wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 21:01:21

بىر سوم -مەن كەلدىم

مۇشۇ تاپتا تېلىۋىزوردا بورتالا تېلىۋىزىيە ئىستانىسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئىشلىگەن بىزنىڭ بىر سوم پىلانىمىز تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىم قويۇلماقتا .

بۇ فىلىم 8-ئاينىڭ 9-كۈنىغۇ دەيمەن تۇنجى قېتىم تېلىۋىزوردا قويۇلغان ئىدى ،تۇنجى قېتىم قويۇلغان ۋاقىتتا مەن ئولىمپىك مەزگىلىدىكى  ئامانلىق خىزمىتى بىلەن شەھەردىن 45كىلومىتىر يىراقتىكى بېسىم ئۆزگەرتىش پونكىتىغا چۈشۈپ كەتكەن بولغا چ كۆرەلمىگەن ئىدىم .

شۇ ھەپتىسى ئىككى قېتىم قويۇلغاندىن كىيىن توختىغان بۇ فىلىم  ئالدىنقى ۋە بۇ ھەپتىدە يەنە تەكرار كۆرسىتىلدى ...

-------------------------

ئۆيگە كېلىپ ئاياقنى سېلىپلا  كومپىيۇتۇرنى ئېچىپ قويۇپ تۇرۇشىمغا تېلىفون كەلدى ،ئاداش تېلىۋىزوردا سېنى قويۇۋاتىدۇ دەپ ،شۇنىڭ بىلەن تېلىۋىزورنى ئېچىپ قويدۇم ،ۋە ئايالىمغا ئاپامغا تېلىفون قىلىپ قويۇشىنى تاپىلاپ كىتاپخانەمگە كىرىپ تورنى ئاچتىم ،...

قايسى كۈنى بىرى :

ئاداش ،دەنشىتەينى بولىۋالمىغانسەن ،كۈندە سېنى ئېلان بېرىۋاتىدۇ ،چولپان بولغۇڭ بارمۇ ؟دەپ چاقچاق قىلدى .

مەن گەرچە بۇ فىلىمنى  ئالدىنقى ۋە بۇ ھەپتىدە تەكرار قويۇشنى باشلىغان بولسىمۇ لىكىن كۆرمىگەنلىكىمنى ،چولپان بولغۇم ئەمەس ئۇيغۇر بولغۇم بارلىقىنى چاقچاق ئارلاش بىلدۈرۈپ قويدۇم ....

بەلكىم كىشىلەر بۇ  فىلىمنى كۆرۈپ دىۋانىدىن زېرىككەندەك  زېرىككەندۇ ؟

روزا ھېيىت يېقىن قالغان ۋاقىتلاردا تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدىكى خەلىمە ھەدەمدىن تېلىفون كەلدى .ۋە مەلۇم بىر بىمارنىڭ  ھال ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى  بىلدۈرۈپ ياردەم قىلىشىمىزنى سورىدى .

شۇنىڭ بىلەن مەن ۋە "ئۇيغۇر"-ئابلاجان مەمتىمىن ئىككىمىز دوختۇرخنىغا باردۇق  ،بىمار ئائىلىسىدىكىلەرگە ئازراق شەخسى كۆڭلىمىزنى بىلدۈرگەندىن كىيىن  بىر سوم پىلانى نامىدىن بىمارلارغا ياردەم قىلمايدىغانلىقىمىزنى ،بىراق شەخسەن نامدىن مۇراجەتنامە يېزىپ  بېرىپ ياردەم قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتۇق ..

مۇراجەتنامە يېزىلىپ بورتالا دىيارىدىن  8500 سومدىن ئارتۇق پۇل يىغىلىپتۇ ..

شۇنچىلىك خۇشال بولدۇق ،چۈنكى بىر موھتاجغا شۇنچىلىك بولسىمۇ ياردەم قىلالىغان ئىدۇق ،بىزنىڭ قىسقا فىلىمنى ئىشلىگەن خەلىمە ھەدەممۇ  بۇ بىمارغا تېخىمۇ كۆپ پۇللار يىغىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ  مېھرىبانلىق پائالىيىتىمىزنىڭ فىلىمىنى تەكرار كۆرسىتىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى ....

