AVAR يوللانغان ۋاقتى 2008-10-7 15:33:20

ئامىرىكىدىكى ئىقتىسادى كىرزىس قانداق پەيدا بولغان ؟

ئامىرىكىدىكى ئىقتىسادى كىرزىس قانداق پەيدا بولغان ؟
بۇنى ئاممىباپ ئۇسۇلدا تۆۋەندىكى ھىكايىمىز بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمىز .

دوستىمىز غېرىپجان ئائىلىسى بىلەن بىرگە ئىجارىگە ئالغان بىر ئۆيدە ياشايدۇ. ئۇنىڭ مائاشى ئۆي چىقىمىگە ئاي ئاخىرىغىچە ئاران يېتىدۇ . غېرىپجان بولسا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ شەھىرىستاندا بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىپ ، ئايدا 700 دوللار تۆلەيدىغان بۇ ئىجارە ئۆيدىن قۇتۇلۇشنى خىيال قىلىپ يۈرىدۇ. بىر كۈنى ئۇ، خىزمەتدىشى مىسكىنجاننىڭ بانكا ئارقىلىق پۇلنى بۆلۈپ تۆلەشكە ئۆي سېتىۋالغانلىقىنى ئۇقىدۇ-دە، ھەيران قالىدۇ . غېرىپجاننى ھەيران قالدۇرغىنى، خىزمەتدىشكى مىسكىنجان ئىككىسىنىڭ ئالىدىغان مائاشى ئوخشاش بولۇپ، ئۆي تۈگۈل نىمكەش ماشىنىنىمۇ پۇلىنى بۆلۈپ سېتىۋىلىشقىمۇ قۇربى يەتمەيتتى. غېرىپجان ھەيرانلىقىنى يۇشۇرالماي خىزمەتدىشى مىسكىنجاندىن ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى سورايدۇ . مىسكىنجان سىرىنى بايان قىلىپ، غېرىپجاننىڭمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆي سېتىۋالالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆي تىجارىتى قىلىدىغان شىركەت يۇلۇپ ئالار شۇڭقارنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرىنى يېزىپ بېرىدۇ.

غېرىپجان بۇنىڭغا تەستە ئىشىنىدۇ . ھەتتا بىر كىچە ئۆز ئۆيىگە ئىگە بولۇشنىڭ خىيالىنى قىلىپ، ئۇيقۇدىنمۇ قالىدۇ. ئەتىسى ئەتىگەندىلا يۇلۇپ ئالار شۇڭقار شىركىتىگە تېلىفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرىدۇ . سۆزلىشىش جەريانىدا شىركەت سېتىش مەسئۇللىرىدىن بولغان كاسكاس خېنىم ئۇنىڭغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ تەپسىلى چۈشەندۈرىدۇ ۋە غېرىپجان ۋە ئايالىنىڭ ئەڭ تىز پۇرسەتتە يۇلۇپ ئالار شۇڭقار شىركىتىگە كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ .  كاسكاس خېنىم ئۇلارغا غېرىپجاننىڭ ئالىدىغان تۆۋەن مائاشى بىلەن ھېچقانداق جايدىن ئۆي سىتىۋالالمايدىغانلىقى، غېرىپجاننىڭ رەنىگە قويغۇدەك نەرسىسىنىڭ يوقلىقىنىمۇ سەمىگە سېلىپ ئۆتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆي سېتىۋىلىشتا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. يۇلۇپ ئالار شۇڭقار شىركىتى غېرىپجان ۋە مىسكىنجاندەك تەرتۆككۈچى جاپاكەش خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، ھەم ئۇلارنىڭ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئۆي سېتىۋېلىش ئىشىدا باھادا ئالاھىدە ئېتىباردە بولىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىدۇ. غېرىپجاننىڭ خىيالىدا بولسا ھەممىدىن مۇھىمىى ئايلىق تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ 700 دوللاردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ئىدى.

