jewlan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 06:23:32

(جەۋلان ) خەلقارالىق ھەزىللەر

قوپاڭلوي زىمىستان، تۇرە مەتۇ ، ما جاھاندا نىمە ئىش بولۇشۇپ كېتىۋاتىدۇ بىلىشىۋاتامسەن ،

دوللارنى قاسساپقا بۇرۇنقىدىن كۆپرەك ساناپ بېرىپ گوش يىيىشۋاتامسەن؟

ھە ، ئاندا بولغانكىن ، شۇنىڭ گېپىنى قىلىلى ئەمىسە ،

ئىزدىنىش ئەھلى قايلاۋئولتاسادوست تارتىشىپ ئۇخلىشىپ .......

ئاڭلاڭلا ماندا ،ياغنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىۋاتىدۇ ، ھەي مۇشۇ ياغ نەگە كېتىۋاتىدۇ دىگەن ئاچچىق خام خىيال ئىچىمنى سىقىپ كۆڭلۈمنى مۇنبىرىمىزگە يېڭى كىرىپ ئۆزىنى بىلىپ بولالماي تۇرۇپسالام دۇنيانىڭ "بويتاقچىلىق" ماركىلىق "سېسىق گەپ "ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان تەلەيسىز يېڭىياچىنىڭ ھەللەق يىگەن كۆڭلىدەكلا بىر خىللا قىلىپ قويىۋاتىدۇ دەڭلا ، بۇ ياغ باھاسى ئۆرلىسە ھەممە نەرسە تەڭ ئۆرلەپ خاپا سېلىۋاتمامدۇ...شۇنىڭ دەردىدە ھەممەيلەننىڭ كۈنى تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ ،قىيامەتتە بولىدىغان ئىشلارنى ئەتە ئۆگۈن دىيىشىپ ھازىر نەق - پەق گەپنى قىلىشمايلىما؟

تەنھا ئەپەندى ، پاپىروستىن بىردىن تارقىتۋەتمەمسىز ، تەبىئى چىقسۇن

گەپنى مەن تەشكەنكىن ، ئاۋال مەن سۆزلەي ماقا ...

ياغ دىگەنغۇ ئوبدان نىمە بولمىسا ، شەيتانغىمۇ توپا يەمسەن دىسە يېغى بولسا يەيمەن دەپتىكەنغۇ ... ( قۇيماق يىگىلىرى كەپ كەتتىما مۇزىكفان غوجوم ، ما گەپكە قۇلاق سەپ ئولتاسىلا )

بىراق مۇشۇ نېفىت دىگەن بۇ سۇيۇقلۇق ھازىر دۇنياداتومۇردا ئېقىۋاتقان ئىسسىق قاندەك مۇھىم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ شۇنداقمۇ كۆلتىگىن ئەپەندى؟ دىمەكچى بولغىنىم شۇكى بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يالغۇز چەتئەللىكلەرلا ئەمەس ، پۈتۈن دۇنيا خەلقى ھازىر شۇنىڭ كاملىقىدىن ياكى توغرا ئۈنۈملۈك تەقسىم قىلىنمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئىقتىسادى كىرزىسقا دۇچار بولۇۋاتىدۇ ، بانكىلار تاقىلۋاتىدۇ ، پايچەك شىددەت بىلەن چۈشىۋاتىدۇ ، ئىقتىساد بازارلىرىدا داۋالغۇش ئېغىر بولغانلىقتىن مەبلەغ سالغۇچىلار پۇلىنى بىخەتەر ئىشكاپلىرىغا چىڭ سېلىپ ساقلاپ قويۇپ ، دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ سەل پەل ئوڭشىلىشىنى كۈتىۋاتىدۇ ، بۈگۈن بۇش دىگەن ئىتنىڭ كۈچىگى ( ئالايماڭلا ئەزىزجون ، سىلىنىڭ تۇققۇنىڭلا بولمىغانكىن ، بىز مەلىدە دوقمۇشلىرىدا ئاشۇنداق تىللاۋېرەتتۇق ، كۆنەپ قاپتۇق ) تەخىتتىن چۈشىدىغانغا دەل 100 كۈن ۋاقىت بارىكەن ، بۇ كىرزىس دىگەن بىر نىمىسى ئاشۇلار ئاقساراينى ئۆتكۈزۈشۈپ بېرىشىپ ، خوشلىشىپ ، يەنە بىر ناتونۇش ئامېركا زوڭتۇڭى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولغاندا تۈگەرمۇ ؟يا ئاڭغىچە ما بوش دىگەن ئاقسا بىر ئىش قىلارمۇ ؟ ھېچ بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ جۇما ...