كومپىيۇتۇر نى ئېچىشىمغا قىسقا فىلىم ئىچىدىكى ئاخىرقى كۆرۈنۈش بولغان "كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل "دىگەن مۇڭلۇق مۇزىكا چىقىپ مۇنۇ قۇرلارنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .....

كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل ..............

كۆڭلىمىزگە كۆز تەگمىسۇن .......

قايسى كۈنى بىر سوم پىلانىمىزنىڭ ئاكتىپ مېھرىبانى "سەھرالىخ" ئاكا 7-ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇق ئىككىنچى يىلىققتا ئوقۇيدىغان  دېھقان قىزىنىڭ پۇلى يوق تولىمۇ قىسىلىپ قېلىۋتقانلىقىدەك خەۋەرنى تېپىپ كەلدى ...

500 سوم پۇل .........

مۇشۇ پۇل بولمىسا بۇ قىز سىنىپتا خاتىرجەم ئوقۇيالمايتى ....ئوقۇتقۇچۇم قاچان پۇلنى سۈيلەپ قالاركىن دەپ ئالاقىزادە ئىچىدە ئولتۇراتتى .

شۇنىڭ بىلەن بۇرادەرلەرنى يىغىپ بۇ 500 سومنى يىغىش قىلىپ بۇ قىزنىڭ كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىش شارائىتىنى يارىتىش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان بولدۇق ...

ئاڭغىچە   ئېلىكتىر-توك ساھەسىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ،ئەڭ جاپالىق سېپىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتدېشمىز بۇ ئىشنى بىلگەندىن كىيىن قىزىنىڭ ياش تويى  بولغان كۈنى ئەنە ئەشۇ سىڭلىمىز 10-سىنىپنى خاتىرجەم ئوقۇشى ئۈچۈن 500 سوم پۇلنى ئاتىغانلىقىنى ئېيتىپ پۇل چىقاردى ، توردىشىمىز سەھرالىخمۇ ئوقۇش ماتىرىيال پۇلى دەپ 100 سوم چىقاردى ....

شۇنىڭ بىلەن بۇ پۇلنى ئۇ قىزنىڭ مەكتىپىگە بېرىپ تولىمۇ پىنھان ھالدا قىزنىڭ  قولىغا يەتكۈزۈپ ،چوقۇم ياخشى ئوقۇشى كېرەكلىكى ،ھەرگىزمۇ خىجىل بولماسلىقى ، پەقەت ياخشى ئوقۇپ نۇقتىلىق  ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتەلىسلا دانا ھۆكىمىتىمىزنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسدە ئوقۇش  ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ،بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى تۇرمۇش پۇلىنى غەملەپ بېرىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ قايتىپ كەلدۇق ..........

بۈگۈن كارتىغا يەنە بىر تورداش 10 سوم پۇل ساپتۇ ....قايسى كۈنى 50 سوم كەلگەن ئىدى .....

ياز كىرگەندىن بۇيان خىزمەت ئالدىراشلقى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە توي تەييارلىقى دەپ ئۆزەمچە ئالدىراش بولۇپ كېتىپ بىر سوم پىلانى تور بېرى -بىر تىللانىڭ بارلىق  ئېغىرچىلىقلىرىنى توردىشىمىز قاينام ،قۇتيار ۋە لاۋزىلارغا تاشلاپ بېرىپ تور دۇنياسىدا  كۆرەرمەن بولۇپ  قالغان ئىدىم ....

بايام بىر سوم پىلانى تونۇشتۇرۇلغان فىلىمنىڭ ئاخىرقى قىسىمىدىكى سۈرەتلەرگە بىرلەشتۈرەلگەن "كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل "دىگەن ناخشىنى ئاڭلاپ قەلبىم لەرزىگە كېلىپ  بىرسوم  پىلانى ئالبومى ۋە خاتىرىلىنى قولۇمغا ئېلىپ مۇنۇلارنى يېزىپ كەتتىم ...

بىر سوم پىلانى ،قاينام ،قۇتيار ،ۋە بىر سومغا كۆڭۈل بولىۋاتقان بارلىق مېھرىبانلار ،مەن كەلدىم .......

ساخاۋەتچى  مېھرىبان قەلىپ ئىگىلىرىنىڭ قىلغان مىننەتسىز ياردىمى بىلەن  ياڭرىغان مېھرىبانلىق مىلودىيەرىمىزنى ئۈزلۈكسىز ياڭرىتىپ  سوتسىيالىستىك ئىناق جەمىئەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىپ بىر سوم پىلانى مېھرىبانلىق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىمىز ....

ئەمىسە مۇشۇ تېمىدىن  كىيىن "بىر سوم پىلانى ئارقا ھويلىسى " دىگەن ئانا ماۋزۇدا بىر سوم پىلانى  ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى باشلايمەن ..

تۇنجى ماقالىمىز "شاڭخەيلىك سەيپىدىن "پات ئارىدا ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ ...........

ئاخىردا بارلىق مېھرىبان قەلىپ ئىگىلىرىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن .....

شەھرى بورتالا ،ۋاپادارىم خانىسىدە  تورغا بىۋاستە يوللاندى .....

بىر سوم پىلانىغا ئېلان چېكىش ئارقىلىقمۇ قاتنىشالايسىز ....

http://www.1tilla.com

ablikimtmr يوللانغان ۋاقتى 2008-12-24 12:52:03

بۇ ناھايىتى ياخشى پائالىيەتكەن!!!مۇمكىن بولسا بانكا كارتىسى دىگەن يەرگە(يوللىغۇچى:پۇچتىخاناكارتىسى دەپ قۇشۇپ قۇيسا )تىخىمۇ ياخشى بۇلاتتىكەن.

totem يوللانغان ۋاقتى 2008-12-24 17:30:29

مۇشۇ پائالىيەتكە مەنمۇ قىزغىن ئاۋاز قۇشاي.كىلەر يىللىق بەدەل پۇلۇمنى تاپشۇرۋىتەي دەيمەن.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 21:21:27

جەۋلانباي ، بىرەسىگە باش سۈرەت ئىشلەتكۈچە مۇشۇ رەسىمنى ئىشلىتىپ تۇراي دېسەم بولمايدىغۇ .......

سېستىما خاتالىق دەپ چىقتى  ،

پارا بەردى دەپ قالغان ئوخشايدۇ مېنى بۇ ئىزدىنىش ....... ......

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 21:38:50

بوپتۇغۇ ،  

ھارماڭ يىگىت !

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 21:42:59

سىلىگە مىڭ رەھمەت جۇمۇ باشلىق ......

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 21:47:14

بىرسوم توربىتى ئىچىلغىلىمۇ ئۇزۇن بولدى .

ئۆزىمىزنىڭ خىيالىچە خەق ناخشا -مۇزىكا توربىتى قۇرۇپ ئاشۇ ئامرىكىلىقلارنىڭ پۇلىنى ئالالايدىيۇ بىز نىمە دەپ ئالالمايمىز دەپ بىلوگدىن باشلاپ مانا توربەتمۇ قۇرۇلدى ،لىكىن بىريىلدىن بىرى ئاشۇ پۇل 100دوللارغا توشمايۋاتىدۇ .

ھازىر بىرسومغا كىرىدىغانلار ئاساسلىقى بىرسومغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ،ئىلان چىكىش ئۈچۈنلا كىرىۋاتىدۇ ،شۇنداق بولغاچقا كىرىدىغان ئادەم ئاز ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئىلان چەككەندىن كىيىن ئىلاننىڭ چكىلىش نىسبىتى ئىشىپ كىتىۋاتىدۇ .

