jasur يوللانغان ۋاقتى 2008-10-19 19:05:17

سۆيگۈنى باشتىن باشلاش مۇمكىنمۇ؟

بۇگۈن ئۆزەمگە نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم ،كەيپىياتىم ئىنتايىن ياخشى ئەمەس ئىدى،مەن كۈندە زىددىيەت ئچىدە ياشاۋاتاتتىم ،ئاشۇ سۆيگۈمنى قايتىدىن قۇبۇل قىلىشىم كېرەكمۇ؟ھىچكىم ماڭا جاۋاب بىرەلمەيتى..


مەن ئۇنى سۈيەتتىم ،ئۇنىڭدىن باشقا بىرىنىڭ كۆڭلۇمدىكى ئورنۇمنى باسالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى،ئەمما قانچىلىك سۆيگۈنى قايتىلاش ،باشتىن باشلاش مۇمكىن؟مەن بىلمەيتىم ،ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايتىم ،پەقەت ئۇنى ،ئىلگىرىكى خوشال ئۆتكەن ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇپ كىتىشنى خالايتىم .ئۇنتۇش مەن ئۇچۇن مۇمكىن ئەمەستەك تۇيۇلاتتى،ھەر قېتىم مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆزەمگە ئۆچلۈكۇم كېلەتتى،ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۇمگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلەلمەيتىم.



ئۇ كەتتى.. مەن ئىنتايىن ئازاپلاندىم ،ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن دەپ ئۆزەمنى ئاقلاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.چۇنكى ئۇنى چوڭقۇر سۇيەتتىم ،ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكەن بىر كۈنلەر ،ھەر بىر كىچىك ئىشلارمۇ مېنىڭ ئەسلىمە قوينىغا تاشلايتى.



بۈگۈن مەن ناھايىتى ئالدىراش ئۆتتۇم ،ئەمما كەچ كىرىش بىلەنلا پەرىشانلىقىم باشلاندى،ئۆزەمنىڭ كەيپىياتىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمىدىم،ئىنتايىن يلغۇزلۇق ھىس قىلماقتا ئىدىم،تۇيۇقسىز ھاراق بىلەن ئۆزەمنى بەزلىمەكچى بولدۇم ،ئەمما ئۇزاق ئويلاندىم ،مەن چۇقۇم ئۆزەمنى ئاسىرىشىم كېرەك ئىدى،چۇنكى ئۇ مېنىڭ ئازابلىنىمشىنى خالىمايتى.قاچان يەنە بۇرۇنقىدەك خوشال كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى بىلمەيتىم ،كۇندە ئۇنى كۇرۇپ تۇرىدىغان ،كۈلكىسى ئاڭلاپ تۇرىدىغان كۈنلەر كەلمەسكە كەتكەندەك قىلاتتى...



ئۇ مەندىن ئايرىلغان ۋاقىتتا تولىمۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلغان ئىدىم،كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۇزۇشنى بىلمەيلا قالغان،نىمە قىلىشمنى بىلەلمەيلا قالغان ئىدىم. نىشانىم ،ۋاقت قارشىم يوقالغان ئىدى.ئۆزەمدىن قانچە قېتىم سورىغىنىمنى بىلمەيمەن ،قاتتىق ئازاپلاندىم ،سەنسىز ئاشۇ كۈنلەردە نۇرغۇن ئۆزەم خالىمىغان ئىشلارنى قىلدىم،ھاراق بىلەن ئۆزەمنى مەس قىلىپ ،ئاشۇ كۆڭۇلسىزلىكلەتنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولدۇم..ئەمما ھەر ۋاقىت ئۇنى خىيال قىلاتتىم ،ئۇنىڭ نەدە نىمە قىلىۋاتقانلىقنى بىلگۈم كىلەتتى،ئۇ مېنىڭ قاتتق ئازاپقا قويغان ئىدى،ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىشنى خىيال قىلغان بولساممۇ ئۇنداق قىلالمىدىم،ئۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلىنىشنى ئويلىغان بولساممۇ ،ئەمما مەندە قىلچىلىك نەپرەتلىنىش ئاغرىنىش ھىسياتى يوق ئىدى،بەلكىم ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈم ئاللىقاچان يۈرىكىمگە ئورناپ كەتكەن بولسا كېرەك...


ئەمىليەتتە مەن ئۆتمۇشكە قايتىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم ،ئاشۇ ئۆز كۆڭلۇمگە ئۆزەم ئىگە بۇلالايدىغان ،كۈلكىگە تولغان تۇرمۇشقا قايتىشنى بەكمۇ خالايتىم ،ئەمما مەن يەنىلا ئۇنى چۇڭقۇر سۆيەتتىم ،مېنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىمگە قايتىشىم مېنىڭ مەيلىمدە ئەمەس ئىدى.چۈنكى مەن قاراڭغۇ كېچىلەردىكى پۇتۇنلەي ئۇنىڭغا تولغان ئەسلىمىلەردىن قاچالمايتىم ،قاراڭغۇ كېچىلەردە پەقەت سوغۇق شاماللا ماڭا ھەمرا ئىدى،ھەر قېتىم ئويغاندا مەڭزىمدە قېتىپ قالغان ياش تامچىلىرى ماڭا ئۇنى ئۇنتۇپ كېتەلمىگەنلىكىمدىن ھەم ئۇنتالمايدىغانلىقىمدىن بىشارەت بىرەتتى ،ئەمما  سۆيگۈنى باشتىن باشلاش قايتىلاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.....

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-10-19 19:22:37

قاراڭغۇ كېچىلەردە پەقەت سوغۇق شاماللا ماڭا ھەمراھ ئىدى ....

--------------------

ماڭا مۇشۇ جۈملە چىن ۋە تەسىرچان تۇيۇلدى. كۆز ياشلار ھەققىدىكى گەپلەر قىزلارغا ماس كەلگەن بىلەن، سىزگە ئوخشاش ساقاللىق << جەسۇر >> لار تىلىدىن يېزىلسا تازا قاملاشمامدۇ نېمە؟ ياكى مەن قېرىپ قالدىممۇ ؟!...

jasur يوللانغان ۋاقتى 2008-10-19 19:28:07

مەن پەقەت مۇزىكا بىلەن رەسىمنى قۇشۇپ قويدۇم ،مەزمۇننى بىرسىدىن كۇچۇرۋالغان .

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-19 20:21:02

بەزىدە مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن.

Julaliq يوللانغان ۋاقتى 2008-10-20 14:23:59

ئازاپلىق مۇھەببەت ، ئايىغى چىقماس شىرىن خىياللار...........

zilala يوللانغان ۋاقتى 2008-10-20 20:08:22

مۇتلەق شەيئى يوقتۇر ئالەمدە،

دېڭىزلارمۇ ،تاغلارمۇ نىسپى .

قەلبىڭ ئۇچۇن شاتلىق ۋە ئازاپ ،

بېغىشلىغان چاغلارمۇ نىسپى .

بەت: [1]
: سۆيگۈنى باشتىن باشلاش مۇمكىنمۇ؟