wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-16 22:12:19

شاڭخەيلىك سەيپىدىن

شاڭخەيلىك سەيپىدىن

مەن ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم ،لىكىن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ھۆرمىتىم بار ،2007-  يىلى يانۋار كۈنلىرى  ئىدى ،ئادەتتە بىر سوم پىلانىنىڭ  تەپسىلاتىنى سوراپ چ چ دا بولسۇن ۋە ياكى تېلىفون قىسقا ئۇچۇرىدا بولسۇن كىشىلەر مەن بىلەن ئالاقە قىلىشاتتى ،مەن ئۇلارغا  ھەر ھالدا خېلى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ تەپسىلاتىنى ئامالنىڭ بېرىچە چۈشەندۈرۈپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىشقا تىرىشاتتىم ،ئۇنىڭسىزمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىگـۈچىلەر قەلبىدە باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت مېھرىبانلىق كۈيى   ھەر زامانە ياڭراۋاتقان كىشىلەر بولغىنى ئۈچۈن كۆپىنچە ھاللاردا ياردەم قولىنى سوزۇشاتتى ....
ئۇمۇ ئەنە شۇنداق   تورداشلارنىڭ بىرى ، تېلىفوندىمۇ ياكى چ چ دىمۇ  ئېسىمدە قالماپتۇ ،ئىشقىلىپ ئۇ بىر كۈنى ئۆزىنىڭ شاڭخەي  مالىيە ئىقتىسات  ئۇنىۋېرېستېتىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ ئىقتىسات قىلىپ تاپقان پۇلىدىن 100 سومنى بىر سوم پىلانىغا ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇچۇر قىلدى ...
سىتۇدىنىت - ئۆيىدىن كەلگەن تۇرمۇش پۇلىغا تايىنىپ يات شەھەر مۇساپىرىتىدە بىر ئاينى ئۆتكۈزىدىغان نامراتلار توپى .
مانا بىزمۇ  شۇ ۋاقىتنى باشتىن  ئۆتكۈزگەن ،تورغا چىقىپ ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى تولا كۆرۈپ كەتكەن . ئۇ چاغلاردا ئىزدىنىشتىكى تورداشلار ئۈرۈمچىدە يىغىلىپ بىمارلارنى يوقلىشىپ كېلەتتى ،بىز بولساق ئىزدىنىشتا  ئەسەر كۆرۈپ تۇرىدىغان كۆرۈرمەن ئىدۇق . گەرچە مۇراجەت ئىگىلىرىگە شۇنچىلىك ياردەم قىلغۇمىز كېلىپ  تورغا چىقىۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە كۆڭلىمىز ئېرىپ ياشلىرىمىز ئېقىشقا ئاران تۇرسىمۇ لىكىن  مەكتەپ تورخانىسىدىن چىققاندىن كىيىن رىئاللىق يەنە بىزنى ئوسال ئەھۋالدا قوياتتى .چۈنكى بىر ئايلىق  تۇرمۇش پۇلىنىڭ ھەر بىر سوم پۇلى ئۈچۈن نەچچە رەتلەپ ھېساباتلارنى قىلىشاتتۇق ،دېمەك ئارمانغا تۇشلۇق دەرمانلار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشكە  ئاران تۇراتتى .
بىزغۇ ئۈرۈمچىدە شۇنداق ياشىدۇق ،لىكىن شاڭخەيلىك سەيپىدىن ، يۇرتىدىن شۇنداق يىراقتىكى  يۇقىرى ئىستىماللىق شەھەردە ياشاۋاتقان بۇ سىتۇدىنىت 1 سوم ئەمەس 100 پۇلنىڭ مېھرىدىن كېچەلىدى .ئۇ يەنە كېلىپ ئۆيىدىن كەلگەن پۇلنى ئەمەس ئۆزى ئىشلەپ تاپقان پۇلدىن قىيىنچىلىقى بار سىتۇدىنىتلارغا ئاتىيالىدى .....
ئۇنى تېلىفونۇمغا "شاڭخەيلىك سەيپىدىن "دەپ كىرگۈزىۋالغان ئىدىم ،شۇندىن كىيىن ھەر قېتىملىق يىغىلىشلارغا شاڭخەيلىك سەيپىدىننى تورداشلارغا سۆزلەپ بەردىم .بۇلتۇر خانتەڭرى تورىنىڭ  كىچىك يىغىلىشىدا ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلىغان مېھرىبان ئانىلار كۆز ياشلىرىنى ئاققۇزۇشقان ئىدى ...
دەرھەقىقەت ، پېقىرمۇ بىر سوم پىلانىنى باشلىغاندىن بۇيان ئەڭ تەسىر قىلغان ئىئانىمۇ دەپ مۇشۇ شاڭخەيلىك سەيپىدىننىڭ ئىئانىسىدۇر ........
يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم .بەلكىم ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇ پ  بىر تەرەپتىن ئىشلەپ  ئالدىراش يۈرگەندۇ .ۋە ياكى ماگىستىر ئوقۇشى ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تەييارلىق  قىلىۋاتقاندۇ .....
ئىشقىلىپ نېمىلا بولمىسۇن مەن ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ،چۈنكى ئۇ  ئۆزىنىڭ ھەركىتى ئارقىلىق تورداشلارنى تەسىرلەندۈرۈپ بىزگە مېھرىبانلىق پائالىيىتىنى داۋامە ئېتىشىمىزگە ئىرادە ،جاسارەت ،خىجىللىق ئاتا قىلدى .........


wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-16 22:36:03

جەۋلانباي ،سىلىگە ئەتە تېلىفون قىلاي ،ھازىر كەچ بوپتۇ ..

ئۇقۇشماي تاياق يەپ يۈرمەڭلا .....

konamiltik يوللانغان ۋاقتى 2008-10-17 14:37:48

ئەسسالام ۋاپادارىم ئەپەندى :مەن ئاز بولسىمۇ بۇ خەيرلىك ئىشلارغا <<كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلاي>>دېگەن بولسا تېلىفۇن نۇمۇرېڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-17 18:16:31

13565777257

sahralih يوللانغان ۋاقتى 2008-10-20 20:56:13

بولسا مۇشۇ قېرىندىشىمىزدەك مېھرىبان بىرسوم ساخاۋەتلىك ئەزالىرنى ئوبدانراخ تەشۋىخ قىلساخ قانداخ بولا ؟؟؟
بەت: [1]
: شاڭخەيلىك سەيپىدىن