگەتتى ، ئويلىماپتىمەن ، ئۇنىڭ بېسىپ چىقارغان ماقالىسى 20 نەچچە بەتلىك بىر قوللانما بولۇپ چىقتى ، خۇاڭخې دەرياسىدىن - تەسۋىرى يېزىققىچە ، يېپەك يولىدىن ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققىچە ...ھەممىسى بار ، مىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى كىچىك بىر بالىنىڭ ماقالىنى باب ، پاراگرافلارغا شۇنچە ئىنىق ئايرىپ يېزىشى ، ماقالىنىڭ ئاخىرىدا پايدىلانغان كىتاب ماتىرىياللار نامىنى تىزىپ قويغىنى.

ئويلاپ باقسام ، مەن بۇخىل يېزىقچىلىق شەكلىنى ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇغاندىن كىيىن قوللىنىپتىمەن .

ئوزاق ئۆتمەي ئوغلۇم ، يەنە بىر تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ كەلدى ، بۇ قېتىمقىسى ، <<مەن ئىنسانىيەت مەدەنىيتىگە قانداق قارايمەن >> ئىدى ، ئەگەر ئالدىنقى قېتىمقىسىىنىڭ چەك - چىگراسى بار دىيىلسە ، بۇقېتىمقىسىنىڭ چەك -چىگراسى يوق دىيىلسە بولىدۇ .

ئوغلۇم ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن؛- جۇۋاۋا مەدەنىيەتمۇ ؟ - دەپ سورىدى ، مەن خاتا يىتەكلەپ قويماسلىق ئۇچۇن ئۇنىڭ بىلەن بىللە نوپۇزلۇق كىتابلاردىن جاۋاب ئىزدىدىم ، بىز خېلىلا كۈچ سەرىپ قىلىپ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپتۇق ،ئوغلۇم نەچچە كېچە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ بۇ تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلىدى .

ئامرىكا مائارىپىدا بالىلار ئەركىن - ئىختىيارى پائالىيەت قىلىدىكەن ، ئوغلۇمنىڭ بۇقېتىمقى ماقالىسىمۇ 10 بەت چىقىپتۇ ، ماقالىنىڭ ئاخىرىدا پايدىلانغان كىتاب ماتىرىياللارنى ئىزاھلاپتۇ .

ئۇ مەغرۇرلۇق بىلەن ، مەدەنىيەت دىگەن نىمە ؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا --- ئادەملەر ئىجاد قىلغان ، پايدىلانغان ھەممە نەرسە - دىدى ، ئۆزىگەئىشەنگەن قىياپەتتە ، خۇددى باشقىلار بايقىمىغان بىر قانۇنىيەتنى بايقىغاندەك .

كېيىنچە ئوغلۇم مۇئەللىمگە كۆرسەتكەن تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ كەپتۇ ،مۇئەللىم ئۈستىگە ؛ مەن ئۇرۇنلاشتۇرغان تاپشۇرۇق دەسلەپكى قەدەمدە بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، جانلىق تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەپتۇ ،مەن تاپشۇرۇق نەتىجىسىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى ئۈمىدىمىز بولغان بالىلارنىڭ دۇنياسىغا كىرگەندەك ھىس قىلدىم -دەپ تەستىق سۆزى يېزىپتۇ . بۇلارنىڭ مەنىسىنى سورىسام ، ئوغلۇم ؛ مۇئەللىم بىزدىن پەخىرلەنمەپتۇ ، ئەمما ھاياجانلىنىپتۇ - دىدى. مەنمۇ سۆز سىز تەستىقلىدىم.

بالىلار قانداقسىگە بۇنچە كۆپ ئىشلارنى چۈشىنىدۇ ؟ ئويلاپ باقسام بۇنىڭ ئەجەپلەنگۈدەك يىرى يوقكەن ،مەدەنىيەت مەسىلىلىلىرىنى ئىشلەشكە جۈرئەت قىلغان بالىلار بۇنچىلىك ئىشلارغا ھۆكۈم قىلالماسمۇ ؟

ئوغلۇم 6 - يىللىقنى پۈتتۈرىدىغان چاغدا مۇئەللىم 2- دۇنيا ئورۇش تارىخى ھەققىدىكى مەسىلىنى تاپشۇرۇق بېرىپتۇ . سىزنىڭچە ؛

بۇقېتىمقى ئورۇشتا كىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ؟

گىرمانىينىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەب نىمە ؟

ئەگەر سىز ترومىن زوڭتۇڭنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى بولسىڭىز ئاتوم بومبىسى تاشلاشقا قۇشۇلامتىڭىز ؟

سىزنىڭچە ئاتۇم بومبىسى تاشلىغاندىلا ئورۇشنى ئاخىرلاشتۇرغىلى بولامدۇ ؟

بۈگۈنكى كۈندە ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى قانداق قىلىش كېرەك ؟

......

قاراڭ ، 12 ياشلىق بالىنىڭ بۇ تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەشكە شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن ماتىرىيال ئاختۇرۇپ كەتىكىنىنى ...