ئۇنى بۇنى دەپ ئاخىرى غېرىپجان شەھرىستاننىڭ يالاڭتۆشلەر مەھەللىسىدىن بىر يۈرۈش سېتىۋالغان بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۇنىڭ ئايلىق تاپشۇرىدىغان پۇلىنىڭ بۇرۇنقى ئۆينىڭ ئىجارىسىگە ئوخشاش 700 دوللارلىقى ئىدى . غېرىپجان خۇشاللىققا چۆمىدۇ . چۈنكى ھەر ئايدا، ئۇ بۇ ئۆينىڭ بىر قىسمىنىڭ ھەقىقى ئىگىسىگە ئايلىناتتى . بۇرۇن بولسا بۇ پۇلنىڭ ئۆزىنى ئىجارىگىلا تاپشۇرۋىتەتتى .
ئەمدى بانكىغا كەلسەك، بانكىمۇ غېرىپجانغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئايلىق پايدىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ بەرگەن ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ شۇئارى " ھەر بىر ۋەتەنداشقا بىردىن ئۆي" ئىدى .

ئايلاپ ئۆتۈپ يىللار ئۆتۈپ ئۆي باھاسى ئۆسۈپ بارىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىرگە غېرىپجاننىڭ خۇشاللىقىمۇ ئېشىپ بارىدۇ . چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ھازىرقى باھاسى سېتىۋالغان دەسلەپكى چاغدىكىدىن خېلىلا ئۆرە ئىدى . ئۇنىڭ ئويىچە ئۇ تېخى ئۆينى سېتىپ بىر مۇنچە پايدىمۇ ئالالايتتى . ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى دەرۋىشجانمۇ ئۆتكەن ھەپتە ئۇنىڭغا  تېلىفۇن قىلىپ، ئۆز ئۆيىنىڭ باھاسىنىڭ ئەسلىدىكىدىن 10 مىڭ دوللار ئۆسكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆيىنىڭ بىر قىسمىنى بانكىغا رەنىگە قويۇپ ، 30 مىڭ دوللار قەرز ئالغانلىقىنى ۋە بۇ پۇلنى قانداق خەجلىمەكچى بولغانلىقىنى تەپسىلىپ دەپ بەرگەن بېرىدۇ.

ھەقىقى ئويۇن ئەمدى باشلىنىدۇ :
بۇ ئىشتا ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، غېرىپجان، مىسكىنجان ھەتتا دەرۋىشجانمۇ بانكا بىلەن تۈزگەن توختامنامىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا دىققەت قىلمىغان ئىدى . بۇ قىسىمدا دېيىلگەن بىر ماددىدا بانكا ئالىدىغان ئۆسۈم پايدا نىسبىتىنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكى. بۇ پايدىنىڭ دەسلەپ ئەڭ تۆۋەن چەكتە بولۇپ كېيىن ئۆرلەپ ماڭىدىغانلىقى ، شۇنداقلا مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتىىنى قانچىلىك كۆتۈرسە  بۇلارنىڭ تاپشۇرىدىغان ئۆسۈمنىڭمۇ شۇنچىلىك بىللە ئۆسىدىغانلىقى يېزىلغان ئىدى . يەنە بىر ماددىدا بولسا بۇلار ئەگەر بىر ئاي پۇل تاپشۇرالمىسا ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۈچ قاتلىنىدىغانىلىقى، يەنە باشقا بىر ماددىدا بولسا تاپشۇرۇلغان پۇلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ يىللىقىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆسۈمنى ھىساپلاشقا كېتىدىغانلىقى ئىدى . دېمەك غېرىپجان پەقەت ئۈچ يېلىدىن كېيىنلا بۇ ئۆينىڭ ھەقىقى  ئىگىسى بولالايتتى .

