(جەۋلان ) خەير - خوش ، Windows XP
خەلق گېزىتى تورى خەۋىرى :
مىكروسوفت شېركىتى بۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، 10 ئاينىڭ 20 كۈنىدىن باشلاپ قانۇنسىز نەشىردىكى Windows XP , Office XP , Office 2003 , Office 2007 قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋاقتى توشىدىغانلىقى ، ۋاقتى توشقاندىن باشلاپ ھەر بىر سائەتتە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى ۋە "قارا ئېكران" ھادىسسى يۈز بېرىدىغانلىقنى ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ۋاقىپ بولۇشىنى سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
مىكروسوفتتىكىلەرنىڭ ئاشكارىلىشچە ، سىز ئەگەر قانۇنسىز نەشىرىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز ، ۋاقتى كەلگەندە كومپيوتېرنى ئاچسىڭىز ئېكران تەگلىكى قارا رەڭدە بولىدۇ ، سىز قايتىدىن ئۆزىڭىز تەڭشىسڭىز بولىدۇ ، بىراق 60 مىنۇتتىن كېيىن ئۆز ئەسلىگە قايتىدۇ ھەمدە " سىز قانۇنسىز نەشىر بۇيۇمىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغۇچى بولۇشىڭىز مۇمكىن " ، " سىز ئىشلەتكەن XP قانۇنسىز ، توغرا تىزىملىتىلمىغان " دىگەندەك ئۆچۈرۈش بەلگىسى يوق ئاگاھلاندۇرۇش كاتەكچىلىرى چىقىۋالىدۇ ، ھەمدە ئېكراندا ئۆچۈرۈشكە بولمايدىغان بەلگىلەر پەيدا بولىۋالىدۇ ، Office نىڭمۇ ئالاھىدىلىكى شۇنداقراق بولۇپ ، سىزدىن تېزدىن قانۇنلۇق نەشىر تەكشۈرتىشىنى قۇبۇل قىلىشنى تەكلىپ قىلىپ ئۇچۇر ۋە بەلگىلەر ھەممە يەرنى قاپلايدۇ .
مىكروسوفتتىكىلەر ئەسكەرتىپ مۇنداق دىدى :
بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز جۇڭگۇ ئىشلەتكۈچىلىرىنى بولۇپمۇ تېخى ئەھۋالنى چۈشەنمىگەن بەزى ئىشلەتكۈچىلەرنى قانۇنسىز نەشىر ئېلىپ كېلىش ئىمكانىيىتى بولغان ھەرقانداق زىياندىن ساقلاش ئۈچۈن .
بۇ پىلان خېلى بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ ، بىرلىككە كېلەلمەي سوزۇلۇپ كەتكەن ئىدى ، كىم بىلىدۇ بۇ گۇيلار بۇ قېتىم راستىنلا ئاچچىقنى يامان قىپتۇ ، دۇنيا ئېغىر ئىقتىسادى بوران - چاپقۇندا قالغان مۇشۇ كۈندە بۇ خەقنىڭمۇ ئادەمنىڭ يانچۇغىنى كولىغۇسى كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟
ئەمدى باكالىق نەرسە راستىنلا قالمايدىغاندەك تۇرىدۇ جۇمۇ... يا ئاڭغىچە بىرەر ئامالى چىقىپ قالارمۇ؟
بۇنداق گەپلەر تولا بولغان، Genuine نىمۇ شۇنداق دەپ چىقىرىۋېدى بىردەمدە يېشىۋەتتى . بۇ قېتىمقىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
ئەمما بۇنداق قويىۋېتىش مىكونىڭ سىتىراتىگىسى، يەنى قانۇنسىز يوللار بىلەن قانچە كۆپ تارقالسا، مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن خەقلەر كومپيوتېر دىسە ۋىندوزدىن باشقىنى بىلمەيدىغان، ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان بولغاندا بىرلا ئاغامچىنى يىغىدىغان ئىش . ھازىر دەل ئاغامچىنى يىغىشنىڭ ۋاقتى كەلگەن بولسا كېرەك .
ئىشقىلىپ بۇلار بىلەن پروگرامما يەشكۈچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش توختاپ قالمايدۇ، ئەركىن پروگراممىچىلار دائىم ئالدىدا بىر قەدەم .
قانۇنلۇق ۋىرۇس تارقىتىپ ئاگاھلاندۇرىدىغان ئوخشايدۇ-دە؟ ئۇنىمۇ <破解> قىلىپ كىتەرمىكىن؟
مەن ھەقىقىي نۇسخسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن .... پات پات مىكروسوفىتنىڭ تور بىكىتىگە چىقىپ تەكشۈرتۈپ باقىمەن .感谢您完成验证过程和使用正版 Microsoft 软件
使用正版 Microsoft 软件可以确保您获得最新功能、安全和支持,这样有助于提高您的工作效率和扩展计算机的功能。
您还将可以获得只有正版 Microsoft 软件客户才可以使用的新创新和产品/服务。
ئەمدى ئىزدىنىشلىقلارمۇ ئۆگىنىپ، مۇنبەرگە كىرگەنلەردىن پۇل ژىغمىغىيدى؟يامان بولمىسا خەت يېزىشارمىز ......
