irpan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-26 10:01:05

«غەرق بولغان Mu قىتئەسىنىڭ ئەۋلادلىرى » ناملىقam

Table of Contents

I. The Origin of Man
II. The Eastern Lines
III. Ancient North America
IV. Stone Tablets from the Valley of Mexico
V. South America
VI. Atlantis
VII. Western Europe
VIII. The Greeks
IX. Egypt
X. The Western Lines
XI. India
XII. Southern India
XIII. The Great Uighur Empire
XIV. Babylonia
XV. Miscellaneous
XVI. Intimate Hours with the Rishi

                    < غەرق بولغان Mu قىتئەسىنىڭ ئەۋلادلىرى > ناملىق كىتاپ ھەققىدە

                                          ئالىمجان ئىنايەت

  دارۋې < ئادەم مايمۇندىن تۆرەلگەن > دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ، دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدىن توپلىغان سۆڭەكلەرنى دەلىل سۈپىتىدە كۆرسەتكەن ئىدى . بۇنىڭغا نۇرغۇن كىشىلەر ئىشەندى ۋە ھېلىمۇ ئىشىنىۋاتقانلار بار . جېيمىس چۇرچۋارد( James Churchward) « غەرق بولغان Mu قىتئەسىنىڭ ئەۋلادلىرى » (The children of Mu ) ناملىق قىزىقارلىق ، بەلكى فانتازىيىلىك تۇيغۇ بېرىدىغان ئەسىرىنى يېزىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا ئالايىتەن بېرىپ ، كۆپ دەلىللەرنى توپلىغان ۋە بۇلارنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن 50 يىللىق ئۆمرىنى   سەرىپ ئەتكەن . شۇ سەۋەپتىنمۇ بۇ ئەسەرنى بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ . ئاتا تۈركمۇ بۇ كىتاپنى ئەھمىيەت بىلەن ئوقۇغان ۋە مەخسۇس ئادەم تەيىنلەپ تەتقىق قىلدۇرغان . مەن بۇ ماقالىدە مەزكۇر كىتاپنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرىنىلا شەرھىلەپ ئۆتىمەن .
  جېيمىس چۇرچىۋاردنىڭ 50 يىللىق ھاياتىنى خوراتقان بۇ كىتاپتا ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيە نېمە؟
  ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە : بۇندىن 70 مىڭ يىللار ئاۋۋال ئامېرىكا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى تېنچ ئوكياندا مۇ دېگەن بىر قىتئە بولغان ئىدى . بۇ قىتئەنىڭ چوڭلىقى شەرقتىن غەرپكىچە تەخمىنەن 9500 كلومېتر ، شىمالدىن جەنۇپقىچە 4800 كلومېتر كېلەتتى . تېنچ ئوكياندىكى تاقىم ئاراللار ئۇ زامانلاردا مۇ قىتئەسىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى . لېكىن بۇندىن 12 مىڭ يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتە مۇ قىتئەسى بىلەن بىرگە ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ياشاۋاتقان 60 مىليۇن ئىنسان بىراقلا سۇغا غەرق بولۇپ كەتتى .
    ھازىرقى تېنچ ئوكيان مۇ قىتئەسىدە ياشىغان 60 مىليۇن ئىنسان ۋە بۇ قىتئەدە ۋۇجۇدقا كەلگەن بۈيۈك مەدەنىيەتنىڭ مازىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .
  جېيمىس چۇرچىۋارد بۇ چوڭ قىتئەنىڭ مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكىنىنى قانداق بىلگەن ؟
  1868-يىلى ، ئۇ ھىندىستاندا ئەنگىلىيە ئوفېتسىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا بىر تاۋاپخانا راھىبى بىلەن دوست بولغان ۋە تاۋاپخانىدا ئەسىرلەردىن بۇيان ساقلىنىۋاتقان تاش ھەم ساپال بۇيۇملىرى ئۈستىدە يېزىلغان يېزىقلارنى تەرجىمە قىلىشنى ئۆگەنگەن . شۇ جەرياندا ، ئۇ بۇ يېزىقلاردىن كۆپ ئەسىرلەر بۇرۇن ناھايىتى ئۇلۇغ بىر مەدەنىيەتنىڭ دۇنياغا كېلىپ ، كېيىن يەنە يوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى سەزگەن .
  جېيمىس چۇرچىۋارد بۇ مۆجىزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكىنىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تاش يېزىقلىرىنى ، ھىندىستان ، جۇڭگە ، بېرما ، تىبەت ، كامبودژالاردىن تېپىلغان كىتاپلار ، قول يازمىلار ، ئابىدىلەر ، ئەپسانىلەر ، تېنچ ئوكيان ئاراللىرىدىن تېپىلغان قالدۇق ئابىدىلەر ، سىموۋۇللۇق ئىشارەتلەر ، رىۋايەتلەر ، مېكسىكىدىن تېپىلغان تاش يېزىقلىرى ، شىمالىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىمىدىن تېپىلغان ئۆڭكۈر ئادەملىرىگە ئائىت يېزىق ۋە قەدىمقى گىرك پەيلاسوپلىرىنىڭ كىتاپلىرى ، قەدىمقى مىسىرغا ئائىت كىتاپ ، قوليازما قاتارلىقلار ئۈستىدە 50 يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان .
  ئۇنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا ، مۇ قىتئەسىدە ئۇيغۇرلار ھەم ياشىغان بولۇپ ، ئۆز زامانىدا بۈيۈك بىر ئېمپىراتورلۇق قۇرغان ئىدى . ئۇيغۇر ئېمپىراتورلىقى « قۇياش ئېمپىراتورلىقى » دەپ ئاتىلىدىغان ، مۇ دىن قالسىلا دۇنيادا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك ئېمپىراتورلۇق بولۇش سالاھىتىگە ئىگە ئىدى . ئۇيغۇر ئېمپىراتورلىقىنىڭ شەرقىي چېگرىسى تېنچ ئوكيان ، غەربىي چېگرىسى موسكۋاغا تېقىن جايدا ئىدى . ئالدىنقى قاراۋۇللىرى ياۋروپانىڭ ئىچكىي قىسىملىرى بويىچە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە سوزۇلاتتى . شىمالىي چېگرىسى بولسا شىمالىي مۇز دېڭىزىغىچە سوزۇلغان ئىدى . جەنۇبىي چېگرىسى ھىندىچىن ن، بېرما ، ھىندىستان ۋە پەرەس دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسمىغا يېتىپ باراتتى .
  قارىماققا ، بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلىش ئاسان ئەمەس . لېكىن شۇنى بىلىش لازىمكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئەسلا مىلادىدىن كېيىنكى 740 -840 گىچە بولغان يۈز يىللىق تارىختىنلا ئىبارەت ئەمەس .ئۇلار ھونلار دەۋرىدىمۇ ئۆز سەلتەنەتى بىلەن ياشاپ كەلگەن . بۇ رېئانلىقنى خەنزۇلارنىڭ تارىخىي قەيتلىرى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا . دەرۋەقە ، خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەر بولمىغاندا ، بىز بۇ پاكىتلارغىمۇ مۇيەسسەر بولالمىغان بولار ئىدۇق . ئەجىبا ، خەنزۇچە مەنبەلەردە ئەكس ئېتىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار مەۋجۈت ئەمەسمىدى؟ بەلكى مىڭلارچە ، ئون مىڭلارچە يىللاردىن بۇيان ياشاپ كەلگەن . جېيمىس چۇرچىۋاردنىڭ پىكرىنى بۇ مەنتىقە بويىچە ئېيتقاندا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ، دېيىشكە ئاساسىمىز يوق .
  جېيمىس چۇرچىۋاردنىڭ پىكرىچە ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، ئارىيان ئېرىقلىرىنىڭ تارىخىبولۇپ ھېساپلىنىدۇ . چۈنكى ، ئارىيان ئېرىقلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر نەسلىدىن كەلگەن ئىدى . ئۇيغۇرلار تەرتىيەر (Tertiyer) دەۋرىدىن بېرى ياۋروپانىڭ ئىچكىي قىسىملىرى بويىچە ئولتۇراقلاشقان ئىدى . ئۇلار ئېمپىراتورلۇق ، چوڭ ماگنېتلىق ئاپەت ۋە تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلۈش ھادىسىلىرى سەۋەبىدىن تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات قالغانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەسلەدەن بولغانلار ياۋروپادا تەكرار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان . بۇ پلېيىستوسەنىك (Pleyistosenik) دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ . سلاۋىيانلار (Slav) ، تۆتانلار (Toton ) ، كەلتلەر (kelt) ، ئىرلاندىيىلىكلەر (Irlandilar ) ، بروتونلار (Broton) ۋە باسىك (Bask) لارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر نەسلىدىن كەلگەن ئىدى . بروتونلار ،باسىكلار ھەم ھەقىقىي ئىرلاندىيىلىكلەر ياۋروپاغا تەرتىيەر دەۋرىدە كەلگەنلەرنىڭ ۋە ماگنېتلىق ئاپەت ، تاغلارنىڭ كۆتۈرلۈش ھادىسىسىدىن ئامان قالغانلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىدى .
    چۇرچىۋارد بۇنداق خۇلاسىگە كېلىشتە ، يۇقارقىي مىللەتلەر ئىچىدىن ئىرلاندىيىلىكلەر بىلەن باسىكلارنىڭ ، ئىرلاندىيىلىكلەر بىلەن نېپالدىكى ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا تىل ئۇقۇشالايدىغانلىقىنى دەلىل قىلغان .
    ئۇيغۇرلار بەزى تارىخىي مەنبەلەردە ھونلارنىڭ ئەۋلادلىرى ، دەپ كۆرسىتىلىدۇ . لېكىن ھونلار ياۋروپاغا كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن پەرقلىق دىن ۋە پەرقلىق مەدەنىيەت مۇھىتىدا ، پەرقلىق تەرەققىيات يۆلىنىشىگە قاراپ ماڭغان ، نەتىجىدە ھازىرقى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشىمايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن . بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ، چۇرچىۋاردنىڭ پىكرىدە ئاساس يوق، دېگىلى بولمايدۇ . ئەگەر يۇقارقى مىللەتلەرنىڭ تىلى بىلەن قەدىمقى .ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىلسا ، بەلكىم خېلى كۆپ ئورتاق ئېلمېنتلار بايقىلىشى مۇمكىن .
    چۇرچىۋارد مۇنداق دەيدۇ :
  «ئۇيغۇر ئېمپىراتورلىقى تازا گۈللەنگەن زامانلاردا ، تاغلار تېخى بارلىققا كەلمىگەن ئىدى . بۈگۈنكى گوبى چۆلىمۇ مۇنبەت ۋە سۇغا باي بىر رايون ئىدى . ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى دەل مۇشۇ يەردە _بايقال كۆلىنىڭ بىر ئاز جەنۇبىدا ئىدى .»