غېرىپجانغا قايتساق، ئۇ ئۆي سېتىۋېلىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن مەلۇم سەۋەپلەردىن مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ .  شۇنىڭ بىلەن بىرگە غېرىپجان ئايلىق تاپشۇرىدىغان پۇلمۇ كۆپىيىپ 950 دوللار بولغاندا غېرىپجان بىر ئاي پۇل تاپشۇرالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئايلىق تاپشۇرىدىغان پۇلى بىراقلا 1200 دوللارغا چىقىپ كېتىدۇ. بۇنداق يۇقۇرى چىقىمگە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان غېرىپجان ئائىلسىنىڭ قوسىقىنى بېقىش بىلەن ئۆي پۇلىنى تاپشۇرغانغا كۆرە ، ئالدىنقىسىنى تاللايدۇ ۋە ئۆي پۇلىنى تاپشۇرۇشتىن توختايدۇ. بىر تەرەپتىن ئۇ يەنە خىزمەتدىشى مىسكىنجاننىڭ ئۆي پۇلىنى تاپشۇرالماسلىق سەۋەپتىن ئۆيىنىڭ تارتىۋىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ھازىر ئانىسى بىلەن بىللە تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ بۇنداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولغانلارنىڭ يالغۇز مىسكىنجانلا ئەمەس باشقا خېلى كۆپ خىزمەتداشلىرىنىڭ شۇ ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنىمۇ ئۇقىدۇ . بۇ ئەھۋال زورايغاندا بولسا ئۆي مۈلۈك بازىرى كىرزىسقا پېتىشقا باشلىغان ئىدى .

غېرىپجانغا قەرز بەرگەن بانكىغا قايتساق، بۇ بانكىنىڭ ئالىدىغان پايدىسى غېرىپجان تاپشۇرىدىغان ئۆسۈم بىلەن چەكلىنىش كېرەك ئىدى، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ بانكا غېرىپجاندىكى قەرزنى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ۋە پايچىكلارغا زايوم شەكلىدە ساتىدۇ ۋە ئۇلاردىن يەنە قوشۇمچە خىزمەت ھەققى دىگەندەكلارنى ئېلىپ قوشلاپ پايدا ئالىدۇ .  پايچىك ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قولىدا ئۆيگە قەرز بېرىلگەن قەرز ھۆججەتلىرى زايوم  شەكلىدە بار. بۇلارغا كىلىدىغان پايدا غېرىپچان ۋە مسىكىنجاننىڭ ئايلىق تاپشۇرىدىغان پۇلىدىن كىلىدۇ ( بانكىدىن ئېشىپ ) . ئەمما غېرىپجان ۋە مسىكىنجانلار پۇل تاپشۇرالماي قالسا بۇلار يەنىلا ئەنسىرىمەيدۇ، چۈنكى بۇلار غېرىپجان ۋە مىسكىنجانلارنىڭ ئۆيلىرىنى سېتىپ پۇللىرىنى تىرىلدۈرۋالىمىز دەپ ئويلايدۇ .
بۇ پايچىكلارمۇبانكىدىن سېتىۋالغان قەرز زايوم شۇنداقلا قويۇپ قويماي، باشقا بانكىلاردا رەنىگە قويۇپ يېڭى قەرز ئالىدۇ . يەنى قەرزنى رەنىگە قويۇپ يېڭى قەرز ئالىدۇ .  قارنى يامان بانكىلار بولسا پايدىنىلا كۆزلەپ قويۇلغان رەنىنىڭ 10، ھەتتا 20 ، 30 ھەسسىسىگىچە قەرز بېرىشكە باشلايدۇ .

ئەمدىكى ۋەزىيەتچۇ؟
1 - غېرىپجان ، مىسكىنجانلار ئۆينى ئۆزىلىرىنىڭ دەپ ھىساپلايدۇ
2 - قەرز بەرگەن بانكىمۇ شۇنداق دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئاۋۇ ئىككى بىچارە پۇل تاپشۇرۇشتىن توختاپ قالسا بانكا ئۆيگە قول قويىدۇ .
3 - زايوم سېتىۋالغانلارمۇ ئۆينى ئۆزلىرىنىڭ دەپ قارايدۇ ( قوللىرىدىكى قەرز زايوملىرى ئارقىلىق )
4 - بۇلارغا قايتا قەرز بەرگەن بانكىمۇ ئۆينى ئۆزىنىڭ دەپ قارايدۇ ، چۈنكى يۇقاردىكى قەرز زايوملىرى بۇلارنىڭ قولىدا رەنىدە .  ( گەرچە بۇلار ئۇنىڭ نەچچە ھەسسە قىممىتىدە قەرز بەرگەن بولسىمۇ ) .