بارنى ئوغرى قالدى ، قالغىنىنى قاراقچى ، ئۇنىڭغىمۇ ماقا ،   ئۇنداقتا ، يەنە قانچىلىك نېفىت بار؟ ئۇنى كىم بىلىدۇ ، ياراتقان خۇدا ئۆزى بىلمىسە ...

بايام گېزىتنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە كىشىلەر پەن تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىچە پەرەز قىلىشقان يەنە قازالايدىغان نېفىتنىڭ ئومۇمى زاپىسى يۈز مىليارد تۇڭ ئىكەن(قانچە توننا كېلەر ھە مۇشۇ 86 ئەپەندى؟) ، بىراق كىشىلەر ھەر يىلى 3 مىلياردىنى سەرپ قىلىپ تۈگىتىدىكەن ، بۇ سان يىلدىن يىلغا ئېشىۋېتىپتۇ دەك ، دىمىسىمۇ نېفىت ئىشلىتىدىغان چوڭ دۆلەتلەردىن جۇڭگۇ بىلەن ھىندىستان روسىيە بىلەن ئامېركىنىڭ بۇ جەھەتتىكى نۇرغۇن پايدا مەنپەئەتلىرىنى چەكلەپ قويدى ، شۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى نېفىت ئىشلەپچىقىردىغان 6 چوڭ دۆلەتيەنى ( سەئۇدى ، ئىران ، ئىراق ، ۋېنسۇئىلا ، كۇۋەيىت ، كانادا ) دىگەن دۆلەتلەر دۇنيادا قىززىق نۇقتا بولۇشقا باشلىدى ، ( شۇنداق بولمىدىما ، زىيالى ، سەت قايلايلىسىغۇ) ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا زامىرلىرىنى تاقىشىپ ، بىر بىرىگە قىيدىشىپ يەرنىڭ تەكتىدىن چىققان قارا ياغنى تالىشىپ قىلمىغان قىلىقلىرى قېلىشمىدى ، ھېلىھەم دۇنيا تېخى شۇ جېدەل ماجرادا ... بۇنى خۇڭجىڭ ئوينايدىغانلار بەكمۇ ھىس قىلىدۇغۇ دەيمەن ھە ، تەدبىركار شوركا ،ئىشپىيون ئەۋەتىپ خەقنىڭ پۇلىنى ئوغىرلىۋالسىڭىز ياكى پايدىلىق يەرلەرگە كان قۇدۇقلىرىنى قۇرۇپ جىق پۇل تېپىۋالسىڭىز نۇرغۇن ئىلغار قوراللارنى ئىشلەپ چىقىرالايسىز ، مۇداپىئەرىڭىز كۈچلۈك بولۇپلا قالماي ھۇجۇمىڭىزمۇ قالتىس چىقىدۇ ،رېئاللىقمۇ شۇنداق ، ھازىرقى بار بولغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى تالىشىش ئۇرۇشىنىڭ ھىدى شىمالى قۇتۇپتا ئاز تولا پەيدا بولۇپ قويۇپ جىم بولدى ، قاراڭلا ، روسىيە دېڭىزنىڭ تەكتىنى مېنىڭ يېرىم دىسە كانادا ئۇنىماي خاپا بولۇشۇپ ، دېڭىز تەكتىگە بايراقلىرىنى سانجىشىپ ھومىيىشىۋاتىدۇ ، تېخى يېقىندا ئاڭلىسام ، روسنىڭ چېگرا بويىدىكى بورۋايلىرى يانتۇ قېزىپ جۇڭگۇ چېگرىسى ئىچىدىن قېزىپ ئەكەتكەن ماينىڭ ئورنىغا تۆلەم بېرىپ ، نېفىت زاپىسى يوق مەلۇم بىر يەرنى جۇڭگۇغا رەسمى ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ...

