Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-10-13 12:23:50

چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسملارنى قويۇش كېرەكمۇ؟


ئىسىم - تەگئات قويۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر

1. ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﺎ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ؟

بىزنىڭ بۇ سۇئالغا بېرىدىغان جاۋابىمىز شۇكى، ياق!ئىسىم ياكى تەگئات قويۇشتا ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺧﺎﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﺴﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺨﻼﺳﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، بۇنىسى ﺋﻪﻟﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻼﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯖﯩﺰ ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺨﻼﺳﻘﺎ ﺗﺎﻳﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ!
ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺴﯩﻤﻼﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯨﻤﯩﺪﻯ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﺯﻩﻟﻰ ﻳﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺳﯜﭘﻪﺗﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻠﯩﻚ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﻪﺭﻩب ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ئەرەبچە ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻗﻪﯞﯨﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﯕﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯘ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﺋﻪﺭﻛﺎﻧﯩﻐﺎ ﻣﯘﻏﺎﻟﯩﭗ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩق ﻧﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ.
ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺯﯛﺭﯛﺭﻛﻰ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﯩﺪىكى ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﮬﯧﭽﻨﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘۇرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺨﻼﺳﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘ ﺑﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. كىشىنىڭ تەقۋالىقى ئۇنىڭ ئىسمىدىن ئەمەس بەلكى ئەمەلىي ئىش - پائالىيىتى، تائەت - ئىبادىتىدىن ، دىلى بىلەن تىلى، نىيىتى بىلەن ئىشىدىن بىلىنىدۇ. ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﺪﯗلرﻩﮬﻤﺎﻥ ( ئاللاھنىڭ قۇلى ) ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺩﺩﺳﯩﺖ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﯧﻨﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺍﮬﻤﺎﻥ ( بۇددىستچە ئىسىم ) ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﮬﯧﭽﻨﯩﻤﯩﮕﻪ ﺩﺍﻻﻟﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﮬﻤﺎﻥ ﺋﻪﺷﻪﺩﺩﯨﻲ ﻛﺎﭘﯩﺮ ، ﺑﯩﺮﺍﮬﻤﺎﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯘﺋﯩﻤﻦ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻼ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯨﻨﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﮬﻤﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺴﻤﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘﯕﺎ، ئىسىم ۋە تەگئات قويۇش ئىشىدا ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﺎﻏﻼﺵ ﺑﯩﮭﯘﺩﻩ !
بىز قېرىنداشلىرىمىزنى قۇرئاندىكى ئىسىملارنى، ئەرەبچە ئىسىملارنى ئىسىم - تەگئات سۈپىتىدە ئىشلەتمەڭ دېمەيمىز. بىز پەقەت كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە قۇرئاندىكى ئىسىملارنى - ئەرەبچە ئىسىملارنى قويمىسىمۇ دىنىي نۇقتىدىن ھېچ گۇناھ بولمايدىغانلىقىنى سالىمىز، ئۇيغۇر بۇرادەرلەرگە ئىسمى - تەگئاتىدىن ئۇيغۇر زاتى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ساپ ئۇيغۇرچە ئاتلارنى ئۆزىگە ياكى پەرزەنتلىرىگە ئىسىم - تەگئات قىلىپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ياق چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسملارنى قويۇشۇم كېرەك، دېسىڭىز، قارشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمىز ۋە مۇنۇ نۇقتىنى ئېسىڭىزگە سالىمىز. ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﯩﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﭘﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
2. ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺗﺎﻟﻼﺷﺘﺎ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ
ﮬﻪﻣﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻧﻜﻰ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﻐﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯧﺘﯩﻨﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ - ﻏﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺑﻪﻟﮕﻪ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻨﻰ، ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻨﻰ، ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﺎﺭ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﻛﻪﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﺳﺎﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﻓﺎﺭﯨﺴﯩﻲ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﭽﻪ ﺳﯚﺯ - ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻧﯧﺮﻯ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﻤﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﯚﺯﯨﺰﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻗﯩﻤﯩﺰ، ﺋﺎﺭﺯﯗﺭ - ﮬﻪﯞﻩﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻲ ﻣﻪﻧﺴﯘﺑﻠﯘﻗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺗﺎﻣﻐﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘ ﺗﺎﻣﯩﻐﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻞ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

3. ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ
ﺋﺒﯩﺮﺍﮬﯩﻢ ﻣﯘﺗﺌﯩﻲ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﻪﺭ، 30-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻚ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ 44 ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ 88 ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. دەرۋەقە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا تەكرارلىك مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر. شۇڭا،ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯜﭼﯜﭖ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻛﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﭽﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﻙ. ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﯩﻴﻨﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ.
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺗﯘﺭﺍﻥ
ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺗﯘﺭﺍﻥ
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺩﺍﯞﯗﺕ ﺋﻮﻏﯘﺯ
ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻨﯩﻴﺎﺯ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻮﻏﯘﺯ
ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ
ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺖ ﺟﻪﻟﯩﻞ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ

ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯘﻟﯘﻗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﺍﻧﻰ، ﺋﻮﻏﯘﺯﻯ، ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛپ قوللىنىش ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ، قۇتلان، ﺋﯚﺯﮬﺎﻝ ، ﺋﻪﺭﻗﯘﺕ، ﻛﯚﻙ، ﺋﻪﻣﯩﻨﻰ، ئۇيغار، قارلۇق، تارىم، تۇغلۇق ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ. تەگئات قوللانغان ھامان مۇۋاپىق تاراتقۇلاردا ( گېزىت - ژۇرنال، رادېئو - تېلېۋۇزۇر ) مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن كۆپچىلىككە جاكار قىلىش كېرەك. خالسىڭىز << يۈكسەل بلوگى >> سىزنى شۇنداق سەھىپە بىلەن تەمىن ئېتىشنى خالايدۇ. يەنى مەزكۇر تېما ئاستىغا ئۆز تەگئاتىڭىزنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويسىڭىز، بىز كۆپچىلىك قوللانغان تەگئاتلارنى توپلاپ، ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە رەتلەپ ئېلان قىلىپ، كېيىنكىلەرنىڭ تەگئات قوللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىن ئېتىمىز.

