irpan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-24 15:46:12

تارىختىكى « ئۇيغۇر زەمبىرىكى »

  < سۇڭ تارىخى > ( 宋史 ) نىڭ < ئەسكەر - ياراغ تەپسىراتى > بايانىدا قەيت قىلىنىشىچە ، جەنۇبى سۇڭ دۆلىتىدە چۈنشىنىڭ 9 - يىلى ( مىلادى 1182 - يىلى ) چىگىرا رايونلاردىكى ۋىلايەتلەردە < خۇي - خۇي زەمبىرىكى > ( 回回炮 ) گە تەقلىت قىلىپ ياسالغان زەمبىرەكلەر ئەپچىلىك ، يىراقتىكى نىشانغا تەككۈزۈش جەھەتلەردىكە بۇرۇنقى زەمبىرەكلەردىن ئېشىپ چۈشتى ، دېگەن بىر يېڭى خەۋەر ( ھەربىي تېخنىكا جەھەتتىكى بىر چوڭ يېڭىلىىق ) تارقالغان .①
  ( بۇ تارىخى خاتىرىدىكى < پاۋ > دېگەن خەت بۇ يەردە كۆيدۈرگۈچ نەرسىنىڭ پارتىلاش كۈچىنى نو شەكىللىك ئەسۋاپ ئارقىلىق جارى قىلدۇرىدىغان زەربە بەرگۈچ قورال - زەمبىرەك ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ . لېكىن شۇ زاماندىن بۇرۇن ، بۇ خەت تېىۋىپلەرنىڭ دورا ياساش جەريانىدىكى كۆيدۈرۈش ، قۇرۇتۇش ، قاقلاشتىن ئىبارەت ئىش - ھەركىتىنىلا بىلدۈرەتتى . )
  ئەينى زاماندا بۇنداق بىر يېڭى ھەربىي قورالنىڭ كەشىپ قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ نامىنىڭ < خۇي - خۇي زەمبىرىكى > دەپ ئاتالغانلىقى بۇ كەشپىياتنىڭ ئىگىسىنى ۋە ئۇنىڭ زامانىمىزدىكى ۋارىسىنى چۈشىنىشكە بىۋاستە ياردەم بېرىدۇ .
  < خۇي - خۇي > ( 回回 ) دېگەن نام مىلادى 11 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يېزىلغان < مېڭشى بېغىدا پۈتۈلگەن تەپسىرات > ( 梦溪笔谈 ) دېگەن كىتاپتا تۇنجى قېتىم ئوتۇرىغا قويۇلغان . ئۇنىڭدا بۇ نامنىڭ < ئۇيغۇر > ( 回鹘 ) دېگەن مەنىدە ئېيتىلغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن . جۈملىدىن ، ئەينى زاماندا يېڭىدىن كەشىپ قىلىنغان بۇ خىل ھەربىي ياراغنىڭ نامى < ئۇيغۇر زەمبىرىكى > ئىدى .
  فەن ۋېنلەن ئەپەندى يازغان < جۇڭگو تارىخى > دا جەنۇبى سۇڭ دەۋرىدىكى قورال - ياراغلار ھەققىدە بېرىلگەن بايانلارغا قارغاندا ② ، جەنۇبى سۇڭ دۆلىتىدە ، شاۋشىڭنىڭ 2- يىلى ( مىلادى 1132 - يىلى ) < ئوت نەيزە > ( 火箭 ياكى 长竹竿火枪 ) ياسىلىپ چىققان . ئۇ بولسا قەغەزنى 16 قات چاپلاپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئىككى گەز ئۇزۇنلۇقتا نو شەكىللىك ئەسۋاپ ياساپ ، ئۇنى ئۇزۇن نەيزىنىڭ ئۇچىغا باغلاپ ، جەڭلەردە ئوت تۇتاشتۇرۇپ ، دۈشمەننىڭ ئوتتۇرسىغا تاشلايدىغان قۇرال ئىدى . بۇنداق < ئوت نەيزە > دىن چىققان ئوت ئون گەز چامىسىدىكى دائىر ئىچىدە زەربە بېرەلەيتى .
  مىلادى 1225 - 1227 - يىللارغا كەلگەندە ، بۇنداق < ئوت نەيزە > نىڭ ئۇچىغا بېكىتىلىدىغان نو شەكىللىك ئەسۋاپ بامبوكتىن ياسىلىدىغان بولدى . بۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە ئون قەدەم يىراقلىقتقكى دۈشمەنگە زەربە بەرگىلى بولىدىغان بولدى .
  ئۇنىڭدىن بۇرۇن < ئوت توپ ( 火球 ) > دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئەسكىرى ىورالمۇ بولۇپ ئۆتكەن . مەسىلەن ، مىلادى 1161 - يىلى چاڭجىياڭ دەرياسىدا خەنۇبى سۇڭ دۆلىتى بىلەن جىن دۆلىتى ئوتۇرسىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ، جەنۇبى سۇڭ ئەسكەرلىرى گۈڭگۈرۈت ، ھاك قاتارلىقلارنى قەغەزگە ئوراپ ، قارشى تەرەپنىڭ كېمىلىرى يېقىنلاشقاندا سۇغا تاشلىغان . ھاك سۇدا ئۈركۈپ ، گۈڭگۈرۈتكە ئوت تۇتۇشۇپ ، < ئوت توپ > سۇدىن ئېتىلىپ چىقىپ پارتىلاپ ، ئەتىراپنى ئىس - تۈتەك قاپلىغان . لېكىن ئۇنى يىراقتىكى نىغانغا ئاتقىلى بولمايتى .
  مىلادى 1265 - 1274 - يىللاردىكى ئۇيغۇر زەمبىرىكى ( 回回炮 ) گە تەقلىت قىلىپ ياسالغان زەمبىرەكلەر ئالاھىدە بىر خىل ئەسكىرى قورال بولۇپ چىقتى .
  جىن دۆلىتى بىلەن موڭغۇل دۆلىتى ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ، جىن دۆلىتى بۇ خىل يىراقتىكى نىشاننى پارتىلتىدىغان قورالنى ئىشلەتكەن . بۇنداق زەمبىرەكتىن ھەر قېتىم ئېتىلغان ئوق يەر - زىمىننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ، يېرىم مو كېلىدىغان دائىرە ئىچىدىكى ئادەم ۋە نەرسىلەرنى كۆيدۈرگەن .
  شۇ زامانلاردا ، جەنۇبى سۇڭ دۆلىتىمۇ قارشى تەرەپنىڭ قەلئەلىرىگە يىراقتىن تۇرۇپ ئوق ئاتىدىغان بۇنداق زەمبىرەكلەرنى كۆپ ئىشلەتكەن .
  يۇقۇرىدىكى تارىخى بايانلار ئارقىلىق ئۇيغۇر زەمبىرىكى ۋە ئۇنىڭ رولى ، ئۈنۈمى ھەققىدە تېخىمۇ مۇئەييەن چۈشەنچە ھاسىل بولىدۇ . جۈملىدىن ، ئەينى زاماندا ئۇيغۇر زەمبىرىكى بىر يېڭى كەشپىيات ۋە ئەڭ قۇدىرەتلىك ھەربىي قورال بولۇپ قالغان .
  يۇقاردا نامى ئاتىلىپ ئۆتكەن < جۇڭگو تارىخى > نقڭ 491 - بېتىدە يەنە مۇڭغۇل ئەسكەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شەھەر - قەلئەلەرنى ئالغاندا ، ئۇ يۇرتلاردىكى ھۈنەرۋەن  - ئۇستىكارلارغا چېقىلماسلىق توغرىسىدا خان تەرەپتىن چۈشۈرۈلگەن يارلىقنى ئەستە تۇتۇپ  ،  ئۇلارنى زەخمىلەندۈرمەي تۇتۇپ خان ئوردىسىغا تاپشۇرغانلىقى ؛ ئۇستىكارلار ئىچىدە ھەربىي قورال - ياراغ ئۇستىلىرى ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر زەمبىرىكى ياسايدىغان ئۇستىلار ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىنىپ مۇئامىلە قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان .
  مىلادى 1040 - 1044 - يىللاردى يېزىلغان < ئەلەم ھەققىدە تەپسىراتلارنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى >  ( 武经总要 ) دېگەن كىتاپتا ئۈچ خىل كۆيدۈرگۈچ دورا رىتسىپى خاتىرلەنگەن . < جۇڭگۇنىڭ پەن - تېخنىكا تارىخى > دېگەن كىتاپنىڭ 2- توم 6 - بېتىدە بۇ دورا رېتسىپلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ ، بۇ دەۋىردە قوللىنىلغان كۆيدۈرگۈچ دورىلارنىڭ تەركىۋىدىكى گۈڭگۈرۈت بىلەن ئىشقارنىڭ مىقتارى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى رىتسىپلاردىن چوڭ پەرق قىلدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن .بۇنىڭدىن قارغاندا ، شىمالى سۇڭ دەۋرىدە پارتىلاپ كۆيدۈرىدىغان دورا ياساش ئۇسۇلىدا ئىلگىرلەش بولغان . ئۇ پەقەت پارتىلىتىش ، ئس - تۈتەك پەيدا قىلىش مەقسىتىدىلا قوللىنىلغان . لېكىن بۇ دەۋىردە < ئۇيغۇر زەمبىرىكى > گە تەقلىت قىلىپ ياسىلىشقا ۋە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان .
  يۇقاردا نامى تىلغا ئېلىنغان < جۇڭگو تارىخى > نىڭ 483 - بېتىدە . سۇڭ دۆلىتى < ئۇيغۇر زەمبىرىكى > گە تەقلىت قىلىپ ياساپ چىققان زەمبىرەكلەرنىڭ ئەينى زاماندا ناھايتى ئىلغار قورال بولۇپ قالغانلىقى ۋە بۇنداق < ئۇيغۇر زەمبىرىكى > دىن مۇداپئەلىنىش ئۈچۈن ، قارشى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ شەھەر سېپىللىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ، راۋاقلىرىغا شال پاخىلىدا توقۇلغان توم ئارغامچىلارنى ترتىپ ، ئۈستىگە قېلىن لاي سۈركەپ قويغان كۆرۈنۈشلىرىنىڭمۇ بارلىقى بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن . دېمەك ، ئەينى زاماندا ئۇيغۇر زەمبىرىكىنىڭ يىراقتىن چەللەپ ئېتىش ، كۆيدۈرۈش ئۈنۈمى بىسلىسىز دەرىجىدە يۇقۇرى بولغان .
  ھازىر بېيجىڭدىكى جۇڭگو تارىخى موزىيىدا يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە ، جزيۈەننىڭ 3- يىلى ( مىلادى 132 - يىلى ) ياسالغان بىر مىس زەمبىرەك ساقلانماقتا . بۇ زەمبىرەك ھازىرغا قەدەر تېپىلغان قەدىمكى ھەربىي قورال يادىكارلىقلىرى ئىچىدە دۇنيا بويىچە دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن بولغان زەمبىرەكتۇر .
  بىز يۇقۇرىدا ( ئۇيغۇر زەمبىرىكى ) دېگەن بىر سۆزنىڭ مىلادى 1182 - يىلى خەنزۇ تىلىدا پەيدا بولغانلىقى ۋە مىلادى 1279 - يىلى مۇڭغۇل ھۆكىمىرانلىرىنىڭ < ئۇيغۇر زەمبىرىكى > ياسالايدىغان ئۇستىلارنى يىغىپ كەلگەنلىكى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق . دېمەك ، جۇڭگو تارىخى موزىيىدا ساقلىنىۋاتقان 14 - ئەسىردىكى موڭغۇل زەمبىرىكى پۈتۈنلاي ئۇيغۇر ئۇستۇللىرىنى يىغىپ كەلگەندىن كېيى ياسالغان زەمبىرەكلەر ئىدى . ئۇنىڭدىن بۇرۇن مۇڭغۇل بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئوتۇرسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇشلاردا مۇڭغۇللار زەمبىرەك ئىشلەتمىگەن . شۇ زامانلاردىكى ئۇرۇشلاردا جىن دۆلىتى ۋە جەنۇبى سۇڭ دۆلىتى ئىشلەتكەن زەمبىرەكلەرمۇ دەل < ئۇيغۇر زەمبىرىكى > گە تەقلىت قىلىپ ياسالغان زەمبىرەكلەر ئىدى . بۇنداق زەمبىرەكنىڭ نامىمىۇ < ئۇيغۇر زەمبىرىكى > دەپ ئاتىلاتتى .
  مىلادى 12 - ئەسىردە ، جەنۇبى سۇڭ دۆلىتى قارشى تەرەپكە يىراقتىن ئوق ئېتىپ ، زەربە بېررىشتە يۇقۇرى ئۈنۈمگە ئىگە غالىپ ئورۇندا تۇرغۇزغان < ئۇيغۇر زەمبىرىكى >  ، ئەينى زاماندا ھەربىي سانائەت تارىخىدىكى بىر چوڭ نامايەندە ، ئۇ ئۆزىنىڭ نامى بىلەن ھەممە كىشىگە ئايان .
بىراق ، ھازىر ئەينى زاماندىكى < ئۇيغۇر زەمبىرىكى > نىڭ  ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى شەھەرلەردە ۋە قايسى تارمىقى تەرپىدىن كەشىپ قىلىنغانلىقى توغىرىسىدا تېخى تارىخى ماتىريال يوق . شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى زاماندىكى پارتىلاپ كۆيدۈرگۈچ دورۇللىرىنى رېتسىپ تەركىبى قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدىمۇ ھۆجەتلىك ماتىريال يوق . بۇ سىر بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقىقاتچىلارنىڭ ئېتىبارىنى قوزغىغۇسى .

