يۇمۇرلار
بىر كۈنى بىر ساراڭ قەيەرلەردىندۇر تىپىۋالغان تاپانچىسىنى ئويناپ كىتىۋاتسا ئالدىدىن بىر ئادەم چىقىپ قاپتۇ ، ئۇ ساراڭ دەرھاللا تاپانچىسىنى ھېلىقى ئادەمنىڭ مىڭىسىگە تەڭلەپ تۇرۇپ :
ياۋاشلىق بىلەن ئىيت ، بىرگە بىرنى قوشسا قانچە بولىدۇ ؟ :- دەپ سوراپتۇ . ھېلىقى ئادەم تولىمۇ قورقۇپ كەتكەچكە ھەم سۇئال تولىمۇ ئاددى بولغاچقا بىر ئاز تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىنئىككى بولىدۇ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ . ھېلىقى ساراڭتاڭقىلىپلا ئېتىۋەتكەندىن كىيىن ئۇ ئادەمنىڭ جەسىتىگە قاراپ سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ :
كەچۈر بۇرادەر ، سىنىڭ بىلىدىغانلىرىڭ بەك كۆپ بولۇپ كىتىپتۇ : دەپ قويۇپلا كىتىپ قاپتۇ .
كىچىكقۇش
بىر بىمار نىرۋا كىسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ قىشىغا كىسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن كەپتۇ .
بىمار : دوختۇر ، مەن دائىم ئۆزۈمنى بىر كىچىك قۇشتەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم .
دوختۇر : ئاپلا ، بۇ قانداق بولغىنى ؟ ئەھۋال ئېغىردەك قىلىدۇ ، قاچاندىن باشلاپ شۇنداق بولىۋاتىدۇ ؟
بىمار : شۇ مەن بىر كىچىك قۇشقا ئايلىنىپ قالغاندىن بىرى .
پىشمىدىم
ئىككى ساراڭ دوختۇرخانىدىن قىچىپ چىقىپتۇ ، ئۇلار يۈگۈرە - يۈگۈرە بىر تۈپ دەرەخنىڭ قىشىغا كەپتۇ ۋە دەرەخكە چىقىپ ئارام ئالماقچى بوپتۇ ، بىر ئازدىن كىيىن بىر ساراڭ دەرەختىن چۈشۈپ يەنە بىر ساراڭغا دەپتۇ :
بولدى ، چۈشە ئەمدى !
ياق بولمايدۇ ، مەن تېخى پىشمىدىم !
بىلدىغىنىڭ بەك كۆپ بوپكەتتى
پىشمىغان ساراڭ

