YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2008-10-29 03:38:59

anti- قارشى ھەققىدە (تەۋسىيە )

ھېلىمۇ ئېسىمدە مېنىڭ، بىر قانچە يىل بۇرۇن خەنزۇچە 全球反美主义 دېگەن بىر كىتاپ ئوقۇغان ئىدىم. شۇ چاغدىمۇ، ئەتراپىمدىكلەردىن سورىغان، ئەگەر بۇ كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىپ قالسا، قانداق تەرجىمە قىلىمىز؟ خەنزۇچىدىكى بىر نەرسىگە قارشى دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان 反سۆزىنى ئۇيغۇرچە قانداق ئېلىش بېشىمنى خېلى قاتۇرغان ئېدى. 主义 دېگەننى ئۇيغۇرچىدە، كۆپىنچە "ئىزىم" بىلەن ئېلىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇنداقتا 反نىچۇ؟ بۇ ئىسىمنى "ئامېرىكىغا قارشى ئېقىم" دەپ ئالىمىزمۇ، ۋە ياكى بىۋاستە ئىنگىلىزچىدىكى anti  سۆزىنى قوبۇل قىلىپ، ئانتىئامېرىكىچىلىق دەپ ئالساق بولارمۇ دەپ ئويلىغان ئېدىم. "ئامېرىكىغا قارشى ئېقىم" دېسەكمۇ، ياكى ئانتىئامېرىكىچىلىق دېسەكمۇ، تازا جايىغا چۈشىدىغاندەك ھېس قىلمىدىم. شۇنداق قىلىپ، كىيىنچە، بۇ ئىشنى كاللامدىن چىقىرىۋەتتىم، چۈنكى بەرىبىر مەن ئۇ كىتابنى تەرجىمە قىلمايتتىم، ھەم بۇ ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلىش زۆرۈرىيىتىممۇ يوق ئىدى.

بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن، مەن بىر لىكسىيەگە قاتنىشىپ قالدىم، ئىستانبۇلدا. ئۇيغۇرچىدىكى "قارشى" دېگەن سۆزنى تۈركچىدىمۇ karşı دەپ ئىشلىتىدۇ. بۇ لېكسىيەدە، تېررورلۇققا قارشى مەزمۇن سۆزلىنىۋاتاتتى، سۆز قىلغۇچى، anti-terror كەلىمىسىنى  karşı-terrör يەنى قارشى-تېررور دەپ ئىشلەتتى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى دەرھال مېنىڭ تەپەككۇرۇمنى ئويغاتتى، نېمىدىگەن قولاي ۋە قىسقا!

ئەجەبا، بىز ئۇيغۇرچىدە بۇ خىل شەكىلدە ئىشلەتسەك بولمامدىكەن؟ anti-terrorدىن سىرت، ئانتى كەلىمىسى كېلىدىغان نۇرغۇن ئاتالغۇلارغا ئۇچرايمىز. بۇلارنى مۇمكىن بولغان شەكىلدە، قارشى- **** دەپ ئىشلىتىش پىكرىنى سىلەرگە سۇندۇم. بۇنداق بولغاندا، بۇرۇن بېشىم قاتقان 反美主义نىڭ ئىشىمۇ ئاسان بولۇپ كېتىدىكەن، "قارشى-ئامېرىكىچىلىق". بەلكىم باشتا قوللانغان ۋاقتىمىزدا كۆنەلمەسلىكىمىز، ھەتتا بىرئاز غەلىتە تۇيۇلىشى مۇمكىن. لېكىن بىز موشۇ خىل شەكىلدە ئىشلىتىۋەرسەك، كۆنۈپ قالىمىز.

