سەمىمى تىلەكلىرىم سىزگە يەتسۇن !
تۇرمۇشتا ھەممە ئادەم سىزنىڭ سۈيۈملۈك ئۇستازىڭىز ، چۈنكى سىز ئۇلار ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى دەڭسىيەلەيسىز . لېكىن سەمىڭىزدە بولسۇن ھىچكىم سىزدىن ئۇلارنى چوقۇم ياخشى كۆرۈشنى تەلەپ قىلمايدۇ .نۇرغۇنلىغان ئادەم ئۆزىگە زادى نىمىنىڭ كېرەكلىكىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ يۈرىدۇ . ئۇلاردا ئېنىق تۇرمۇش نىشانى بولمىغاچقا بىر دۆۋە ئېغىر بېسىم بولۇپ ئۆزىنى خورىتىۋالىدۇ . ئۆزىڭىز كۆڭۈلىڭىزدە ئويلىغان ئىشنى نىشان قىلىپ تىرىشچانلىق بىلەن قۇربان بەرسىڭىز تۇرمۇشىڭىز ئازادە ، مول مەزمۇنلۇق ئۆتىدۇ .
خوشال ئادەم ئۆزگۈرۈشنى قوبۇل قىلالايدۇ . چۈنكى ئۇلار مۇنداق دەيدۇ : كەلگۈسىدىكى 5 يىل ئۆتكەنكى 5 يىلدەك بولسا ، تۇرمۇشنىڭ نىمە لەززىتى بولسۇن !
كۆڭلىڭىزنى ئازادە تۇتۇشنى ئۈمۈد قىلسىڭىز قەلبىڭىزدە مىننەتدارلىق ھىسىياتى مول بولسۇن ! ئەگەر سىز تۇرمۇشۇم سەل ئوڭشالغاندىن كىيىن ..... دەپ باھانە كۆرسۈتۈشكە كۈنۈپ قالغان بولسىڭىز سىزدە مەن ئىشەنچ قىلغۇدەك ئۈمۈدنىمۇ تاپالمىغۇدەكمەن .
تەغدىم قىلغۇنىڭىزغا ھەر ۋاقىت مىننەت قىلماڭ ! ھەر قاچان كۈلۈمسىرەپ ئالغا ئىنتىلىڭ . باشقىلار بىلەن سەمىمى كۆڭۈل ئارقىلىق دوس بولۇشتىن قورۇقماڭ ! كىم بىلىدۇ ، ئۇلارمۇ سىز بىلەن سەمىمىي ئارلىشىشتىن قورقۇپ يۈرەمدۇ تېخى ! ........
سەمىمىي تىلەكلەر قەلبىمىزدىن مەڭگۈ ئۆچمىسۇن !! خوشاللىق چېھرىمىزدىن مەڭگۈ كەتمىسۇن !!
گۈلرۇھنىڭ تېمىلىرى ئېكرانغا پاتمايدىكەن، سىلەرگىمۇ شۇنداق كۆرۈندىمۇ يا ؟
ئۇنداق ئەمەسقۇ ، خەتنى كىچىكلىتىپ قويدۇمغۇ ؟سەمىمى تىلەكلىرىڭىزگە رەخمەت .
سۈزۈكنىڭ يازمىلىرىدەك بىلىندى.رەھمەت
قىسقا بولسىمۇ، مەزمۇنى بولىدىكەن. تىلەكلىرىڭىز ماڭا تەگدى .
بەت:
[1]