irpan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-29 18:25:22

ئۇيغۇر دېگەن نام نەدىن كەلگەن ؟

ئۇيغۇر خەلىق ئەپسانە رىۋايەتلىرىدىن.

ئۇيغۇر دىگەن نامنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدە.

1-رىۋايەت مۇنداق دىيىگەن:

ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن شەرىقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ ،ئۇيغۇر ئىلىگە يېقىنلاشقاندا ،تۈرىك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى ئەسكەر ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى ،لاچىن قانتىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغىمۇ قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن.زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇۋە{.ئىنان غۇز خۇرەندە} ، (يەنى بۇلار باشقلار غا مۇھتاج بولماي ، ئۆز ئۇزۇقىنى تېپىپ يەيدىغانلاركەن).بۇلارنىڭ قۇلىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ،قاچان خالىساشۇ چاغدا ئېتىپ يەلەيدۇدەپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ.ئەل (خۇز خۇز)
دەپ ئاتىلىپ،بۇ سۆز بارا-بارا (ئۇيغۇر) غا ئۆزگىرىپتۇ.

2-رىۋايەتتە مۇنداق دىيىلگەن:

قەدىمكى زاماندا تۈرىكلەرنىڭ ئۇغۇزخان ئىسىملىك بىر خاقانى ،ئۇنىڭ ئاتىسى قارا قاغان {قاراخان} دەپ ئاتىلىدىكەن، قارا قاغان كاپىر ئىكەن، ئوغلى ئۇغۇزخان مۇسۇلمان ئىكەن. ئۇ ئاتىسىنىڭ گىپىگە زادى قۇلاق سالمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئككىيلەن ئوتتۇرسىدا قاتتىق جەڭگى-جىدەل باشلىنپتۇ. قاراخان كاپىرلارنى ئۈز ئەتراپىغا توپلاپتۇ. .ئاتا-بالا ئوتتۇرسىدىكى بۇجەڭدە ئۇغۇزخان غەلبە قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن غەلبىنى تەبرىكلەپ چۇڭ بىر كىڭەش چاقىرىپتۇ،ئۇزىگە ياردەم بەرگەن بارىلىق قەبىلە-ئۇرۇقلارغا {ئۇيغۇر} دەپ نام بىرىپتۇ. ئۇيغۇر دىگەن نامنىڭ مەنىسى : ئۇيۇشتى،ئتپاقلاشتى، بىرلەشتى دىگەنلىك بۇلىدىكەن.

{ قارىتال چىچەكلىرى}ناملىق ئەدىبىي ژۇرنالدىن ئېلىندى.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2008-10-29 19:14:39

ئوغۇزخان دەۋرىدە كاپىر ،مۇسۇلمان ئاتالغۇسى بارمىتى؟

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-29 19:26:49

كۆكتىن تامدۇق .يەردىن ئۈندۇق ...

---------

مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان !

zulal يوللانغان ۋاقتى 2008-10-29 20:58:02

باشقا مەنىدىكى \" كاپىر - مۇسۇلمان \" ئوخشىمامدا ؟

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-10-29 21:06:54

ئوغۇزخان دەۋرىدە كاپىر مۇسۇلمان ئاتالغۇسى بارمىتى؟

=========

يوقتى.

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

===================

بۇ، مايمۇن نەزەرىيىسىنىڭ دەل ئۆزىغۇ، ئىيساجان؟

absdf يوللانغان ۋاقتى 2008-10-29 23:54:52

نمە كارىم.

urdek يوللانغان ۋاقتى 2008-10-30 08:45:29

بار ئىدى، شۇ چاغدىكى كاپىرلار كۇپ خۇدالىق دىندىكىلەر. ئوغۇزخان بولسا بىر خۇدالىق دىنىدىكىلەر.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2008-10-30 09:43:45

كىتابلاردا دېيىلىدىغان ھون خاقانى مودو تەڭرىقۇت، خەن ۋۇدىنى بەيدىڭ قورشاۋىدا يەتتە كۈن مۇھاسىرىگە ئالغان، ئاۋازلىق ئوقيا ئوقىنى كەشىپ قىلغان مودو تەڭرىقۇت ئوغۇزخان شۇمۇ!؟

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-30 10:03:13

sutuk:

ئوغۇزخان دەۋرىدە كاپىر مۇسۇلمان ئاتالغۇسى بارمىتى؟

=========

يوقتى.