____________________

بۇنى تېما سۈپىتىدە يېزىپ، ئانا تىلىم مۇنبىرىگىمۇ يوللاپ قويدۇم، ئۆزۈم ھەم ئىزدىنىشنىڭ ئەزاسى، ھەم ئىزدىنىشنىڭ زىيارەتچىلىرى كۆپ بولغاچقا، بۇ يەرگىمۇ يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-29 09:30:04

ھېلىمۇ ئېسىمدە مېنىڭ، بىر قانچە يىل بۇرۇن خەنزۇچە 全球反美主义 دېگەن بىر كىتاپ ئوقۇغان ئىدىم. شۇ چاغدىمۇ، ئەتراپىمدىكلەردىن سورىغان، ئەگەر بۇ كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىپ قالسا، قانداق تەرجىمە قىلىمىز؟ خەنزۇچىدىكى بىر نەرسىگە قارشى دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان 反سۆزىنى ئۇيغۇرچە قانداق ئېلىش بېشىمنى خېلى قاتۇرغان ئېدى. 主义 دېگەننى ئۇيغۇرچىدە، كۆپىنچە \"ئىزىم\" بىلەن ئېلىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇنداقتا 反نىچۇ؟ بۇ ئىسىمنى \"ئامېرىكىغا قارشى ئېقىم\" دەپ ئالىمىزمۇ، ۋە ياكى بىۋاستە ئىنگىلىزچىدىكى anti  سۆزىنى قوبۇل قىلىپ، ئانتىئامېرىكىچىلىق دەپ ئالساق بولارمۇ دەپ ئويلىغان ئېدىم. \"ئامېرىكىغا قارشى ئېقىم\" دېسەكمۇ، ياكى ئانتىئامېرىكىچىلىق دېسەكمۇ، تازا جايىغا چۈشىدىغاندەك ھېس قىلمىدىم. شۇنداق قىلىپ، كىيىنچە، بۇ ئىشنى كاللامدىن چىقىرىۋەتتىم، چۈنكى بەرىبىر مەن ئۇ كىتابنى تەرجىمە قىلمايتتىم، ھەم بۇ ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلىش زۆرۈرىيىتىممۇ يوق ئىدى.

بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن، مەن بىر لىكسىيەگە قاتنىشىپ قالدىم، ئىستانبۇلدا. ئۇيغۇرچىدىكى \"قارشى\" دېگەن سۆزنى تۈركچىدىمۇ karşı دەپ ئىشلىتىدۇ. بۇ لېكسىيەدە، تېررورلۇققا قارشى مەزمۇن سۆزلىنىۋاتاتتى، سۆز قىلغۇچى، anti-terror كەلىمىسىنى  karşı-terrör يەنى قارشى-تېررور دەپ ئىشلەتتى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى دەرھال مېنىڭ تەپەككۇرۇمنى ئويغاتتى، نېمىدىگەن قولاي ۋە قىسقا!

ئەجەبا، بىز ئۇيغۇرچىدە بۇ خىل شەكىلدە ئىشلەتسەك بولمامدىكەن؟ anti-terrorدىن سىرت، ئانتى كەلىمىسى كېلىدىغان نۇرغۇن ئاتالغۇلارغا ئۇچرايمىز. بۇلارنى مۇمكىن بولغان شەكىلدە، قارشى- **** دەپ ئىشلىتىش پىكرىنى سىلەرگە سۇندۇم. بۇنداق بولغاندا، بۇرۇن بېشىم قاتقان 反美主义نىڭ ئىشىمۇ ئاسان بولۇپ كېتىدىكەن، \"قارشى-ئامېرىكىچىلىق\". بەلكىم باشتا قوللانغان ۋاقتىمىزدا كۆنەلمەسلىكىمىز، ھەتتا بىرئاز غەلىتە تۇيۇلىشى مۇمكىن. لېكىن بىز موشۇ خىل شەكىلدە ئىشلىتىۋەرسەك، كۆنۈپ قالىمىز.