ئالدىنقى قىتىم قاينام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىرسوم بايرىقى ئاستىدا بىر تور بەت قۇرۇشنى ،قۇرۇلماقچى بولغان توربىكەتنى تورغا چىقىش جەريانىدا ئىھتىياجى چۈشىدىغان ،شۇ توربەتكە بىرسوم ئۈچۈن ئىلان چەككىلىلا ئەمەس ،ئۆزىگە مەلۇم نەرسىنى ئىزدەپ كىرىدىغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىايلى دىيىشكەن ، لىكىن ئوقۇش بىسىمى ،ئالدىراشچىلىقى بىلەن ئۇ ئىشلارغىمۇ يىتىشىپ بولالمىدۇق . ھازىرقى تور بىكەتنى قولىمىزدىن كىلىشىچە تەشۋىق قىلدۇق ، ئالدىنقى قىتىم بىر تىمىدا قاينام بۇرادەر دەپ ئۆتكەندەك ياردەم بولسا بىزگە قىلىڭلار دىگەنلەرمۇ بولدى ،پۇل بەرسەڭ ئىلان قىلىپ بىرىمىز دىگەنلەرمۇ بولدى . قاينام سەلكىنگە تىما يوللىسا ئۇنى ئۆچۈرۈپتۇ . يەنە بەزىلەرگە دەپ بولغۇچە كارتا نۇمۇرىنى سورىدى ،ئىشقىلىپ نىمىلا بولمىسۇن بىر قىسىم بىكەتلەر بىرسوم توربىكىتىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ .

بىلىككە شۇ توغراسىدا تىما يوللىسام بىرتالمۇ ئىنكاس چۈشمىگەنتى سەل كۆڭلۈم يېرىم بولغان ،لىكىن ئالدىنقى كۈنى بىلىكتە تىما كۆرىۋىتىپ بىكەت باش بىتىدە بىرسوم پىلانىنىڭ ئىلانىنى كۆرۈپ قالدىم . بىلىكمۇ باش بىتىدە ئىلان قىلىۋاتىدۇ .

ئۇنىڭدىن باشقا بىكەتلەرمۇ ئالدىنقى قىتىم بىر تىمدا يىزىلغان ئىدى . ھازىر مۇشۇ ئىزدىنىش قالغان ئوخشايدۇ بىز مۇشۇ گەپنى قىلمىغان .مۇۋاپىق كۆرسە ئىزدىنىشنىڭ دوستانە ئۇلىنىش قىسمىغا قوشۇپ قويۇلغان بولسا دەپ ئويلاپ قالدىم .

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 21:51:52

بىر سوم پىلانى ئۈچۈن چوڭ ئىش قىلىپ بېرىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. ئەمما، ئەزالىق بەدەل پۇلۇمنى تاپشۇرالايمەن . ئېيىغا 1 سومدىن يىلىغا 12 سوم ، خالىسام 20 سوم ياكى 50 سومنى بىر سوم پىلانىنىڭ كارتىسىغا تور ئارقىلىق يوللىۋەتسەملا ئىش پۈتىدۇ.

مەن بارلىق ئىزدىنىش ئەھلىنى بىر سوم ئەزالىق بەدەل پۇلىنى قالدۇرماي تاپشۇرۇشقا دەۋەت قىلىمەن. يىلدا پەقەت 1 قېتىم تاپشۇرسىڭىزلا بولىدۇ.

abdussamad يوللانغان ۋاقتى 2008-10-15 00:39:50

  توردا قانداق تاپشۇرمىز؟

支付宝 يوقمۇ؟

WWW.ALIPAY.COM دېگەندەك...

چۈنكى بۇنداق بولغاندا بەك قولاي بولاتتى، بانكىغا بېرىشمۇ يوق ..

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-15 07:35:32

بار ......

بۇرۇن بار ئىدى ....قېنى مەن بىر سىناپ باقاي ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-10-15 09:27:04

بىزگە كەلگەن پىراكتىكانتلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئۈرۈمچىلىك ئوقۇتقۇچى ھەر يىلى خېلى كۆپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاماق، ياتاق، ھەتتا ئوقۇش پۇللىرىغىچىلىك تۆلەپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئېيىتقان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن كۆنۈپ قالىدىغانلارمۇ تەڭلا ئۆنۈپ بولىدىكەن... ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۆيدىن ئېلىپ كەلگەن ئوقۇش پۇلىنى خەجلەپ تۈگىتىپ بولغان بەزى بالىلارغا تۆلىۋەتسەڭ بولاتتى، دىسە، ئۇ كىشىگە ئەمىسە سىز تۆلەپ قويۇڭ، دەپتىكەن...

بەرگەنسېرى تەمەخورلارمۇ قوشۇلۇپ كۆپىيىپ يۆلىنىپ ماڭىدۇ.
مۇشۇ بىر سوم يىغىلغان پۇلنى دومىلىتىپ ماڭمىسا داۋاملىق بىر پۇتى يوق ناكا بولىدۇ. يوقنى بار قىلىش بولمىسا بەرىكەت بولمايدۇ.

ۋاپادارىم، مۇشۇ بىر سومدا يىغىلغان پۇلدا بۆرتالادىكى تولۇقسىزلاردا مودىل مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ مۇكاپاتلىق مارافونچە پائالىيەت قىلىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟
قانداقلا مودىل بولسا بولىدۇ، ئادەم مودىلىدىن باشقا! ئىمارەت، ئايرۇپىلان، ماشىنا ئادەم... ئىشقىلىپ ئوقۇغۇچى ئۆز قولىدا كېرەكسىزلەردىن ياسىغان، ياكى ئەھمىيەتلىك، ياكى ھەركەتچان مودىللار بولسا بولىدۇ، شارائىتقا، نەتىجىگە، رىغبەتلەندۈرۈشكە ياردەم قىلىڭ، يەپ بولۇپ ئۇنتۇپ قالىدىغانغا قارىغاندا بالىلارنىڭ بىلىش- ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش دۈمبىسىگە كېيىم بەرگەندىن ئارتۇق. تۇغقان ئاتا- ئانىسى  ئەڭ ئەقەللىي شارائىتىنى ھازىرلاپ يېتىشەلەيدۇ، سىز ئۇ بالىلارنىڭ دۈمبىسى بىلەن سومكىسىنى كۆتىرە ئالغاندىن كاللىسىنى كۆتىرە ئالسىڭىز ياخشى بولاتتى.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-10-15 10:25:52

مېنىڭچىمۇ شۇنداق ، بىز ئاساسى مەقسىتىمىزنى ماددى جەھەتتىن ئەمەس بەلكى مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە قاراتساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .  پىلانىمىز تەرەققى قىلىپ ئىقتىساسىمىز تەرەققى قىلسا <<بىر سوم پىلانى ئوقۇش مۇكاپاتى>> دېگەندەكلەرنى تەسىس قىلساق بىزگىمۇ يارىشىدۇ ، ئەلۋەتتە .  

لىكىن پىلانىمىزنىڭ جەمىيەتتىكى قوللاش ئەھۋالى قانداق ؟ بۇنى ۋاپادارىم بىلىدۇ ، لىكىن تور يۈزىدىكى قوللاش يەنىلا تار دائىرلىك بولۇپ قالدى ، پىلانىمىزنى بۇرىندىن بىلىدىغان بىر نەچچە بۇرادىرىمىز يېقىندىن قوللاۋاتىدۇ ، شۇنداقتىمۇ كۈندىلىك زىيارەت 100 گىمۇ يەتمەي ، تا ھازىرغىچە ئا دوللارنى 100 گە يەتكۈزەلمىدۇق . قۇتيار دېگەندەك بېكىتىمىزگە كىرۋاتقانلار پەقەت پىلانىمىزنىڭ يۈزىنى دەپلا كىرىۋاتىدۇ .

توردىكى تەشۋىقات ئەھۋالىدىن قارىغاندا بىر سوم پىلانىنى بىلىدىغانلار يەنىلا ئىنتايىن ئاز ! پىلانىمىز تېخىمۇ كۆپ تور ئەھلىنىڭ قولىشىغا مۇھتاج !!!

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-15 21:28:01

جەۋلانباي ئىزدىنىشتە ماڭىدىغان قىلىپ ئېلان چىقىرىپ بەرسە بولارمىكىن يا ........

سىزنىڭ پىكىر تەكلىپىڭىزگە رەھمەت باچكا  بۇرادەر ..

ئەلبەتتە  كىيىنچە قۇربىمىز يەتكەندە شۇ ئىشلارنىمۇ قىلىپ قالارمىز ...

سىز بىلمەيسىز ..

يىغىلغان كىيىم كېچەكلەر بار ئىدى ،يېزالاردىكى نامرات بالىلارغا كەيدۈرەي دىگەن ئىدىم دېسەم ،

بىزنىڭ ئىسكىلاتتا ئىچكىرىدىكى لوبەن بەرگەن كىيىم دۆۋلەگلىك دەپ ئەسسالام دىگەن قولۇمنى ئىلىك ئالماي يوغان ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇشقا  ئالدىراپ ئىشخانىسىغا  كىرىپ كەتكەن باشلىقلارنىمۇ كۆرگەنمەن ....

ئىشقىلپ

كۆزۈمدە لىق ياش .

قەلبىمدە ئەلەم ....

لىكىن يىغلىمايمەن ...

تۆكەر بۇ دەتنى ،

قولدىكى قەلەم .............

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-15 22:09:04

باچكا ئەپەندى توغرا دەيدۇ. بىلىق بەرگەندىن بىلىق تۇتۇشنى ئۈگىتىپ قويغان ئەۋزەل.

ئەگەر بىر سوم پىلانى تور بىتى بولسا ، مەن  http://putbol.cn/ تور بىكىتىدە ئۇلىنىش قىلىپ قوياي. بىكەت باشلىقىغا دەپ.  بۇ تور بىكىتىمۇ يېڭى بولسىمۇ خىلى تەرەققىي قىلىپ قالدى. (ئېلان قىلىۋالاي جۇما مۇشۇ پۇرسەتتە )  ھازىر ئەزالىرى 6800 دىن ئاشتى. ئۇلىنىش قىلىپ باقساق ، ئاشۇ ئەزالارنىڭ ھىچ بولمىغاندا ئۈچتىن بىرى بولسىمۇ قوللاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-15 22:11:43

ھەراست  ۋاپادارىم ئەپەندى ....كىيىم-كىچەك  مۇ  قۇبۇل قىلامسىلەر ؟

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-15 22:35:44

بىر سوم پىلانى تور بىتىنى ئەتىگىچە رەسىم ئىشلەپ ،.http://putbol.cn/index.php  مۇنبىرىدە ئۇلىنىش قىلىپ قويدىغان بولدى.

بەزى دوستلىرىمنىڭ بىر سوم پىلانى تورىغا بەرگەن تەكلىبى :  بىر سوم پىلانى تور بىكىتىنى ئونۋىرسال مەزمۇن كۆپرەككەن. بولسا  ئۆزىنىڭ پىلانىنى تەپسىلىي تونوشتۇرۇپ ، يېقىنقى ئىش-پائالىيەتلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يىزىپ ماڭغان بولسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى دەيدۇ.

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2008-10-15 22:48:27

ئەگەر ماڭا ئىشەنسەڭلار مەن taobao دا دۇكان ئېچىپ، بىر سوم پىلانىنىڭ تىللاسىدىن ئىئانە قىلغۇچىلارغا سېتىپ بىرەي!

سېتىلغان پۇللارنى ئايدا بىر قېتىم بىر سوم پىلانىنىڭ ھىساۋاتىغا يوتكەپ بىرىمەن!

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-15 23:30:52

بېكەت ئۇلىنىشىغا قېتىپ قويدۇق ، ئۈستىدىكى ئېلانغىمۇ قوشتۇق ، سىلىگە ئۇتۇق يار بولسۇن ئوغانبالا ئەكەك !

koltigen يوللانغان ۋاقتى 2008-10-16 10:24:40

مەن قۇرۇق گەپنى قىلماي،يۆل گەپتىن بىرنى قىلاي.

ھېلى بىلىپ قالىسىلەر.مەن بىر چارە قولىناي ئالداپتۇ دەپ ئاغرىنماڭلار ھە.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-16 20:33:10

مېھرىبانلارغا رەھمەت ........
بەت: [1] 2
: بىر سوم -مەن كەلدىم