غېرىپجاننىڭ تۇغقىنى دەرۋىشجان بولسا يۇقۇردا دەپ ئۆتكەن قەرز ئالغان 30 مىڭ دوللارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆيىنى يېڭىلاشقا سەرپ قىلىدۇ، يەنە بىر ماشىنا سېتىۋالىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە مىڭ دوللار تاپشۇرىدۇ، قالدىسىنى قەرز ھىسابىدا "ھەممىسى بىزنىڭ" بانكىسى تاپشۇرىدىغان بولىدۇ . بۇ بانكا دەرۋىشجاننىڭ زىممىسىدىكى قەرزنى زايومغا ئايلاندۇرۇپ ئۇنى يەنە "ھەممىنى باپلايمىز" بانكىسىغا ساتىدۇ. بۇ بانكىمۇ ئاز بىر قىسمىنى ئېلىپ قىلىپ، قالغىنىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقىتىدۇ .

ئەمدىكى ۋەزىيەتچۇ ؟ دەرۋىشجان ماشنىنى ئۆزىنىڭ دەپ قارايدۇ ، "ھەممىسى بىزنىڭ" بانكىسىمۇ شۇنداق دەپ قارايدۇ، چۈنكى دەرۋىشجان ئۈچۈن ماشىنىنىڭ پۇلىنى قەرز ھىسابىدا تۆلەيدۇ . "ھەممىنى باپلايمىز " بانكىسىمۇ ماشىنىنى ئۆزنىڭ دەپ قارايدۇ . بۇ بانكا ساتقان زايوملارنى سېتىۋالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەبلەغچىلەرنىڭمۇ كۆڭلى خاتىرجەم. چۈنكى مەلۇم جايدا مەلۇم بىر ماشىنا  ئۇلارنىڭ پۇلىنىڭ ئورنىنى تولدۇرالايدۇ.

مانا بۇ چىگىشلىكنىڭ ھەممىسى غېرىپجان مۇددەتكە بۆلەپ سېتىۋالغان ئۆينىڭ باھاسىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان . ئۇنداقتا بۇ ئۆينىڭ باھاسى بىردىنلا چۈشۈپ كەتسە غېرىپجان مىسكىنجانلار نىمە بولۇپ كىتەر ؟؟

يۇقاردا دىيىلگەن زايوملارنى مەخسۇس باھالايدىغان شىركەتلەر بار بولۇپ، بۇلار قەرزدارلارنىڭ قەرزنى قايتۇرۇش قايتۇرالماسلىقىغا قاراپ زايوملارغا دەرىجە بىكىتىدۇ، مەسىلەن بىر قەرزدار قەرزنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتسە ئۇنداقتا بۇنىڭ نامىدىكى زايوم "ئا" دەرىجىگە ئېرىشىدۇ، غېرىپجان لاردەك قايتۇرالمايدىغانلارنىڭ ھىسابىكىچۇ ؟؟  نۆلگە تەڭ بولىدۇ .
بۇنداق خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەيدانغا يېڭى بىرخىل شىركەتلەر ئوتتۇرغا چىقىدۇ . بۇلار مەخسۇس مۇشۇنداق زايوملارنى سۇغۇرتىغا ئالىدىغان شىركەتلەر بولۇپ، بۇ زايوملارنى سېتىۋالغانلار بۇ شىركەتلەرگە مەلۇم ھەق تاپشۇرىدۇ، بۇ شىركەتلەر تاساددىپى ھالدا ئەسلىدىكى بانكا ياكى قەرزدارلار ۋەيران بولسا، ئىگە بولۇپ زايوملارنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بېرىدۇ . بۇنداق بولغان ئىكەن بۇ زايوملارنى سېتىۋىلىشتىن كىممۇ قورقۇپ ئولتۇرسۇن ؟؟

ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگىنىچۇ ؟ غېرىپجان بىلەن مىسكىنجان ۋە باشقىلار مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن پۇل تۆلەشكە قۇربى يەتمىدى ( سەۋەپ ئۆرلەۋاتقان ئۆسۈم- رىبا ) . شۇنىڭ بىلەن زايوملارنىڭ قىممىتىمۇ يوقالدى . بانكىلار بىردىنلا ۋەيران بولۇشقا باشلىدى . پۇلنى تۆلەش ھېلىقى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەندى، تۆلەۋېرىپ ئاخىرىدا بۇلارمۇ ۋەيران بولدى ( مەسىلەن AIG  شىركىتى، بۇنى شەھرىستان ئۆزى سېتىۋېلىپ قۇتقۇزىۋالدى ) .  بۇنداق خەتەر ئاستىدا بانكىلار قەرز بېرىش ئىشىنى چىڭايتتى . بۇ بېرىپ قەرزگە مۇھتاج نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ ئىشىنى ئاقساتتى .  شەھرىستان ھاكىملىرى بولسا ئىقتىساتنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 700 مىليارد دوللارنى سەرپ قىلىشقا پىلان تۈزدى . باج تاپشۇرغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تاپشۇرغان باجلىرىنىڭ قارنى يامان بالا قازا گىگانت شىركەتلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلمەسلىكىنى، تۆۋەن تەبىقە ۋە ئۇششاق مەبلەغ سالغۇچىلارنىمۇ بىرگە ئويلىشىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىشقا مېڭىشتى.  ( 700 مىليارد پىلانى بىر قېتىم رەت قىلىنىپ ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇن ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن قايتا سۇنۇلماقتا )

بۇ كىرزىسقا قارىتا ئوخشىمان جايلاردىن ئوخشىمىغان ئىنكاسلار مەيدانغا چۈشتى :
شەھرىستان توداي گېزىتىدە  يازغۇچىلار شەھرىستاننىڭ بۇرۇن تەرەققى تاپمىغان دۆلەتلەرگە قارىتا ئەركىن ئىقتىساد، ئەركىن بازا قۇرۇلمىسىنى پوپوزا قىلىپ، دۆلەتنىڭ بازارغا ئارلاشماسلىقى توغرىسىدا بېسىم قىلىپ كەلگەنلىكى، بۇ نامرات دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆلۈپ تېرىلىشى بىلەن كارى بولمىغانلىقىنى ، ئەمدىلىكتە بولسا ئۆزىنىڭ بۇ شۇئارىدىن ۋاز كىچىپ AIG ، فانى ماي، فرايدى قاتارلىق شىركەتلەرنى ئۆزى ئارلىشىپ قۇتقۇزغانلىقىغا تەنە قىلىشتى، ھەم شەھرىستاننى سوتسىيالىزمغا قاراپ ماڭدى دەپ ئەيىپلەپمۇ قويۇشتى.

ياۋرۇستاندىكى گېزىتلەردە بولسا يازغۇچىلار دۇنيا ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىسلام شەرىئتىنى ئىقتىساد تۈزۈلمىسىنى تەتبىقلاشنى ئوتتۇرغا قويۇشتى . ھەتتا بىر يازغۇچى "پاپا ياكى قۇرئان " دېگەن سەرلەۋھىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، كاپىتالىزم ئىقتساد ئەخلاقى ۋە خىرىستىئان دىنىنىڭ رىبا ئۆسۈمدە چېكېىدىن قاتتىق ئاشۇرۇپ يول قويغانلىقىنى ئەيىىپلىدى ۋە بىز ئىقتىسادىمىزنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ ناچار ھالغا كەپ قالغانلىقىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئەمدى ئىنجىلنى ئەمەس قۇرئاننى ئوقۇپ قويساق بولغۇدەك، ئەگەر بىز قۇرئاندىكى ئىقتىسادى تۈزۈلمىنى تۇتساق بۇنداق كىرزىسقا كىرىپ قالمىغان بولاتتۇق " دەپ يازدى .
يەنە بىر يازغۇچى بولسا wall street نى ئىسلام شەرىئىتىنى تۇتۇشقا دەۋەت قىلدى.
فرانىستان ئەلباشى ساركۇزى بولسا كاپىتالىزم ئىقتساد قۇرۇلمىسىنىڭ خىيالدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى، يېڭىچە بىر ئىقتساد قۇرۇلمىسى قۇرۇپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى .
( ياۋرۇستاندىكى ماقالىلەرنىڭ مەنبەلىرى )
http://www.challenges.fr/magazine/0135-016203/le_pape_ou_le_coran.html
http://www.jdf.com/indices/2008/09/25/02003-20080925ARTJDF00004-wall-street-mur-pour-adopter-les-principes-de-la-charia-.php
http://www.birminghampost.net/birmingham-business/birmingham-business-news/other-uk-business/2008/10/03/non-muslims-turn-to-islamic-bank-as-a-safe-option-65233-21962049//


