irpan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-26 10:07:48

ھونلار، ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلار

ھاجى قۇتلۇق قادىرى


ھونلار مىلادىدىن 1500 يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىنىڭ 5- ئەسىرلىرىگىچە (ئىككى مىڭ يىل) بولغان ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخى مەزگىلدە ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىنىڭ سەھنىسىدە ئىنسانىيەت ئەۋلادىنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان چوڭقۇر تەسىرلىك مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن. مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن باشلاپ تارىختا 500 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلۇغ ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 207- يىلدىن مىلادىنىڭ 216- يىلىغىچە)، 170 يىل ھۆكۈم سۈرگەن غەربىي ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن 46- 216- يىللار)، 95 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسى (375-469) قاتارلىق ئۇلۇغ ئۈچ ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىدا ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىن ئاجايىپ خاتىرىلەر قالدۇرغان.
تۈركىي خەلقلەر ئەجدادلىرىنىڭ بىرى بولغان ھونلار ئەڭ قەدىمكى چاغدىن باشلاپ ئورخۇن دەرياسى بويلىرىدا، چوغاي تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا، ئالتاي، تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا ياشىغان. ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە «ھون» سۆزى «كۈن» سۆزىدىن چىققانلىقى مەلۇم.
قەدىمكى چاغلاردا ھونلارمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئوخشاشلا قامان (شامان) دىنىغا ئىتىقات قىلغان. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك قامان دىنى كۆپ خۇدالىق دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ ، قامان دىنى بويىچە «كۈن» تەڭرىگە ئىتىقات قىلىش مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. شۇڭا قەدىمكى چاغلاردا ھونلار ئۆزلىرىنى «كۈنلەر» دەپ ئاتاشقان ئىكەن. «كۈن» سۆزى كېيىنكى كۈنلەرگە كېلىپ «ھون» سۆزىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
تۈركىيىلىك پروفېسسور ئا. زەكى ۋەلىد توغانمۇ «ھون» ئاتالغۇسىنى «كۈن» دەپ يازىدۇ. يەنە باشقا تارىخىي مەنبەلەردىمۇ «ھون» سۆزىنىڭ ئورخۇن دەرياسىنىڭ نامىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئېيتىلىدۇ. قەدىمكى چاغدا ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئۆزىنى شۇ دەريانىڭ نامى بىلەن ئاتاپ، «ھون» سۆزىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىكەن.
مىلادى 5- ئەسىرنىڭ بېشىدا (420- يىلى) ئارال كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالى تەرىپىدىن كەلگەن ئاق ھونلار باكتېرىيىنى ئىشغال قىلىپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالى قىسمىغا بېسىپ كىرىپ، كۇشانلارنىڭ كۈچلىرىنى يوقاتقان. ئاق ھونلار ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ چىرايى ئاق سۈزۈك بولغانلىقى ئۈچۈن روما تارىخچىسى فروكوفىيس ئۇلارنى «ئاق ھونلار» دەپ يازغان. 5- ئەسىردە ياشىغان ئەرمەن تارىخچىلىرى كۇشانلار بىلەن ئىفتالىتلارنى (ئاق ھونلار) بىر بىرىدىن پەرق قىلمايدۇ دېگەن . چۈنكى، كۇشانلار بىلەن ئىفتالىتلار (ئاق ھونلار) ئۇلۇغ ياۋچىلاردىن ئىدى. بۇنى «تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى . ئىفتالىتلار ھەققىدە قىسسە» دىكى مەلۇماتمۇ ئىسپاتلايدۇ. يىلنامىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىفتالىتلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ ياۋچىلاردىن كېلىپ چىققان». تارىختا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇلۇغ ياۋچىلار ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلار تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، جەڭگىۋارلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تۇخارىستان، كۇشان ئىمپېرىيىسى، ئاق ھونلار (ئىفتالىتلار) ئىمپېرىيىسى قاتارلىق قۇدرەتلىق دۆلەتلەرنى قۇرغانلىقى، يۈكسەك، باي مەدەنىيەت ياراتقانلىقى بىلەنمۇ مەشھۇر.
تۈركىي خەلقلەر قەدىمكى چاغلاردا دۈشمەننى (بۇ سۆز پارسچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن) «ياۋ» دەپ ئاتايتتى. «ياۋچى» دېگەن ئىسىم ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ ئۇرۇشقاق، ئۆز قوشنىلىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ تۇرىدىغانلىقىغا ھەم ناھايىتى جەڭگىۋارلىقىغا قاراپ قويۇلغان ئىكەن.
ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىغا «ئاخۇن» قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى تاسادىپىي ھادىسە بولماستىن بەلكى «ئاق ھون» سۆزىنىڭ «ئاخۇن» سۆزىگە ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ . چۈنكى ئۇيغۇرلار ئاق ھونلارنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇنتۇلماس بۈيۈك نەسەبىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ ئىشلىتىشنى لايىق كۆرگەن. مەسىلەن: مەمەت ئاخۇن، ساۋۇت ئاخۇن دەپ قوللانغان. ئەسلى بۇ ئىسىملار مەمەت ئاق ھون، ساۋۇت ئاق ھون بولۇپ «ئاق ھون» سۆزى «ئاخۇن» غا ئۆزگىرىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى بولغان ئۆزبېك خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى «ئاخۇنجان ئاكا» دەپ ئاتىشىمۇ ئەسلى «ئاق ھون جان ئاكا» سۆزىنىڭ ئۆزگىرىپ ئېيتىلىشىدۇر.