    مەلۇم بولغىنىدەك ، قەدىمكى زاماندا تەبىئەتتە ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن . تارىخچىمىز تۇرغۇن ئالماس «ئۇيغۇرلار » دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : «شىنجاڭ زېمىنىدا نېفىتلىكلەر ۋە كۆمۈر كانلارنىڭ كۆپلىكى ئەڭ قەدىمقى چاغدا تارىم ۋادىسى بىلەن جۇڭغارىيە ئويمانلىقىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىچكىي دېڭىز بولغانلىقىنى ، تاغلارنىڭ ۋە تاغ ئېتەكلىرىنىڭ چەكسڭز قېلىن ئورمانلار بىلەن قاپلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . چۈنكى تەبىئەتتە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر ( دەھشەتلىك يەر تەۋرەشلەر ، قۇرغاقچىلىق ) نەتىجىسىدە ، شىنجاڭدىكى ئىككى چوڭ ئىچكىي دېڭىز كىچىكلەپ ، قۇرۇقلۇق يۈزى كېڭەيگەن . ھازىرقى سايرام ، باغراش ، لوپنۇر كۆللىرى قەدىمقى ئىچكىي دېڭىز ئورنىدا قالغان قالدۇق كۆللەردۇر . » بۇنىڭدىن قارىغاندا ، چۇرچىۋاردنىڭ بۇ پىكرىنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ .
    چۇرچىۋارد مۇناسىۋەتلىك ھالدا مۇنداق دەيدۇ :   1896- يىلى مەلۇم بىر قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى تىبەتتىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا بىنائەن ، بۇرۇنقى قارا خوتا شەھىرىنىڭ خارابىلىرىنى زىيارەت قىلدى . ئۇلار ئۇيغۇر پايتەختىنىڭ قارا خوتا خارابىلىرىنىڭ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدى .ئۇلار بۇ خارابىلەرنى قېزىشقا باشلىدى ، كېيىن بىر قىيا تاش ۋە قۇم قەۋىتىگە يەتتى . 15 مېتر قازغاندىن كېيىن ئۇيغۇر پايتەختىنىڭ قالدۇقلىرىنى تاپتى . لېكىن خراجىتى يېتىشمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ ئەترەت ئىشنى توختىتىشقا مەجبۇرى بولى . ئۇندىن كېيىن روس ئارخېلوگى كوسلوف (Kosloff) بىر قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى ئويۇشتۇرۇپ ، قارا خوتاندىكى قېزىشنى داۋاملاشتۇردى .
  چۇرچىۋارد   ئۆز پىكرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تاش يېزىقلىرى ، ئارخېلوگىيىلىك تېپىندىلارغىلا تايىنىپ قالماي ، شەرقتىكى ئەللەردىن نۇرغۇن ئەپسانىلارنىمۇ توپلىغان . چۈنكى ئەپسانىلار تارىخ ھېساپلانمىسىمۇ ، رېئانلىقنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . بۇ ئەپسانىلەردە مۇنداق دېيىلىدىكەن : ھېمالايا تاغلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بۇرۇن تۈزلەڭلىك بولۇپ ، مۇنبەت زېمىن ، تېرىقچىلىققا مۇۋاپىق تۇپراقلار ، ئورمانلار ، كۆللەر ، دەريالار بىلەن قاپلانغان ئىدى . ناھايىتى سۈپەتلەك كوچىلار ۋە كارۋان يوللىرى شەھەر ، چوڭ تاۋاپخانىلار ، دۆلەتكە تەۋە بىنالار ، ئەمەلدارلار سارايلىرى ۋە كۆركەم خۇسۇسىي تۇرالغۇلار بار ئىدى .
  تارىخىي ماتىرىياللاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى مەشھۇر شەھەرلىرى بولغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ . بەشبالىق شۇلارنىڭ بىرىدۇر . ئۇنداقتا بۇ شەھەرلەر قانداق غايىپ بولدى؟ چۇرچىۋاردنىڭ دېيىشىچە ، توپان دولقۇنى غەرق قىلغان ياكى بولمىسا چەكسىز قۇملۇقنىڭ ئاستىدا قالغان .
  چۇرچىۋاردنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ، تىبەتتىكى بىر تاۋاپخانىدا بەزى ناقال يېزىقلىرى مەۋجۈت . بۇلارنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن : «ناقاللار 7000 يىل بۇرۇن ئانا قىتئەنىڭ مۇقەددەس تېكىستلىرىنىڭ كۆچۈرمىلىرىنى ئۇيغۇر پايتەختىگە ئېلىپ كەتتى .»
    ئەپسانىۋى تارىخ .انا قىتئەدىن كەلئگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپتە ھازىرقى سېرىق دېڭىز (Huang Hai ) بويىدىكى بىر يەردە ئولتۇراقلاشقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە . «بۇ جايدىن ھەرىكەت قىلىپ ، ئىچكىرىگە قاراپ يېيىلدى . ناھايىتى سۇلۇق ۋە تۈزلەڭلىك ۋادىغا كۆچتى .» شۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك قەيىتلەر پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ، كاسپىي دېڭىزى رايۇنى ۋە ئوتتۇرا ياۋروپادىن ، ئاتلانتىك ئوكيانغىچە بولغان رايونلاردا كۆرىلىشكە باشلىدى .
    ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى قاچان ۋە نېمە سەۋەپتىن خاراپ بولدى؟

چۇرچىۋاردنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، بىر تاۋاپخانىدىكى كونا قەيتتە مۇنداق دېيىلگەن :
  « ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى پۈتۈن ئاھالىسى بىلەن بىللە ئېمپىراتورلۇقنىڭ شەرقىي تەرىپىگە باشتىن ئاخىرى تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ھەممىنى ھالەك قىلغۇچى بىر توپان بالاسىدا يوق بولغان . » بۇ كونا قەيت چوقۇم گېئولوگىيىلىك دەلىللەرگە ئىگە ، دەيدۇ چۇرچىۋارد.
  ئەگەر بۈگۈنكى موڭغۇلىيە ، ئېۋېنكى ۋە ئېلۇنچۇن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەپسانىلىرىنى ئوقۇيدىغان بولساق ، بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق بىر توپاننىڭ مەۋجۈت بولغانلىقىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ . مەسىلەن: موڭغۇللاارنىڭ « بابائېجىنىڭ ئادەمنى يارىتىشى » دېگەن ئەپسانىدە «بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا دۇنيادا سەل ئاپىتى يۈز بېرىپ ، پۈتۈن دۇنيانى سۇ بېسىپ كەتكەن ، ھېچبىر جانلىق قالمىغان ئىكەن ...» دېيىلىدۇ . يەنە موڭغۇللارنىڭ «دۇنيا قانداق پەيدا بولغان ؟»دېگەن ئەپسانىسىدە : «بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا دۇنيارىمىزنى سۇ بېسىپ ھېچنىمە قالمىغان ، پۈتۈن دۇنيا دېڭىز - ئوكيانغا ئايلانغان ئىكەن .»دېيىلىدۇ . «سولۇن جەمەتى ھەققىدە رىۋايەت »دېگەن بىر ئېۋېنكى رىۋايىتىدىمۇ :«ناھايىتى كۆپ يىللار بۇرۇن بىر سەل ئاپىتى يۈز بېرىپ ، ئېگىز تاغلار سۇ ئاستىدا قالغان ، ئىنسانلارمۇ غەرق بولۇپ تۈگىگەن ، ئاخىرىدا بىر ئاتا بىلەن ئۇنىڭ قىزى قالغان ، ئۇلار بىر بىرى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ ، سولۇن جەمەتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن »دېيىلىدۇ . «ئاچا بىلەن ئۇكا »دېگەن بىر خېجى ئەپسانىسىدە:«ئاسمان - زېمىننى قاپلىغان سەپ ئاپىتىدىن كېيىن ، پەقەتلا بىر ئاچا بىلەن ئۇنىڭ ئۇكىسى قالغان »دېيىلىدۇ .
  چۇرچىۋارد بۇ توپان ئاپىتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ :«پايتەختىنىڭ ئۆگزىسىدىن كونا قارا خوتانىڭ ھۇللىرىغىچە بولغان ئارىلىق بىر ھەۋەت قىيا ، تاش ۋە قۇم بىلەن تولغان . بۇنداق ئەھۋال سۇ باسقاندىلا مەيدانغا كېلىدۇ . بۇنى پۈتۈن دۇنيادىكى گىئولوگلار قوبۇل قىلماقتا .بۇ توپان شەك-شۇبھىسىز مۇقەددەس كىتاپتا ئېيتىلغان < توپان >، ئاخىرقى ما گنىتلىق ئاپەتنىڭ شىمالىي دولقۇن ئېقىمى ئىدى . 1880- يىللاردا گىئولوگيىلىك بىر تەتقىقات ھەيئىتى بىلەن ، بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر نۇقتىدىن دېنا دەرياسىنىڭ ئاغزىغا ۋە شىمالىي قۇتۇپ دېڭىزىنىڭ نېرىسىدىكى ئاراللارغا قەدەر سوزۇلغان تەكشۈرۈشتە بىرگە بولدۇم . بۇ تەكشۈرۈشلىرىمىز مىڭلارچە يىللار بۇرۇن ، ئىچىدە مۇز بولمىغان غايەت زور بىر سۇ ئاپىتى دولقۇنىنىڭ جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ بۇ رايون ئۈستىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى .
  بۇ توپان ، گئولوگىيىلىك تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، شىمالىي يېرىم شاردىكى مۇز دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن . قەيتلەر يەنە ئۇيغۇر ئېمپىراتورلىقىنىڭ پايتەختىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي قىسىمىنىڭ پۈتۈن جانلىقلار بىلەن بىرلكتە يوق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئۇ تەرەپتىكىلەر سۈرۈپ ئېلىپ كېتىلگەندە ، غەرپ ھەم غەربىي جەنۇپتىكى رايونلارغا ھېچ تەسىرى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە .
  تاغلار ئوتتۇرا ئاسىيانى ھەممە تەرەپتىن ئايرىيدۇ ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېمپىراتورلىقى چېگرىسى ئىچىدە قالغان رايونلاردا تاغلىق زېمىنلار خېلى كۆپ . توپاندىن كېيىنكى دېۋرلەردە تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىقىشى ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كەتكەنلىكى ھەققىدە ھېچبىر ئىسپات مەنبىيىگە ئېرىشەلمىدىم .توپاندىن ئامان قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك قىسىمىنىڭ يەنە تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ قالغىنىنى تەخمىنەن قىلىش قېيىن ، لېكىن سانى ناھايىتى ئاز بولىشى مۇمكىن .
  چۇرچىۋارد مۇنداق دەيدۇ : ئەپسانىۋىي تارىخ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپانىڭ پۈتۈن ئىچكىي قىسىملىرىغا تارقالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
« مانۇنىڭ كىتاۋى » ناملىق قەدىمقى بىر ھىندى كىتاۋىدا مۇنداق دېيىلىدۇ :«ئۇيغۇرلارنىڭ كاسپىي دېڭىزىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قىرغاقلىرىدا تۇرالغۇ مەركەزلىرى بار ئىدى .» بۇ بەلكىم ماكس مۈللېر (Max Muller) ئوتتۇرىغا قويغان پلېيىسىتوسېنىك دەۋرىدىكى بىر كۆچۈشتۇر . يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپاغا ئىككىنچى قېتىملىق كۆچىشىدۇر . ئىلمىي خادىملار تەمىنلىگەن ئىسىمدىن شۇنى ھېس قىلىۋاتىمەنكى ، شەرقىي ياۋروپادا تۇنجى قېتىم ماكانلاشقانلار ، ياشاش مۇمكىنچىلىكى قالمىغان تاغلاردىن قېچىپ قۇتۇلغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى چوقۇم .ماكس مۈللېر مۇ بۇنى دەلىللەپ مۇنداق دويدۇ :«دەسلەپكى كاۋكازلىقلار ئوتتۇرا ئاسىيا تاغلىرىدىن كەلگەن كىچىك بىر گۇرۇپپا ئىدى .»شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ئۇلارنىڭ كاۋكاز ئويمانلىقلىرىغا پلېيىسىتوسېنىك دەۋرىدە ، يەنى تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلىشىدىن كېيىن كەلگەنلىكىنىمۇ قوشۇپ قويىدۇ .يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ، ئۇيغۇرلار تاغلارنىڭ كۆتۈرىلىشىدىن بۇرۇنمۇ ياۋروپادا ئىدى .   
  چۇرچىۋارد ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : « تىبەت بۇرۇنقى زاماندا بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىراتورلىقىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى ، بۇ ئەھۋال تاغلار كۆتۈرۈلۈشتىن بۇرۇنقى دەۋرگە توغرا كېلىدۇ .ئۇ زامانلاردا تىبەت مۇنبەت ۋە تۈزلەڭ زېمىن ئىدى . بۈگۈن بولسا دۇنيانىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى ھېساپلىنىدۇ .