ھەي ، بۇ ياغنىڭ غەلۋىسى خېلى خاپا سالىدىغان ئوخشىمامدۇ جاھاندا دەيمەن؟ يۈكسەلجان ، قوينىڭىزدىكى گېزىتكە ئىشچىلارغا مائاش قېتىپ بېرىلىدۇ دەپ يازمامدىكىنا زادى؟ بۇلار بىر بىرىگە چەمبەرچەس باغلىنىپ ، مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، ئامېركىلىقنىڭ يانجۇقىدا پۇلى قالمىسا ئېشىپ تېشىپ جاھاننىڭ بىر چېتىدە ئاران ئاران تىرىكچىلىك قىلىپ يۈرگەن بىزلەرنىڭ تۇرمۇشىمىزغىمۇ تەسىر كۆرسىتەلىگۇدەك كۈچىنى كۆرسەتتى ، شۇنىڭغا قارىغاندا ، جاھاندا بىز بىلمەيدىغان تېخى نى نى ئىشلار بار ئوخشايدۇ جۇما ، ئالدىراپ ئۇنى ، بۇنى دىيىشمىگەن تۈزۈككەن ... قاراڭلا ما جاھاننىڭ ئىشلىرىغا ... 86 ، ئەمدى ئۇلارنىڭ تىللاشنى توختاتمىسىڭىز ، ئامېركىلىق دىگەننى بوش چاغلاپ قالما جۇما دەپ يەنە باشقا قىلىقلىرىنى چىقارمىسۇن ، قارىڭە ما جاھاننى ئاستىن - ئۈستۈن قىلۋەتكىنىڭىزنى ،بولدى قىلىڭە ئەمدى ...

ۋوي ، مەنلا سۆزلەپتىمەن ، ھەر قايسىلىرىچۇ ؟جاھاننىڭ چوڭ چوڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىمىز جۇما بىز دىگەن ، ئورۇنلۇق پىكىر - تەكلىپلەر باما ؟ ئوخخوووو...تۆكەپ قويغان كېسەكتەك ئولتاماي ، سۆزلەپ قوياڭلا دەيمەن ...

جىملا ئولتۇرماي ، بىلجىرلاپ قوياڭلا ، ئەتە ئۆگۈن مەن مانداق دىگەچكە مانداق بولدى دەپ پايدىنى بۆلۈشۈشكە لازىمى بولىدۇ ،ئادەم دىگەن پايدا بولمىسا نىمە قىلداۋا جاڭگالدا خام بەڭ چېكىپ پادا باقماي ، ئىزدىنىشتا لەلەڭشىپ ،ئىسسىق - پىسسىق چاي دەملەي ( ئەكەسىلە بىرزات ھەكىم قويناقلىرىدىكى چاي دارىسىنى ، ھېلىقىسىنى ، ھېېېېېېېلىقىسى ، ھە ، چۈشەنلە ھە ؟ ) ، جاھاننىڭ ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىشىپ كۆنەپ قاپتوق ، ئامال يوق ، ئالدىراشمىسىلا دەيمەن ، ئولتۇرۇشماملا ، ۋاي نەگە ئالدىرايدىغاندۇ مالار؟ ئۆردەك بوۋاينىڭ ئۇخلايدىغان ۋاقتى بولدى دەملا ۋاپادارىم ؟ ئالاجوقا سۆزلىمىگىلى خېلى بولغان ئوخشىمامدۇ قارىم؟ئۆردەك بوۋاي پىرىمىردا ھېلىقى رىۋايەتلىرىنى كىنو قىلىپ ئىشلەپ پۈتتۈرۈشنىڭ كويىدا ھازىر ، بېشىغا پىچاق كەلسىمۇ ئۇخلىمايدۇ ئۇ ھازىر... ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشىكباقار توختاخۇن بىلەن ئاچچىقى يامان پىنھان قارى قازناق ئۆيدە شاھمات ئويناۋاتىدۇ ، كەڭ كۇشادە ئولتۇراۋېرىتۇق .... ئەمىسە ، بى بى مەسلەھەتىم بار ، ئۆزھال دۇتتانى قويۇپ تۇسىلا ، شۇنىڭغا بىر ئەقىل كۆرسىتىشكەيلا ،