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

===================

بۇ، مايمۇن نەزەرىيىسىنىڭ دەل ئۆزىغۇ، ئىيساجان؟

ما بالىنى ~~~ ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە بىلەن تەدىرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئايرىيالمىسىڭىز ، يەنە كىلىپ تەبئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەننى ئۇماچ قىلىۋەتسىڭىز ، ئادەمنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرالايدىكەنسىز .

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-10-30 11:38:07

چۈشەنگەن ئادەم ئۈچۈن << ئۇيغۇر >> نەقەدەر چىرايلىق نام ھە ؟! ... ھالبۇكى، كۈنىمىزدىكى بۇ نام ئاستىدا ياشاۋاتقان قەۋىم ئۇشبۇ سۆزىنىڭ ئەسلى تەكتىنى ، مەنىسىنى دىلى بىلەن چۈشىنىپ ئالسا ...

temkin يوللانغان ۋاقتى 2008-10-30 15:13:22

ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلىپ بالىسى قابىل ھابىلنى ئۆلتۈرۈپ كاپىر بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئىنسانلار ئارىسىدا مۇسۇلمان كاپىردىگەن ئۇقۇم مەۋجۇت.

تۇنجى ئىنسان ھەم پەيغەمبەر ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرىمىز موھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە ئاللاھ ئنسانلارغا ئۆزىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ، قۇرئان كەرىمدە پەقەت 24 پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان . ئىسلام ئالىملىرى،ئاللاھ ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ 40 نەچچە مىڭ (بەزى ئالىملار 20 نەچچەمىڭمۇ دەيدۇ) پەيغەمبەر ئەۋەتكەن دەپ قارايدۇ . بەلكىم ئۇيغۇر قەۋمىگىمۇ ئاللاھ بۇرۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن بولىشى مومكىن . توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھ .

Erdewil يوللانغان ۋاقتى 2008-10-30 21:39:41

ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللانغىنىغا ئۇزۇن بولمىدى لېكىن.....

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2008-10-31 10:09:33

مېنىڭچە بۇ ئىسىمغا ئانچە ئۇزۇن بولمىدى !!

Koktikin يوللانغان ۋاقتى 2008-10-31 11:16:35

ئۇزۇن بولمىسا ،قانچىلىك بولغاندۇ؟ئۇزۇن بولسا قانچىلىك بولغاندۇ؟قېنى پاكىتلىق پىكىر قىلىڭلار چۇ !

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-31 11:30:31

ئۇنداقتا بىز چەنتۇ ئوخشايمىز

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2008-10-31 15:30:23

مىلادىدىن ئىلگىركى 3-ئەسىردىكى گېرىتسىينىڭ(قەدىمىقى يۇنان)مەشھۇر تارىخچىسى ھىرودىتنىڭ (تارىخ)دىگەن كىتابىدا يىراق شەرىقتىكى بىر ئەلنىڭ «ئويغۇريە»دەپ ئاتىلدىغانلىقى ،بۇ ئەلنىڭ ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇردىغانلىقى خاتىرلەنگەن.بۇ ئويغۇر نامىنىڭئەڭ بۇرۇن تارىخ كىتاپلىردا كۆرۈلىشى بۇلۇشى مۇمكىن.