تاغلارنىڭ ئىچكىڭ قىسىملىرىدا _ براخماپۇترا دەرياسى مەنبەلىرىدىن بىرىنىڭ ئۈستىدە بەزى تاۋاپخانىلار مەۋجۈت . سانىنى خاتىرلىيەلمەيمەن .بۇ تاۋاپخانىلارنىڭ بىرىدە ، ناقال كۈتۈپخانىسىنىڭ ھەممىسى دېسىمۇ بولىدىغان مىڭلارچە تاش يېزىق خاتىرىلىرى بار . مانا بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختىدىكى ناقال كىتابلىقى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان ئىدى . بۇ تاش يېزىقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاجايىپ بىر خىل ئەپسانىۋى ھېكايە بايان قىلىنىدۇ . مويسىپىت رېكشى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بۇ ھېكايە مۇنداق : شەرقىي ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانى توپان بېسىپ كەتكەن كۈنلەردە ئۇيغۇر پايتەختىمۇ ۋەيران بولۇپ ، پۈتكۈل خەلق سۇغا غەرق بولغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ناقاللارنىڭ ئانا قىتئەدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن چوڭ بىر كۈتۈپخانىسىمۇ تۇپراققا كۆمۈلۈپ كەتكەن . ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ، توپان تەسىرىگە ئۇچرىمىغان غەربىڭ رايوندىكى ناقاللار ، پايتەختىنىڭ خارابىلىرىگە باردى ۋە تاش يېزىقلىرىنى يەردىن كولاپ چىقىپ ، غەربتىكى بىر تاۋاپخانىغا توشىدى . تاغلار كۆتۈرۈلۈپ بۇ تاۋاپخانىمۇ تۇپراققا كۆمۈلگەندە ، تاش يېزىقلىرى يەنە بىر قېتىم يەر ئاستىدا قالدى . ئارىدىن كۆپ ئۇزۇن يىللار ئۆتتى . بۇ قېتىم تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلۈش ئاپىتىدىن قۇتۇلغان ناقاللارنىڭ ئەۋلادلىرى تاۋاپخانان خارابىسىنى كولاپ ، كۈتۈپخانىنى تۇپراق ئاستىدىن چىقاردى - دە ، بۈگۈنكى يېرىگە توشۇدى .
  بۇ تاۋاپخانىمۇ ، تاش يېزىقلىرىمۇ نامەلۇم ئەمەس ، بۇنى شەرقشۇناس ئالىملار ياخشى بىلىدۇ . مېنىڭ شەخسىي مەلۇماتىم بويىچە ، كەم دېگەندە ئۈچ ئېنگلىز ۋە ئىككى روس بۇ تاۋاپخانىنى زىيارەت قىلغان .
  
