irpan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-20 23:14:21

كىلاسسىك ئەسەر:ئالتۇن يارۇق

   "ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻳﺎﺭﯗﻍ" ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺧﺎﻳﺎﻧﺎ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻧﻮﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻫﻪﺟﻤﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . " ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻳﺎﺭﯗﻍ " ﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻳﯧﺰﯨﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ 1909-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﮔﻪﻧﺴﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻴﯘﭼﯜﻩﻥﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﯓ ﻓﯘﮔﯘ ﺑﯘﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻧﯘﺳﺨﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ ﺭﯗﺱ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﻣﺎﻟﻮﯞ ﺋﯘﻧﻰ ﺭﺍﺩﻟﻮﯞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ 1915 - 1917 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ .( ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ )
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﺋﻪﺗﺮﯨﺪﻯ 1913-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺩﯗﻧﺨﯘﺍﯓ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔﺋﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺗﺎﭘﺘﻰ . ﺑﯘ ﻧﯘﺳﺨﯩﻼﺭ ﻫﺎﺯﯨﺮﺑﯧﺮﻟﯩﻨﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .
"ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻳﺎﺭﯗﻍ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ " ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚﻧﯘﺭﻟﯘﻕ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻖ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻮﻡ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﺳﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻧﻮﻡﭘﯜﺗﯜﻙ " ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ . "ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻳﺎﺭﯗﻍ " ﻗﻮﺟﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﯧﺸﺒﺎﻟﯩﻘﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻰ، ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﭗ، ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﺳﯩﯖﻘﯘ ﺳﻪﻟﻰﺗﯘﺗﯘﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . " ﺳﯩﯖﻘﯘ ﺳﻪﻟﻰ " ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، " ﺗﯘﺗﯘﯓ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﺍﻫﯩﺒﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﺍﻫﯩﺒﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﻩ ﻧﺎﻣﯩﺪﯗﺭ . ﭼﯜﻧﻜﻰﻗﻮﺟﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ،ﺋﻪﺩﯨﺐ،ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﺑﯘﺩﺩﺍﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﻫﯩﺒﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ .

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2008-10-21 00:30:36

ئوۋ ئەسلىدە .....

نەچچە دۆلەتنىڭ ئارخىلۇگلىرىنىڭ ئۇنى قولغا چۈشۈرۈشىدىكى مەخسىدى نىمە ئۇنىڭدا نىمىلە بايان قىلىنغان مەزمۇنىنى بىلىپ باقساق بوپتىكەن !

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-10-21 12:39:42

ئورخۇن خانلىقى بىلەن ئېدىقۇت خانلىقى دەۋرى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق مەزگىللەر بولسا كېرەك !

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسىگە شۇنداق تەسىر كۆرسەتكەنكى ھەتتا كىيىنىشتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم - كىچەكلىرىنى كىيىدىغان بولغان .

ئۇيغۇرلار جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى توپىلاڭ<<ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى>>نى تىنجىتقاندا تاڭ شاھى ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇرلىقىغا ھەيران قالغان . تاڭنامىدىمۇ <<ئۇيغۇرلار يانى ئالدىغان قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئاتىدۇ>> دەيدىغان مەزمۇنلار بار .تاڭ سۇلالىسى بىلەن تىبەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىسىز ھەل بولمىغان ...

بەت: [1]
: كىلاسسىك ئەسەر:ئالتۇن يارۇق