نىفىت ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەنەسنىڭ ماقالىسىدىن پايلىنىپ تەييارلاندى

palanqi يوللانغان ۋاقتى 2008-10-8 01:19:20

ئەسلى مۇنداق ئىشكەندە ... ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم بۇ جەڭگە- جىدەلنى .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2008-10-8 02:42:33

قېيىپ كەتتىم ئۇيقا مەسىتچىلىكتە

ئۇخلاپ قالاي

ئەتە ئوقۇي بولدى

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2008-10-8 04:18:31

مىنىڭمۇ ئۇيقۇم كىلىپ كىلىپ كەتتى،تىمىنى تۇلۇق ئۇقۇمىدىم ئەتە ئۇقاي. لىكىن بىر خەۋەر بار ،ئەتىگەندە مىتىرودا كىتىپ بارغاچ  ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىدىكى ئۇچۇرغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى،پارىژنىڭ يېنىدىكى سىتراسبورىج دىگەن شەھەردىكى داڭلىق بىر مالىيە ئىقتىساد ئۈنىۋېرستىغا ئىسلام قانۇنى،ئىسلام بانكا سېستمىسى ھەققىدە مەخسۇس كەسىپ تەىسىس قىلىنغان بولۇپ،ئوقۇش مۇددىتى بەش يىل.بۇ كەسىپكە تىزمىلاتقان ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن فىرانسىيلىك ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.

كۆرۈپ خوش بولۇپ كەتتىم.بۇتوغرىلىق ئۇچۇر بولسا يەتكۈزۈپ تۇرىمىز،

ئاللا نىسىپ قىلسا شىنجاڭدا بانكا ئېچىپ قالاممىز تېخى.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-8 08:18:09

ساۋۇتاخووون . ئېغىز تىلى ماقما ئۇ ...پەچەت دەپ چۈشىنىڭ

kixlak يوللانغان ۋاقتى 2008-10-8 11:46:51

يىزىپ تۇرلى ئاۋارجان ! ئانداق قىلماي.

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2008-10-8 12:28:37

ھازىرقى ئىقتىساد قۇرۇلمىسىدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەر ، قەرزنى قايتا سېتىش،سېتىۋالغان تاۋارنى قولىغا ئالماي تۇرۇپ قالايمىقان سېتىش، جازانە( رىبا) ، بۆلۈپ سېتىش( جازانە ئارلاشقان شەكىلدە)، ئوبىروت ئالماشتۇرۇشتىكى مەسىلە، ئالتۇن سودىسى، بانكا قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار بىر قانچە مىسال ... بولۇپمۇ رىبا، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا رىبا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئۇرۇش ئىلان قىلغان :