لىنۇكىسنى توردىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ دەيدىغۇ . ئىقتىدارىمۇ ۋىندوۋىستىن قىلىشمايدىكەنغۇ..
مەن \" ھازىرمۇ DOS 6.22 نىڭ ئۇستىگە UCDOS7 نى قاچىلاپ، ئاندىن FoxBase 2.1 بىلەن تۇزگەن ساندانلىق پروگراممىلارنى ئىشلىتىۋاتىمەن دىسەم\" ئىشىنەمسىلەر؟
ۋاي مەن ساراڭ ئ.اكا بارمۇ سىز ؟
ئاۋۇ ئۆگىنىش بلوگىنى يازماسلا بۇلۇپ كەتتىڭىزغۇ ؟
ۋاي بىردەمدىلا يىشىۋېتىدۇ ئۇنى ، پاي بازىرىدىكىدىكى خەۋەرلەرگە ئوخشايدىكەن بۇ

مەن 5يۈئەنلىك XP SP2 نى microsoft نىڭ تورىغا كىرىپ يېڭىلاپ XP SP3 قىلغاندىم ، 5يۈئەنلىكXP قانۇنلۇق ئەمەستۇ
ياۋ پانا....مۇتنىڭ ئانىسى رەسمىلام ئۆلەۋاتىدۇ جۇما..... خەقنىڭ تور بىكىتىدە ئۇنىڭغا قارىتا تەدبىر تېپىپ چىقىلىپتۇغۇئەگەر 20- چېسلا راستىنلا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ سالسا...
مۇنداق قىلىمىز:
ئەگەر سىز ئىدارە- مەكتەپ قاتارلىق دائىرىلىك تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولسىڭىز، يەكشەنبە كەچتىن بۇرۇن مەركىزىي توپلاشتۇرغۇچتىكى بارلىق كومپيۇتېرلارنىڭ تور سىمىنى چىقىرىۋېتىپ، پەقەت بىرىنىلا سىناققا ئېلىپ قالىسىز-دە، شۇ كومپيۇتېردا شۇ كۈنى بولۇشىغا تورغا چىقىپ، 360 تا بولۇشىغا يېڭىلاڭ، تاماشا چىققان چاغدا سىز پەخىرلىنىپ تۇرۇپ بىرىنچى ھېكايە سۆزلىگۈچى بولالايسىز ئەمەسمۇ، ھاھ..ھاھ..ھاھ... مەنمۇ شۇ ھېكايە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ بىرىنچىسى بولۇشقا تىرىشماقچى.
ئەگەر سىز ئۆيدە تورغا چىقسىڭىز، ئۇنداقتا سىز كىرىدىغان تۆشۈك ئۇنچە چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن، جىمجىت ھەقىقىي نەشىرنى ئىشلىتىۋاتقانلاردىن بولمىسىڭىزلا، مۇھىم ھۆججەتلەرنى نۇر دېسكىغا زاپاسلاڭ، نۇر دېسكىغا كۈچىڭىز يەتمىسە بارماق دېسكىغا زاپاسلاڭ. ئاندىن، سىستېمىڭىزنى ياكى گوستتا، ياكى باشقا زاپاسلاش قۇرالىدا زاپاس قىلدىڭىزمۇ يوق، شەنبە كۈنى كەچتىن بۇرۇن تۈگىتىۋېلىڭ. قالغىنى تەلەيگە باغلىق.
ئەگەر سىز ھېچقانداق تەييارلىق قىلمىسىڭىز:
- بۇ خەۋەرنى ھېچنىمە دەپ ئويلىغان بولسىڭىز ئۇ ھالدا تەلەيلىككەنسىز، ئۇنداق بولماي قالسا دۇنيادىكى قورقۇنچاقلارنى تۇنجى بولۇپ مەسخىرە قىلىپ ھېكايە ئېيتالايسىز، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، ئاسماننىڭ بېشىڭىزغا چۈشكەن پارچىسى ئاستىدا يەيدىغانغا بىرەر- ئىككى قاسقان مانتا سېتىۋېلىڭ، سامسا بولسىمۇ مەيلى.
-ئەگەر سىز بۇ خەۋەرگە ئىشىنىدىغان قورقۇنچاقلاردىن بولسىڭىز، يوقىرىدا دىيىلگەن تەدبىرلەرنى قوللىنىشڭىزغا ئىشىنىمىز، ئەگەر ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمەي قالسا مەسخىرىگە ئۇچىرىسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق، چۈنكى بىز سىز بىلەن بىللە. ئەگەر، ئاسمان زادى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ كېتىپ قالسا، سىز ھېلىقى ئاسمان ئاستىدا قالغانلار سېتىۋالغان مانتىلارنى توخماق بىلەن ئۇرۇپ تارتىۋېلىڭ، مەززە قىلىپ بىللە يەيمىز، بىللە جۇمۇ!
باچكىنىڭ گەپلىرىنى كۆرسەم زە ...
مەن راستىنلا ماتىرياللىرىمنى XP دىن ئايرىپ چىقىرۋالدىم ...
خەقلەرنىڭ قان بېسىمى بىراقلا بىرمىڭ يىگرىمە پاسكالغا چىقىپ كېتىپ كاللىسى ئېتىلىپ كەتمىسۇن دىدۇققۇ..