ئەمدى بىز ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىۋاتقان «ياپون» سۆزى ئەسلى «ياۋا ھون» سۆزىنىڭ ئۆزگىرىشى بۇلىشى مۇمكىن دەپ قاراشقا بولىدۇ . چۈنكى ياپونلار ئۆز دۆلىتىنىڭ نامىنى ياپون تىلىدا (日本 NIPPON) بولۇپ ، سۆزنىڭ ئوقۇلۇشى ئادەتتە ئېغىز تىلىدا «نىپون»، ئەدەبىي يېزىقتا «نىخون» دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى «كۈن كۆتۈرۈلگەن جاي» دېگەنلىك بولىدۇ . بۇنىڭدىن «كۈن» دەل بىز يۇقىرىدا ئېيتقان «ھون» سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى بولۇپ ، بۇ يەردىكى «ھون» ئورخۇن دەرياسى ۋادىسى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. ياپون تىلىدىكى ئۈچ چوڭ شىۋىنىڭ بىرسى يەنى خوككايدۇ شېۋىسى ئالتاي تىلىغا مۇناسىۋەتلىك شىۋە بولۇپ ، ياپون تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق فورمىسىدا ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن بولغان ئوخشاشلىق بار. مەسىلەن: جۈملىدىكى ئىگە، خەۋەر، تولدۇرغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا كېلىش قۇشۇمچىلىرىدا مەلۇم ئورتاقلىق بار. ياپونلارمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ. خوككايدۇ ئارىلىدا ياشاۋاتقان ياپونىيىنىڭ ئەڭ قەدىمكى مىللىتى شۇنداقلا ياپون مىللىتىنىڭ يىلتىزى بولغان ئەينۇ (Ainu ) لار بولۇپ ، ئۇلار شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ھازىرقى ئېلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلارنى موڭغۇلىيە دالاسىدىن كەلگەن دېسە، بەزىلەر ئۇلارنى ئوكياندىن كەلگەن دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ئۇلارنى قەدىمكى ئاسىيالىقلار دەپ قارايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ، كىيىم-كېچىكى، مۇقەددەس ئۇسۇللىرى، ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەكشۈرۈپ كۆرۈدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ موڭغۇلىيە دالاسىدىن بولسۇن ياكى ئوكيان ئادىمى بولسۇن بىردەكلا ھونلار بىلەن باغلىنىشى بارلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. چۈنكى ياپونلار تا ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا «كۈن» نى چۈشۈرۈپ ئالغان. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇلار «مۇ» قۇرۇقلۇقىدىكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى يەنى «قۇياش ئىمپېرىيىسى» بىلەن موڭغۇلىيە دالاسىدىكى قەدىمكى ھونلارنىڭ ئەۋلادى دەپ ھۆكۈم قىلساق خاتا بولماس. چۈنكى قۇياشقا ئىتىقات قىلىدىغان «مۇ» قۇرۇقلۇقىدىكى قۇياش ئىمپېرىيىسى ۋولقان پارتلاش ۋە يەر تەۋرەش سەۋەبىمدىن ھالاكەتكە ئۇچرىغاندا 64 مىليون ئاھالە قۇربان بولغان ئىدى. ھايات قالغان ئاھالىلەر ئۆزلىرىگە نىجاتلىق ئىزلەپ، ئەتراپتىكى باشقا ئاراللارغا ماكانلىشىشقا مەجبۇر بولغان. ھازىرقى زامان تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ قىياسىچە تىنچ ئوكياندىكى بۇ يوقالغان قۇرۇقلۇق 2050- يىلى يەنە قايتىدىن بارلىققا كېلىش مۇمكىن دەپ قىياس قىلماقتا. يەنە بۇ يەردە شۇنى يۈرەكلىك بىلەن قەيت قىلىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ تىل تەتقىقاتىدا كىتابى دەستۇر بولغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ياپونىيە خەرىتىسىنىڭ سېزىلىشى ۋە يەر شارى مىقياسىدا تۇنجى قېتىم خەرىتىگە چۈشۈرۈلۈپ «جابىرقا» دەپ ئىسىم قويۇلىشىمۇ مېنىڭچە تاسادىپىيلىق بولمىسا كېرەك دەپ قارايمەن.
ياپونلار خېلى ئۇزۇن يىللاردىن بىرى يىپەك يولى تەتقىقاتىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ياپونىيە كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنۋېرستىتلاردا، شۇنداقلا ياپونىيەدە كەڭ-كۆلەمدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىلىپ ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر تارىخىغا بولغان بۇنداق قىزغىنلىقلار مېنىڭچە ئاساسسىز بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.
قان تىپى جەھەتتىنمۇ تەتقىق قىلغاندا ئارىيانلار شۇنداقلا نېمىسلار، ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ A قان تىپىغا كىرىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ھازىرقى زامان ئارىيان شۇناس ئالىملار ئارىيانلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، ئورتاق بولغان مۇنداق بىر پىكىرگە كەلدى. يەنى «ئارىيانلار ھونلار بىلەن بىردۇر، تۈركلەر ھونلارنىڭ قېرىندىشىدۇر» دېگەن يەكۈننى فورمۇلالاشتۇرۇپ مۇنداق تەڭلىمە چىقاردى:
ئارىيان = ھون = تۈرك = ئۇيغۇر =
ئەمدى مەن ئۈزۈمنىڭ يۇقىرىدىكى بىر قاتار ئىسپاتلارغا ئاساسەن بۇ تەڭلىمىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بوش قالغان ئورۇنغا ياپونلارنى قۇيۇپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم. يەنى:
ئارىيان = ھون = تۈرك = ئۇيغۇر = ياپون =
ئەگەر پۇرسەت بولسا بۇ تەتقىقاتنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، يۇقىرىقى تەڭلىمىنىڭ بوش ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىمەن.

ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ «بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. كىتاب «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» تەرىپىدىن 2001- يىلى 2- ئايدا نەشىر قىلىنغان.

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2008-10-26 11:17:47

ياپ ھۇنلار . . .  

رەھمەت ،  خېلى كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم .  

xamxar1975 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-26 18:49:55

ھەر بىر تەڭلىمىنىڭ ئارسى ماڭا شۇنچە يىراق تۇيۇلىۋاتىدۇ ، ئەمما سىزنىڭ غەيرىتىڭىزگە بارككاللا !

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2008-10-26 21:10:58

بۇ تەڭلىكلەرنى يەنىلا ئىسپاتلاشقا توغرا كىلىدۇ...

well يوللانغان ۋاقتى 2008-10-26 22:30:12

بىلىۋالدىم.

تەڭلىك بەلگىسى نىمىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ بۇنداق ئىپادىلىسە  تازا مۇۋاپىق ئەمەسمۇ قانداق؟

دىمەكچى  بىزنىڭ مىللەتنىڭ خېلى-خېلى يامان خەلقلەر بىلەن كېلىپ چىقىشى بىر ؟؟؟؟

بەلكىم شۇنداقتۇ.............ۋە بەلكىم.....................،،  

Sword00 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-28 16:57:20

ئالدى بىلەن قىلغان ئەجرىڭىزگە ۋە يازغان ماقالىڭىزنىڭ بىزلەرنى بىرقىسىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگىنىگە رەھمەت.لېكىن تارىخ مەسىلىسىدە پىرىنسىپنى ئالدىنقى شەرىت قىلىپ ئەستايدىل ۋە ئېلمى يۇسۇندا تەبىر بېرىشنى توغرا دەپ قارايمەن.

بۇ يەردە مەن كۆرسىتىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان كىچىككىنە نۇقتا، ياۋچى دېگىنى ئەسلىدىكى توخارىئانلارنىڭ يۇزىبان نامىنىڭ خەنزۇ تەلەپپۇزىدا بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىشى، بۇنى پارىسچىدىكى \"ياۋ\" دېگەن سۆز بىلەن باغلىۋىلىشنى ئازىراق ئەستايىدىلسىزلىق قىلىنغانلىق دەپ قارايمەن.ئەگەر كۆز قارشىمنى خاتا دەپ قارىسىڭىز ئېلمى يۇسۇندا رەت قىلىشىڭىزنى ۋە ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈشۈڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-10-28 17:25:41

يېڭى خاسىيەتلىك ئادەملەر پەيدا بولۇۋاتىدۇ..

@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2008-10-29 17:12:21

irpan ئەپەندى، بۇ يوللانمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى بۇ يەردە ئىدى. ئەسكەرتىپمۇ قويماپسىزغۇ؟!

http://www.orkhun.com/bbs/read.php?tid=652

ATTILA يوللانغان ۋاقتى 2008-10-29 21:15:16

ئىنكاس يېزىپ ساقلىۋالاي بۇ تېمىنى ،كېيىن تەپسىلى ئىنكاس يازىمەن

Estami يوللانغان ۋاقتى 2008-10-30 19:20:03

ياپونلۇقلار ئۆزلىرنى موڭغۇللار بىلەن چېتۋلدۇ . ياش مىللەت .

بەت: [1]
: ھونلار، ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلار