irpan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-22 12:39:50

قانداق قىلغاندا ئۇستا پىروگىراممېر بولغىلى بولىدۇ؟

www.uyghurdev.net  تور بېتىدىن ئېلىندى .ئاپتورى : Designer ئىزدىنىش تور بېتىدىكى ئۇچقۇن.

(«پىروگىراممېر» ژورنىلىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىرقانچە داڭلىق پىروگىراممېر ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن ئارىيە)

  1. <div align=center> جىنشەن شېركىتىنىڭ باش دېرىكتورى لېي جۈننى زىيارەت</div>

      (لېي جۈن: جىنشەن شېركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، joyo.com نىڭ قۇرغۇچىسى، ئىلگىرى joyo.com نىڭ لېدىرلىق ۋەزىپىسىنىڭ ئۆتىگەن، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ پىشقەدەم پىروگىراممېرلارنىڭ بىرى.)

      سۇئال: سىزنىڭچە قانداق پىروگىراممېرنى مۇنەۋۋەر پىروگىراممېر ياكى ئۇستا پىروگىراممېر دىيىشكە بولىدۇ؟

      جاۋاب: پىروگىراممېرنىڭ مۇنەۋۋەر ياكى ئەمەسلىكى ئۇنىڭ تېخنىكىنى قانچىلىك پىششىق ئىگەللىگەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ساپاسى، مۇكەممەللىكنى ئىزدەش روھىدا ئىپادە تاپىدۇ. ھەقىقى ياخشى پىروگىراممېرلار قانداقتۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ياكى مەھسولاتنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈنلا خىزمەت قىلماي، بەلكى ئۆزىنىڭ بارلىق ئېقتىدارىنى ئىشقا سىلىپ پىروگىراممىنى تېخىمۇ ياخشى پۈتتۈرۈشنى ئويلايدۇ.
      نۇرغۇن پىروگىراممېرلار پىروگىرامما يېزىشنى بىر خىل ياشاش ماھارىتى دەپ قاراپ، ئۇنى ھەقىقى ياخشى كۆرمەيدۇ. نەتىجىدە بۇ ئىشنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ چىقىشقا چىدىمايدۇ. بەزى پىروگىراممېرلار تاللاشقا دۇچ كەلسە كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدۇ، راھەتنى ئىزدەيدۇ. ئۇموملاشتۇرغاندا بىر پىروگىراممېر ئۈچۈن جاپاغا چىداش روھى كەم بولسا بولمايدىغان تەلەپلەرنىڭ بىرى.
      ھازىرقى پىروگىراممېرلار جەزمەن ھەر - بىر ئىشنى ساپ ھەم ئەستايىدىل ھېسىيات بىلەن ئورۇندىشى كېرەك. ئۇزۇننى ئويلاشقاندا پىروگىراممېرلار پەقەت كودىنى ياخشى يازسىلا كۆزلىگەن باشقا نەتىجىلېرىگە ئېرىشەلەيدۇ. بەزىلەر كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىراق يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتىگە ئوخشاش ئۇزۇن يىللىق جۇغلانما تەلەپ قىلىدىغان ئىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى كۆزلىسە ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئېقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
      ھازىر جىنشەن شېركىتىدە 7-8 يۈزدەك پىروگىراممېر بار، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى داڭدارلېرىنىڭ ھەممىسى بايا مەن دەپ ئۆتكەن ئاساسى ساپالارنى ھازىرلىغان.

      سۇئال: قايسى ئېقتىدارلارنى بىر پىروگىراممېر جەزمەن ھازىرلاشقا تىگىشلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ؟

      جاۋاب: تېخنىكلارنىڭ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا مېنىڭچە ھەممىدىن مۇھىمى سان قۇرۇلمىسى، ئۇ بىر پىروگىراممېرنىڭ سەۋىيسىنى ئەڭ ياخشى ئىپادە قىلالايدۇ.
      ئالدى بىلەن پىروگىراممىدىكى مېقدارلارغا نام بېرىش ئادىتى. بۇ پىروگىراممىنىڭ كېيىنكى پەرۋىش خىزمىتىنىڭ ئاسان بولۇش ياكى بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. بىز ئولېمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان نۇرغۇن پىروگىراممېرلارنىڭ پىروگىراممىلېرىنى كۆردۇق، ئۇلارنىڭ كود يېزىش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز، بىراق يازغان كودىنى پەرۋىش قىلىش بەك تەس، شۇڭا ئەمىلى يۇمشاق دېتال تۈرىدە ئىشلىتىشكە يارىمايدۇ.
      ئىككىنچىسى سان قۇرۇلمىسى ۋە تۇراقلىق مېقدارلارغا ئېنىقلىما بېرىش. بۇ ئىككىسى پىروگىراممېرلار ئۈچۈن ياخشى ئىجادىيەت ئادىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. سان قۇرۇلمىسىنىڭ ئېنىقلىمىسى پىروگىراممىنىڭ پەرۋىش ۋە كېڭەيتىشكە قولاي بولىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسى ئامىللارنىڭ بىرى.
      ئۈچۈنچىسى ھېساپلاش ئۇسولىنىڭ بايانى، تونۇشتۇرۇلىشى ۋە سىناق پىروگىراممىسى.
      تۆتىنچىسى بىز BugFree نى تەكىتلەيمىز، يەنى پىروگىراممىنى تەڭشەش ئېقتىدارى ۋە خاتاسىز كود يېزىش ئېقتىدارى.
      بەشىنچىسى پىروگىرامما قۇرۇلمىسىنىڭ لايىھىسىنىڭ مۇۋاپىق بولىشى. بۇنىڭغا بىرقەدەر يوقۇرى دەرىجىلىك پىروگىراممېرلار بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.
      ئالتىنچىسى پىروگىراممىنىڭ ئىجىرا ئۈنۈمى، بۇ تەلەپ بىر پىروگىراممېر ئۈچۈن بىر قەدەر يوقۇرى تەلەپ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ يوقۇرى تەلەپ پىروگىرامما يازغاندا مەھسولاتنى پىلانلايدىغان ئېقتىدار بولىشى كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا ياخشى كود يېزىش ئادىتى سىزنى مۇۋەپپىقىيەتكە باشلايدۇ.

      سۇئال: ئۆزىڭىزنىڭ پىروگىراممېرلىق ھاياتىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەمسىز؟

      جاۋاب: مەن 1987 - يىلى ۋۇخەن ئۇنىۋېرستىتىنىڭ كومپىيوتېر فاكولتىتىغا كىرىپ ئوقۇدۇم. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يىللىقتا مەن ئىزچىل مۇئەللىمگە ئەگىشىپ تەجىربىخانىدا تۈر ئىشلىدىم. ئۈچۈنچى ۋە تۆتىنچى يىللېرى مەكتەپ سىرتىدىكى بىرقانچە شېركەتكە يۇمشاق دېتال ئىشلەپ بەردىم. 1992 - يىلى 1- ئايدا جىنشەن شېركىتىگە كىردىم. شۇندىن باشلاپ تاكى 1997 - يىلىغىچە مەن پىروگىراممېر بولۇپ ئىشلىدىم. 1997 - يىلىدىن كىيىن ئاندىن بىر پىروگىراممېرلىقتىن باشقۇرغۇچىلىققا ئالماشتىم.

      سۇئال: بىزنىڭ ئۇقۇرمەنلېرىمىزگە ئەمىلى ئەھمىيىتى بار يىتەكلىمىدىن بىرەرنى تەۋىسىيە قىلمامسىز؟

      جاۋاب: ئالى مەكتەپتىكى كومپىيوتېر كەسپى ئوقۇغۇچىلېرى ئالدى بىلەن ئۆزىدىن شۇ كەسىپنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىنى سوراپ بېقىشى كېرەك. چۈنكى پىروگىرامما ئىجادىيىتى بىر جاپالىق خىزمەت، بۇ خىزمەتكە ئىچ - ئىچىدىن قىزغىنلىقى بولمىسا ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش تولىمۇ تەس.
      ئۇندىن قالسا ئەمىليەتكە كۆپرەك قاتنىشىش، كۆپرەك مۇئەللىمنىڭ يېنىغا بېرىپ بىللە تۈر ئىشلەش كېرەك. يازغان كودىڭىز قانچە كۆپ بولسا ئۇنىڭ ئۆز ئېقتىدارىڭىزنى يوقۇرى كۆتۈرۈشكە بولغان پايدىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
      ھازىرنىڭ ئۆزىدە يۇمشاق دېتال كەسپىدە خىزمەت قىلۋاتقانلار جەزمەن يېڭى تېخنىكىلارنى ئۈگۈنىشىنى مەڭگۈ توختاتماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇ يۇمشاق دېتال كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكى، تېز سۈرئەتتىكى تەرەققىيات سىزدىن تېز سۈرئەتتە ئۆگۈنۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

      سۇئال: ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللېرىنى ئىشلەش بىلەن تور (Web) مۇھىتىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەشنىڭ قانداق پەرقى بار؟

      جاۋاب: تور (Web) مۇھىتىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەش ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللېرىنى ئىشلەشكە قارىغاندا تېخنىكىلىق قېيىنلىق دەرىجىسى يوقۇرى. بۇنىڭ سەۋەبى تېخنىكا تۈرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى ئېتىبار بېرىشقا تىگىشلىك نۇقتىلار كۆپەيگەنلىكىدىندور. ئۇنىڭ ئۈستىگە تور مۇھىتىدىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىشلىگەندە ئىنكاس جەزمەن تېز بولىشى كېرەك. مەسىلە بايقالغان ھامان ئۇنىڭغا ماس ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەسىلىنى ئوڭشايدىغان سۈرئەتمۇ تېز بولىشى كېرەك. شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا جەزمەن ھەر خىل نۇسخىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۆزگۈرۈشكە تېز سۈرئەتتە ماسلىشىش كېرەك.
      ئەلۋەتتە تور مۇھىتىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەش ئۇنچە تەس ئىشمۇ ئەمەس، بىراق بۇ ساھەنىڭ ئۇستىسى بولۇشمۇ ئاسان ئەمەس.

irpan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-22 12:41:17

2. شىنلاڭ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ جىدۇڭنى زىيارەت

      (ۋاڭ جىدۇڭ: شىنلاڭ (sina.com) تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنلاڭ تورىنىڭ ئىلگىرىكى باش لېدىرى. ھازىر دىيەنجى پەن تېخنىكىسىنىڭ باش دېرىكتورى.)

      سۇئال: سىزنىڭچە قانداق پىروگىراممېرنى مۇنەۋۋەر پىروگىراممېر ياكى ئۇستا پىروگىراممېر دىيىشكە بولىدۇ؟

      جاۋاب: پىروگىرامما كەسپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئون يىل ئاۋالقى ئەھۋال بىلەن ھازىرقى ئەھۋالنى سىلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئون يىل ئىلگىرى مودا پىروگىرامما تىللېرى بەك ئاز، پىروگىرامما لايىھىلەش ئۇسوللېرىمۇ نسبەتەن ئوخشاش ئىدى. شۇڭا پىروگىراممېرلار بۇ پىروگىرامما تىللېرىنىڭ ئاساسى ئېقتىدارى ۋە مۇھىم نۇقتىلېرىنى ئاسانلا ئىگەللىۋالالايتتى. ھازىر پىروگىرامما تىلىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، مودا پىروگىرامما تىللېرى كۆپ قۇتۇپلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ، ھەر خىل ئىجادىيەت قۇرۇلمىلېرى ۋە ئىجادىيەت سۇپىلېرى كۆپلەپ بارلىققا كىلىۋاتىدۇ.
      بىر ئۇستا پىروگىراممېر ئالدى بىلەن كۈچلۈك ئۈگۈنۈش ئېقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك. ئۇچۇر تېخنىكىسى توختىماي تەرەققى قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرەققىيات سۈرئىتىمۇ بارغانسېرى تىزلىشىپ ماڭىدۇ. پىروگىراممېرلار توختىماستىن ئۈگۈنۈش ئارقىلىقلا ئەڭ يېڭى تېخنىكىنى ئىگەللەش بىلەن بىرگە بۇ كەسىپنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى توغرا تونۇپ، ئۆز كەسپىگە بولغان كۈچلۈك سەزگۈرلىگىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
      ئۇندىن قالسا ئۇچۇر دەۋرىدىكى قۇرللارنى ئىزدەش ۋە ئىشلىتىش ئېقتىدارىمۇ مۇھىم. بىر مۇنەۋۋەر پىروگىراممېر ئادەتتە ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللارنى داۋاملىق توپلاپ تۇرىشى، ناۋادا بۇ ماتېرياللار كېرەك بولۇپ قالسا ھەر ۋاقىت ئىزدەپ تېپىپ كۆرۈپ تۇرىشى ھەم ئۇنى خىزمەت ئەمىليىتىدە ئىشلىتەلىشى كېرەك.
      بۇندىن باشقا تاشقى بايلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئېقتىدارىمۇ ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى ئېنتېرنەتتە ھەرخىل تېخنىكىلىق تور بېكەتلەر كۆپ، بىز مۇشۇنداق بىكەتلەردىن ئۆزىمىزگە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلالايدىغان ئادەملەرنى ئىزدەپ تاپالايمىز.
      ئەلۋەتتە، كوللىكتىپ ئىچىدىكى ھەمكارلىق ئېقتىدارىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. يۇمشاق دېتالنىڭ مەھسولاتلىشىشىغا ئەگىشىپ پىروگىراممېرلار يالغۇز «كۆرەش» قىلىدىغان ھالەت ئاخىرلىشىپ، كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدىكى ئىجادىيەت دەۋرى باشلاندى. ھەر قانداق بىر ياخشى يۇمشاق دېتال مەھسولاتى جەزمەن كوللىكتىپنىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدا، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بارلىققا كىلىدۇ.

      سۇئال: قايسى ئېقتىدارلارنى پىروگىراممېرلار جەزمەن ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئېقتىدار دەيمىز؟ بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسىلېرى ئەڭ مۇھىم؟

      جاۋاب: پىروگىرامما ئىجادىيتى ئۇنىڭ مەلوم كەسىپتىكى كونكېرت قوللىنىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. پىروگىراممېرلارنىڭ خىزمەت دائىرىسى ۋە خىزمەت ئۇسولى ئوخشاش بولمايدۇ. ھازىرقى پىروگىراممېرلار ئاللىقاچان كەسىپلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. ئوخشىمىغان كەسىپنىڭ پىروگىراممېرلارنىڭ ئېقتىدارىغا قويىدىغان تەلىپى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن پىروگىرامما تىلىنى ئېلىپ ئېيتساق بەزى كەسىپلەردە ++C تىلىغا پىششىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنە بەزى كەسىپلەر Java تىلىغا پىششىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر چوڭ يۇمشاق دېتال تۈرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دائىرە تېخىمۇ كەڭ، تۈرنىڭ ئوخشىمىغان ئىجادىيەت باسقۇچىدا پىروگىراممېرلارغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ھەر-بىر ئادەمدىن ئۆز ئېقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

      سۇئال: ئۆزىڭىزنىڭ پىروگىراممېرلىق ھاياتىڭىز ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەمسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ بۇ كەسىپتىن يەكۈنلىگەن تەجىربىلېرىڭىزگە باغلاپ سۆزلەپ باقسىڭىز.

      جاۋاب: مەن ئالى مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ پىروگىرامما تۈزۈشكە باشلىغان. ئۇ چاغدا Basic تىلى ۋە ئاسسامبېل تىلىنى ئىشلىتىپ پىروگىرامما يازاتتۇق، C ۋە ++C تىلىنى قوشۇمچە ئىشلىتەتتۇق. مېنىڭ ھەقىقى كەسپى پىروگىراممېرلىق ھاياتىم 1989- يىلى بېيدا فاڭجىڭ شېركىتىگە كىرىشىم بىلەن باشلانغان، 1994 - يىلى ئاياقلاشتى. ئۇ چاغلاردا ئاساسەن «يالغۇز كۈرەش» قىلىشنى ئاساس قىلاتتۇق. بۇ خىل ئەھۋال تاكى بېيدا فاڭجىڭ شېركىتى مەھسولاتلىشىشقا يۈرۈش قىلغىچە داۋاملاشتى. 1994- يىلىدىن كىيىن مەن بارا-بارا كەسپى دېرىكتورلۇققا قاراپ تەرەققى قىلدىم. كونكېرت ئېيتقاندا مېنىڭ پىروگىراممېرلىق ھاياتىم 1997-يىلىغا كەلگەندە ھەقىقى ئاياغلاشتى. بۇ جەرياندا مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگۈنۋالدىم.
      بىرىنچىسى پىروگىراممېرلارغا خاس ئىلمى تەپەككۇر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈردۈم. پىروگىرامما يېزىش بىلەن باشقۇرۇش ئېلىمى بەزى نۇقتىلاردا شۇنداق ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن ھازىر بار بولغان چەكلىك بايلىقنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش دىگەندەك. بۇ جەرياندا يېتىلدۈرگەن تەپەككۇر قىلىش ئۇسولى ماڭا نۇرغۇن پايدا يەتكۈزدى. ئىككىنچىسى مېنىڭ تېخنىكىغا بولغان سەزگۈرلۈگۈمنى ئۆزلىكسىز ساقلاپ قىلىشىمغا تۈرتكە بولدى. ئېنتېرنەت دەۋىرىدە يۇمشاق دېتال ئىشلەپ ئىگىلىك يارىتىشتا، تېخنىكا ساھەسىگە بولغان سەزگۈرلۈك ئىگىلىك ياراتقۇچىلار ئۈچۈن نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كىلىدۇ. ئۈچۈنچىسى يۇمشاق دېتالنى مەھسولاتلاشتۇرۇش جەريانىدا كوللىكتىپ ھەمكارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەجىربىلەرگە ئىگە بولدۇم. بۇ مېنىڭ كېينكى شىنلاڭ تورى ۋە دىيەنجى پەن-تېخنىكىسىنى قۇرۇشۇمدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇنىدىن باشقا ئۆزەم پىروگىراممېر بولۇپ باققاچقا قول ئاستىمدىكى تېخنىكلارغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىمەن. شۇڭا ياخشى بىر خىل تەتقىقات باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلالىدىم.

      سۇئال: سىز قانداق قىلىپ بىرەر ئاددى سۇئال ئارقىلىقلا بىر پىروگىراممېرنىڭ ئۇستا پىروگىراممېر ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلالايسىز؟

      جاۋاب: مەن سىناق ئوبىكتىدىن ئۆزى ئەسلەشكە تىگىشلىك دەپ قارايدىغان خىزمەت ياكى تۈر ئىجادىيەت كەچۈرمىشىنى بايان قىلىپ بېقىشنى سورايمەن. ئەلۋەتتە، سىناق ئوبىكتىنىڭ جاۋابى نۇرغۇن قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بىزگە ئاشكارلايدۇ. مەسىلەن ئۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىنىڭ خىزمەت كەچۈرمىشى ۋە تەجىربىسىنى تىلغا ئالامدۇ-يوق دىگەندەك. بۇنىڭدىن ئۇ كىشىنىڭ خىزمەتكە قانچىلىك قىزغىنلىقىنى، قانچلىك كۈچ سەرەپ قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىز پىروگىرامما تۈزۈشنى قىزغىن سۆيىدىغان، پىروگىراممېرلىق كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان پىروگىراممېرلارغا مۇھتاج. بۇندىن باشقا مەن قول ئاستىمدىكى دىيەنجى پەن-تېخنىكىسىدىكى خادىملارنىڭ پىروگىرامما تۈزۈشتىن باشقىمۇ قىزىقىشلېرىنىڭ بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ خاسلىقىنى جارى قىلدۇرغىلى، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق نامايەن قىلدۇرغىلى، ئۇلارنى تېخىمۇ مول ئىجادىيەت كۈچىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

      سۇئال: بىزنىڭ ئوقۇرمەنلېرىمىزگە قانداق ئەمىلى ئەھمىيەتكە ئىگە تەۋىسىيىلېرىڭىز بار؟

      جاۋاب: مېنىڭچە ئاساسى بىلىملەر ئىنتايىن مۇھىم. بىرەر پىروگىرامما تىلىنى جەزمەن پىششىق ئىگەللەش كېرەك، مەسىلەن ++C، Java دىگەندەك. ئۇندىن باشقا سانداننىڭ ئاساسى پىرىنسىپى، سان قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسى ئىدىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم ئاساسلار ھېساپلىنىدۇ.
      يەنە بىرسى قول سىلىپ ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈش. بىر لاياقەتلىك ياكى مۇنەۋۋەر پىروگىراممېر بولۇش ئۈچۈن پەقەتلا كىتاپتىكى مەشىقلەرنى ئىشلەش كۇپايە قىلمايدۇ، جەزمەن ئۆز قولى بىلەن ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. پەقەت ئەمىلى مەشغۇلات جەرياندىلا سىز كىتاپتا تىلغا ئېلىنمىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كىلىسىز، كىتاپتىن تاپقىلى بولمايدىغان بىلىملەرگە ئىگە بولىسىز.

irpan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-22 12:41:52

3. 3721 تورىنىڭ قۇرغۇچىسى جۇ خوڭيىنى زىيارەت

      (جۇ خوڭيى: 3721 تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئىگىرى ياخۇ شېركىتىنىڭ جۇڭگو رايونى باش دېرىكتورى بولغان، ھازىر چىخۇ شېركتىنىڭ باش دېرىكتورى)

      سۇئال: سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە قانداق پىروگىراممېرنى مۇنەۋۋەر پىروگىراممېر دەپ قاراشقا بولىدۇ؟

      جاۋاب: مېنىڭچە مۇنەۋۋەر پىروگىراممېر جەزمەن ھازىرلاشقا تىگىشلىك ساپا تۈۋەندىكىچە: بىرىنچىسى مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولىشى كېرەك. ھازىر نۇرغۇن يېڭى تېخنىكىلار، يېڭى قۇراللار، يېڭى پىروگىرامما تىلى ۋە يېڭى سۇپىلار بارلىققا كەلدى. لېكىن بۇ يېڭى تېخنىكىلارنىڭ ئاساسى يەنىلا سان قۇرۇلمىسى، مەشغۇلات سېستىمىسى، سېستىما قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئاساسى بىلىملەرگە بېرىپ تاقىشىدۇ. ئىككىنچىسى ئىدىيە كۆز قارىشى ئوچۇق بولىشى، توختىماي ئۈگۈنۈپ، مۇستەھكەم ئاساسىغا ئۆزلۈكسىز يېڭى بىلىملەرنى تولۇقلاپ تۇرىشى كېرەك. ئۈچۈنچىسى قەيسەر، مۇستەھكەم ئىرادىگە ئىگە، ئاسان ئىچى پۇشمايدىغان بولىشى كېرەك. چۈنكى پىروگىرامما تۈزۈش نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن زېرىكىشلىك تۇيۇلىدىغان بىر ئىش. ناۋادا ئاسانلا زېرىكىپ قالسا بىرەر ئىشنى ئاسان ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ.

      سۇئال: سىزنىڭچە پىروگىراممېرلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئاساسى ئېقتىدارلار قايسى؟

      جاۋاب: ئالى مەكتەپتە ئۈگەنگەن كەسپى بىلىملەردىن باشقا، مەشغۇلات سېستىمىسى دەرىجىسىدىكى بىلىملەرنى ئىگەللەش ئىنتايىن مۇھىم. ھازىرقى پىروگىرامما تىللېرى بارغانسېرى ئىلغارلىشىپ بارغاچقا، بەزىلەر پىروگىرامما يازغاندا بەزى ئىنچىكە نۇقتىلارغا ئانچە ئېتىبار بەرمەسلىكى مۇمكىن. ئەمىليەتتە سىز ئۆزىڭىز يازغان ھەر بىر قۇر كودىنىڭ زادى قانداق ئىجىرا بولىدىغانلىقىنى بىلمىسىڭىز، پىروگىرامما كودى ئارقىلىق كومپىيوتېرنى باشقۇرۇشىڭىز تولىمۇ تەسكە توختايدۇ. شۇڭا ئاسسامبېل تىلى ۋە كومپىيوتېر سېستىما قۇرۇلمىسىغا ئائىت بىلىملەرنى چۈشۈنۈش ئىنتايىن مۇھىم.

      سۇئال: ئۆزىڭىزنىڭ پىروگىراممېرلىق ھاياتىڭىزدىكى مۇھىم كەچۈرمىشلېرىڭىزنى بايان قىلىپ باقامسىز؟

      جاۋاب: مەن ئوتتۇر مەكتەپتىن باشلاپ كومپىيوتېر بىلەن ھەپىلىشىشكە باشلىغان. ئۇ چاغلاردا مەن ئالما شېركىتىنىڭ كومپىيوتېرلېرىدا Basic تىلىدا پىروگىرامما تۈزەيتتىم. ھازىر ئويلىسام بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسولى بىر خىل مەغلوبىيەتكەن. چۈنكى قۇرۇلمىلىق پىروگىراممىنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا Basic تىلى سىزگە ئانچە مۇھىم بولمىغان بىر قاتار «چارە-ئامال»لارنى ئۈگىتىدۇ. مەسىلەن «بىرلا قۇرلۇق پىروگىرامما»، «ئۆزگەرگۈچى مېقدارلارنىڭ نامى قانچە قىسقا بولسا شۇنچە ياخشى» دىگەندەك. شۇڭا ئۇ دەۋىردىكى مۇنەۋۋەر پىروگىراممېرلار كىيىن تېخنىكىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا ماسلىشالماي قالدى.
      ئالى مەكتەپتە مەن كومپىيوتېر ئوقۇغان. مەن ئاساسى پەنلەرنى ئۈگۈنۈشكە نۇرغۇن كۈچ سەرىپ قىلىپ، ئاساسىمنى مۇستەھكەملىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇن ئەمىلى پائالىيەتلەرگە قاتناشتىم مەسىلەن بىر قىسىم تەتقىقات تىمىلېرى ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەش دىگەندەك. ماڭا تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان پىروگىرامما تىلى Borland شېركىتىنىڭ Turbo C ۋە Turbo Pascal تىلى. ئاسپىرانتلىقنى ئوقىۋاتقان ۋاقتىمىدا مەن VC بىلەن تۇنۇشتۇم ۋە VC تەمىنلىگەن ئەسلى كود ئامبىرىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم. ئاسپىرانتلىقنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ساۋاقداشلېرىم بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر ۋىروسقا قارشى قاتتىق دېتالنى ئىشلەپ چىقتۇق. كونكېرت ئېيتقاندا بۇ يۇمشاق دېتالنى قاتتىق كاردقا مۇقىملاشتۇرغان بىرنەرسە ئىدى. پۈتۈنلەي ئاسسامبېل تىلى ئارقىلىق يېزىپ چىقىلغان. بۇ ئارقىلىق مەن IBM386 سېستىمىسى بىلەن تولۇق تونۇشۇپ چىقتىم. ئۇ چاغدا مەن قىلغان يەنە بىر ئىش DOS سېستىمىسىنى تەتۈر تەرجىمە قىلىش بولىدى، مۇشۇ باھانىدا ئۇنىڭ ئەسلى كودىنىمۇ بىر قۇر ئوقۇپ چىقتىم. مېنىڭ ھېس قىلغىنىم، ئاساسى قاتلامدىكى نەرسىلەرنى ئېنىق ئىگەللىۋالساقلا كىيىن مەيلى قانداق يېڭى قۇرۇلما، يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسى، يېڭى پىروگىرامما تىلىغا يولۇقمايلى ئۇلارنى ئاسانلا ئىگەللەپ كىتەلەيمىز.
      ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتكەندىن كىيىن بېيدا فاڭجىڭ شېركىتىگە كىرىپ چوڭ تىپتىكى مۇلازىمېتېرلاردىكى Unix سېستىمىسىدە پىروگىرامما تۈزۈدۈم. بۇ نەرسىلەر بىلەن تۇنجى ئۇچىراشقاندىمۇ ئانچە كۆپ قېيىن تۇيۇلمىدى، مېنىڭچە بۇ مىنىڭ ئىلگىرى ھاسىل قىلغان مۇستەھكەم ئاساسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. بېيدا فاڭجىڭ شېركىتىدە ئىشلەش جەريانىدا ئېرىشكەن پۇرسەتلېرىمنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى مېنىڭ ئېنتېرنەت بىلەن ئۇچىرىشىشىم بولدى. شۇندىن ئىتىبارەن مەن ئېنتېرنەت يۇمشاق دېتاللېرىنى ئىشلەشكە كىرىشتىم. ئەينى ۋاقىتتا ئېنتېرنەتكە نۇرغۇن ئادەم ھېرىسمەن ئىدى. بىراق ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى يۈزەكى نەرسىلەرگىلا ئېسىلۋادى، مەسىلەن تور مۇلازىمىتېرى قۇرۇش، تور بەت ياساش دىگەندەك. لېكىن مەن ئاساسى قاتلامدىكى ئېنتېرنەت كودلېرىنى، مۇناسىۋەتلىك كىلىشىملەرنى بىر قۇر تەتقېق قىلىپ چىقتىم. بۇ ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئېنتېرنەت ھەققىدىكى چوڭقۇر تونۇشۇم مېنىڭ كېيىن 3721 قوشۇلمىسىنى ئىشلىشىم ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس بولدى.

      سۇئال: ناۋادا سىزگە بىرلا سۇئال ئارقىلىق بىر پىروگىراممېرنىڭ «ئۇستا» پىروگىراممېر ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بېرىسەن دىسە سىز قانداق سۇئال سورايسىز؟

      جاۋاب: ئەمىليەتتە مەن بۇ خىل «ئۇستا» قارىشىغا قارشى. چۈنكى بىر ئادەم بىرەر ساھەدە مەلوم ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولسىمۇ ئۇنى شۇ ساھەنىڭ «ئۇستىسى» دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بىرلا سۇئال ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ سەۋىيىسىگە ھۆكۈم قىلىش بىرقەدەر قېيىن. ناۋادا زادى شۇنداق قىلىسەن دەپ تۇرۋالسا مەندە مۇنداق ئىككى خىل ئامال بار. ناۋادا پىروگىراممېرنىڭ ئاساسىنى سىنا دىسە مەن ئۇنى C پىروگىراممىسىغا ئاساسەن ماس ئاسسامبېل كودىنى يېزىپ چىقىشقا بۇيرۇمەن. ناۋادا ئۇنىڭ تەجىربىسىنى سىنا دىسە مەن ئۇنى ئۆزى ئىشلىگەن بىرەر تۈرنى بايان قىلىشقا بۇيرۇمەن، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ قانداق قانداق پىكىر قىلىدىغانلىقىنى، مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

      سۇئال: يۇمشاق دېتال كەسپىگە قەدەم قۇيۇش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا ۋە بۇ ساھەگە يېڭىدىن قەدەم قويغان پىروگىراممېرلارغا قانداق تەشەببۇسىڭىز بار؟

      جاۋاب: نەتىجە قازىنىشقا ئالدىرىماسلىق، ئاساسنى مۇستەھكەم قۇرۇش كېرەك. پىروگىرامما يېزىش خۇددى گۇمپا مەشىق قىلغانغا ئوخشايدۇ، ئىچكى كۈچى قانچە كۈچلۈك بولسا نەتىجىسىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا يېڭىچىلار جەزمەن ئاساسى بىلىملەرنى پۇختا ئىگەللىشى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭى «ئىچكى كۈچى» نى كۈچەيتىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ھەرخىل ئۆزگۈرۈشكە تاقابىل تۇرغىلى، كەلگۈسىدە قانداق پىروگىرامما تىلىنى ئۈگەنمىسۇن ئۇنى ئاسانلا ئىگەللىگىلى بولىدۇ. يېڭىچى پىروگىراممېرلار جەزمەن كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تەييار كودلارنى ئوقۇشى كېرەك. كونىلار قالدۇرغان كودلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئۈگۈنۈشكە ئەرزىيدىغان مىسال بۇلالايدۇ. ئۇندىن باشقا ئەمىليەتكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، بىر ئىككى يۈزمىڭ قۇر كود يازماي تۇرۇپ ياخشى پىروگىراممېر بولىمەن دىيىش تەس.
      ھازىر مۇنداق بىر خىل كۆز قاراش مەۋجۇت: پىروگىراممېرلار ياشلىقىنىڭ نېنىنى يەيدۇ. مېنىڭچە بۇ خىل قاراش خاتا. ئەمىليەتتە پىروگىراممېرلارنىڭ بۇ كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇلماسلىقىدىكى سەۋەب يېشىنىڭ چوڭايغانلىقىدا ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئاساسىنىڭ مۇستەھكەم بولمىغانلىقى سەۋەبى بۇ كەسىپنىڭ ئۆزگۈرۈشكە ماسلىشالمىغانلىقىدا. مەن بەزى پىروگىراممېرلارنى تونۇيمەن، ئۇلار 40 ياشقا كىرىپمۇ پىروگىرامما يېزىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ كەسىپتىكى «ئالتۇن دەۋرى» تېخى ئۇزۇن، چۈنكى ئۇلارنىڭ تېخنىكا ئاساسى بىرقەدەر پۇختا.

irpan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-22 12:42:22

  4. چىڭخۇا ئۇنىۋېرستىتىنىڭ پىروفىسسورلېرى ۋۇ ۋېنخۇ ۋە شۈ مىڭشىڭنى زىيارەت

      (ۋۇ ۋېنخۇ: چىڭخۇا ئۇنىۋېرستىتى كومپىيوتېر فاكولتىتىنىڭ پىروفىسسورى، دوكتور ئاسپىرانت يىتەكچىسى. تەتقىقات نىشانى: تاۋۇش پەرىقلەندۈرۈش، تىل چۈشەندۈرۈش.)
      (شۈ مىڭشىڭ: دوكتور، چڭخۇا ئۇنىۋېرستىتى كومپىيوتېر فاكولتىتىنىڭ دوتسېنتى، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلېرى ۋە 863 يوقۇرى پەن-تېخنىكا تۈرى تەتقىقاتىغا قاتناشقان.)

      سۇئال: ۋۇ پىروفىسسور، سىزنىڭچە بىر مۇنەۋۋەر پىروگىراممېر قانداق بىلىملەرنى ئىگەللىشى كېرەك؟ مۇنەۋۋەر پىروگىراممېر بولۇش ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟

      ۋۇ ۋېنخۇ: مېنىڭچە ئاساس ئىنتايىن مۇھىم. پىروگىرامما تۈزۈش ئەقلى ئەمگەك ۋە جىسمانى ئەمگەك بىرلەشكەن مۇرەككەپ خىزمەت. ئۇ مۇستەھكەم ۋە چوڭقۇر ئاساس تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان ئاساس پەقەت مەدىنيەت ئاساسىنىلا كۆرسەتمەي بەلكى ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، ئەدىبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئاساسنى كۆرسىتىدۇ.
      شۈ مىڭشىڭ: شۇنداق، بۇ ئاساس ھەقىقەتەن ئەدىبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىجتىمائى پەن ئاساسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەلوم مەنىدىن ئېيتقاندا پىروگىرامما لايىھىلەش بىر خىل سەنئەت، شۇڭا ئۇ سەنئەتكە ماس ئىجادىيەت كۈچىگە مۇھتاج.
      ۋۇ ۋېنخۇ: يۇمشاق دېتال لايىھىلەش ھەقىقەتەن ئىجادىيەت كۈچى تەلەپ قىلىدىغان مۇرەككەپ خىزمەت. بۇنىڭ ئىچىدە ماتېماتىكا ئاساسى ئېنتايىن مۇھىم. مەن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىماتىكىنى تىلغا ئالسىلا بېشى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. بۇنداق بولسا پىروگىرامما لايىھىلەشنى قانداقمۇ ياخشى ئۈگەنگىلى بولسۇن؟

      سۇئال: فېن. نىيۇمەن دەۋرىدە پەقەت ماتىماتېكلارلا پىروگىرامما تۈزەلەيتتى، لېكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس، سىز بۇ ئىشقا قانداق قارايسىز؟

      ۋۇ ۋېنخۇ: ماتىماتىكىنىڭ ئۆزى بىر خىل تەپەككۇر قىلىش ئۇسولىدىن ئىبارەت. كومپىيوتېر مەيدانغا كەلگەندىن باشلاپلا ماتېماتىكا بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ كەلدى. پىروگىراممېرلار كومپىيوتېردىن ئىبارەت بۇ ئىنسانىيەت ئىجاد قىلغان ئېدىراك قۇرالى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جەزمەن مەسىلىنى ئابىستىراكىتلاش ۋە شۇ ئاساستا ماتېماتىكىلىق مودېلىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. شۇڭا پىروگىراممېرلار جەزمەن ماتېماتىكا بىلمىسە بولمايدۇ. پىروگىراممېرلارنىڭمۇ دەرىجىسى بولىدۇ، مەسىلەن ئالى پىروگىراممېر، ئالى قۇرۇلما ئېنژىنېرى دىگەندەك. لېكىن مەيلى قايسى دەرىجىدىكى پىروگىراممېر بولسۇن جەزمەن مۇشۇخىل ئېقتىدارنى ھازىرلىشى كېرەك. شۇڭا ئاساس ئېنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ ماتېماتىكا ئاساسى. بۇ يەردە ماتېماتىكىنى قۇرۇق يادلاپ، مەجىبورى كومپىيوتېرغا تاڭسا بولمايدۇ. جەزمەن قانداق قىلىپ ماتېماتىكىنى ئەمىلى مەسىلە بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئويلىشىش كېرەك. مەسىلەن شۈ مىڭشىڭ بېرىدىغان «سىگىنال بىرتەرەپ قىلىش پىرىنسىپى» دەرىسىگە ئوخشاش، نۇرغۇن ماتېماتىكا بىلىملېرى ۋە كۈچلۈك پىروگىرامما لايىھىلەش ئېقتىدارى بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
      شۈ مىڭشىڭ: بىز ئوقۇغۇچىلاردىن ماتېماتىكىنى «بۇ فورمىلا  مۇنداق مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ، ئۇ فورمىلا ئۇنداق ۋەزىپىنى ئورۇندايدۇ» دەيدىغان قۇرۇق قائىدە پىرىنسىپ قىلۋالماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز. ئوقۇغۇچىلار ماتېماتىكا بىلىملېرىنى ئۈگۈنۈش ۋە ئىگەللەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ماتېماتىكىلىق تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. مەسىلەن بىز پىروگىرامما لايىھىلەش جەريانىدا دائىم قۇرۇلمىسىمان تەپەككۇر قىلىش ئۇسولىنى ئىشلىتىمىز. بۇ خىل ئۇسول ماتېماتىكىدىكى ياردەمچى سىزىق قوشۇش، ياردەمچى فونكىسىيە ئىشلىتىش دىگەندەك تەپەككۇر ئۇسولى بىلەن ئوخشاش. شۇڭا بۇ خىل قۇرۇلمىسىمان ماتېماتىكىلىق ئۇسولنى چۈشۈنۈش بىزنىڭ يوقۇرى سۈپەتلىك پىروگىراممىلارنى ئىشلىشىمىزدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىر يۇقۇرى سۈپەتلىك پىروگىرامما جەزمەن باشقىلارنىڭ دىلىنى سۈيۈندۈرىدىغان، پىروگىرامما كودىنى ئوقۇغان ئادەمگە خۇددى بىر ياخشى رۇمان ئوقۇغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان بولىشى كېرەك. بۇنداق يۇقۇرى سۈپەتلىك پىروگىرامما سىزگە لايىھىلىگۈچىنىڭ ئىدىيىسىنى ئوچۇق كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدۇ.

      سۇئال: ھازىر كومپىيوتېر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىىشلەر ئالى مەكتەپلەردىكى كومپىيوتېر دەرىسلېرى ئەمىلى ئېھتىياجدىن يىراقلىشىپ كەتتى دەپ قارايدىكەن، سىلەر بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟

      ۋۇ ۋېنخۇ: ھەقىقەتەن شۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت. بىزنىڭ دەرىسلىكلېرىمىزگىمۇ توختىماي ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۋاتىدۇ. بىراق مەكتەپتە مۇھىمى ئاساس يارىتىش. بىز كونكېرت دەرىسلىكلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىلمى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە ئۈگۈتىمىز.
      شۈ مىڭشىڭ: مەن كومپىيوتېر تېخنىكىسى ئۈگۈنۈش ۋە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە خىزمەت قىلىشنى ئەڭ قىزىقارلىق خىزمەت دەپ قارايمەن، چۈنكى سىزگە ئۈگەنگىلى يېڭى نەرسە چىقىپلا تۇرىدۇ، بۆشۈكتىن تۆشۈككە كىرگۈچە ئۈگۈنىدىغان گەپ. چۈنكى كومپىيوتېر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئېنتايىن تېز، سىز ھەرقانداق ۋاقىتتا يېڭى بىلىم، يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى قوللىنىشلارغا ئۇچۇراپ تۇرىسىز، شۇ ئاساستا سىزدە يېڭى ئىلھام شەكىللىنىدۇ.
      ۋۇ ۋېنخۇ: ئۇندىن باشقا بىز دەۋاتقان ئاساس ھەرگىز بىناكارلىق ئىلمىدىكى ئاساسنى كۆرسەتمەستىن بەلكى ئۆزلۈكسىز چوڭىيىپ زورىيىدىغان «بىئولوگىيە» نۇقتىسىدىكى ئاساسنى كۆرسىتىدۇ. پىروگىراممېرلارنىڭ ماتېماتىكا ئاساسى جەزمەن كونكېرت مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىلىشى كېرەك، ئاق قەغەز، قارا سىيا بولۇپ قالسا بولمايدۇ. پىروگىرامما لايىھىلەشتىكى ئىجادچانلىق پىروگىراممېرنىڭ كۈزۈتۈش ئېقتىدارى، تەپەككۇر قىلىش ئېقتىدارى ۋە ئەمىلى قوللىنىش ئېقتىدارىدا ئىپادىلىنىدۇ.
      شۈ مىڭشىڭ: پىروگىرامما تۈزۈش ئۈچۈن ئەقىل ئىدىراك كوئىغىسېنتى بولۇشتىن باشقا يەنە ھېسىيات كوئىغىسېنتى بولىشى كېرەك. ھازىرقى يۇمشاق دېتاللارنى ھەرگىزمۇ بىر ياكى بىر قانچە ئادەمنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا ئىشلەپ كەتلىكى بولمايدۇ. شۇڭا كۆپۈنچى ھالەتتە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھەمكارلىقىغا تايىنىدىغان گەپ، شۇڭا ھەمكارلىشىش ئېقتىدارىمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

      سۇئال: بىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتى يوق ئادەم يۇمشاق دېتال كەسپىنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن قايسى دەرىسلەرن ئۈگەنسە مۇۋاپىقراق؟

      شۈ مىڭشىڭ: بۇ خىل ئەھۋالدا جەزمەن ئەمىليەتتە تاينىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ يېتەرلىك ۋاقتى بولمايدۇ.
      
ۋۇ ۋېنخۇ: بۇ مەسىلىگە بىزنىڭ دەرىسلىك ئوقۇتۇش گۇرۇپپىمىز ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتىمىز. بىز ئۇنى «ۋەزىپە قوزغاتما ئۇسولى» دەپ ئاتىدۇق. بۇنىڭدا بىر قىسىم جانلىق مىساللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كومپىيوتېر تېخنىكىسىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى چۈشۈنىشىگە ياردەم قىلىمىز.
      
شۈ مىڭشىڭ: «ۋەزىپە قوزغاتما ئۇسولى» خۇددى بۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئېنگىلىز تىلى ئۈگۈنۈشتە مودا بولىۋاتقان «تەتۈر يۈنۈلۈشتىكى ئۈگۈنۈش ئۇسولى»غا ئوخشاپ كېتىدۇ. ھەر-بىر مەسىلىنى ھەل قىلغاندا سەۋىيىڭىز ئازراق يوقۇرى كۆتۈرۈلىدۇ. سەۋىيىرىڭىزنىڭ ئۆسكەنلىكىنى ھەقىقى ھېس قىلالايسىز. بۇ نۇقتا ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن بەك مۇھىم. شۇڭا «ۋەزىپە قوزغاتما ئۇسولى» سىزگە ئەمىلى مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانىدا كەسپى بىلىملەرنى ئۈگۈتىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئۈگەنگۈچىنىڭ قىزىقىشىنى تېخىمۇ قوزغۇغىلى، ئۈگەنگەن بىلىمنى ئۇزۇن ئەستە ساقلىغىلى، پىروگىراممېرلارنى تېخمۇ كۆپ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

irpan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-22 12:42:44

5. Baidu تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ليۇ جيەنگونى زىيارەت

      (ليۇ جىيەنگو: Baidu تورىنىڭ قۇرغۇچىلېرىنىڭ بىرى، Baidu شېركىتىنىڭ CTO سى بولغان، دۆلەت ئىچىدىكى ئىزدىگۈچ تېخنىكىسى مۇتەخەسىسى)

      سۇئال: سىزنىڭچە مۇنەۋۋەر پىروگىراممېر زادى قانداق بولىدۇ؟

      جاۋاب: مېنىڭچە بىر پىروگىراممېرنىڭ مۇنەۋۋەر ياكى ئەمەسلىكىنى ئىككى نۇقتىدىن باھالاش كېرەك، يەنى «يۇمشاق دېتال» ئېقتىدارى ۋە «قاتتىق دېتال» ئېقتىدارى. بۇ يەردە ئېيتىلغان «يۇمشاق دېتال » ۋە «قاتتىق دېتال» ئادەمنىڭ ساپاسىغا قارىتا ئېيتىلغان، ھەرگىزمۇ كومپىيوتېردىكى يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتالنى كۆرسەتمەيدۇ. قاتتىق دېتال جەھەتتىكى ساپاسى ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بىرى مۇستەھكەم ئاساس، مەسىلەن  كومپىيوتېر ئىلىمىدىكى ئاساسى بىلىملەردىن مەشغۇلات سېستىمىسى ۋە كومپىيوتېر قۇرۇلمىسى دىگەندەك بىلىملەرنى ئىگەللەش. يەنە بىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان قول سىلىپ ئىشلەش ئېقتىدارى، يەنى ئۆز ئويلىغانلېرىنى ئەمىليەتتە كۆرسۈتۈپ يۇقۇرى سۈپەتلىك يۇمشاق دېتال ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۆرستىدۇ. يۇمشاق دېتال ساپاسىمۇ ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بىرى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشقا ۋە ئۈگۈنۈشكە ماھىر بۇلۇش، تېخنىكىنى سۆيۈش. پەقەت ئۆزى تېخنىكىغا ھەقىقى ئىشتىياق باغلىغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئىچگە قوشۇلۇپ كىرگىلى بولىدۇ. ئۆز-ئۆزىنىڭ باشقۇرالايدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرەلەيدىغان بولىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ كىلىپ ئۆزىگە ۋەزىپە تەقسىملىشىنى كۈتۈپ تۇرغىلى بولمايدۇ. ئىككىنچىسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ھەمكارلىق روھى بولىشى كېرەك. ھازىرقى دەۋىر يالغۇز پالۋانلىق قىلىدىغان دەۋىر ئەمەس، شۇڭا بىر مۇنەۋۋەر پىروگىراممېر جەزمەن باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئۇستا بولىشى، كوللىكتىپ ئىچىدە ئىلغارلىق رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولىشى كېرەك.

      سۇئال: سىزنىڭچە بىر پىروگىراممېر جەزمەن ھازىرلاشقا تىگىشىلىك ئېقتىدارلار قايسى؟

      جاۋاب: مېنىڭچە كەسپى ساپا ھەممىدىن مۇھىم، جەزمەن پالانى تېخنىكىنى بىلىشىڭ كېرەك دىيىش ھاجەتسىز. پىروگىرامما تىلىنىڭ بىرىنى ياخشى ئىگەللىۋالسىلا قالغانلېرىنى تەقلېد قىلىپ ئاسانلا ئىشلىتەلەيدۇ. ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىرامما تىللېرىنى ئۈگەنسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن C++, Java دىگەندەك. پەقەت ئاساسىڭىز مۇستەھكەم، ئۈگۈنۈشكە ماھىر بولسىڭىزلا بەلگىلىك نەتىجە يارىتالايسىز.

      سۇئال: ئۆزىڭىزنىڭ پىروگىراممېرلىق ھاياتىڭىزدىكى مۇھىم سەرگۈزەشتىلېرىڭىزنى بايان قىلىپ باقامسىز؟

      جاۋاب: مېنىڭ پىروگىراممېرلىق ھاياتىم بەك ئاددى. Baidu غا كىرىشتىن بۇرۇن باشتىن ئاخىر باشقىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ كەلگەن. ئالى مەكتەپتە ئاساسەن ئاساسىمنى شەكىللەندۈردۈم. مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىمدا شارائىتىمىز ياخشى ئەمەس ئىدى، قول سىلىپ ئىشلەش پۇرسىتىمىز بەك ئاز ئىدى، بۇلۇپمۇ ئالدىنقى ئىككى يىللىقتا شۇنداق بولغان. كىيىن ئۈچۈنچى يىللىققا چىقىپ ئاندىن ئەمىلى مەشغۇلات قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق، لېكىن مەزمونى يەنىلا دەرىسلىكتىكى تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەش بىلەن چەكلەندى. مەن ھازىرمۇ دەرىسلىكتىكى تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشنى ئەمىلى مەشغۇلات قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم پۇرسىتى دەپ قارايمەن. ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىندىم، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئەمىلى مەشغۇلات پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مېنىڭ تەتقىقات نىشانىم ئېنتېرنەت، يەنى كەڭ دائىرىلىك تور. بۇ تور كېلىشىمىنى ئانالېز قىلىش، تور مۇلازىمېتىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە تور قوللانمىسى جەھەتلەردىكى مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەتقىقات نىشانىنى تاللىۋىلىشىمىدىكى سەۋەب بۇ نەرسىلەر ئاساسى قاتلامدىكى نەرسىلەر، ھەقىقى تېخنىكا خىزمىتى قىلىدىغانلار ئاندىن ئىشلىيەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى ۋاقىتتا كومپىيوتېر تورىنىڭ تەرەققىياتى تېخى بىخ ھالەتتە بولۇپ، كەلگۈسى پارلاق ئىدى. بۇ مەزگىللەردە مەن پىروگىرامما تۈزۈگەندە خۇلاسىلاشقا ئەھمىيەت بەردىم. يەنى ئۆزەمنىڭ پىروگىرامما تۈزۈشتىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلېرىمنى خاتىرلىۋىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە مەزمونلارنى يەكۈنلەپ چىقتىم، بۇ مېنىڭ پىروگىرامما تۈزۈش سەۋىيەمنىڭ ئۆزلۈكسىز يوقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە تۈرتكە بولدى.
      مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن مەكتەپتە قىلىپ ئوقۇتقۇچى بولدۇم. بۇ چاغدا دائىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تۈر ئىشلەش پۇرسەتلېرى كېلىپ تۇراتتى. مۇشۇ باھانىدا نۇرغۇن باشقۇرۇش خىزمەتلېرىنى، سېستىما قۇرۇلمىسىنى لايىھىلەش خىزمەتلېرىنى ئىشلىدىم. بۇ مېنىڭ كىيىن Baidu شېركىتىدە باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىم ئۈچۈن ئاساس يارىتىپ بەردى. كىيىن ئېنتېرنەت بىلەن بىر قەدەر كۆپ ئۇچىراشقاچقا ئىزدەش ماتورىنىڭ ناھايىتى ياخشى قۇرال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا ئىزدەش ماتورى ساھەسىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتىم. كىيىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرستىتىدىن ئايرىلىپ Baidu شېرىكىتىگە كىلىپ، ئىجادىيەت كوللىكتىپىنى باشلاپ پىروگىرامما يېزىشقا، Baidu ئىزدىگۈچىنىڭ ئىزدەش ماتورى سۇپىسىنى ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتىم. بۇ جەرياندا تەبىئى ھالدا بىر تېخنىكتىن باشقۇرغۇچىلىققا ئالماشتىم.

      سۇئال: ناۋادا سىزنى بىرلا سۇئال ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئۇستا پىروگىراممېر ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىسەن دىسە سىز نىمە سۇئال سورايسىز؟

      جاۋاب: مىنىڭچە بۇنىڭغا بىر سۇئال كۇپايە قىلمايدۇ، بىر قاتار سۇئال سورىغان بىلەنمۇ بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش تەس. مەن باشقىلاردىن يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئالسام ئىككى نۇقتىدىن كۈزىتىمەن، بۇ دەل مەن يوقۇرىدا تىلغا ئالغان «يۇمشاق» ۋە «قاتتىق» ئېقتىدارىدىن ئىبارەت. قاتتىق ئېقتىدارى كۆپ پەرىقلەنمىسە مەن يۇمشاق ئېقتىدارىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىمەن. قاتتىق ئېقتىدار باشلىنىشنى بەلگىلەيدۇ. يۇمشاق ئېقتىدار بولسا تەرەققىياتنى بەلگىلەيدۇ. ناۋادا بىر ئادەم بىر قەدەر كۈچلۈك ئۈگۈنۈش ئېقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، يەكۈنلەشكە ماھىر بولسا، مەسئولىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلسا ئۇ جەزمەن تېز تەرەققى قىلالايدۇ.

      سۇئال: يۇمشاق دېتال كەسپىگە قەدەم قۇيۇش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا ۋە بۇ ساھەگە يېڭىدىن قەدەم قويغان پىروگىراممېرلارغا قانداق تەشەببۇسىڭىز بار؟

      جاۋاب: مېنىڭچە ھەممىدىن مۇھىم ئاساسى بىلىملەرن پۇختا ئىگەللەپ، مۇستەھكەم ئاساس يارىتىش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىزمەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ يۇمشاق ئېقتىدارىنى ئۆزلىكسىز تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش. ئۆزى ئورۇنداشقا تىگىشلىك بولغان ھەر-بىر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداش، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇش، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىرىماسلىق كېرەك. بەزى ۋاقىتلاردا ئالدىرىغان كەينىدە قالىدۇ. ناۋادا ھازىر ھەر-بىر قەدەمنى پۇختا ئالسا كىيىن تېز سۈرئەتتە ئىلگىرلىيەلەيدۇ. ناۋادا كونكېرت ئىزدەش ماتورى ساھەسىنى تىلغا ئالساق، بۇ ساھەگە كىرىشنىڭ ھېچقانچە توسالغۇسى يوق. پەقەت ئۇنىڭغا چېتىلىدىغان مەزمونلار بىر قەدەر كۆپ، مەسىلەن تارقاقلاشتۇرۇلغان سانلىق مەلومات، ئادەم بىلەن ماشىنىنىڭ پىكىرلىشىشى دىگەندەك مەزمونلار بىر قەدەر تەسرەك. پەقەت يۇمشاق ئېقتىدارىڭىز يىتەرلىك بولسىلا ئىشنى قەيەردىن باشلىماڭ سىز جەزمەن ياخشى ئىشلەپ كېتەلەيسىز.

irpan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-22 12:43:14

6. بېيجىڭ خاۋجيې كومپىيوتېر تېخنىكىسى چەكلىك شېركىتىنىڭ CEO سى لىياڭ جاۋشىننى زىيارەت

      (لىياڭ جاۋشىن: بېيجىڭ خاۋجيې كومپىيوتېر تېخنىكىسى چەكلىك شېركىتىنىڭ CEO سى، داڭلىق ئۈن-سىن قويۇش يۇمشاق دېتالى «دەرىجىدىن تاشقىرى قويغۇچ» نىڭ ئاپتورى)

      سۇئال: مەن سىز يازغان «ئۇستا پىروگىراممېرلارنىڭ سۆزلېرىدىن ئۈزۈندە» دىگەن كىتابنى كۆرۈپ خېلى ئىلھام ئالغان. ئۇ كىتابىڭىزدا تىلغا ئالغان مەزمونلار ھازىرمۇ ئەسقاتامدۇ؟ سىزنىڭچە قانداق پىروگىراممېر «ئۇستا» ھېساپلىنىدۇ؟

      جاۋاب: بولمايدۇ، ئۇ كىتاپ بەك كونا. بۇنى ئويلىسام ئازراق خېجىل بولىمەن، ئۇنىڭ مەزمونىنى يېڭىلىمىغىلى بەك ئۇزۇن بولدى. بولۇپمۇ ھازىر پىروگىرامما يېزىش ۋاقتىم ئۇ چاغدىكىدەك كۆپ ئەمەس، ئاساسلىقى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن.
      
مىنىڭچە ھەقىقى «ئۇستا» پىروگىراممېر ھەرقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. يەنى تېخنىكىدىكى ھەرقانداق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان ئادەمدور. ئەلۋەتتە بۇنداق ئادەم بەك ئاز.

      سۇئال: ئۆزىڭىزنىڭ يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ھاياتىڭىزنى بايان قىلىپ باقامسىز؟

      جاۋاب: پىروگىرامما لايىھىلەش ئېقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا بۇ ئىككى جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى مەكتەپتىكى مەزگىل. بۇ ئۈستەل بىلەن يەرنىڭ ئارلىقىدەك ئارلىق. يەنە بىرى ئۈستەل يۈزى ئۈستىدىكى ئارلىق. يەنى ئۈستەل يۈزىدىن خالىغان ئىگىزلىككىچە بولغان ئارلىق. بۇ ئارلىق چەكسىز بولىدۇ.
      ئادەتتىكى ئادەملەر مەكتەپتىكى مەزگىلىدە ئۆزى تۇرغان مەزگىلدىن ئاتلاپ ئۆتەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمىيەت جۇغلانمىسى بولىشى كېرەك. پىروگىرامما يېزىشنىڭ ئەپچىل چارىلېرى يوق، پەقەت ئەمىليەت ئۈچۈن كۆپلەپ زېھنىنى سەرپ قىلغاندىلا ئاندىن ھەقىقى «ئۇستا» بولغىلى بولىدۇ. ئادەتتە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ باسقۇچتىن ھالقىپ ئۆتەلەيدىغانلېرى ئاز. ھالقىپ ئۆتكەنلېرى جەزمەن مەكتەپتىكى ۋاقتىدا نۇرغۇن تۈرلەرنى ئىشلىگەن بولىدۇ. كىتابى بىلىملەرنى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق پەقەت نەزىريىۋى ئېقتىدارىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش مۇمكىن، بۇنداق نەزىريىۋى بىلىملەرنىڭ پىروگىراممېرنىڭ ئىجادىيەت ئېقتىدارىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشتە رولى ئانچە چوڭ ئەمەس.

      سۇئال: سىز ئۆزىڭىز ئېيتقان بىرىنچى باسقۇچتىن ئىككىنچى باسقۇچقا ئۆتۈش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلدىڭىز؟

      جاۋاب: ئىككى ئاي. ئۇ چاغلاردا مەن مەكتەپتە نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ تەييار پىروگىراممىلارنىڭ كودىنى ئوقۇدۇم. ئۇچاغدا مەن Unix سېستىمىسىنىڭ بىر قىسىم كودلېرىنى قولدا كۆچۈرۈپ ئۈچ قىلىن خاتىرىنى توشقۇزۋەتكەن. ئەلۋەتتە ھازىر ئۇ ۋاقىتلارغا ئوخشىمايدۇ.
      بايامقى كۆز قاراشلېرىم شەخىسنىڭ پىروگىرامما تۈزۈش ئېقتىدارى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتىلغان. بۇندىن باشقا دەۋىرنىڭ تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ ئوخشىمىغان باسقۇچلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. DOS سېستىمىسى مودا بۇلىۋاتقان ۋاقىتلار قاتتىق دېتال ھۈكۈمرانلىق قىلىدىغان دەۋر ئىدى. ئۇ چاغلاردىكى كومپىيوتېر سېستىمىلېرى ھازىرقىغا سىلىشتۇرغاندا بەك ئاددى ئىدى. ئۇ نەرسىلەرنى ئىگەللىۋالسىڭىزلا پىروگىرامما تۈزۈشتە «ئۇستا» بۇلالايتتىڭىز. ئەلۋەتتە ئاسسامبېل تىلىنىمۇ ئازراق بىلمىسىڭىز بولمايتتى. كىيىن Windows بارلىققا كىلىپ يۇمشاق دېتال ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ چاغدا پىروگىراممېرلار كۆپلەپ پىروگىرامما ئىشلەشكە كىرىشتى. ئۇلاردىن كۆپۈنچە Windows سۇپىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى بىلىش، C ياكى C++ دەك بىرەر پىروگىرامما تىلىنى، ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىرامما تېخنىكىسىنى بىلىش تەلەپ قىلىناتتى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىرامما تېخنىكىسى بىر خىل ئۇسۇل، ئىدىيە ئەمەس. مەسىلىنى ھەل قىلىشتا دائىم ئۇسۇلغا تايىنىمىز، ئىدىيىگە ئەمەس. مەن ئەمىليەتكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ھازىرقى تور دەۋرى. ھازىرقى پىروگىراممېرلار جەزمەن تور يۈزىدىكى پىروگىراممىلارنى تۈزۈشنى بىلىشى كېرەك.

      سۇئال: سىزنىڭچە بىر پىروگىرامما ئۇستىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېقتىدارى نىمە؟

      جاۋاب: تەڭشەش. مەن ھەرقانداق پىروگىراممىنى تەڭشەش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن دەپ قارايمەن. بىزنىڭ شېركەتتە بىر پىروگىراممېر بار. دەسلەپتە ئۇ بىر سېستىما باشقۇرغۇچى ئىدى. كىيىن بىر مەسىلىگە يولۇقۇپ، نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇ مەسىلىنى ھەل قىپتۇ. مەن مۇشۇنداق ئادەملەرنى پىروگىرامما تۈزۈشكە ماس كىلىدۇ دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانىدا ئۇسۇلغىمۇ دېققەت قىلىش كېرەك، بۇ دەل مىنىڭ ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىراممىدىكى ئۇسۇلنى تەكىتلىشىمدىكى سەۋەب. مەكتەپتە بىز ھەممىمىز ھەرخىل نەزىريە ۋە يېڭى ئۇقۇملارغا ئامراق كىلىمىز. بىراق مەكتەپتىن چىققاندىن كېيىن ئەمىلى خىزمەت جەريانىدا مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقى پايدىسى بولغانلېرىنى ئاندىن ئەھمىيەتلىك ھېساپلىساق بولىدۇ. مانا بۇ مېنىڭ «تەڭشەش» نى پىروگىرامما تۈزۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا دەپ قارىشىمدىكى سەۋەب.

      سۇئال: شېركىتىڭلار ئادەم ئالغاندا سىز نىمىگە ئاساسەن ئادەم تاللايسىز؟

      جاۋاب: بۇ چاغدا ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. بىز مەلوم كونكېرت خىزمەتكە مۇۋاپىق كىلىدىغان ئادەملەرگە مۇھتاج، مەسىلەن ناۋادا ئابونت تەرەپ پىروگىراممىسى ئىشلەشكە ئادەم ئالساق ئۇنىڭدىن C ياكى C++ نى ياخشى بىلىشنى تەلەپ قىلىمىز. ناۋادا تور مۇھىتىدىكى ئىجادىيەتكە ئىشلەتسەك ئۇنىڭدىن NET. تېخنىكىسىغا ئۇستا بولۇشنى تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى بىزنىڭ شېركەتنىڭ مەھسولاتلېرى NET. سۇپىسىدا ئىشلەنگەن.

      سۇئال: ناۋادا سىزگە بىرلا سۇئال بىلەن بىر ئادەمنىڭ پىروگىرامما ئۇستىسى ياكى ئەمەسلىكىنى ھۆكۈم قىل دىسە سىز قانداق قىلىسىز؟

      جاۋاب: ۋىروس! ئۇنىڭدىن ۋىروس ياساپ باققانمۇ دەپ سورايمەن(كۈلكە). ياكى بولمىسا ۋىروسقا قارشى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ باققانمۇ دەپ سورايمەن. ۋىروس ياسىيالايدىغان ئادەملەر ئادەتتە كومپىيوتېر سېستىمىسىنى بىر قەدەر پىششىق بىلىدۇ. خۇددى ئۆتكەندە توردا تەسىر پەيدا قىلغان «مۈشۈك ئېيىق» ۋىروسىنى ياسىغان ئادەم مېنىڭچە بولىدىكەن. ئەلۋەتتە Delphi دا يېزىلغان ئۇ پىروگىراممىنىڭ بەزى جايلېرى ئانچە ياخشى يېزىلماپتۇ.

irpan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-22 12:44:35

7. تەجىربىلىك قۇرۇلما ئېنژىنېرى جۇ ئەيمىننى زىيارەت

      (جۇ ئەيمىن: 10 نەچچە يىللىق يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت، تۈر باشقۇرۇش ۋە كوللىكىتىپ قۇرۇلىشى تەجىربىسىگە ئىگە. شېڭدا تور شېركىتىنىڭ سۇپا قۇرۇلمىسى ئېنژىنېرى)

      سۇئال: سىزنىڭچە ئۇستا پىروگىراممېرلار قايسى ئېقتىدارلارنى ھازىرلىشى كېرەك؟

      جاۋاب: قىلىچۋازلار قىلىچ، شەمشەرۋازلار شەمشەر ئىشلىتىدۇ. ئۇستا پىروگىراممېر ھەرگىزمۇ قىلىچ بىلەن شەمشەرنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ئۇستىلارنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدە بىرگە قابىل، كۆپكە ماھىر بولغانلېرىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ كومپىيوتېر تېخنىكىسىنى ئىگەللىشىمىزدىكى مەقسىدىمىز قانداقتۇ ئۇنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرۇپ كىمنىڭ «ئۇستا» لىغىنى بېكىتىش ئەمەس بەلكى ئەمىلى بىر يۇمشاق دېتالنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈندور، شۇڭا بىز ئۈگۈنۋاتقان تېخنىكىلار بىزنىڭ يۇمشاق دېتال سېستىمىمىز ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلالىسىلا بولدى. شۇڭا ئاسسامبېل تىلى بىلەن سېستىما يادىروسىنى يازىدىغانلار ھەرگىزمۇ C تىلى بىلەن يۇمشاق دېتالنىڭ كېلىشىم قەۋىتىنى ئىشلەيدىغانلارنى كۆزگە ئىلمىسا بولمايدۇ. C++ بىلەن سېستىما ئېقتىدارىنى ئىشلەيدىغانلارمۇ SQL جۈملىسى يازىدىغانلارنى كۆزگە ئىلمىسا بولمايدۇ. بىر ئىجادىيەت كوللىكتىپى ئىچىدە ئاسسامبېل تىلى، C، C++ ۋە SQL قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق رولى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدىنمۇ «ئۇستا» ياكى ئەمەسلېرىنى ئايرىپ چىقىمىز دىسەك بىزنىڭ ئىجادىيەت تۈرىمىز مەغلوپ بولىدۇ.
      ھەرقانداق بىر قۇرالنى ئىشلىتىشنىڭ مەلوم چېكى بولىدۇ. نۇرغۇن ئادەم بۇ تەرەپنى كۆرۈپ يېتەلمەي باشقا پىروگىرامما تىللېرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ. مەسىلەن SQL، يۇقۇرى دەرىجىلىك پىروگىرامما تىللېرى (مېنىڭ بۇنداق تىللارنى يوقۇرى دەرىجە دىيىشىم قانداقتۇ ئۇ خىل تىلنى باشقا تىللاردىن «ئىلغار» ھېساپلىغىنىم ئەمەس، پەقەت بىزدە مۇشۇنداق بىر خىل تۈرلەش ئادىتى بار) نى ئىشلىتىدىغان پىروگىراممېرلار SQL نى شۇنداق بىر ئاددى قوليازما تىلى دەپ قارايدۇ. لېكىن ئەمىليەتتە مىنىڭ دوستلېرىمنىڭ ئىچىدە SQL نى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىتەلەيدىغان، SQL جۈملىسىگە تايىنىپ تۇرۇپ ساندان لايىھىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى بىلەلەيدىغان، بەلگىلىك ساندان سېستىمىسىغا مۇۋاپىق كىلىدىغان ئەلالاشتۇرۇلغان SQL جۈملىلېرىنى يېزىپ چىقالايدىغانلېرى بار. ئۇلار كونكېرت ساقلاش ۋە ئوقۇش مۇھىتى، تور قۇرۇلمىسىغا مۇۋاپىق كىلىدىغان ساندان لايىھىسى ۋە SQL جۈملىلېرىنى يېزىپ چىقىپ، ئەلالاشتۇرۇشنى ھەق دادىغا يەتكۈزەلەيدۇ.
      مۇنەۋۋەر پىروگىراممېر قۇرال تاللىمايدىغان، ئوخشىمىغان شارائىتقا ئاساسەن ئوخشىمىغان تىلنى ئىشلىتەلەيدىغان پىروگىراممېرلاردور. پىروگىرامما ئۇستىسى بولسا يۇقارقى شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرگەن ئاساستا بىرگە قابىل، كۆپكە ماھىر كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

      سۇئال: سىزنىڭچە پىروگىراممېرلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئاساسى ئېقتىدارلار قايسى؟ بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسىلېرى ئەڭ مۇھىم؟

      جاۋاب: پىروگىراممېرنىڭ بۇ كەسىپنى داۋاملىق ئىشلەپ كىتەلىشى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ سان قۇرۇلمىسىغا بولغان چۈشەنچىسى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. ھەرقانداق بىر يېڭى پىروگىرامما تىلى ياكى يېڭى پىروگىرامما سۇپىسى سانلار قۇرۇلمىسى ئىلىمىگە باغلىنىشلىق بولىدۇ.
      شۇڭا پىروگىراممېرلار سانلار قۇرۇلمىسىنى پۇختا ئىگەللىسە ئۆزىدە ھەرخىل ئۆزگۈرۈشكە تاقابىل تۇرالايدىغان قابىليەتنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. بۇ ھەقتە «ئادەم ئېيى رىۋايىتى» دىگەن كىتاپتا خۇلاسىلاپ مۇنداق دىگەن: ساننىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى پىروگىراممىنىڭ ئاساسى.
      ئوبىكىت سان قۇرۇلمىسىنىڭ بىر خىل ئابىستىراكىتلىنىش شەكلى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىردىنبىر شەكلى ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئوبىكىت نەزىريىسى پىروگىرامما تۈزۈشتىكى بىردىنبىر يول ئەمەس. مەن ئىلگىرى سۈنئى ھەمراھمۇ جەريانغا يۈزلەنگەن پىروگىرامما دەۋرىدە ئاسمانغا چىقرىلغان دىگەن. دىمەك جەريانغا يۈزلەنگەن پىروگىرامما تىلى ئارقىلىقمۇ مۇرەككەپ سېستىمىلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش تامامەن مۇمكىن.
      ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىرامما تېخنىكىسىنىڭ قىممىتىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىق ئەمەس. ئوبىكىتىقا يۈزلەنگەن پىروگىرامما تېخنىكىسىدا شەيئىلەرنىڭ خاسلىق ۋە ھەركەتلېرى ئۈستىدىن يۇقۇرى دەرىجىدە ئابىستىراكىتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇ سان قۇرۇلمىسىنى «ئىچكى ساقلىغۇچتىكى جانسىز مەلومات» تىن «جانلىق شەيئى»گە ئايلاندۇرىدۇ. ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىرامما ئىدىيسىى بىزنىڭ رىئاللىقنى بايان قىلىش ئېقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپلا قالماي يەنە مۇرەككەپ سان قۇرۇلمىسى سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن باغلىنىشچانلىقتىن ساقلايدۇ. ئوبىكىت، ئوراش ۋە ئېغىزدىن ئىبارەت ئۈچ ئۇقۇم يۇمشاق دېتال سېستىمىسى لايىھىلەشنىڭ نەزىريىۋى ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئۈچ ئۇقۇم ئىچىدە ئوبىكىت نەزىريىسىنىڭ پىروگىراممېرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەڭ يېقىن، چۈشۈنۈشكە ئەڭ ئاسان. شۇڭا ئۇ سىزنى ھەقىقى پىروگىراممېرغا ئايلاندۇرالايدۇ. ئۇ ھەتتا سىزنىڭ پىروگىراممېرلىقتىن لايىھىلىگۈچىلىككە ئايلىنىشىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى يۆنىلىشى ھېساپلىنىدۇ.

