Qedir-Qimmat يوللانغان ۋاقتى 2008-11-5 15:45:26

ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯜﻟﻜﻪ

ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﺍﺵ ،ﺋﯘ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ .ﺗﯧﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ،ﻛﯧﺴﻪﻟﭽﺎﻥ ،ﺭﻭﮬﻰ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﻳﯧﻐﯩﭗ ،ﺧﯘﺷﺎﻝ -ﺧﯘﺭﺍﻡ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺗﻪﺱ .ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ،ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯜﻟﻜﻪ ----ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ .ﺋﯘ ﻛﯜﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺷﻪﺭﮬﯩﻠﻪﭖ :<<ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻟﯜﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻭﻣﯧﺘﯩﺮﻯ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻤﺎﻳﺪﯗ >>ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ .

ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ---<<ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ >>ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﻭﺭﺍ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﯦﺘﺴﯩﭗ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﺪﻩ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﺎﻣﺮﯦﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ،ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺭﺍﺳﺎ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﯛﺵ ﺗﯜﺭﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻤﯘ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺳﺎﻧﺎﺗﯘﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ .18-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ :<<ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﺳﻪ ،ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ 10 ﺧﯧﭽﯩﺮﺩﺍ ﺩﻭﺭﺍ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﻪﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ >>ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ .

ﻛﯜﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ،ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﺵ ،ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯜﻟﯜﺵ .ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﯓ ﺧﻪﺟﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﻛﯜﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ ؟؟؟

ﻧﯩﺠﺎﺕ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺋﻮﻏﯘﺯﻯ

Qedir-Qimmat يوللانغان ۋاقتى 2008-11-6 09:06:51

سالام سىزگە زوردۇن : رەھمەت چۈشەنگىنىزگە !

كىشلىك ھايات ئاجايىباتلار بىلەن تولغان ھايات ، ھەر بىر ئىنسان بۈگۈننىڭ كەلگۈسى بولغان ئەتىنى شۇنداق كۈلۈپ تۇرۇپ كۈتىۋېلىشنى ئىستەيدۇ ، لېكىن كۈلكەھەممىلا ئادەمگە ھەممىلا يەردە ،ھەر ۋاقىتنىسىپ بولۇۋەرمەيدۇ ، بەزىدە شۇنداق ئۆزىمىزنىمۇ تۇتىۋالالماي كۈلۈپ ياشايمىز ،بەزىدە كۈلۈپ تۇرۇپ يىغلايمىز ،بەزىدە يىغلاپ تۇرۇپ كۈلىمىز يەنە بەزىدە ئۈنسىز ياش تۆكۈشكە مەجبۇر بولۇپمۇ قالىمىز ... بۇنداق كۈنلەردە چېھرىدىن كۈلكە يۈگرىگەنلەرگە مەسلىگىمىز كېلىدۇ : ئۆزىمىزدىن<مەنمۇ شۇنداق كۈلگەنمىدىم ؟>دەپ سوراپ قالىمىز .

دوستۇم سىزچۇ ؟ سىزدىن ئامەت ،خوشاللىقلار قاچقىنىدا ،سىزنى رەھىمىسىز تەقدىر ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولغىنىڭىزدا يېشىڭىزنى سۈرتىۋېتىپ ئۆزىڭىزگە كۈلۈپ باقالامسىز ؟

بەختىيارنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈلەلەمسەن ؟

dulat يوللانغان ۋاقتى 2008-11-6 10:37:54

ھاياتقا كۈلۈپ قاراش .   

               ئۆي سېتىۋىلىش بىسىمىدا كۈلەي دەپمۇ كۈلەلمەيۋاتىمەن.

Freedom يوللانغان ۋاقتى 2008-11-5 17:56:54

Marshall يوللانغان ۋاقتى 2008-11-5 21:07:27

ھا ھا ھا ھا ھا ھا ....

قاقاقلاپ كۈلىۋاتىمەن .....

zordun يوللانغان ۋاقتى 2008-11-5 22:19:51

بۇ يەردە دىيىلگىنى ھەرگىزمۇ يالغان كۈلۈش بولماستىن بەلكى چىن يۈرىكىدىن ھەقىيقى كۈلۈشتىن ئىبارەت . ھەممىمىزگە راست كۈلگە يار بولسۇن.بۇ دۇنيا باشتا قاقاھلاپ كۈلگەنلەرگە ئەمەس بەلكى ئاخىرغىچە كۈلەلىگەنلەرگە مەنسۈپ.
بەت: [1]
: ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯜﻟﻜﻪ