urdek يوللانغان ۋاقتى 2008-10-30 17:35:47

ئۇيغۇر تارىخى- ئىشەنگۇسىز رېۋايەتلەر (1-10)

يېزىلغان ۋاقتى : 2005-9-23 09:46


ئۇيغۇر تارىخى- ئىشەنگۇسىز رىۋايەتلەر


1                                         


ئىنسان ئەقلىنىڭ ھازىرقى بىلىش قۇۋۋىتى بۇيىچە ئەيتقاندا يەر شارى 4 قىتىم گۇم بولۇپ بىز بەشىنجى قىتىملىق ئاپىرىدە قىلىنغانلىرىدىن ئىبارەتدۇرمىز. بىزلەرمۇ قاچان گۇم بولىمىز ۋە قانداق سەۋەپ بىلەن يوقۇلىمىز بۇكىيىنكى گەپ.

گىلوبۇسقا قاراپ باقىلى، جەنۇبى ئامىرىكا قىتئەسى شەرقى قىرغىقى بىلەن غەربى ئافرىقا قىرغاقلىرى بىر -بىرى بىلەن جىپسىلىشىدۇ،لىكىن شىمالى ئامىرىكا شەرقى قىرغىقى بىلەن ياۋرۇپا نىڭ غەربى قىرغاقلىرى ھەرگىزمۇ جىپسىلاشمايدۇ،

خوش، شۇنداقلا شەرقى ئاسىيا قىرغاقلىرى بىلەن ئامىرىكىنىڭ غەربى قىرغاقلىرى تىخىمۇ جىپسىلاشمايدۇ، بۇ نىمىلىكتىن ؟ بۇنۇڭ بىز دىققەت قىلىپ كەتمىگەن بىرەر سەۋەپلىرى بارمۇ؟

يەنە بار،جۇغراپىيۇنلار ھىندى يىرىم ئارىلى ئايرىم بىر قۇرۇغلۇق ئىدى كىيىن شىمالغا سۇرۇلۇپ قىستاپ ئاسىيا قىتئەسى بىلەن بىرىكتى ۋە ھىلىمۇ شىمالغا قاراپ ھەريىلى 1 ،2، سانتىمىتىر ئىلداملىق بىلەن سۇرۇلىۋاتىدۇ ،دىيىشمەكتە. بۇلار بىكاردىن بىكار چىقرىلغان يەكۇنمۇ ھەم ھىچقانداق سەۋەبى يوق پاكىتمۇ؟

ئەسلىدە ياۋرۇپا قۇرۇغلۇغى بىلەن شىمالى ئامىرىكا قۇرۇغلۇغى ئوتتۇرىسىدا كۇلىمى تەخمىنەن 10 مىللىئون كۇۋادىرات كىلومىتىرلىق بىر چوڭ زىمىن بولغان ئۇنى (ئاتلانتىس ) قۇرۇغلۇغى دەپ ئاتىشىدۇ.ھازىر ئۇ زىمىن يەر يۇزىدە مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت ( ئازورزىس ئاراللىرى) لا بار ،ھىلىقى چوڭ زىمىننىڭ پەقەت مۇشۇنچىلىكلا قالدۇغى ئاتلانتىك ئوكىئان ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپتۇ.

ئەندى يەر شارىمىزنىڭ شەرىق تەرىپىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ باقىلى،ھازىرقى خەرىتىگە قارىساق پايانسىز سۇ ۋە چوخچۇيۇپ تۇرغان بىر مۇنچە ئاراللارنى كۇرىمىز،ئەنە شۇ ئاراللار ئورنىدا بۇندىن 11500 يىللار ئىلگىرى ، بىزدىن ئىلگىرىكى ھاياتلىق ياشىغان4-يارالمىش دەۋرىدىكى ھاياتلىقنىڭ ماكانى بولمىش (مو) قۇرۇغلۇغى مەۋجۇت ئىدى! ئۇنۇڭ دائىرىسى ئامىرىكا قىتئەسىنىڭ غەربى دىڭىز ساھىللىرىدىن تارتىپ ئاسىيانىڭ شەرقى قىرغاقلىرىغىچە،شىمالدىن ھاۋاي ئاراللىرىدىن باشلاپ جەنۇپتا مىلانىزىيە ئارللىرىنى ئۇز ئىچىگە ئىلىپ تاكى ئاۋىسترالىيەنىڭ شىمالىغىچە سوزۇلۇپ ياتاتتى. مانا بۇ ( ئەۋۋىلى زىمىن) دەپ ئاتالغان)مو) قۇرۇغلۇغىدۇر.

ھىچكىممۇ كۇز يۇمالمايدىغان بىر پاكىت بار ،ئۇ بولسىمۇ (توپان بالاسى). مۇشۇ توپان بالاسىغا تارىخچىلار11500 يىل بولدى دەيدۇ،شۇنداقلا ( ئاتلانتىس (قۇرۇغلۇغىنىڭ چۇكۇپ كەتكەن ۋاختىمۇ 11500يىل،قىززىقارلىغى شۇكى 4-قىتىملىق ئىنساننىڭ ئاپىرىدىگاھى بولمىش ئەۋۋەلى زىمىن ( مو) قۇرۇغلۇغىنىڭ چۇكۇپ كەتكەن ۋاختىمۇ يەنىلا 11500 يىل دىيىلىۋاتىدۇ.

بۇيەردە 3 خىل ھالاكەتلىك تارىخ نىڭ دەۋرى پەقەت بىرلا ۋاقىتنى كۇرسۇتۇپ تۇرۇپتۇ!بۇنى نىمە دەيمىز؟

پەقەت بىرلا سەۋەپ - غايەت زور مىتىئورىت ئەۋۋىلى زىمىن (مو) قۇرۇغلۇقىغا ئۇرۇلغان! نەتىجىدە ۋولقانمۇ،نەچچە ئايلار داۋام قىلغان ئىس-تۇتەكمۇ،ئالەمنى بىر ئالغان (توپان)بالاسىمۇ بىرلا ۋاقىتتا يۇز بەرگەن. شۇنۇڭ بىلەن ( ئاتلانتىس) ،ئەۋۋىلى زىمىن (مو) ،64 مىللىئون ئىنسان توپى، ھەممە -ھەممىسى سۇ ئاستىغا غەرىق بولغان،شۇنۇڭ بىلەن 4- قىتىملىق ھاياتلىق دەۋرى ئاخىرلىشىپ 5- قىتىملىق ھازىرقى ھاياتلىق دەۋرى باشلاندى.


       2


                                                                                                                                                                                                                                                                                         ئالدىنقى بايانىمىزدا ئومۇمى ئەھۋالاتنى بىر قۇر سۇرەتلەپ بەردۇق،ئەندى ئەۋۋىلى زىمىن-(مو) قۇرۇغلۇغى ھەققىدە توختالمىساق بولمىغۇدەك،چۇنكى ھىكايىمىزنىڭ بىشى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.

ئەۋۋىلى زىمىن دىيىلىشىدىكى سەۋەپ شۇكى-4- قىتىملىق ئىنسان تۇركۇمىنىڭ پەيدا بولغان يىرىنى كۇزدە تۇتۇپ مۇشۇ ئىبارە قوللىنىلغان.ئۇ يەردىن ياسىلىپ ،پۇشۇرۇلۇپ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا توشۇپ ئاپىرىلغان (نائاكاللار)--يەنى لاي تاختىغا يىزىلىپ ئالاھىدە ئۇسۇلدا پىشۇرۇلغان تاش تاختىلار---دىكى مەزمۇنلارغاكۇرە (مو) دىكى ئىنسان ھاياتلىقىنى 400 مىڭ يىلغىچە ئىلگىرى سۇرگىلى بولىدىكەن،ئەمما نىسبەتەن ئىنىغىراغى 200 مىڭ يىلنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش مۇمكۇن.

ئەۋۋىلى زىمىن (مو) ئىگىز تاغلىرى يوق،تۇپتۇز كەتكەن ، قىش بولماس ،يامغۇر -يېشىنلىك جەمئى 3 پارچە زىمىندىن تەركىپ تاپقان قۇرۇغلۇق. ئۇنى بىرسى كەڭ يەنە بىرسى تارراق-بەزى يەرلىرى تىنىپ قالاي دىگەن 2 ئۇزۇنچاق دىڭىز ئايرىپ تۇرىدۇ. زىمىن ئۇستىدە 7 لىك سانغا ئىشارە قىلىپ 7 چوڭ شەھەر قۇرۇلغان،بۇ 7 چوڭ شەھەرنى ۋە يەنە نۇرغۇن ئۇششاق-كىچىك شەھەر-يىزىلارنى تۇتاشتۇرۇپ ئۇمۇچۇك تورى ئىلھامىدىن ئۇرنەك ئىلىپ ياسالغان غايەت چوڭ تاشيول تورى ياسالغان .

ھەرقانداق قۇرۇلۇش ئاساسەن تاش قۇرۇلمىلىق،شۇنداقلا بىز دەۋاتقان ھىلىقى تاشيوللارمۇ ئەلبەتتە تاش قۇرۇلمىلىق.( بۇيەردە نىمىشقا تاشتىن ياسالغان دىمەيمىز؟ چۇنكى ئۇ كىشىلەر شۇنچىلىك كامالەتكەيەتكەنكى ئۇلار تاشنى تاغدىن كولاپ ئەمەس بەلكىم بىز سىمونتنى ئارىلاشتۇرۇپ قاتۇرۇپ ئىشلەتكەندەك تاش قۇرۇلمىلىرىنىمۇ شۇنداق ياساشقان

ئۇلار (ۋىمان) دەپ ئاتىلىدىغان ئۇچارلىرى بىلەن ھەممە يەرنى كىزىپ چىقالىغان،ئۇزلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدا ياساشقان غايەت چوڭ ئۇچقۇر كىمىلىرى بىلەن جەنۇبى ئوكىئان ۋە شىمالى ئوكىئانلارنى كىزىپ چىقالىغان( بىلىش كىرەككى ئۇ چاغدا -تىچ ئوكىئان -يوق ئىدى)

ھەتتا ھىندىستان قۇرۇغلۇقىغا بويسۇنماي قارشىلىق قىلغانلىغى ئۇچۇن ئاتوم بومبىمۇ ئاتقان.

ئۇ يەردە ئون مىللەتكە تەۋە جەمئى 64 مىللىئون نوپۇس بار ئىدى،بۇلارنىڭ ئىچىدەئاق تەنلىكلەرمۇتلەق ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللەيتتى،مۇشۇ مىللەتلەرنىڭ ئەڭ ئاۋانگارتى شۇنداقلا كۇپ سانلىغىنى ئىگەللەيدىغىنى(ئۇيغۇر) دىگەن خەلىق ئىدى.

بۇ (ئۇيغۇر) دىگەن خەلىق ئەۋۋىلى زىمىن ( مو) دىكى چىغىدىلا ھاكىمىيەتتە ئالاھىدەئىمتىيازغا ئىگە ئىدى،ئۇلار 100 مىڭ يىل ئىلگىرىلاكۇچۇشكە باشلىغان،چۇنكى دانىشمەن -ئالىملارنىڭ ھىساپلىشىچە (مو) قۇرۇغلۇغى بىر دەۋىردىن كيىن ھالاكەتكە ئۇچىرايىتتى

ئەينى چاغدا كۇچۇش ئۇچۇن ئەڭ قولايلىق 3 يول بار ئىدى بىرسى (مو) دىن شەرىققە قاراپ مىكسىكىدىن ئۇتۇپ (ئاتلانتىس) قۇرۇغلۇقىغا بىرىش ۋە ئۇ يەردىن تىخىمۇ شەرىققە ئىلگىرىلەپ سەھرايى كەبىر گە بىرىش.( ئۇ زاماندا سەھرايى كەبىر گۇل-گۇلۇستان زىمىن ئىدى)

ئىككىنجىسى بىرما يولىنى بويلاپ ئىران ۋە بابىلونغا بىرىش،

ئۇچۇنجىسى ياپۇن- سىرىق دىڭىز نى بويلاپ مانجۇرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا بىرىش.

كۇچكەن ئۇيغۇرلار مۇشۇ ئاخىرىداقەيت قىلىنغان 3- يولنى تاللىۋالغان،چۇنكى بۇ يول بىلە ن ئىنتايىن كەڭ زىمىنغا ئۇلاشقىلى بولاتتى.



urdek يوللانغان ۋاقتى 2008-10-30 17:39:53

3



شۇنداق قىلىپ كۇچمەنلەر 3 يۇنۇلۇشنى بويلاپ ئۇز نىشانلىرىغا يەتتى،ئەندى قالغان خەلىقنىڭ تەغدىرى قانداق بولدى؟

ئاپەت بىر قىتىمدىلا يۇز بەرمىدى ،بەلكىم بىر نەچچە قىتىم ئۇزىنى كۇرسەتتى،دەستلەپتە ئىنتايىن كۇچلۇك دېڭىز تاشقىنى يۇزبىرىپ ئەۋۋىلى زىمىن (مو) قۇرۇغلۇغىنىڭ جەنۇبى تەرەپلىرى ئاسمانۇ-پەلەك يوپۇرۇلۇپ كەلگەن سۇ ئاستىدا قالدى،زىمىن چايقالدى،تەۋرىدى،كىيىن تىنچىدى،كىشىلەر شەھەرلىرىنى ئىگىز تۇپىلىكلەرگە سېلىشىپ تىخىمۇ ئىگىزقورغانلار بىلەن قورشىدى، لىكىن ساۋاق ئىلىشمىدى،زىمىنىمىزبەرقارار، مۇستەھكەم، ئاپەت ئۇتۇپ كەتتى، دەپ قاراشتى، ئالىم ئۇلىمالارنىڭ شەرىق ۋە غەرىپ تامان كۇچۇش ھەققىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىگە ئىرەن قىلىشمىدى. ھۇكۇمەت باشباشتاقچىلىق ئالدىدا ئاجىز قالدى، شۇنۇڭ بىلەن كەلگۇسىنى كۇزدە تۇتۇپ ھەرخىل ئىلىملەر ھەققىدە شۇنداقلا بىسىپ كىلىۋاتقان ئاپەت ھەققىدە يازمىلار يىزىپ ئۇنى لاي تاختىلارغا كۇچۇرۇپ ئالاھىدە ئۇسۇلدا پۇشۇرۇپ نۇرغۇن تەرەپلەرگە يوللاپ ساخلاشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئاساسەن ھازىرقى مىكسىكا، مىسىر - بابىلون، ۋە ھازىرقى مۇڭغۇل دالاسىدىكى قارا بالغاسۇن شەھەرلىرىگە يۇتكىدى.

كىيىنكى قىتىملىق زەربەئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى، يەنى زىمىن ئاسماندىن پەستكە تاشلىغاندەك سۇ ئاستىغا توغرىراغى يەر ئاستى - ۋولقان چوغ ئىچىگە غەرىق بولدى!

شۇنۇڭ بىلەن شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان بۇ زىمىن، ئىنساننىڭ كىيىنكى ئاپىرىدىگاھى بولغان بۇيۇك(مو) قۇرۇغلۇغى يەر يۇزىدىن يوقالدى.!

ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ئامان قالدى، ئۇلار ھازىر نەدە؟

مىلانىزىيە ئاراللىرىدا ھىلىمۇ ياۋايى ھالەتتەبولسىمۇ ساخلىنىپ قالدى، ئۇلارنىڭ بىشىغا كەلگەن پاجىئەنى ئىتىپ-يىزىپ بولمايدۇ. چۇنكى چوڭ قۇرۇغلۇق زىمىن ئاستىغاچۇكتى، يوقالدى، پارچە-پۇرات ئاراللارلا قالدى، يىقىنراقلىرى ئۇزۇپ بارالىدى، قالغانلىرى پايانسىز ئوچۇق دىڭىزدا ئۇلۇمگە يۇزلەندى، ئاراللارغا ئۇزۇپ بارالىغانلىرىمۇ ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتىشتى، يىگۇدەك ھىچنىمە يوق، دەستلەپ سۇدا لەيلەپ يۇرگەن ئۇلۇكلەرنى يىيىشتى، كىين ئۇمۇ تۇگەپ قىرى- چۇرىلىرىنى يىيىشتى، ئاخىرىدا بىر -بىرىنى يىيىشتى ، شۇنۇڭ بىلەن ئادەم گۇشى يىيىش ئۇلارنىڭ پىشانىسىغا يىزىلغان تەغدىر بولۇپ قالدى، تا ھازىرغىچىمۇتەمىنى تامشىپ قويۇدىغان مىلانىزىيلىكلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ.

بايام بىز ھازىرقى موڭغۇل دالاسىدىكى قارا بالغاسۇن شەھىرىنى تىلغا ئىلىپ ئۇتتۇق، ئۇچاغلاردا بۇ يەر ھازىرقىدەك چۇل ، تاش-شىخىللىق يەر ئەمەس ئىدى،  ئۇ بىر جەننەتدىن نىشان بىرىدىغان سۇلۇق،  قىش پەسلى ئىللىق يازى نەمخۇش ماكان ئىدى ئۇ يەرلەردە ئىسسىق ئىقلىمغا كۇنگەن مامۇنىت(ھازىرقى پىللارنىڭ ئەجدادى) لار ياشايتتى. دەل-دەرەخ، سۇ ،كۇزيەتكۇسىز يىشىل دالا بۇ يەرنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئىدى.




           4                           

يېڭى ماكانغا كۇچۇپ كىلىشكەن ئۇيغۇرلار 18مىڭ يىلغىچە ئانا زىمىن (مو) بىلەن بىردەكلىكنى ساخلاشتى،چۇنكى بۇلارنىڭ ئۇ يەردىكى مەنپەئەتى، ھەزارىتى، تىلى چوڭقۇر ھەمجەھەتلىككە ئىگە ئىدى، قاچانىكى ئۇ ئانا زىمىن (مو) ئاپەتكە يۇزلىنىشكە باشلىدى شۇندىن بۇيان ئۇ يەردە تىنىچسىزلىق ئادەتكە ئايلانغان ئىدى، سەۋەپ:  بىرىنجىدىن ئاپەت دەۋرەپ كەلگەنلىگى، ئىككىنجىدىن ئاساسلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار يىڭى زىمىنغا كۇچۇپ كەتكەن، ئۇچۇنجىدىن ئۇ يەردە قالغان مىللەتلەر ئۇز-ئارا پىتىشماسلىق پاتقىقىغا پىتىپ قىلىشقان.. پەقەت مۇشۇ چاغدىلا ئىلگىرىلىرى يۇكسەك ئاۋتونومىيەگە ئىگە بولغان ئۇيغۇرلار ئەندىلىكتە مۇستەقىل (كۇن ئىمپىرىيىسى) نى قۇرۇشتى، ئىمپىرىيىنىڭ زىمىنى شەرىقتە ياپۇنيىگىچە، غەربى شىمالدا تاكى سىكاندىنوۋىيىگىچە، غەربى جەنۇپتا ئافىنانى ئۇز ئىچىگە ئىلىپ ، ئاناتولىيە ۋە بابىلوننى شىمالدىن ئەگىپ ئۇتۇپ ئىراننى ئۇز ئىچىگە ئىلىپ پۇتكۇل ھىندىستان ، بىرما ۋە فىلىپپىنلار بۇ دائىرە ئىچىگە كىرەتتى.  مۇشۇنچىۋىلا كەڭ زىمىن (كۇن ئىمپىرىيىسى) گە تەئەللۇق ئىدى..

مەركىزى شەھىرى ھازىرقى قارا بالغاسۇن شەھىرى خارابىسىنىڭ شەرقىگە 9 كىلومىتىر كىلىدىغان يەردە، شەھەر دائىرىسى 25 كۋادىرات كىلومىتىرلىق ئورۇننى ئىگەللىگەن.ھىچقانداق سىپىل-قورۇق يوق، ئاھالىسى پۇتۇنلەي ئۇيغۇرلار،.شەھەر -ئىمارەتلىرى يەنىلا تاش قۇرۇلمىلىق، ئىگىلىگى يۇقۇرى دەرىجىدە تەرەققى قىلغان.

ئۇلار ناھايىتى ئۇزاق دەۋىرگىچە شانۇ- شەۋكەتلىك ئىمپىرىيسىنى رىۋاجلاندۇرغان ۋە مۇستەھكەملىگەن. غەرىپتە ئاتلانتىس ئىلى بىلەن بابىل ۋە كىچىك ئاسىيە ئىگىدارلىغى ئۇچۇن پات-پات سۇركۇلىشىپ قالاتتى. ھىندىستاندىكى دىراۋىدلارنىڭ ئەجدادلىرىمۇ كۇچى يەتمىسىمۇ توپىلاڭ قىلىپ قوياتتى.

مانا مۇشۇنداق ئاسايىشلىق ئىچىدە 70 مىڭ يىل ئۇتتى.زامان چۇگىلەپ دەۋرىمىزدىن ئىلگىرىكى 11500 يىل ئاۋالقى مۇھلەتكە يىقىنلاشتى.

مۇشۇ قاغىش تەككۇر 11500- يىل يەر شارىنىڭ ئاپەت قاينىمىغا شۇڭغىغان دەۋرى ھىساپلىنىدۇ. بۇچاغدا ئاتلانتىس ئىلىمۇ، بۇيۇك ئانا زىمىن (مو)قۇرۇقلۇغىمۇ سۇنىڭ تەكتىدىن ئورۇن ئىلىشتى، 25 مىللىئون كۋادىرات كىلومىتىرلىق زىمىن سۇ ئاستىغا چۇكسە نىمە بولماقچىدى؟

نەتىجىدە زور سۇ ئاپىتى-توپان بالاسى يۇز بەردى. زىمىننى سۇ باستى!

يەر شارىنىڭ سۇغا غەرىق بولمىغان يەرلىرى ئىنتايىن ئاز قالدى،پەقەت ئۇيغۇر ئىلىنىڭ زور كۇپچىلىك زىمىنى،ئافرىقىنىڭ بىر قىسىم زىمىنى، شىمالى ئامىرىكا، جەنۇبى ئامىرىكىنىڭ بىر قىسمى، ئاخىرىدا ئاۋىسترالىيە زىمىنلىرى بۇ توپان بالاسىدىن ئامان قالدى!

قالغان زىمىننىڭ ھەممىسى سۇ ئاستىدا بىر دەۋىر گىچە چۇكۇپ ياتتى.




urdek يوللانغان ۋاقتى 2008-10-30 17:42:00

5


        ئالدىنقى بايانلىرىمىزدا كۇچمەنلەرنىڭ 3 يۇنۇلۇش بويىچە كۇچۇشكە باشلىغانلىغىنى بايان قىلىۋىدۇق،ئەلبەتتە ئۇ كۇچمەنلەر ئۇزلىرىنىڭ مىللى تەركىۋى بويىچە كۇچۇشكەن،2-يول بىلەن كۇچكەنلەر بىرما يولىنى بويلاپ ئىران ئارقىلىق بابىلون ۋە كىچىك ئاسىيە ئەتراپلىرىغا كۇچكەن.

توپان بالاسى يۇز بەرگەندە ئەنە شۇلارنىڭ ئەڭ دانىشمىنى بولغان نوھ ئەلەيھىسسالام ئۇز ماكانلىرىنىڭ بەكمۇ سۇغا يىقىن ۋە ئوڭايلا ئاپەتكە ئۇچرايدىغانلىغىنى چۇشۇنۇپ يىتىپ دەرھال ئىنتايىن چوڭ كىمە ياساشقا تۇتۇش قىلىدۇ شۇنداقلا ھەممە جان-جانىۋارلادىن بىر جۇپتىن ئىلىپ كىمىنى سۇ يۇزىگە چۇشۇرىدۇ،دىگەندەكلا توپان بىسىپ كىلىپ 2-يول بىلەن كۇچۇپ كەلگۇچىلەرنىڭ ھەممە زىمىنلىرى سۇ ئىچىدە قالىدۇ،پەقەت ئەشۇ كىمىلا ئامان قالىدۇ.تەخمىنەن 6 ئايدىن كىين سۇ ئىزىغا قايتىدۇ،لىكىن كىچىككىنە ئىگەي جىراسى -ئىگەي دىڭىزىغا قارا كۇل- قارا دىڭىزغا ئايلىنىپ قالىدۇ. كىمە بولسا ھازىرقى تۇركىيە- ئەرمەنىستان چىگراسىدىكى ئارارت(جۇدى) تىغى ئۇستىگە كىلىپ توختايدۇ،سۇ قايىتسىمۇ ئەمما سۇ يۇزى يەنىلامۇشۇ تاغ ئۇستى بىلەن تەڭ ئىدى.

بۇزاماندا 3-يۇنۇلۇش بىلەن ماڭغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۇپچىلىك زىمىنى سۇ ئاپىتىدىن ئامان قالدى،چۇنكى ئۇ زىمىن چوڭ ئىچكى قۇرۇغلۇقيىرى ئىدى.

1- يۇنۇلۇش بويىچە ماڭغانلار بولسا مىكسىكانى بىسىپ ئۇتۇپئاتلانتىسقا ۋە ئۇندىن ئۇتۇپ سەھرايى كەبىر ھەم ھازىرقى ئەرەپزىمىنلىرىغا كىلىپ ئورۇنلاشتى دىدۇق،ئەنە شۇئاتلانتىس سۇغا غەرىق بولغاندا تاشقىنلىغان سۇ كىچىككىنە جەبىلتارىق بوغۇزىدىن قىيان بىلەن بىسىپ ئۇتۇپ ئەسلىدىنلا تىيىز ئوتتۇرا يەر سايازلىقىنى ناھايىتى چوڭ بولغان ئوتتۇرا يەر دىڭىزىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ،بۇ جەريانلاردا مەيلى 2-يۇنۇلۇشتىكىلەربولسۇن ياكى1- يۇنۇلۇشتىكىلەر بولسۇن پەقەت ھىلىقى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمىسىدىكىلەردىن باشقىلىرى ئاساسەن پۇتۇنلەي ھالاك بولۇشتى!

ئەندى يەر يۇزىدە ئامان قىلىشقىنى 3- يۇنۇلۇشنى بويلاپ ماڭغان ئۇيغۇرلار ۋە بايىقى بىرلا كىمىدە سەپەرگە چىقىشقانلار.



                              6                                       

((ئاتلانتىس)) قۇرۇغلۇغى چۇككەندە  پۇتنى يەرگە قويغاندائالدى بىلەن تاپان ،ئاندىن كىيىن پۇت ئۇچى يەرگە تىگىدىغاندەك، بۇقۇرۇغلۇقمۇ ئالدى بىلەن غەربى تەرىپى يەنى ئامىرىكىنىڭ شەرقى تەرىپىگە ئۇدۇل كىلىدىغان قىسمى سۇغا چۇكۇپ ئاندىن ياۋرۇپاغا يۇزلەنگەن شەرقى تەرىپى سۇغا چۇكىدۇ،بۇنداق بولغاندا غايەت زور سۇ دولقۇنى غەرىپتىن شەرىققە ئۇرۇلۇپ پۇتكۇل ياۋرۇ-كىچىك ئاسىيە-شىمالى ئافرىقا بىرمەزگىل سۇ تىگىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

شۇنداقلا ئەۋۋەلى زىمىن (مۇ) قۇرۇغلۇغىمۇ جەنۇبى تەرەپتىن سۇغا چۇكۇپ ئاندىن شىمالى تەرەپلىرى سۇغا غەرىق بولىدۇ،شۇسەۋەپتىن غايەت سۇ دولقۇنى شىمالغا ئۇرۇلۇپ تاكى ھىنگان تاغلىرى ئوردۇس يايلاقلىرىغىچە بولغان پۇتكۇل شەرقى -جەنۇبى ئاسىيە بىر مەزگىل سۇ تىگىدىن ئورۇن ئالىدۇ،سۇنىڭ دولقۇن شىددىتى بىرىڭ بوغۇزىدىنمۇ ئۇتۇپ كىتىدۇ.

ئالدىنقى بايانىمىزدا نوھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇيغۇرلار ئامان قالدى دىدۇق،ئەمما ئاللانىڭ بىر دەۋىرنى يوقۇتۇۋىتىش ئىرادىسى بولىدىكەن ئۇنداقتا ھىچكىممۇبۇ قىسمەتتىن ئامان قالالمايدۇ.

ۋولقاندىن چىققان غايەت زور ئىس-تۇتەكلەر 6 ئايغىچە ئاسماندا لەيلەپ يۇردى،جاھان قاپ-قاراڭغۇ بولدى،زىمىندىكى ئوت-چۇپلەر كۇن نۇرىدىن ئوزۇق ئالالمىغاچ ھەممىسى ئۇلدى،ئاقىۋەت سۇ قايتىپ ،ئالەم مۇنەۋۋەر بولدى،لىكىن ھىلىقى لەيلەپ يۇرگەن ئىنتايىن قىلىن چاڭ-توزاڭ بۇلۇت قەۋىتى شىمالغاسۇرۇلۇپ سۇغا چۇكمەي قالغان پۇتكۇل ئۇيغۇر زىمىنىنى 15 مىتىر قىلىن تاش-شىخىل بىلەن كۇمۇپ تاشلىدى!

شۇنداق قىلىپ يەر شارىدا تەرەققى قىلغان ،يۇكسەك مەدەنىيەتكە نائىل بولغان بىر ئەۋلات ئىنسانلارئاساسى جەھەتدىن يوقالدى.!

ئۇيغۇر نىڭ قۇرۇپ چىققان بۇيۇك (كۇن ئىمپىرىيىسى) شۇنداق قىلىپ يوقالدى.

ئۇنىڭ ئورنىدا ھازىرقى پايانسىز كەتكەن چۇل-ئىدىرلىق موڭغۇل دالاسى پەيدا بولدى.

دولقۇن ئۇرۇلغان چاغدىكى ھاۋا ئىقىم زەربىسىمۇ بوش بولمىدى،شەرىقتە شىمالى ئامىرىكا، شىمالى ئوكىيان تاكى ئورال تاغلىرىغىچە بولغان پۇتكۇل شەرقى ئاسىيە بۇ ۋەيران قىلغۇچ بوران-چاپقۇنلۇق ھاۋا ئىقىمى ئىلكىدە ھالاكەتلىك زەربىگە ئۇچرىدى

ئەڭ ئىچىنىشلىق بولغىنى شانۇ-شەۋكەتلىك ( كۇن ئىمپىرىسى)نىڭ پايتەختى 15 مىتىرلىق تاش- شىخىل،قۇم-توپا ئاستىغا كۇمۇلگىنى..شۇنداقلا ئۇيەرگە ئىلىپ بىرىلىپ ساخلىنىۋاتقان قەدىمى (مۇ) قۇرۇغلۇغى ھەققىدىكى يازما(نائاكال) لارنىڭ يوقۇلۇپ كىتىش تەغدىرى.

شۇنداق بولسىمۇ ئاللا ئۇز قولى بىلەن ئاپىرىدە قىلغان ھەممەئىنساننى پۇتۇنلەي يوقۇتىۋىتىشكە ئىرادە قىلمىغان،شۇڭائەس-ھۇشىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ بىرقىسىم ئىنسانلارنى مىلانىزىيىدە،پايانسىز تايغا ئورمانلىقىنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدا،كوئىنلۇننىڭ قىر -ئىدىرلىرىدا ئىنتايىن ئاز سانداساخلاپ قالغان.

بۇنىڭغا بىز ھىلىقى كىمىدە ئامان قالغان نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنىمۇ قوشىمىز.

                                    7                                             

ئەندى رىۋايىتىمنى داۋام ئىتەي،بىراق بۇ قىتىم سەل ئارقىغا چىكىنىپ بايان قىلىمىز:

بىز يەر شارى 4 قىتىم گۇم بولۇپ بىز 5- قىتىملىق كۇپەيگەن ئىنسانلار دىدۇق ۋە ئۇيغۇرلارنى 4-قىتىملىق يارالمىش دەۋرىدىلا تەكاممۇللىشىپ بولغان قىلىپ تەسۋىرلىدۇق،ئەمىسە بۇ ئۇيغۇرلار قەيەردىن پەيدا بولدى؟

يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ 3-قىتىملىق تەرەققىيات دەۋرىدە ئىنسانلار شۇنچىلىك زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشتىكى سان جەھەتتە زىمىنغا پاتمىغىلى،ئىلىم-پەن جەھەتتە ھاكاۋۇرلىشىپ باشقاقەۋىم-مىللەتلەرنى كۇزگە ئىلمىغۇدەك ھالەتكە يىتىشتى،.ئىلىمدە پەقەت (دۇشمەن) نى يىڭىۋىلىشنىلا كۇزلەش تەرەققىيات نىشانى قىلىنغاشقا قۇرال-يارغ،ئادەم قىرىش تىخنىكىسى مىسىلسىز تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى،ھەرقايسى ئۇلۇسلارئۇزئىدىيەلىرىنى ئالغا سۇرۇشكە ئىنتىزار بولغاچ بىر-بىرىنىڭ كۇز قاراش،ھەزارەت،ئۇزگىچەتۇرمۇش ئۇسلۇپلىرىغا ھۇرمەت قىلىش كۇنتەرتىپتىن يوقالدى.

شۇنداق قىلىپ ھەر قايسى تەرەپلەر ئۇز كۇچ-قۇدرىتىنى مىسىلسىزدەپ قارىغاشقا بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى،ئاقىۋەت شۇنچىلىك زوربىر ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قىلىشتىكى ھىچقايسى تەرەپ بۇ مەيداندىن چىكىنىشكە ئۇلگۇرەلمىدى،يەر يۇزى ئىنسانلار ئۇزلىرى ياسىغان غايەت زور قىرغۇچى قۇراللار تەرىپىدىن تۇپ-تۇزلەڭ قىلىۋىتىلدى،زىمىنغا پاتمىغان ئىنساندىن ئاقىۋەت ساناققا ئىلىنغۇدەك ھىچنىمەقالمىدى،ھەتتا بۇ قىرغىنچىلىقتا شۇدەۋىرنىڭ ئەركە ھايۋىنى ھىساپلانغان دىنۇزاۋىرلارنىڭ ئۇرۇغىمۇ قالمىدى!

پەقەت ۋە پەقەتلا بىر تۇركۇم بەكمۇ ئازغىنە خەلىق ئۇڭكۇرلەردە،چوڭقۇر لەخمىلەردە ئامان قىلىشتى، مانا بۇلار بىز بايان قىلغان 4-دەۋىردە كۇپەيگەن ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ كۇپ ساننى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى!

ئەلبەتتە باشقا قەۋىملەردىن ساخلىنىپ قالغانلىرىمۇ بار،لىكىن ئۇلارنىڭ سانى تىخىمۇ ئاز بولۇپ .ئۇيغۇرلارچىلىك تەلەيلىك بولالمىغان.،

شۇنداق قىلىپ 3- دەۋىر ئاخىرلىشىپ 4- دەۋىر ھەقىقى ئۇيغۇر دەۋرى باشلانغان

بۇنى ئالدىنقى بايانلىرىمىزدا تەسۋىرلەپ ئۇتتۇق.

4-دەۋىرنىڭ بىشىدا بايىقى ئامان قىلىشقان ئۇيغۇرلارخىلى ئۇزۇنغىچە ئەس-ھۇشىنى تىپىشالمىغان،ئەقلى ئىختىدار تەرەپتىن نۇرغۇن چىكىنگەن،لىكىن ئاڭىدا چوڭ بىر ماتەم ھىسسىياتى ئەگىپ يوقالمىغان،دۇنيانىڭ ۋاپاسىزلىغى،ئىنساننىڭ ۋەھشىلىگى كاللىسىدىن ئەگىپ كىتەلمىگەن،ئاخىرىدا بۇ ئىسەدەشكە ئايلىنىپ بارا-بارا ئىنتايىن تەسىرلىك مۇڭ -كۇيگە ئايلانغان،قىرىلىپ كەتكەن ئۇرۇق -ئەجدادىغا مەرسىيە ئوقۇشقا يۇزلەنگەن.

شۇنداق قىلىپ ئاڭدىن،ئىغىزدىن بىر غىرىبانە كۇي ياڭرىغان!

مانا بۇ بۇگۇنكى مۇقام مۇقەددىمىسى شۇ!

بۇگۇنكى كۇندىكى دۇنيادىكى ھەممە مىللەت مۇقاملىرىنىڭ باش تەرىپى-مۇقەددىمىلىرىنىڭ ئوخشاشلىق سەۋەبى مۇشۇدەستلەپ پەيدا بولغان مۇقامنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدۇر،

كىينچە شۇ 4- دەۋىردە بۇيۇك ئانا زىمىن (مۇ) قۇرۇغلۇغىدا .ئۇيغۇرلار ئەقلى ھۇشىنى ژىغىۋىلىشقاندىن كىيىن ھاكىمىيەت قۇرۇپ ئوردىلار سالغان،ئۇ ئوردىلاردا مەرىكە- مۇراسىملار ئۇتكۇزۇلۇپ تۇرغان،ئەلبەتتەئەڭ ئالدىدا مۇقەددىمە ئەيتىش ئارقىلىق ئەجدادلارنى يادلاشقان،كىينچە ئوردا ۋە شادىمانلىق تەقەززاسى،شۇكۇر قىلىش ھىسسىياتى تۇرتكۇسىدە مۇقامنىڭ كىينكى قىسىملىرىمۇئىجات قىلىنغان.

شۇنىسى ئەجەپلىنەرلىككى ھازىر ئاڭلاۋاتقان مۇقاملىرىمىزدا دىققەت قىلسىڭىز ھىچقانداق يىرىدە ئىگىز تاغنى ئىپادىلەيدىغان ئاھاڭلار مەۋجۇت ئەمەس،ئەمما ھازىرقى 5- دەۋىردە ئىجات قىلىنغان مۇزىكىلاردا بۇنداق ئىگىزتاغنى ئىپادىلىگۇچى ئاھاڭلار ھەممە مىللەتلەردە بار،بۇنىمىنى بىلدۇرىدۇ؟

زادىلا تاغ يوق ،تۇزلەڭ زىمىنى بار ئىقلىم كىشىلىرىلا ئەشۇنداق تەكشى يۇنۇلۇشلۇك ئاھاڭلارنى ئۇز كۇيلىرىگە مەنبە قىلالايدۇ.

يەنە بىرسى مەرغۇل،سىز مەرغۇلنى ئاڭلاۋاتقىنىڭىزدا تاش ئوردىلاردىكى ئەكىس سادانى فەھىم قىلىسىز.




urdek يوللانغان ۋاقتى 2008-10-30 17:43:26

8                                    



جاھاننى كەلكۇن باستى،ئىشىپ قالغىنىنى تاش -شىخىل كۇمدى،ئۇنىڭدىنمۇئاشقىنىنى ۋەيران قىلغۇچى بوران-چاپقۇن سۇپۇرۇپ ئەكەتتى!

زىمىندا نىمە قالدى؟ ھىچنىمە!

جان ساخلاپ قالغان تۇتتوكتۇك ئىنسان يەر شارىنىڭ ئۇرۇغى بولۇپ قالدى،قاراقۇرۇم ئۇڭكۇر -كامالىرىدا ساخلىنىپ قالغان ئەشۇ بىر ئۇچۇم ئۇيغۇر، بۇ نچىۋىلا كەلگۇلۇككە،پۇتكۇل بىرئىمپىرىيەنىڭ ياق ،دۇنيادىكى ھەممە ئىنساننىڭ ئۇلۇپ تۇگىگىنىگە چىدالمىدى،تاقەت قىلالمىدى،كۇزىدىن چىققۇدەك ياش قالمىدى، ئەمما يۇرەك-باغرىنى بىر ئاچچىق زەھەر قامىۋالدى،ھەممىگە چىدىدى پەقەت مۇشۇنىڭغا چىدىمىدى،ئەخىرى خەنجەر بىلەن يۇرىگىنى تىلغىدى!يۇزلىرىنى مورلىدى! چاچلىرىنى ژۇلدى!

ئاھ ئۇيغۇرۇم!ئاھ قىرىنداشلىرىم!