4. ئىسىم - تەگئات ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان سۆز - ئاتلارنى نەدىن تاپىمىز؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﯩﺴﻢ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟
ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ.
ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ئىسىم - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﺳﻰ .
<< ﺗﯜﺭكى ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ>> ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻗﺎﻣﯘﺳﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ.<< قۇتاتقۇبىلىك >> ﻛﻪﺑﯩﻲ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮔﻮﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻛﺎﻧﯩﻜﻰ ، ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﻗﺎﺯﺳﺎﻕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﭽﯩﻜﻰ ﮔﯚﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺳﯜﺯﯛﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ئىسىم - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯨﻤﺎﺱ ﺑﯘﻟﯩﻘﻰ.
ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﺴﻰ ئىسىم - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ - ﺗﻮﻣﯘﺭﻯ.
ﮬﯚﻧﻪﺭ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ، ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﯩﺨﺘﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﯚﺯ - ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ئىسىم - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﻛﯜﭼﻰ.
ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻟﻪﻗﻪﻣﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ئىسىم - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ
5. تەگئات قويغاندا خالىغانچە قويۇۋېلىشقا بولامدۇ؟

ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻲ ﺧﺎﺱ ﻧﺎﻣﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﻮﺭﯗﻥ، ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﭘﯩﺸﯟﺍﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.جەمەت پىشقەدەملىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ قوللىشى ياكى پىكرى بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پەقەت ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ، تەگئات قوللىنىشنىﺋﯚﺯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.


مەزكۇر يازما << يۈكسەل بلوگى >> دىن ئېلىندى  http://www.yukselblog.com

مەنزىل :http://www.yukselblog.com/logs/29965188.html   


YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2008-10-13 15:58:49

قانۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندا بۇ توغرىدا تۈزۈپ چىققان بەلگىلىمە سىياسەتلىرى بارمۇ؟

86 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-13 16:06:06

ھازىر ئۇيغۇرلار ئىسىم -فامىلىسىدە قوللىنىۋاتقان ئىسىملار جەمى نەچچىلەر باردۇ؟ (مەيلى باشقا مىللەت تىلىدىن قوبۇل قىلغانلىرى بولسۇن ياكى ئەسلىدكى ئۇيغۇر ئىسىملىرى بولسۇن)، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەم سانى بىلەن ئىسىم سانىنىڭ نىسبىتى بەكلا چوڭمۇ قانداق (ئىسم سانى بەك ئاز بىر مەھەللىدە ئوخشاش ئىسىمدىكى كىشىلەر نەچچىسى ئۇچرايدۇ)؟

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 00:35:18

توغرا پىكىرلەر!

مېنىڭ نەزىرىمدىمۇ بالىغا ئىسىم قويۇش ئۈچۈن چوقۇم مەلۇم بىر قائىدىگە بوي سۇنىۋېلىش توغرا ئەمەس. مەسىلەن بەزى ئادەملەر چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسىملەرنى ياكى مەلۇم ئايەتتىكى ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشنى توغرا، باشقىسى ناتوغرا دەپ قارايدۇ. بەزى ئادەملەر چوقۇم ئۆز ئەجدادلىرى قوللانغان ئىسىملارنى قويۇش كېرەك دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەتتە بالىغا قويۇلىدىغان ئىسىمنىڭ شەرتلىرى، ئاتا-ئانىسىنىڭ بالىنىڭ كۈتىدىغان ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىسە،ئىسمىدىن قايسى قەۋمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىگى پەرقلەنسە بولغىنى.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-10-14 00:52:59

مەزكۇر تېما ھەققىدە << يۈكسەل بلوگى >> دا بىرقەدەر مەركەزلىك ھالدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ ھەقتىكى بەھسىگە قىزىققۇچى تورداشلار دىققەت قىلىپ قويغاي!

مەنزىل: http://www.yukselblog.com/logs/29965188.html

KAHRIMAN يوللانغان ۋاقتى 2008-10-15 17:21:35

ئىسىم قۇيۇشتا ئۇنىڭ مەنىسىگىمۇ دىقەت قىلىش كىرەكمۇ قانداك ؟

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-10-16 21:00:58

سىزنىڭچىچۇ؟

مەزكۇر تېما ئىزدىنشىتا تازا غۇلغۇلا قوزغىيالمىدى ، دېسە!

okuymen يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 13:15:45

ما تېما ھەققىدە يەنە بەس-مۇنازىرلەر يوقما ؟

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 14:30:31

7- قەۋەتتىكى okuymenنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ما تېما ھەققىدە يەنە بەس-مۇنازىرلەر يوقما ؟


بار. تورداشلار مۇنۇ جاي دا چالا قالغان مۇنازىرىنى قىلىۋاتىدۇ.
بەت: [1]
: چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسملارنى قويۇش كېرەكمۇ؟