ئىختىيارسىز مەكتەپتە 2 -دۇنيا ئورۇش تارىخىنى ئۆگەنگەن ۋاقىت ئېسىمگە كىلىپ قالدى ، مەن كىتابتىكى يىل نامىغا ئاساسەن قارغۇلارچە ، ئۆلۈك يادلىغان ئىدىم ، كىتابتىكى نەزىرىيەۋى بىلىملەر ئىنجىل ئايەتلىرىدەك مەنىسىز تويۇلاتتى ، نىمە ئامال ، مۇنداق قىلمىسام ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيتتىم ....

بىركۈنى ئىككىمىز شىر بىلەن قاپلاننىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى ھەققىدە مۇنازىرلىشىپ قالدۇق ، ئىككىنچى كۈنى ئوغلۇم كۈتۈپخانىدىكى مۇشۇخىل ھايۋانلارتونۇشتۇرۇلغان بىر سىنئالغۇ لىنتىسنى ئارىيەت ئېلىپ كەپتۇ ، سىنئالغۇلىنتىسىنى ئامرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە ئىلمىي جەمىئيتى سۆرەتكە ئالغان ئىدى ، ئىككىمىز بۇنى كۆرگەچ مۇنازىرىنى داۋاملاشتۇردۇق ، ئىشقىلىپ ئوغلۇم ھازىر ئۆزى چۈشەنمىگەن مەسىلىلەرگە نەدىن جاۋاب ئىزدەشنى بىلىۋالغان ئىدى .

ئوغلۇمدىكى ئۆزگىرىشلەر مىنىڭ ئامرىكا باشلانغۇچ مائارىپغا قايتىدىن نەزەر سېلىشىمغا تۈرتكە بولدى ، ئامرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە دەرىسخانا بولمىسىمۇ ،بالىلارغا نۇرغۇن بىلىملەرنى بىرەلەيدىكەن ، ئۇلار بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ بالىلارنىڭ دىققىتىنى مەكتەپنىڭ سىرتىدىكى چەكسىز بىلىم دېڭىزىغا جەلپ قىلىدىكەن ، تۇرمۇشتىكى بارلىق ۋاقىت-بوشلۇقلارنىڭ ھەممىسىئۆگۈنۈش دەرىسخانىسى ئىكەنلىكىنى بالىلارغا بىلدۈرىكەن ، ئۇلاردا ئۆلۈك ھالدا يادلاتقۇزىدىغان قېلىپ ، بەلگىلىمە يوقكەن .

ئۇلارنىڭ ئەڭ باش قاتۇرىدىغىنى ، قانداق قىلىپ بالىلارغا تەپەككۇر قىلدۇرۇش مەسىلىسى ئىكەن ،قەيەردىن جاۋاب ئىزدەشنى ئۆگىتىشكەن .

ئۇلار ئىمىتھان ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانماي ، نەتىجىسىگە ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىيدىكەن ، مۇنداقتا بالىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۈگىنىشكە تىرىشىدىكەن ، بالىلارنى مۇستەقىل يەكۈن چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ تەۋەككۈلچىلىك ، يىڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدىكەن .

ئوغلۇمنىڭ تەتقىقات دوكلاتى ماڭا بىر يىڭى تېما چىقىرىپ بەردى .

مىللىتىمىز شانلىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە ، لىكىن ھازىر قى جەمىيەتمۇ ھەربىر كىشىنىڭ ئۆز قابىلىيتىنى جارىي قىلدۇرۇشىغا مۇھتاج ، پەرزەنىت تەربىيسى مەسىلىسىدە قايتا ئويلانماي بولمايدۇ .

------ << قوش تىل ئوقۇتقۇچىللىرىنى تەربىيلەش دەرىسلىكى>> دىن تەرجىمە قىلىندى .

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2008-11-5 23:57:48

يامان جىق بۇنداق ماقالىلار ...لىكىن بىزنىڭ مائارىپىمىزغا تەسىرى يوق دىسەكمۇ بۇلىدۇ

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2008-11-6 07:10:38

مۇشۇنداق مائارىپ بولسا قېنىپ قېنىپ 10 يىل ئوقۇۋالسام دەيمەن

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-6 07:24:37

ئويلاپ باقسام ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا تولۇقسىزدىكى تارىخ كىتاپلارنىڭ رەسىملىرىنىڭ قانچىنچە بەتلىكىدە بارلىقىدىن تارتىپ يادىلاپ سۇ قىلىۋىتىپتىكەنمەن ،،،

atella يوللانغان ۋاقتى 2008-11-6 09:24:28

نىمە دىگەن ئازادە مۇھىت...

sadir0998 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-6 09:58:26

مەنمۇ يىقىندىن بىرى ئوتتۇرا مەكتەپكە قايتىدىن كىرىپ ماتىماتىكا ئۈگۈنەيمىكى دەۋاتىمەن.

zulal يوللانغان ۋاقتى 2008-11-6 17:52:48

مەدەنىيەت دېگەن نېمە ؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ، ئادەملەر ئىجاد قىلغان ، پايدىلانغان ھەممە نەرسە

hotanboyxxx يوللانغان ۋاقتى 2012-2-4 18:53:59

تىمام يۇقاپ كەتمەپتۇ ، بەك ياخشى بولدى.
بەت: [1]
: ئوغلۇمنىڭ تەتقىقات دوكلاتى