ھەممىلىرى كۆرلە ، ئىۋۇ مۇنبەرنىڭ چوققىسىدىكى " ئاز ئاز ئۆگۈنۈپ دانا بولۇر ، تامچە تامچە يىغىلىپ دەريا بولۇر" دىگەننى   بىر ۋاقىتلاردا سالام ھايات دەپ يۈرگەن " ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن ھەقىقەت چاقنايدۇ " دىگەنگە ئالماشتۇرۋەتسەك ، ھەر قايسىلىرىنىڭ پىكرى چىقماس ، مەن.ساراڭ ئاغىنە ، شۇندا قىلساق بۇلاما زادى ؟

matu يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 08:34:13

سالام لۈكچەكلەر!

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 08:53:32

جەۋلان ماي ئوغۇرلاپ ساتساڭلا جىق باي بولۇپ كىتەتتڭىلا دەيمەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 09:10:09

ساتمىدى دىگىلى بولامدۇ ئۇنى، ماڭىمۇ بېنزىن ئېلىپ قويسا بولاتتى.

86 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 09:48:35

ماي ئوغۇرلاپ سېتىش ئەمەس،كىيىمىگە ماي چاچراپ كەتكەن بولسىمۇنەدىكى ماي ماۋۇ؟،قارى.....م؟! دەيدىغاننىڭ ئاۋاىرىچىلىقىغا قالار ئۇ.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 10:25:28

جەۋلان سىزگ يەتكۇزەلمىگەن دوسلۇق ھىسياتىمدىن يۇزلىرىم قىزىرىپ سالام .

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 11:22:59

ئۇزۇن بوپتىكەن جەۋلانكامنىڭ ئېسىل تېمىلىرىنى كۆرمىگىلى . ..

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 11:23:39

مانا كەنجىمۇ قايتىپ كەپتۇ !

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 11:34:35

باللار ھايەتكەندە!

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 11:43:00

كەنچى ھاياتكەن

kuxkach يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 12:10:11

مەن قوشۇلىمەن.

بولسا \"ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن ھەقىقەت چاقنايدۇ\" دەپ ئۆزگەرتىۋېتەيلى.ئىزدىنىشتا تۇلا جىدەل-ماجرا بولۇپ كۆڭۈل غەش بولسا، مۇشۇ تەسەللىي بولىدىكەن ئادەمگە.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 13:29:19

ماي ساتقىلى بولىدىغان ۋاقىتلاردا يېڭىياچىتۇق ، ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويامداۋا دەپ خوشياقمايتى ،ئەمدى تازا خوشياقىدىغان زامانلار بولۇپ كېتىۋىدى بۇ خەقنىڭ تۈرلۈك تۈمەن ھىلە نەيرەڭلىرى كۆپەيگىلى تۇردى ، ھازىرچە يەنىلا شۇ يۇۋاشلىق بىلەن جىم يۈرسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ ،تېخى يېقىندا مۇشۇ يەردە بىر بۇرادىرىمىز نەپسىنىڭ ئارقىغا كىرىپ ، تۈرمىگە كىرىپ كەتتى ،   نىمە قىلدى دىمەمسىلە ، ئىككى چوڭ باك ماشىنىسىدا لىق خام نېفىتنى بېسىپ ساتقىلى ئەپماڭغاندا تۇتۇلۇپ قاپتۇ ،سىلەر قانداق ئويلىدىڭلاركىن ، بىلمىدىم ، ئىشقىلىپ مەن ھەيرانۇ - ھەس قالدىم ،نىمە دىگەن قاپ يۈرەك ؟ خۇددى بۇرۇن تونىمايدىغاندەك خېلى ئۇزۇنغىچەئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمنى ئەسكە ئالالىغىنىمچە ئەسكە ئېلىپ باقتىم ، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ۋە قىلالىشى مېنى بەكمۇ ئويلاندۇرۇپ قويدى ، ئويلاپ بېقىڭلار ،ئىككى چوڭ باك ماشىنىسىدا لىق ماي ، مەلۇم مەنادىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇ ئىككى ماشىناكۆيدۇرگۈچى + پارتلاتقۇچ بومبا دىگەن سۆز ، ھۆكۈمەتمۇ قاتتىق چۆچىدى بولغاي ، قائىدە تۈزۈملىرىمىزمۇ قايتىدىن چىڭىيىپ ، ئىمتاھان ، سۇئال-سوراق ، تەكشۈرۈش ، باھالاش دىگەندەك ئىشلار جىقىيىپ كېتىۋاتىدۇ ،،، قىسقىسى ھازىرقى زاماندا ئەخمەق ، ئاقكۆڭۈل كىشىلەر بەك ئازىيىپ كېتىپتۇ ، بىزدىكى \"ئالا نىيەت\" لەرگە ئىش قىلماق تەسكەن ...