  چۇرچۋارد ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغاندا ، مۇنداق بىر پىكىرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: «ئادەتتە ، خەنزۇلار ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى بىۋاستە ياراتقان ، دېگەن قاراش ئومۇملاشقان . ياق ، بۇ توغرا ئەمەس . ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى ، بۇ خەنزۇلارغا ئەجدادىدىن مىراس قالغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇلارنىڭ تېگە موڭغۇل دەپمۇ قارىلىدۇ . ھالبۇكى خەنزۇلار يېرىم قان موڭغۇلدۇر . باشقا ئاتىلىرى ئارىيانلاردۇر (Ari) . ئۇيدۇر ئېمپىراتورلىقى دەېرىدە ئاق ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مۇنچىسى سېرىق ئېرقتىكى موڭغۇللارغا ئۆيلەنگەن .موڭغۇل دىيارى ئۇيغۇر ئېمپىراتورلىقىنىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلەتتى ۋە بۇ چاتما ئۆيلىنىش نەتىجىسىدە تۇغۇلغان ئەۋلادلىرى كېيىن تۇنجى جۇڭگو ئېمپىراتورلىقىنى قۇردى . قەيتلەردە مۇنداق يېزىلىدۇ:« ئۇيغۇر ئەرلىرى سېرىق ياۋايىلارنىڭ ئەڭ چىرايلىقلىرىغا ئۆيلىنەتتى .» ھازىرقى خانزۇلارنىڭ بىر مۇنچىسى ئاق تەنلىك كېلىدۇ . بۇ ، ئۇلارنىڭ تومۇرىدىكى ئۇيغۇر قېنىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر . تۆۋەن تەبىقىدىكى خەنزۇ قۇللىرى تىپىدىكىلەردە بولسا ئۇيغۇر قېنى يوقتۇر . ئۇلار بۇرۇنقى سېرىق موڭغۇللارنىڭ ئەسلى ئەۋلادلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .
  بۇ چاتما ئۆيلىنىش ئىشىدا ئۇيغۇر تەرەپ ، بالىلىرىنى ئۇيغۇرچە تەربىيە ئۆلچەملىرى بويىچە يېتىشتۈرۈشكە ناھايىتى كۆڭۈل بولاتتى . شۇ سەۋەپتىن دەسلەپكى خەنزۇ ئېمپىراتورلىقى، تومۇرلىرىدا ئۇيغۇر قېنى بولغان ۋە بۈيۈك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن نېسىۋە ئالغان كىشىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلدى .بۇ ھالدا ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنى ئەجدادلىرى تەرىپىدىن ئۇلارغا مىراس قالغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ، دېيىش مۇمكىن . ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى تاۋاپخانىلاردا بۇلارنى دەلىللەيدىغان نۇرغۇن يازما ئەسەر بار . ئىلمىيراق خەنزۇ خادىملىرىمۇ بۇنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن قوبۇل قىلىدۇ .»
  ئۇيغۇرلارنىڭ مەدلەر ۋە پەرەسلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۇرچۋارد مۇنداق بايان قىلىدۇ :«ئۇيغۇر ئېمپىراتورلىقىنىڭ غەربىي جەنۇپ رايونلىرىدا تاغنىڭ كۆتۈرۈلۈش ھادىسىسى سەۋەبىدىن قېيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇرلاردىن تىرىك قالغانلار تارىخ   سەھنىسىگە ئۇيغۇر ئېمپىراتورلىقىنىڭ مۇنقەرىز بولىشىدىن 8000يىل ياكى 10000 يىل كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى . بۇ ئۇزۇن تارىخي جەرياندا نۇرغۇنلىغان كىچىك قەۋملەر مەيدانغا كەلدى ۋە كۈچەيدى . تاغلارنىڭ تار ۋادىلىرى ئۇلارنى سىغدۇرالماس ھالەتكە يەتكەندە ئۆزلىرىگە يېڭى يۇرت تېپىش زۆرۈريىتى تۇغۇلدى . نەتىجىدە كۆپىيىشىگە ۋە قۇدرەت تېپىشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈزلەڭلىكلەرگە قاراپ كۆچتى . بۇ كۆچۈش مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000- يىللاردىن 1500- يىللارغىچە داۋاملاشتى   .