kisek يوللانغان ۋاقتى 2008-10-31 15:52:50

   1-رىۋايەتتە ئېلىنغان نەقىل ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنىڭ ئىنتايىن قەدىمقى دەۋرلەردىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى تەكىتلەيدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇنى مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمى تارىخنامىلىرىدىمۇ ئۇچرىتىمىز، مەسىلەن 5000يىللىق تارىخنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى خۇاڭدىغا ئائىت تارىخى يېزىلمىلاردا قەيت قىلىنغان 鬼方، 鬼戎،獯鬻، 薰育، 荤允ئاتالغۇلىرى ، ھۇن سەلتەنەتىگە ئائىت مىلادىدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىرلەردە قەيت قىلىنغان 乌揭،呼揭، 乌骨،护骨ugur-oguzناملىرى،مىلادى 3- ئەسىرلەردە باش كۆتۈرگەن 高车قاڭقىل نامىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى قۇرغان 1- ئۇيغۇر قاغانلىق دەۋرى، تۈركلەرنى 2 مۇھىم تارمىقىنىڭ بىرى ( يەنە بىرى ساك تۈركلىرى ئاشىنا ئۇرۇقىغا تەۋەقاغان قۇرغان كۆكتۈرك قاغانلىغى) ئاقتۈرك- ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقى دەۋرى، قەدىمىئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان،تۇرپاندىن تېپىلغان \" ئوغۇزخان\"داستانىنىڭ ئەڭ قەدىمى ۋارىيانتىدا ئوغۇزخاننىڭ \" مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى بولىمەن ...\" دىيىشلىرى، 840- يىلدىن كېيىن سىياسى مەركىزىنى غەرپتىكى قېرىنداشلىرى ئورنىغا يۆتكىگەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ( ئىدىقۇتنى مەركەز قىلغان ئىلخانلار قاراخانىدلارنىڭ ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن مەركىزى ھۆكۈمەت ئىدىقۇت بىلەن بولغان دىنى زىددىيەتتىن ئۆزلىرىنى تۈرك، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنى ئۇيغۇر ئاتاشلىرى)، مەھمۇد كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ \" تۈركى تىللار دىۋانىدىكى \" ئۇيغۇر\" تەبىرلىرى، 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى مەشھۇر تارىخشۇناسىمىز ، كەشمىرنىڭ ۋالىسى مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگانى يازغان \" تارىخى رەشىدى\" كىتاۋىدىكى \" ئەلىشىر ناۋايى نىڭ نەسەبى ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىدى...\" كەلىمىلىرى، 19-ئەسىر قېرىنداش قازاق خەلقىمىزنىڭ سەيياھى چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ \" ئۇيغۇر يۇرتىغا سەپەر\" خاتىرىسى... مانابۇلار ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنىڭ ئىزچىل رەۋىشتە مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ، 19- ئەسىردە ئوتتۇرا ئازىيالىق ياقۇپبەگ بەدەۋلەت شىنجاڭدا ئاتالمىش \" يەتتە شەھەر خانلىقى\" قۇرغان ، بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ ئەۋۋەل ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن خوجەىلەر ئاق تاغلىق- قارا تاغلىقلىرى نىدالىرىدا \" ئۇيغۇر \" ئاتالغۇسى چەكلىمىگە ئۇچرىغان ياكى تەكىتلەنمىگەن بولىشىمۈمكىن... مەن- چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ \" چەنخۇي، خۇيخۇي\" دەپ كەمسىتىلىپ ئاتىلىشى، 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن روزىباقىيېفلارنىڭ \" ئۇيغۇر \" ئاتالغۇسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرى، 1933- يىلىدىكى مەركىزى ھۆكۈمەتكە سۇنۇلغان ئىلتىماستىن \" ئۇيغۇر \" ئاتالغۇسىنىڭ مەخسۇس ھۆججەت تەرىقىسىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى بۇتارىخى نامىمىمىزنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشىدۇر.

   2- نەقىلدىكى كاپىر مۇسۇلمان ھەققىدىكى رىۋايەت بۇ \" ئوغۇزخان\"ئىپوسىنىڭ ئۇيغۇر لار ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن يېزىلغان \" ئىسلام ۋارىيانتى\" دۇر.

    بۇ ھەقتە قىزىققۇچى تورداشلار تۆۋەندىكى ئۇچۇرلاردىن مۇكەممەلرەك ئۇقۇملارغا ئېرىشىشىمۈمكىن:

http://www.orkhun.com/bbs/read.php?tid=1299

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-10-31 21:44:04

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

==================

يارىلىش / يارىتىلىشقا ئالاقىدارئالاقىدار مۇنداق ئالاھىدە مەسىلىنى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە، دەپ چۈشەنسىڭىز سىز كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرالايدىكەنسىز.

pidayi يوللانغان ۋاقتى 2008-11-24 20:32:24

بىرىنچى رىۋايەتتە سۆزلەنگەن <ئۇيغۇر >ئاتالغىسىنىڭ كىلىپ چىقىشى نۇرغۇن قېتىم تۈركشۇناسلار تەرىپىدىن رەت قىلنغان ،يەنى دۇنيا تۈركشۇناسلىرى ئسىكەندەر زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇرلارغا ئىسم قويۇپ بەرگەن دىگەن قاراشنى قوللىمايدۇ .تۈركى تىىللار دىۋانىدا بۇ رىۋايەت پەقەت قىسقىچىلا بايان قىلنغان ،بۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنىڭ كىلىپ چىقىشنى چۈشەندۇرۈپ بىرەلمەيدۇ .كۆپ قىسملىرى ئىككىنچى خىل رىۋايەتكە بەكراق قىزىقىدىكەن .

<مەدەنىيەت>دىگەن سۈز ئەرەپچىدىن بۇلۇپ ،تۈركلەر كىيىىن <ئۇيغۇر >ئاتالغۇسىنى <مەدەنىيەت >ئاتالغۇسىدا قوللىنىپتىكەن .

بەت: [1]
: ئۇيغۇر دېگەن نام نەدىن كەلگەن ؟