راخمانجان بۇرادەر ، رەھمەت سىزگە !

كەنجاخۇن ، بامۇ يە؟ تېشلىقمۇ ؟

urdek يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 13:37:32

    شۇ رېۋايەتلەرنى قارلۇق- پەخرىدىنلا دۇنياۋى نادىر فىلىم قىلىپئىشلىيەلەيدۇ، ئەنە شۇ چاغدىلا دۇنيا ئەھلى نىمىنىڭ تارىخ، نىمىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى بىلىپ قالىدۇ،

    ئەمما ھازىرچە قارلۇق شاگىرت تەربىيىلەش بىلەن ئالدىراش، ۋاختى چىقماسمىكىن، مەيلى ھازىر ۋاختى چىقمىسا ئوقۇغۇچىلىرى-كۇچلىرىكۇپەيگەندە ۋاختى چوقۇم چىقىدۇ، شۇڭغىچە فىلىم ماتېرىاللىرى بولسىمۇ پۇتۇپ چىققاي،

ئالدى بىلەنقارلۇق-پەخرى، ئۇزى ۋەدە قىلغان نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى كارتون قىلىپ ئىشلەپ جامائەتكەيۇز كۇرۇشتۇرسە بولاتتى، ئۇزىگىمۇ نەچچە دىدىم، (شارائىت تەييار قىلىۋالاي) بىلەن ھېلىغىچە جىم.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 13:38:18

يانا يوقلىمىما ؟ ! ئاي ئۆتەپ يىل ئۆتۈپ بىرە بىرە كۆرىنىپ قوياپ ، چوڭ يوقلىمىدىن چۈشۈپ كەتكىنىنى ما جەۋلنباينىڭ ... ئۆزەڭلار بىر مۇنبەر تاشلىماي تولۇق ئارىلاپ تۇرۇڭلار !

راست گەپ قىلسام كەنجىنىڭ سۈزۈك رەسىملىرىنى سېغىنىپ قالدىم ...

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 13:48:39

تىنچلىق بۇرادەرلەر....... بەكمۇ سېغىندىم سىلەرنى ...تۆۋەنگە قايتا تەربىيەگە چۈشۈپ كىتىپ يېقىندىلا چىقىشىم.... ئەمدى خۇدايىم بۇيرۇسا سىلەر بىلەن بىر گە قاينايمىز....

zimistan15 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 14:15:02

تاشلىغان تاشلاشمىغان ،

تاشلىشىپ چىداشمىغان.

ئۇزۇن بوپتۇ گۈڭۈر-مۈڭۈر قىلمىغانغا ....

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 15:42:17

پالاكەت ساقچى كەلسە بولاتتى ...

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 15:52:09

كەممىگەننىڭ جېدىلىنى قىلماي بارلارنىڭ قەدرىنىمۇ قىلىشىلى ماندا

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 17:17:48

سالام دوسلار

izdinix يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 17:53:43

ئەسسالام ئاغىنىلەر،تېنىچ ئامانمۇسىلەر ؟
بەت: [1] 2 3 4 5
: (جەۋلان) خەلقارالىق ھەزىللەر