      سۇئال: سىزنى بىر سۇئال ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ پىروگىرامما ئۇستىسى ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىل دىسە قانداق قىلىسىز؟

      جاۋاب: مەن ئۇنىڭ قانداق كودى ئېچىۋىتىلگەن يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تۈرىگە يىتەكچىلىك قىلغان ياكى قاتناشقانلىقىنى، ئۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى سورايمەن.
      بۇ ساھەدە ئۈزۈپ چىقالايدىغانلار ئاساسەن ھەمكارلىق روھىغا باي، ئىدىيسى ئوچۇق ئىختىساس ئىگىلېرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ يوقۇرى ياكى ئەمەسلىكىنى سىلىشتۇرۇش ئەمەس. سىناق ئوبىكتىنىڭ كودى ئېچىۋىتىلگەن يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تۈرىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى قىزىقىشى ۋە كۆز قاراشلېرىنى كۈزۈتۈش مېنىڭچە بىر ياخشى ئامال.
      مەن بۇ يەردە ئېيتقان «كودى ئېچىۋىتلگەن تۈر» ھەرگىزمۇ كودىنى ئاشكارلىغانلا يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتمەيدۇ. مېنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم ھەقىقى تەشكىلى قۇرۇلمىسى بار، ئۆزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىدىغان، كودى ئاشكارە ئىجادىيەت تۈر پائالىيتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق چەكلىمە قويىشىمدىكى سەۋەب، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر «كودنى ئاشكارلاش» ئىدىيسىنى قوبۇل قىلدى، بىراق بۇ خىل ھەركەت پەقەت شۇ كىشىنىڭ ئۆز ئەمگكىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئىدىيىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھەرگىزمۇ ئۇ كىشىنىڭ تۈر تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش ئېقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. كودى ئېچىۋىتىلگەن تۈرلەرنىڭ ھاياتى كۈچى تۈر باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پەرۋىش خىزمىتى جەريانىدىلا ساقلىنىپ قالىدۇ. ئوخشاشلا تۈر باشقۇرغۇچىلارمۇ بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئېقتىدارىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل بىز ئېيتىۋاتقان «ئۇستا» پىروگىراممېرلارنىڭ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلاردور.

      سۇئال: سىزنىڭ «ئۇستا» پىروگىراممېر بولۇپ يېتىشىپ چىقىش جەريانىڭىزدا قايسى باسقۇچلار سىزگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان؟

      جاۋاب: دەسلەپتە مەن پەقەت قىزىقىش سەۋەبىدىنلا پىروگىرامما يازغان. بۇ جەريانغا قاراپ باقسام يازغان كودلېرىم شۇنداق ئۆلچەمسىزكەن، پىروگىرامما ئېغىزلېرىنى خالىغانچە بېكىتىدىكەنمەن، دائىم ھەممىنى ئاغدۇرۋېتىپ باشتىن كىلىدىكەنمەن. يازغان كودى ئۆلچەمسىز بولۇش نۇرغۇن يېڭى ئۈگەنچىلەر سادىر قىلىدىغان ئوموملاشقان «كېسەل». مەن خېلى ئۇزۇنغىچە ئۆزەمنىڭ كود يېزىش جەھەتتىكى «خاسلىق»ىمنى ساقلاپ كەلدىم، شۇ ۋەجىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى بۆلۈم باشلىقىم بىلەن جىدەللىشىپمۇ باققان. پىروگىرامما ئېغىزىنى قالايماققان بېكىتىش لايىھىلىمەيلا كود يېزىشنىڭ كونكېرت ئىپادىسى. دائىم ھەممىنى ئاغدۇرۋىتىپ باشتىن كىلىش بولسا لايىھىسىز پىروگىراممىنىڭ نەتىجىسى. ئشتىن سېرتقى پىروگىراممېرلار ئەڭ دەسلەپتە ئۆزى يالغۇز ئۆزى ئۈچۈن پىروگىرامما يېزىپ مەشىق قىلىدۇ. پىروگىرامما ئېغىزىنى قانداق بېكىتمىسۇن ئۆزى چۈشۈنىۋېرىدۇ، شۇڭا لايىھىلەش بىر خىل ئارتۇقچە ئىشتەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن ئىجادىيەت كوللىكتىپىنىڭ ئىچىدە ھەددىدىن ئاشقان «خاسلىق» تۈر ئىجادىيتى ئۈچۈن بىر خىل ئاپەت ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى سىز جەزمەن ئۆزىڭىزنىڭ شۇ خىل خاس پىروگىراممىڭىزنى ھەر-بىر ئەزاغا چۈشەندۈرۈشىڭىز، ئۇلارغا سىزنىڭ پىروگىراممىڭىزنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۈگۈتىشىڭىز كېرەك. بۇ چاغدا سىز ئۆزىڭىزنى «خاسلىق»ىڭىزنى تاشلاپ «ئۆلچەم»لىشىشكە ياكى بولمىسا ئىجادىيەت كوللىكتىپىنى ئۆزىڭىزنىڭ كودلېرىڭىزنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشكە مەجىبور قىلىسىز.
      كود يېزىشقا قانچە ماھىر بولغىنىڭىز بىلەن يۇقارقى باسقۇچتىن ئۆتەلمىسىڭىز ھەمكارلىق ۋە لايىھىلەشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بىر ئادەم پىروگىرامما يازسا لايىھىلەش ئۈچۈن ئانچە ئاۋارە بولمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق بىر كوللىكتىپ ئىچىدە لايىھىلەش بولمىسا ھەرگىز بولمايدۇ. شۇڭا مەن پىروگىرامما يېزىشتىكى ئىككىنچى باسقۇچ ھەمكارلىقتىكى ئىجادىيەت ۋە كەسپى لايىھە دەپ قارايمەن. بۇ ئىككى نۇقتا مەيلى تۈر باشقۇرۇش ياكى تېخنىكا ئەمىليىتى جەھەتتىن ئېيتمايلى چوڭ تىپتىكى يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تۈرلېرىنى تەشكىللەشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى ھالقا. شۇڭا مەن بۇ يەردە شۇنى تەكىتلىمەكچىمەنكى كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدىكى ئىجادىيەت شەخىسلەرنىڭ ئىجادىيەت پائالىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ يوقۇرى قاتلامدىكى «تېخنىكا» ھېساپلىنىدۇ.
      ناۋادا سىز ھەمكارلىقتىكى ئىجادىيەتنى ئۈگۈنۋالغاندىن كېيىن، باشقىلار بىلەن ئاسانلا ھەمكارلىشىپ، كىچىك تىپتىكى ئىجادىيەت كوللىكتىپلېرىنى تەشكىللىيەلەيدىغان بولسىڭىز ئاندىن يۇمشاق دېتال ساھەسىدە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىڭىز تۇغۇلىدۇ. قايسى پىروگىرامما تىلىنى ئىشلىتىشقا كەلسەك بۇ سىز ئىشلەيدىغان كونكېرت تۈر بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، ھەرگىزمۇ دەرھال ھەل قىلىشقا تىگىشلىك ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئەمەس.
      ئۈچۈنچى باسقۇچ سىزنىڭ بۇ ساھەدە ئۈزۈپ چىقىش ياكى چىقالماسلىقىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. لېكىن بۇ باسقۇچ تېخنىكا بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بىر ئادەمنىڭ مىجەز-خاراكتىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز دائىم ئا Q روھىدا ئۆزىمىزنى گوللاپ «ئالتۇن نەدە بولسا پارقىرايدۇ» دەپ ئولتۇرىمىز. لېكىن «گۈھەر ياتىدۇ سايدا، تۇنىمىساڭ نىمە پايدا» دىگەن گەپمۇ بار. ئۆز ئېقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا تولۇق شارائىت بار تۇرۇپ جىم تۇرۋالغانلارنى ئەمىلى ئېقتىدارى يەنىلا يىتەرلىك ئەمەسكەن دەپ قاراش كېرەك. شۇڭا باشقىلار بىلەن «ئارلىشىش»، پىكىرلىشىشنى ئۈگۈنۋىلىش، ھەرگىزمۇ تۈگىمەس كودلار ئىچىگە ئۆزىنى دەپنە قىلماسلىق كېرەك. بۇ دەل بۇ يەردە ئېيتىلۋاتقان ئۈچۈنچى باسقۇچتىكى ھالقىلىق مەسىلە.
      بۇ ئۈچۈنچى باسقۇچتا سىز بەلكىم نۇرغۇن تاللاشلارغا دۇچ كىلىشىڭىز مۇمكىن. مەسىلەن تېخنىكا مەسئولى، تۈر دېرىكتورى، لايىھىلىگۈچى ياكى ئانالېز ئېنژىنىرى بۇلۇش دىگەندەك. لېكىن سىز مەيلى قايسى خىلنى تاللىماڭ بۇ تاللاشلارنىڭ ھەممىسى سىزنى كوللىكتىپنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ قويىدىغانلىقىنى بايقايسىز. شۇڭا بۇ چاغدا سىز جەزمەن پۈتۈن كوللىكتىپقا، تۈرنى ھاۋالە قىلغۇچىلارغا يۈزلىنىشڭىز كېرەك. بۇلارغا تېتىيالامسىز يوق بۇ سىزنىڭ ئونىۋېرسال ساپايىڭىزغا باغلىق، تېخنىكا سەۋىيىرىڭىزگىلا باغلىق ئەمەس.
      ئاخىرىدا بىر ئىش ئېسىڭىزدە بولسۇن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ باسقۇچ قانداقتۇ بىر-ئىككى كۈنلۈك ياكى بىر-ئىككى يىللىق ئىش ئەمەس بەلكى بەش-ئون يىللىق ئىش. بۇ جەرياندا بارلىق مۇۋەپپىقىيەت ئىگىلېرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇنداق ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ ئەستايىدىل پوزىتسىيە ۋە كەسىپچانلىق روھى.

      سۇئال: پىروگىراممېرلار ئۈچۈن ئەمىلى ئەھمىيىتى بار تەشەببۇسلېرىڭىز بارمۇ؟

      جاۋاب: پىروگىرامما تىلىنى قابىلىيەت دەپ قارىساق، ئاساسى بىلىملەرنى ساپا دىيىش كېرەك. ھەممە ئىشنىڭ بىر جەريانى بولىدۇ. بۇ جەريان ھەر-بىر ئادەمگە قارىتا ئوخشاش بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ تەجىربىسى سىز ئۈچۈن پەقەت بىر ئۆرنەك خالاس، شۇڭا مېنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقانلېرىممۇ كۆپچىلىك ئۈچۈن بىر ئۆرنەك، ھەرگىزمۇ يېتەكلەش خاراكتىرىدىكى پىرىنسىپ ئەمەس.

      سۇئال: ئۇيۇن يۇمشاق دېتاللېرىنى ئىشلەش بىلەن ئادەتتىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەشنىڭ تېخنىكىلىق تەلەپ جەھەتتە قانداق پەرقى بار؟

      جاۋاب: ئۇيۇن يۇمشاق دېتاللېرىغا چېتىلىدىغان ساھەلەر بىرقەدەر مۇرەككەپ. مەسىلەن ئابونتلار كۆرۈنۈشى ئۈستىدىن سىناق ئېلىپ بېرىشتا ئادەتتىكى يۇمشاق دېتاللاردا بىز ئۇنىڭ ئىشلىتىشكە قولايلىقلىقىنى سىنايمىز. بىراق ئۇيۇن يۇمشاق دېتاللېرىنىڭ ئويناشقا قۇلايلىقلىقىنى سىناش كېرەك. بۇ يەردە ئېيتىلغان ئىشلىتىشكە قولايلىق ۋە ئويناشقا قولايلىق پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل لايىھىلەش تەلىپى ھېساپلىنىدۇ. ئادەتتىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىگەندە ئابونتلار كۆرۈنۈشىدە ئادەم تېنى قۇرۇلىشىغا ئائىت بىلىملەرنى كېرەك قىلمايدۇ، ئەمما ئۇيۇن دېتاللېرىنى ئىشلەشتە بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى دائىم ئىشلىتىدۇ. لېكىن ئۇيۇن دېتاللېرىنىڭ توردا ئۇزۇتۇش قىسىمى ياكى مۇلازىمېتېر قىسىمىنى ئىشلىسىڭىز يەنە بايام دىگەن بىلىملەر كېرەك بولمايدۇ. شۇڭا مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ھازىر ئۇيۇن دېتاللېرىنىڭ ئىجادىيەت پائالىيتى نۇرغۇن ئىنچىكە جەريانلارغا بۆلۈنگەن. ئوخشىمىغان ئېقتىدارغا ئىگە كىشىلەر ئۇيۇن يۇمشاق دېتاللېرىنىڭ ئىجادىيىتىدە ھەمىشە ئۆزىگە تەۋە ئورۇننى تاپالايدۇ. لېكىن بىر ئىككى ئادەمگە تايىنىپ، مۇناسىۋەتلىك تېخنىكلارنىڭ ھەممىسىنى ئىگەللەپ بىر مۇكەممەل ئۇيۇن دېتالى ئىشلەپ چىقىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ.
      ئۇيۇن دېتاللېرىنى ئىشلەشكە چېتىلىدىغان ساھەلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ئادەتتىكى يۇمشاق دېتال ئىجادىيتىدىمۇ كۆپ ئۇچىرايدۇ. مەسىلەن ساندان. نۇرغۇن ئادەملەر ئۇيۇن دېتاللېرى بىلەن سانداننىڭ قىلچە مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ. ئەمىليەتتە ئۇيۇن دېتاللېرىنى ئىشلەشتە سانداننىڭ يېزىش ۋە ئوقۇش ئۈنۈمى، تارقاقلاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار ئۇيۇننىڭ كۆرۈنىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا سىز ئادەتتىكى يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتىدە ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان ئېقتىدارلېرىڭىز ئۇيۇن دېتاللېرىنى ئىشلەشتىمۇ ئوخشاش ئىشلىنىدۇ.
      لېكىن ئوخشىماسلىق يەنىلا مەۋجۇت، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقلېرى كۆرۈنۈش ئۈنۈمى، ئۆز-ئارا تەسىر قىلىشىش ئالاھىدىلىكى ۋە تور ئۈنۈمى قاتارلىق جەھەتلەردە بەكرەك گەۋدىلىنىدۇ.
      ئادەتتىكى يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتىدە بىز مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ كۆرۈنۈش ئادىتىگە بويسۇنغان ئاساستا ئابونت بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرىمىز. لېكىن ئۇيۇن دېتاللېرى ئەكسىچە ئابونتقا ئالاھىدە كۆرۈش سەزگۈ تويغۇسى بېرىشنى ئويلايدۇ، شۇڭا دائىم ھەر خىل ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش خاسلىقلېرى مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ بىر كونۇپكىنىڭ لايىھىلىنىشىدىن تارتىپ پۈتكۈل مەشغۇلات جەريانىغىچە سېڭىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل خاسلىق يەنە كىرگۈزۈش-چىقىرىش ئەسۋابلېرىنىڭ ئالاھىدىلىكلېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن قول تېلفۇنىنىڭ ئېكرانى ۋە كونۇپكا تاختىسى ئادەتتىكى كومپىيوتېر بىلەن ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئۇيۇن دېتاللېرىنىڭ كىرگۈزۈش-چىقىرىش ئەسۋابلېرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى ئادەتتىكى يۇمشاق دېتاللار ياكى مەشغۇلات سېستىمىسى بىلەن ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى ئۇيۇن دېتاللېرى ئالاھىدە خاسلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
      ئۇيۇن دېتاللېرىنىڭ تور قەۋىتى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىمۇ ئادەتتىكى دېتاللار بىلەن ئوخشىمايدۇ. بۇ ئۇيۇن دېتاللېرىنىڭ خاسلىقى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئەمەس بەلكى ئابونتلار سانى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. بانكا، تېلگىراف قاتارلىق ساھەلەردە ئۇچۇر يەتكۈزۈش مەشغۇلاتىنىڭ ئۈنۈمى ساندان سېستىمىسى ياكى قاتتىق دېتاللارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. شۇڭا ئۇلار پەقەت سان ۋە سانداننى ئەلالاشتۇرۇشنى ئويلاشسىلا بولدى. لېكىن ئۇيۇن دېتاللېرىنى ئىشلىگەنلەر ئابونتلاردىن پۇل خەجلەپ ساندان يۇمشاق دېتاللېرىنى سېتىۋىلىپ كومپىيوتېرىغا ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇيۇن ئوينايسەن دەپ تەلەپ قىلىپ تۇرۋالالمايدۇ. شۇڭا ئۇيۇن دېتاللېرىنى ئىشلىگەندە خېلى يۇقۇرى بولغان سانلىق مەلومات مېقدارى ئاساسىدا ئۇلارنى توردا قانداق يەتكۈزۈش، سانداندا قانداق ساقلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆزى ھەل قىلىش كېرەك. ئۇيۇن دېتاللېرى بولسا كۆپ ئادەملىك، ئابونت بىلەن ئالاقىلىشىشى كۈچلۈك بولغان سېستىمىلار ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا سىز دۇچ كىلىدىغان ئىككىنچى مەسىلە تارقاقلاشتۇرۇش مەسىلىسى، ماس قەدەملىك بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى. مانا مۇشۇنداق باشقا يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىجادىيەت پائالىيتىدە باشقا قۇرال ۋە بايلىقلارغا تايىنىپ ھەل قىلىنىدىغان ھەرخىل مەسىلىلەرنى ئۇيۇن دېتاللېرىنى ئىشلىگەندە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.

      («پىروگىراممېر» ژورنىلىنىڭ 2007-يىللىق 3-سانىدىن تەرجىمە قېلىندى)

تەرجىمە قىلغۇچى www.uyghurdev.net   تور بېتى   Designer

matu يوللانغان ۋاقتى 2008-10-22 14:31:50

مەن يەنە كېلىمەن دىگەن ئىدى ئۇچقۇن .

taxnayurak يوللانغان ۋاقتى 2008-10-24 11:21:38

ياخشى يازمىكەن

Koktikin يوللانغان ۋاقتى 2008-11-1 12:04:25

بەلگە سېلىپ قۇيۇپ كىيىن تەپسىل.ئۇقۇسام بولغۇدەك . مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم ماقالىكەن .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-11-18 18:59:44

قانچە بالدۇر تۇتۇش قىلسا شۇنچە ياخشى.
قۇرالنىڭ ياخشىسىنى تاللاش كېرەك، ھەم كۆپ ئىشلىتىدىغانلارنىمۇ ئالا قويماسلىق كېرەك.
دۇنيادىكى ئېچىش قۇراللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىدىغان ۋەزىپىڭىز يوق، مەلۇم مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە شۇنىڭدىكى ئەڭ يېڭى، ئەڭ كۈچلۈك ئېچىش قۇرالىنى تاللاپ ئۆگىنىش كېرەك، بولمىسا ئۆزىڭىزدىن كىچىكلەر تەرىپىدىن شاللىنىپ قالسىڭىز كۆڭلىڭىز ئانداق- مانداق ئەمەس، خېلىلا يېرىم بولۇپ قالىدۇ.
يۈزلىنىشنى بىلىپ تۇرۇش كېرەك، چوڭ يۈزلىنىشكە سىناق نەشىرى ۋاقتىدىلا كۆچۈشنى باشلىۋېلىش كېرەك، پروگراممېرغا بۇنىڭدىن ئارتۇق مەمنۇنىيەت بولمايدۇ.

بىزگە ياخشى پروگراممېرلار كېرەك، ياخشى پروگراممېرلار ئەڭ ياخشى پىلانچى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، ئەڭ ياخشى پروگراممىلارنى تۈزۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پىلانچىلارنىڭ تەكلىپلىرىنى ھەر تەرەپتىن ئىزدەش كېرەك.
ياخشى پروگراممىچىك بازارغا يۈزلىنەلىگەندىلا ئاندىن قابىلىيىتىنىڭ قىممىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2008-12-20 18:33:49

قانچە بالدۇر تۇتۇش قىلسا شۇنچە ياخشى.
قۇرالنىڭ ياخشىسىنى تاللاش كېرەك، ھەم كۆپ ئىشلىتىدىغانلارنىمۇ ئالا قويماسلىق كېرەك.
دۇنيادىكى ئېچىش قۇراللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىدىغان ۋەزىپىڭىز يوق، مەلۇم مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە شۇنىڭدىكى ئەڭ يېڭى، ئەڭ كۈچلۈك ئېچىش قۇرالىنى تاللاپ ئۆگىنىش كېرەك، بولمىسا ئۆزىڭىزدىن كىچىكلەر تەرىپىدىن شاللىنىپ قالسىڭىز كۆڭلىڭىز ئانداق- مانداق ئەمەس، خېلىلا يېرىم بولۇپ قالىدۇ.
يۈزلىنىشنى بىلىپ تۇرۇش كېرەك، چوڭ يۈزلىنىشكە سىناق نەشىرى ۋاقتىدىلا كۆچۈشنى باشلىۋېلىش كېرەك، پروگراممېرغا بۇنىڭدىن ئارتۇق مەمنۇنىيەت بولمايدۇ.

بىزگە ياخشى پروگراممېرلار كېرەك، ياخشى پروگراممېرلار ئەڭ ياخشى پىلانچى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، ئەڭ ياخشى پروگراممىلارنى تۈزۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پىلانچىلارنىڭ تەكلىپلىرىنى ھەر تەرەپتىن ئىزدەش كېرەك.
ياخشى پروگراممىچىك بازارغا يۈزلىنەلىگەندىلا ئاندىن قابىلىيىتىنىڭ قىممىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------

باچكا ئەپەندىم ئۇنداقتا يىراقنى كۆرەرلىكلىرى بىلەن قاتتىق تېلدىن بىرنى تەۋسىيە قىلماملا، مەنغۇ مۇشۇ ++c/cلارنى ھەممە تېللارنىڭ بوۋىسىمىكى دەپقالدىم، ھەقىقى ياخشى دېتاللار مۇشۇنىڭدىلا تۈزۈلىدىكەن.

torxayi يوللانغان ۋاقتى 2009-1-5 19:34:44

خەتنى ھەم توغرا ھەم تېز بېسىشنى بىلگەندە

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 10:21:03

javaتىلىنى ئۈگەنگەندە   پىروگراممىر بولغىلى بۇلامدۇ ؟

بەت: [1]
: قانداق قىلغاندا ئۇستا پىروگىراممېر بولغىلى بولىدۇ؟