مەدلەر بىلەن پەرەسلەر ئۇيغۇرلار ۋاستىسى ئارقىلىق ئانا قىتئەنىڭ ئاخرايا قەبىلىلىرىدىن كەلگەن ئارىيانلار ئىدى . مەدلەرمۇ ، پەرەسلەرمۇ تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلۈش ھادىسىسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان كىچىك ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىدىن ئېمپىراتورلۇقلارغا ئايلاندى .
  چۇرچۋارد مۇناسىۋەتلىك ھالدا مۇنداق دەيدۇ :«ھىندى ئارىيانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقىنىڭ نەسلىدىن كەلگەن ئىدى ۋە تاغلار كۆتۈرۈلگەندە ھىندىقۇشقا يېقىن يەردىكى ئافغانىستان تاغلىرىدىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى . مەدلەر ۋە پەرەسلەر ئۇلارنىڭ شىمالىدىكى داۋامى ھېساپلىنىدۇ . »
  ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپادا ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسى ھەققىدە چۇرچۋارد مۇنداق دەيدۇ :«ئۇيغۇ رئېمپىراتورلىقى بۈيۈك بىر مۇستەملىكىچى ئېمپىراتورلۇق ئىدى . ئۇنىڭ تېرىتورىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممىسىنى ، تېنچ ئوكياندىن ئورال تاغلىرىغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى ۋە ياۋروپانىڭ پۈتۈن مەركىزىي نۇقتىلىرىدا مۇستەملىكە مەركەزلىرى ھەم ئولتۇراق رايونلىرى بار ئىدى . ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلىشىگە توسقۇن بولغان نەرسە پەقەت ئاتلانتىك ئوكيان ئىدى .
  ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپادا ئولتۇراقلىشىشى ئىككى قېتىملىق ئايرىم كۆچۈش دولقۇنىدا شەكىللەنگەن . 1- قېتىملىق كۆچۈشتە كەلگەنلەر ئومومەن چوڭ ماگنېتلىق ئاپەتتە ھالاك بولۇپ كەتتى . ئۇنىڭدىن كېيىن تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلۈش ھادىسىسى بولدى . بۇ قېتىمقى ئاپەتتە ھەممىسى يوق بولۇپ كەتمىدى ، بەلكى ئۈچ كىچىك گۇرۇپپا ياكى سۇلالە ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالدى . بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلىرى فرانسىيىدىكى برېتونلار ، ئىسپانىيىدىكى باسىكلار ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا '' خاس ئېرلاندىيىلىكلەر''دۇر . بۇ خەلقلەرنىڭ ھەممىسى تىل جەھەتتە ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتلىك .
  ماگنىتلىق ئاپەت ، مۇقەددەس كىتاپتىكى '' توپان'' ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلۈش ھادىسىسىدىن كېيىن ، بۈگۈنكى ''ئارىيانلار'' دەپ تونۇلغان ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا تاغلىرىدىن چۈشۈپ ، شەرقىي ياۋروپاغا تارقالدى . ماكس مۈللېرمۇ تەتقىقاتلىرىدا بۇ مەسىلىگە تېگىپ ئۆتكەن . ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپاغا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق كۆچۈشلىرىنى تىلغا ئالغان شەرق قەيتلىرى مەۋجۈت . دەسلەپكى كۆچۈش دولقۇنىدا ياۋروپاغا كىرگەنلەر تاغلار كۆتۈرۈلمەستىن بۇرۇنقى پلېيىستوسېنىك دەۋرىدە كىرگەن . ئىككىنچى قېتىملىق كۆچۈش بولسا پلېيىستوسېنىك دەۋرىدە ۋە تاغلارنىڭ مەيدانغا كېلىش ئەسناسىدا ، يەنى بىرىنچى قېتىملىق كۆچۈشتىن مىڭلارچە يىل كېيىن بولغان . دەسلەپكى ئۇيغۇرلاردىن قالغان ناھايىتى ئاز نەرسە قولغا چۈشۈرۈلگەن . بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ، يېقىندا ''بۈگۈنكى موراۋيا '' دېگەن رايوندا قولغا چۈشۈرۈلگەن نەرسىدۇر . بۇ يەردە توپان ۋە تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلۈش ھادىسىسى نەتىجىسىدە تارىخقا ئايلانغان بىر گۇرۇپپا ئىنسان ياشىغان . پۈتۈن ئولتۇراقلىشىش خارابىلىرى تاغ ئېتەكلىرىنىڭ ئاستىدىن تېپىلغان .»