ئۇلار ناھايىتىمۇكۇپ تىرىشچانلىق بىلەن ئۇز مەۋجۇدىيىتىنى ساخلاپ قىلىشتى،يىراق ئورال- ئىتىل بويلىرىدىكى ئامان قالغان ئىككى تۇتتال ئۇيغۇرلارمۇ تىخىمۇغەرىپكە سۇرۇلدى شۇنداق قىلىپ بۇ تېرىقىدە 3500 يىل ئۇتتى،بىرى ئىككى بولدى،ئىككى ئەمەس بەلكىم تۇتى ئاران ئۇچ بولدى مۇشۇنداق ئاستا ئاۋۇپ كۇپۇيۇش نەتىجىسىدە قاراقۇرۇملۇقلارنىڭ بىر قىسمى ئەسلى يۇرتىمىزنىڭ يۇرىگى دەپ ئۇتۇكەن-بايقال بويلىرىغا كۇچتى،بىر قىسمى بولساجەنۇبى ئاسىياغا كۇچۇشتى. ئاز بىر قىسمى تارىمدا قەپ قىلىشتى.

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇچ ئوغلى بولىدىغان ،ھام،سام ،ياپەس دەپ.ئەشۇ ھام،سام دىگەن ئوغۇللىرى ئوتتۇرا شەرىق ۋەياۋرۇپا تەرەپلىرىدەماكان تۇتۇشتى،ياپەس بولسا ئۇيغۇر زىمىنىگە كۇچۇپ كىلىپ ئارىلىشىپ كەتتى.

مىلانىزىيەدە بولسا تىخىمۇ ئەقىلدىن چەتنىگەن بىر قىسىملارقالغان ، ئۇلار ئۇ يەردە ئەسلى قىرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلاربىلەن خەۋەر -ئالاقىسىز ئۇز ئالدىغا ياشاپ قىلىشتى.

ئۇتۇكەن باغرىغا يىتىپ كىلىشكەن ئۇيغۇرلار يەنىمۇ كۇپ بەلا-قازانىڭ كىلىشىدىن ئەنسىرەپ

ئىمپىرىيەنىڭ پايتەختىدىن ھىلىقى تارىخى پۇتۇكلەرنى 15 مىتىر تاش شىخىل ئاستىدىن كولاپ ئىلىشىپ يىراق ھىمالاي تاغ باغرىدىكى بىر ئىبادەتخانىغا يۇتكەپ كىلىشتى ۋە مەھكەم ئورۇنغا ساخلاشتى. ،مانا بۇ كىيىنكى كۇنلەردە جامىس ئەپەندىمنىڭ ئىزدىنىپ تاپقان (لخاسا پۇتۇكلىرى) دىگىنى شۇ. چارروسسىيە 1870 نەچچىنجى يىللىرى تەكشۇرۇش ئەترەتلىرىنى ئىۋەتىپ بۇ يەرنى كولاشتى ۋە ئۇيغۇر خاقانىنىڭ نىلوپەر ئۇستىدە بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان ھەيكىلىنى تىپىپ چىقىشتى،ئەلبەتتە خاقان ئالىلىرىنىڭ ئېرىنىڭمۇ ھەيكىلى بىللەتىپىلغان(خاقان ئايال ئىدى)،داۋاملىق كولاپ-قىدىرىشقا ئولانباتۇر ھۇكۇمىتى قوشۇلمىغاشقا بۇ ئىش شۇ يەردە توختاپ قالغان. بۇ دەۋاتقان بايانلىرىمىز ئەلبەتتە كىيىنكى زامانلارغا تەئەللۇق گەپ،بۇ يەردە توغرا كىلىپ قالغىنى ئۇچۇن قىستۇرۇپ ئۇتتۇق.

ئەسلى گىپىمىزگە كەلسەك ئۇيغۇر زىمىنىنىڭ شەرقى -جەنۇبى تەرەپلىرى ئىغىر دەرىجىدە سۇ كەلكۇنى ئاستىدا قالغان،ھىچقانداق ئۇسۇملۇك كۇكۇرىيەلمىگەن،پەقەت سۇ ئوتلىرىلا ئۇيەر-بۇيەرلەردەكۇكلەپ قالغان،ئۇ يەردىمۇ ئاز-مۇنچە ئۇيغۇرلار ئامان قىلىشقان،ئۇلار قۇرۇت -قوڭغۇز،سۇ ئوتلىرى ۋە سۇدا ھايات كەچۇرىدىغان ئومۇرتقۇسىز ھايۋانلارنى يەپ جان ساخلاشقان،ئۇلار ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتىكى كىيىنكى ئىنسانلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ قىلىشقان.،سۇ قايتقاندىن كىيىن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارمۇكۇپەيگەن ۋە ئەۋۋىلى زىمىن(مۇ) قۇرۇقلۇقىدا قوللانغان يېزىقنى ئىشلىتىۋىرىشكەن ۋە شۇ يېزىق تاۋۇش-ئاھاڭى بويىچە سۇز ياساپ بوغۇملۇق سۇزلەم ھالىتىگە ئۇتكەن،زىمىننىڭ باشقا يەرلىرىدىكىلەر بولسا تاۋۇشلۇق سۇز ھالىتىنى قوللۇنۇشقان،شۇنۇڭ بىلەن ئىرۇگلىف ۋە ھەرىپتىن ئىبارەت ئىككى خىل يېزىق مەيدانغاكەلگەن.

سۇ ۋە تاش-شىخىل ئاپىتىدىن كىين كەڭ ئۇيغۇر زىمىنىدىكى خەلىق ئوزۇقلۇق ئۇچۇن ئوۋ ئوۋلاشقان شۇنداقلا ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇپ كۇندۇرگەن ۋە بىقىپ ئاۋۇتقان ،چارۋىچىلىق شۇنداق روياپقا چىققان.

ياپەس ئەۋلادى بولسا ئازغىنە ساخلىنىپ قالغان بۇغداي ئۇرۇقلىرىنى تىرىپ كۇپەيتىپ جاھانغا تاراتقان،شۇنۇڭ بىلەن دىخانچىلىق پەيدابولغان.



        10




ھازىرقى دەۋرىمىزدىن 50 مىڭ ژىل ئىلگىرى بىر بۇلۇك ، مەركىزى ھاكىمىيەت - قارا بالغاسۇنغا بويسۇنمىغان ئۇيغۇرلار قامچات ۋە چوقۇت يېرىم ئاراللىرىدىن قوزغۇلۇپ شەرقى - شىمالغا ئالياسقاغا قاراپ كۇچۇشكە باشلاپ تەدرىجى ھالدا ئامىرىكا قىتئەسىگە ئۇتۇشكەباشلايدۇ،ئۇ زاماندا ئاتلانتىس ۋە ئانا زىمىن --مۇ-- قۇرۇغلۇقلىرى تىخى سۇ ئاستىغا چۇكمىگەچ دىڭىز-ئوكىيانلارنىڭ سۇ يۇزى پەست ئىدى شۇنداقلا ھازىرقى بىرىڭ بۇغىزى كەڭ كەتكەن پەست تەكشىلىكتىكى يايلاق ئىدى..