____________________

بۇنى تېما سۈپىتىدە يېزىپ، ئانا تىلىم مۇنبىرىگىمۇ يوللاپ قويدۇم، ئۆزۈم ھەم ئىزدىنىشنىڭ ئەزاسى، ھەم ئىزدىنىشنىڭ زىيارەتچىلىرى كۆپ بولغاچقا، بۇ يەرگىمۇ يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

patriot يوللانغان ۋاقتى 2008-10-29 12:54:45

ناھايىتى ياخشى تەرجىمە بوپتۇ.

zulal يوللانغان ۋاقتى 2008-10-29 21:02:37

مۇشۇنداق بەلەن ئاتالمىلار چىقسا ، فۇششششتتتت قىلىۋېتىڭلار

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2008-10-31 09:52:47

تېلىۋۇزۇردا نىمە دىسە شۇ بولىدۇ، ئامال يوق !!!!

koktash يوللانغان ۋاقتى 2009-2-9 22:57:31

مەن ماھىر ئەپەندىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن!

pidayi يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 23:44:14

مەن بۇ تەرجىمىنى تازا قوللاپ كەتمىدىم .تەرجىمە قىلىشتا ئۈچ ئىلمىنت بەك مۇھىم : ئەسلى مەنبەگە ھۆرمەت قىلىش ،نىشان تىلىدا مەنانى  توغرا راۋان  ئىپادىلەپ بىرىش ،تىلى كۆركەم گۆزەل بۇلۇش دىگەندەك (،信،达،雅).مەنچە  بۇ ئىبارىنى بۇنداق  تەرجىمە قىلىش دەسلەپكى ئىككى نىشانغا يەتكەن بىلەن ،كىينكى نىشانغا يىتەلمىگەندەكلا ،يەنى مىنىڭ ھىس قىلىشىم بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز تۈزۇش قانۇنىيتىگە ماس كەلمىگەن .ئۇيغۇرچىدا ئاۋال ئش ھەرىكەتنى  قوبۇل قىلغۇچى شەيئى ،كىيىن ئىش ھەرىكەت يەنى پىئىل كەلگەچكە،ئاڭلىماققا سىلىق ئاڭلانمايدىكەن ........ مەن شۇنداق ھىس قىلدىم .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-2-28 00:33:46

ما پىدايى دىگەن قىزنى ئۆستەرسە بولىدىكەن، بەختىنى بەرسۇن بۇ ئۈكەشنىڭ!..

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2009-2-28 00:48:59

ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز تۈزۈش قانۇنىيىتىگە ماس كەلمىدى. ئەمما تىلىمىزدا موشۇنداق ماس كەلمىگەن سۆزلەر خېلىلا كۆپ، ۋە پەقەت بىز كۆنۈپ قالدۇق. بۇ بىر پەقەت تەۋسىيە، خالاس. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىنمۇ مۇۋاپىق، قىسقا ۋە ياخشى سۆز چىقىپ قالسا، شۇنى قوللانساق بولىدۇ.

لېكىن كۆنۈپ قالساق، بۇ سۆزنىمۇ كىيىن مۇۋاپىق ھېس قىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-2-28 00:55:48

تېمىنىڭ خېتىنى تۈزىتىپ قويدۇم، ماھىر بۇرۇن خېتىنى تۈزىتىپ قويۇپتىكەن، كۆكتاشجان ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇ، ئەسلى يەلكەننىڭ سۆزىگە قوشۇلىدىكەن.

راست مۇشۇنداق ئۇزۇن سۆزلەرنى ئىخچام دىيىش بىزگە بەك لازىم، ھەممە ئېتىراپ قىلغۇدەك سۆز ياساش تەسكەن..

koktash يوللانغان ۋاقتى 2009-5-12 22:49:36

شۇنداق، مەن يەلكەننىڭ سۆزىگە قوشۇلىمەن!!!

koktash يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 15:45:10

بىزمۇ \"قارشى قىرغاق\"، \"قارشى ئېقىم\" دەيمىزغۇ.

قارشى تېرور، قارشى ئامېركىچى، دېسەك نېمىشقا بولمىغۇدەك....

بەت: [1]
: anti- قارشى ھەققىدە (تەۋسىيە)