  جېيمىس چۇرچۋاردنىڭ بۇ كىتابى بىزنىڭ تەسەۋۋۇر ۋە پىكىر قىلىش دائىرىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىشىمىزگە تۈرتكە بولغۇسى . شۇنى تەكىتلىمەكچىمەنكى ، بۈگۈن موڭغۇلىيىدە ياپونلار ۋە گېرمانلارنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى قېزىش پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقانلىقى مەلۇم . يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى تۈركلەرمۇ مەڭگۈ تاشلارنى رېمۇنت قىلىش ۋە ئارخېلوگىيىلىك قېزىش ئىشىغا كىرىشتى . بۇ پائالىيەتلەر يېقىن كەلگۈسىدە ، تېخىمۇ يېڭى قاراشلارنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىغا يول ئېچىشى مۇمكىن .

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2008-10-26 11:03:50

مۇشۇ قۇرۇقلۇق توغرىسىدايېزىلغان ئۇيغۇرچەكىتاپ بارمۇ.؟قەيەردىن تاپقىلى بولا

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2008-10-26 17:02:26

http://uyghurye.blogbus.com  

  ﻳﯜﺳﯜپ جاﻥ ياسىننىڭ بىرقانچە يازمىلىرىبار .

<div align=right> مۇشۇ يازمىلانى ئوقىغىنىمدا ئۇيغۇر بولۇپ يارالغانلىقىمدىن قەۋەتلا سۆينۈپ كىتىمەن </div>

eldos يوللانغان ۋاقتى 2008-10-26 17:07:52

مەن بۇ ماقالىنى 4 يىلنىڭ ئالدىدا <  تۇرپان ژورنىلى > دىن ئوقۇپ ناھايىتى ھاياجانلانغان ئىدىم . رۇسلان مۇنبىرىدە كۆرۈپ ، بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماقالىنىڭ مۇئەللىپى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يۈسۈپجان ياسىن مۇئەللىمگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرۈمەن .

xamxar1975 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-26 19:17:51

ئاللاھ قۇلىڭىزغا ئەجىر ئاتا قېلغاي !

atella يوللانغان ۋاقتى 2008-10-26 19:27:43

\"بۇلاق\" ژۇرنلىنڭ 2007-يىللىق بارلىق سانلىرنى سېتۋىلىڭ، يۈسۈپ ئىگەمبەردى مۇئەللىم روسچىدىن تەرجىمە قىلپ چىقارغىنى بار...

alip يوللانغان ۋاقتى 2008-10-27 10:05:09

ئاشۇ كىتاپنىڭ ئېنگىلىزچىسنى توردىن تاپقىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭدا ئۇيغۇر (uyghur (uighur دەپ بارمۇ، ياكى ئۇيغۇر ئىمپىريىسنى باشقىچە يازغانمىدۇ. مۇشۇ ھەقتە گەپ-سۆزلەر بولغاندا بەزىلەر ماڭا چېرچىۋاد كۆرگەن ھىندىستاندىكى ئاشۇ تاكچىلاردا راستىنلار ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى دىگەندەك سۆزلەر بارمۇ؟ دىگەندە بىر نەرسە دىيەلمىدىم.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2008-10-27 14:14:52

مۇنۇ كىتاپنى دىمەكچىما؟

http://books.google.com/books?id=q2ORwffKGkUC&pg=PA48&dq=children+of+MU

http://books.google.com/books?id=cRFxd_VJCKIC&pg=PA98&dq=children+of+MU

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2008-10-27 14:39:07

http://books.google.com/books?id=q2ORwffKGkUC&pg=PA146&dq=uighur+in+MU

mutellip1104 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-27 15:11:45

بۇ تېمىدا دىگەنلەر ئۆتكەن بىر مەزگىلدە ئۆردەك ئەپەندى يازغان تېمىلار بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىكەن، ھەقىقەتەن ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان يازمىلاردە بۇ...

urdek يوللانغان ۋاقتى 2008-10-27 21:00:32

مۇنبەر مەسئوللىرى- (ئىزدىنىش، جەۋلان) ئەپەندىملەر قوشۇلسا ((ئىشەنگۇسىز رېۋايەتلەر)) نى چىقىرىپ قويۇمەن، قوشۇلامىكىن.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2008-10-28 15:52:09

مەن بۇ مۇنبەردىكى تېمىلارنىڭ تېخىمۇ سەۋىيەلىك بولۇپ كەتكەنلىكىدىن سۆيۈندۈم ، تەشەككۈر

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-10-28 17:22:42

راست، شۈكرى..

izdinix يوللانغان ۋاقتى 2008-10-28 18:04:25

ئۆردەك ئاكا ،ئىشەنگۇسىز رىۋايەتلەر دىگەن سۆزدىنلا چىقىرىشقا بولمايدىغان يېرى يوقلىقى بىلىنىپ تۇرمامدۇ؟ مەنچە رىۋايەتنى چىقارساق چوڭ مەسلە يوق.

totem يوللانغان ۋاقتى 2008-10-28 18:13:46

ئ.ۆردەك ئاكامنىڭ تېمىسىغا ئېشتىھا ساقلىغاچ تۇراي ئەمدى.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-10-29 14:31:09

مەن ئويناپ كىلۋاتقان تور ئۇيۇنىنڭ ئىسمىمۇ MU  ياپۇننىڭ ئۇيۇنىغۇ دەيمەن.

بۇ ئۇيۇننىڭمۇ ھىكايىسى بار ئىكەندۇق.

مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟

ATTILA يوللانغان ۋاقتى 2008-10-29 20:46:02

بۇ كىتاپنىڭ تولۇق ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى قاچانمۇ كۆرەرمىز؟ ئەگەر ئېنگىلىزچە بىلسەم بىر- ئىككى يىل كەتسىمۇ تەرجىمە قىلىپ توردا بولسىمۇ ھەقسىز تارقاتقان بولاتتىم !

ئېنگىلىزچە بىلىدىغانلار يوقما؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

Yawuz يوللانغان ۋاقتى 2008-10-29 20:47:42

بۇ يەردە تەرجىمىسى قىسقىچە بولسىمۇ باركەن ئەمەسمۇ؟

بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىراتورلىقى

http://www.orkhun.com/BBS/read.php?tid=399

eldos يوللانغان ۋاقتى 2008-10-29 21:58:20

مۇ ۋە ئاتلانتىس توغرىسىدىكى بىلىملەر ئۈستىدە يۈسۈپجان ياسىن مۇئەللىمنى خېلى ئىزدەنگەن دەپ پەرەز قىلىمەن ، ئەگەر يۈسۈپجان مۇئەللىم ئىزدىنىشقا كىرىدىغانلار ئىچىدە بولسا ، بىزگە مۇشۇ توغرىسىدا كۆپەرەك بىر نەرسىلەرنى دەپ بەرگەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى . مەنمۇ بەك قىزىقىمەن بۇ < مۇ ئىمپىرىيىسى > توغرىسىدىكى بىلىملەرگە .

bahartekin-9 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-25 18:31:37

ياخشى  ئۇقاي .  ساقلىۋاب تۇياي .
بەت: [1] 2
: «غەرق بولغان Mu قىتئەسىنىڭ ئەۋلادلىرى » ناملىق كىتاپ ھەققىدە