raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-3 13:04:53

Office2007 نىڭ ھەقىقىي نۇسخىسى

بۇ يىل 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ مىكروسوفت بىر خىل ئالاھىدە ياماق تارقاتقان بولۇپ، بۇ ياماق يامالغاندىن كېيىن مەشغولات سىستېمىمىز ياكى ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش سستېمىمىزنىڭ قايسىسى كۆچۈرۈلمە نۇسخا بولسا ئېغىرراق بولغاندا بىر سائەتتە بىر قارا ئېكران بولۇۋېلىش (مەشغولات سىستېمىسى ھەقىقىي بولسا قارا ئېكران بولۇۋالمايدۇ)، يېنىكرەك بولغاندا ئېكران ئوڭ ئاستى تەرەپكە (ۋەزىپە ئىستونىغا) «سىز كۆچۈرۈلمە نۇسخىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى بولۇشىڭىز مۇمكىن» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش چىقىۋالىدۇ ۋە ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالىنىڭ قايسى بىر ئەزاسىنى قوزغىتىڭ، ئوخشاشلا سىزنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ. كەمىنە مەشغولات سىستېمىسىنىڭ ھەقىقىي نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولساممۇ ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمام ھەقىقىي نۇسخا ئەمەس ئىدى (بىراق تەكشۈرۈشتىن ئۆتەتتى). شۇنداق قىلىپ مەنمۇ دەل ئاشۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا تۇتۇلدۇم. ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالىنىڭ قايسى بىر ئەزاسىنى قوزغاتماي ھەر قېتىمدا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۇچرىدىم... تۈنۈگۈن مىكروسوفتنىڭ تور بېتىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ تۇيۇقسىز بىر يەردە «Office2007 نىڭ ھەقىقىي نۇسخىسىنى 60 كۈن ھەقسىز ئىشلىتىش» دېگەن خەتكە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭغا تازا ئىشەنچ قىلالماي شۇ يەرنى چەكتىم ۋە كۆرسەتمە بويىچە مەشغولات قىلىپ 5 مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا Office2007 Professional نىڭ بىر ئاچقۇچ نومۇرىغا ئېرىشىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن كۆرسىتىلگەن مەنزىلدىن Office2007 Professional نى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاكتىپلاشتۇرۇۋالدىم.
بۇنىڭدىن سىلەرنىمۇ بەھرىمەن قىلاي دەپ ئويلىغان بولساممۇ ئەسلى ئادرېسىنى ساقلىۋالمىغانلىقىم ئۈچۈن تېما يازالمىدىم. بۈگۈن ئەتتىگەن ئىزدەپ يۈرۈپ يەنە شۇ ئادرېسنى تاپتىم ۋە قەدەم - باسقۇچلىرىنى سۈرەتكە ئېلىۋېلىپ بۇ تېمىنى يېزىشقا تۇتۇش قىلدىم.
قەدەم - باسقۇچ مۇنداق.
ئەڭ ئالدىنقى شەرت: سىزدە جەزمەن Hotmail.com دىن ئالغان ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى بولۇشى كېرەك. ناۋادا سىزدە بۇ خەت ساندۇقى بولمىسا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. خوتمائىلدىن ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئادرېسىقا كىرىسىز:
http://trial.trymicrosoftoffice.com/trialchina/default.aspx?cmd=post_registration&wa=wsignin1.0

قىزىل رامكا بىلەن دائىرىگە ئېلىنغان ئورۇننى چېكىسىز.

بۇ يەردىن سىزگە كېرەكلىك نەشر تىلىنى تاللايسىز. كۆڭۈلدىكى تاللاش简体中文. سىزمۇ جۇڭگولۇق بولغاندىكىن مۇشۇنى تاللاڭ:lol

بۇ يەردىكى مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى ئەستايىدىل تولدۇرۇڭ. ئىسمىڭىزنى جەزمەن خەنزۇچە يېزىشىڭىز ۋە خەت ساندۇقى دېگەن تۈرگە خوتمائىل خەت ساندۇقىڭىزنى تولدۇرىشىڭىز كېرەك. ناۋادا تولدۇرۇلغان تۈرلەردە خاتالىق بولسا ئەسكەرتىدۇ (سۈرەتتىكى قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىنغان ئەسكەرتىش ئۇچۇرىغا قاراڭ)

بۇ يەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ كەتسىڭىز سىزگە ھەقىقىي نۇسخىنىڭ ئاچقۇچ نومۇرىدىن بىرنى بېرىدۇ. ئاندىن بۇ نومۇرنى ساقلىۋېلىپ ئۈستى تەرەپتىكى «چۈرۈش» دېگەن يەرنى باسسىڭىز سىغىمى 500 نەچچە مىگابايتلىق، ئىسمى X12-30195  بولغان بىر قاچىلاش ھۆججىتىگە ئېرىشىسىز. مانا بۇ دەل سىز ئېھتىياجلىق بولغان Office2007 Professional دۇر. بۇنى ئاشۇ ئاچقۇچ نومۇر بىلەن قاچىلايسىز ۋە قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن يەنە شۇ نومۇر بىلەن ئاكتىپلاشتۇرىسىز. دېمەك ئىش تامام ۋەسسالام. ئەمدى سىز خاتىرجەم ھالدا ھەقىقىي نۇسخىدىكى ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

سۈرەتكە دىققەت قىلىڭ:

ئاچقۇچ نومۇرىنى كۆرسىتىلگەن رامكىغا كىرگۈزىمىز. ئەمما ئاشۇ ئاچقۇچ نومۇر تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاستىدا 8 خانىلىق نومۇر كىرگۈزىدىغان بىر كاتەك پەيدا بولىدىكەن. مىكروسوفت تەرەپ بېخىللىق قىلىپ بۇ يەرگە كىرگۈزىدىغان نومۇرنى بەرمەيدىكەن... بۇنداق ئىشقا تۇنجى قېتىم يولۇقۇشۇم. كۆپچىلىكنىڭ يەنىمۇ ئىزدىنىپ بېقىشىنى، Office نىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار-يوقلىقى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2008-11-5 01:44:06

رەھمەت ~!

kukbura يوللانغان ۋاقتى 2008-11-18 06:48:27

ئەجرىڭىز گەكۆپ رەھمەت

بەت: [1]
: Office2007 نىڭ ھەقىقىي نۇسخىسى