ئۇلار مانا مۇشۇ كۇكۇل مەيدان زىمىندىن ئاستا-ئاستا سىلجىپ ئالياسقا ھەم ھازىرقى ئوتتۇرا ئامىرىكىغا يامرايدۇ، نوپۇسىمۇ ئاۋۇشقا باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇنىڭدىن 30 مىڭ يىللارئىلگىرى كۇچۇشكە باشلىغانلار بىلەن قوشۇلۇپ ھازىرقى ئامىرىكا قىتئەسىدە ئاساسلىق قەۋىم بولۇپ قالىدۇ، ئۇلار تاكى جەنۇبى ئامىرىكا نىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى ئوتلۇق يەر گىچە يىتىپ ماكانلىشىدۇ.

بۇ خەلىق ئۇز ئالدىغا تەرەققى قىلىپ مايا مەدەنىيىتىنى بەرپاقىلىدۇ، نۇرغۇن تىببى ۋە ئاسترۇنومىيەلىك بىلىملەرگە ئىگە بولىشىدۇ. جەنۇبى ئامىرىكىنىڭ بەزى مەملىكەتلىرىدە ئۇلار ياسىغان ئاسترۇنومىيەلىك بەلگىلەر ھىلىمۇتاشلارغا ئويۇلغان ھالىتىن ىساخلاپ تۇرماقتا.مىكسىكىدىكى ۋە دىڭىزلاردا سۇ ئاستىغا چۇكۇپ كەتكەن پىرامىدىلار شۇلارغا تەئەللۇق.

بۇلارمۇ 11500 يىل ئىلگىرىكى توپان بەلاسىدا ئامان قېلىشمىغان شۇنداقلا ناھايىتى ئاز مىقتاردا قالغان -قاتقانلىرى باشقا قىتئەدىكىلەردەك ئالەمشۇمۇل ۋەيرانچىلىق ھەم خاتىرىسىنى يوقۇتۇپ قويۇش بەلاسىغا دۇچار بولغان .لىكىن باشقا قىتئەلەر بىلەن بولغان قۇرۇغلۇق يولى بىرىڭ يايلىقى-- بىر سۇ باسقان بىرىڭ بوغۇزىغائايلىنىپ قالغاچقا ھەم ئاسىيا بىلەن ئالاقىسى ئۇزۇلۇپ قالغاشقا ئۇلار ھىچقانداق تەرەققى قىلىش ئىمكانىغا ئىگەبولالمىغان،ئۇزۇن زامان ئىپتىدائى تۇرمۇش كۇچۇرۇشكەن. شۇنداقتىمۇشوكۇلات ياساش ۋە تىببى دورىگەرلىك ساھەسىدىكى تىخنىكىلىرىنى ئىسپانلارغا ئۇگۇتۇپ قويۇشتىن قەتئى باش تارتىشتى،ھىلىغىچە ھەقىقى شوكۇلاتنى ھىچقايسى دەۋلەت ئىشلەپ چىقىرالمىدى، پەقەت ئوخشۇتالىدى خالاس!

بۇندىن 400 يىل مۇقەددەم ئىسپان مۇستەملىكىچىلىرى ئۇ زىمىننى بىسىۋىلىپ بۇ خەلىقنىڭ چىرايى بۇغداي ئۇڭ بولغاچ ھىندىلارغا ئوخشۇتۇپ (ئىندىيان) دەپ لەقەپ قويۇشتى.

شۇندىن بۇيان بۇ قەۋىم زۇلۇمغاتىك تۇرۇپ قارشىلىق كۇرسۇتۇشتى، نۇرغۇن قىرىلدى،ئامان قالغىنى ئىنتايىن ئاز قالدى

بۇگۇنكى كۇندە بۇ مىللەت خەلىقئارا تۇركى تىللار قۇرۇلتىيىغادائىم قاتنىشىپ كىلىۋاتىدۇ،چۇنكى شۇنچە زامان ئۇتسىمۇ ئۇلارنىڭ تىلى تۇركى ( ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر) تىلىدىن بەك چەتنەپ كەتكىنى يوق.

ئاخىرى بار

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-30 17:53:46

خەتلەر نورمال كۆرۆنمەپتۇ بوۋا....

urdek يوللانغان ۋاقتى 2008-10-30 20:59:12

ئالكاتىپ، ئەسلىيە نۇسخىسىدا  يېزىلغان، مىنىكىدە شۇنداق چىرايلىق چىقتى بۇ خەتلەر.

Freedom يوللانغان ۋاقتى 2008-10-30 22:22:26

ئاللاھ !  ئىلمىڭىزنى زىيادى قىلسۇن قەلمىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر !

1870-يىلى  روسيە ئارخىلوگلىرى ئىمپىراتۇرلىقىمىز خارابىلىقىدىن كولاپ تاپقان خاقاننىڭ ھەيكىلى دەل سىزنىڭ باش سۈرتىڭىز شۇكەندە ؟

باش سۈرتىڭىز شۇ بولسا  بۇ خوش خەۋەرنى بالدۇرراق بىزلەرگە بىلدۈر مىگىنىڭىزنى .

urdek يوللانغان ۋاقتى 2008-10-30 22:36:37

شۇ

eldos يوللانغان ۋاقتى 2008-10-30 22:37:56

باشتىن - ئاخىر ئوقۇپ چىقتىم ، ھەقىقەتەن ئىششىنىش تەس بولغان رىۋايەتلەركەن .

خەتلەر ياخشى چىقماپتۇ . باشقۇرغۇچىلار ئوڭشاپ قويغان بولسا بوپتىكەن .

ataxkiz يوللانغان ۋاقتى 2008-10-31 10:03:37

   ماتىرىيالنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن بولسىچۇ   !               

                                         ...........ئاتەش قىز

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2008-10-31 12:33:16

مۇشۇنىڭدەك ئىشىنىش تەس تىمىلارلا تەپەككۇرنى ئاشۇرالايدۇ ، بىزلەر ئىشىنىش تەس بولغان مۇشۇنداق تىمىلارغا بۇختاج مىز !!!

SUGHUZ يوللانغان ۋاقتى 2008-11-12 20:39:30

ھەقىقەتەن غارايىپ رىۋايەتلەركەن.

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2008-12-12 13:38:25

ئاشۇقەۋىمدىن ھازىر شوكۇلات ياسىيالايدىغاندىن بارمىدۇ

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-9-19 18:45:56

نىمە ئۇ شوكۇلات دىگەن؟ شاكىلات دىمەكچىمۇ ياكى؟

zunkar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 10:52:38

ھەقىقەتەن ياخشى تېما،مەن ئۆزەمنىڭ كېچىكىپ كۆرگۈنۈمدىن  تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم!

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 18:11:02

ماۋۇ رىۋايەتلەرنى بىر تورداش ئىملانى رەتلەپ قىلسا بىر ئېلكىتاپ چىقرىپ قويساق بوپتىكەن پەچەت قىلىپ

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 18:31:21

ئۇيغۇربالىغ@ قا دەپ قويساق بولغۇدەك \"\"
بەت: [1]
: ئۇيغۇر تارىخى- ئىشەنگۇسىز رېۋايەتلەر (1-10)