1983 - يىل - 9 - ئاي . ئۈرۈمچى
ئىزاھلار :
①  بۇ تارىخى خاتىرە < جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا تارىخى > دېگەن خەنزۇچە كىتاپنىڭ 2- توپ 6 - بېتىدىمۇ نەقىل كەلتۈرۈلگەن .
②  1949 - يىلى چاڭچۈن نەشىرى ، 427 - 428 - بەت .
( بۇ ماقالىنىڭ دەسلەپكى ئورگىنالى < شىنجاڭ ياشلىرى > ژورنىلىنىڭ 1983- يىلى 11 - سانىدا ئېلان قىلىنغان ، ئاپتورى قۇربان ۋەلى )

atella يوللانغان ۋاقتى 2008-10-24 22:48:14

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل زەمبىرەك تېخنكسنى ياخشىلشىغا نىمە سەۋەپ بولغان؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-10-25 15:12:10

تېخى پار ماشىنىسى كەشىپ قىلىنمىغانلىقى سەۋەپ بولغان، پار پاراخوتلىرى بارلىققا كەلگەندە تەرەققىيات يىراق ئوكيانلارغا كۆچكەن،  ئۇ چاغدا يىراقلارغا تەرەققىي قىلاي دىسە خەقلەرنىڭ چىگرالىرىدا ئېشىك چېكىشكە ئاشۇ زەمبىرەكلەرنى ياخشىلاشقا توغرا كەلگەن.

atella يوللانغان ۋاقتى 2008-10-26 19:19:44

ھې ھې

konamiltik يوللانغان ۋاقتى 2008-11-20 09:00:32

مېنڭچە سىز ئۇيغۇر زەمبىرىكى يوغۇرلۇق خىلى چوڭقۇر بىلىمغا ئىگە ئىكەنسىز،مەن سىزنىڭ بۇ توغۇرلۇق كۆپراق  ئىزدىنىپ بۇ ساھادە يەنىمۇ چوڭ نەتىجىگە ئىرىشىشىڭىزگە تىلەكتاشمەن!!!!توردىشىڭىز

بەت: [1]
: تارىختىكى « ئۇيغۇر زەمبىرىكى »