\"ﺋﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ! (ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ) ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ (ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ) ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯖﻼﺭ، (ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻤﻤﯩﺴﯩﺪﻩ) ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﺯﺍﻧﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺳﯜﻣﻨﻰ) ﺋﺎﻟﻤﺎﯕﻼﺭ (278). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼﺭ ﺑﯩﻠﯩﯖﻼﺭﻛﻰ، ﺍﻟﻠﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﯘﻟﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ (ﺟﺎﺯﺍﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ) ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼﺭ، (ﻗﻪﺭﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ) ﺳﻪﺭﻣﺎﻳﻪﯕﻼﺭ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﺯﻣﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻣﯘ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ (279). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﻪﺭﺯﺩﺍﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﻐﯘﭼﻪ ﻛﯜﺗﯜﯕﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ (ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪﯕﻼﺭ، ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺭﺯﺩﺍﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺭﺯﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ) ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﻩﺗﻜﯩﻨﯩﯖﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ (280). ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ) ﻗﻮﺭﻗﯘﯕﻼﺭﻛﻰ، ﺋﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﮬﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ (ﻳﺎﺧﺸﻰ-ﻳﺎﻣﺎﻥ) ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ، (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﻠﯩﭗ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ) (281). ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪ! ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﭖ ﺋﯚﺯ- ﺋﺎﺭﺍ ﻗﻪﺭﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﺴﻪﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻧﻰ (ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ) ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﯕﻼﺭ، ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﯨﻜﻰﺧﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﻰ (ﻛﻪﻡ- ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ) ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺯﺳﯘﻥ، ﺧﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ (ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﻨﻰ) ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺋﯘ ﻳﺎﺯﺳﯘﻥ، ﺯﯨﻤﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ (ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ) ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ (ﻗﻪﺭﺯﺩﺍﺭ) ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﺴﯘﻥ، ﻗﻪﺭﺯ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﯩﻨﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﯟﻩﺗﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﺧﻤﻪﻕ (ﻳﻪﻧﻰ ﺧﯘﺩﺑﯩﻦ، ﺋﻪﻗﯩﻠﺴﯩﺰ، ﺋﯩﺴﺮﺍﭘﺨﻮﺭ) ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﯧﺮﻯ) ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﺎﻛﻰ (ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﮔﺎﭼﯩﻠﯩﻘﻰ، ﻛﯧﻜﻪﭼﻠﯩﻜﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ) ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﺴﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ؛ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﺸﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯩﻠﻪﺭ (ﺋﺎﺩﺍﻟﯩﺘﯩﮕﻪ، ﺩﯨﻴﺎﻧﯩﺘﯩﮕﻪ) ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﮔﯘﯞﺍﮬﭽﯩﻼﺭ (ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﻘﺎ) ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ (ﮔﯘﯞﺍﮪ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ) ﺑﺎﺵﺗﺎﺭﺗﻤﯩﺴﯘﻥ. ﻗﻪﺭﺯ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯧﺮﯨﻨﻤﻪﯕﻼﺭ. ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ (ﻳﻪﻧﻰ ﮬﯚﻛﻤﯩﺪﻩ)، ﺑﯘ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻘﺘﯘﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ)، ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯗﺭ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﻗﻮﻟﻤﯘ ﻗﻮﻝ ﺳﻮﺩﯨﺪﺍ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﻳﺎﺯﻣﯩﺴﺎﯕﻼﺭﻣﯘ ﮬﯧﭻ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯚﺯ- ﺋﺎﺭﺍ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﮔﯘﯞﺍﮬﭽﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﭘﯜﺗﯜﻛﭽﯩﮕﯩﻤﯘ ﮔﯘﯞﺍﮬﭽﯩﻐﯩﻤﯘ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﯘﻥ؛ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺳﻪﯕﻼﺭ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ (ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﻧﻪﮬﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ) ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯖﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ)، ﺍﻟﻠﻪ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ (282). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ (ﻗﻪﺭﺯ ﮬﯚﺟﺠﯩﺘﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ) ﮔﯚﺭﯛ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺳﺎﯕﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭ- ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺳﯘﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﻪﺭﺯ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﮔﯚﺭﯛ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎ، ﻗﻪﺭﺯﺩﺍﺭ ﻗﻪﺭﺯﻧﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺳﯘﻥ)، (ﻗﻪﺭﺯﺩﺍﺭ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻜﻪ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ) ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﺴﯘﻥ. ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﻣﺎﯕﻼﺭ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻰ ﮔﯘﻧﺎﮬﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ (283). ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ، ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ (ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ) ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﯨﺪﯗﺭ. ﺩﯨﻠﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻜﻰ (ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ) ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺏ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ (284).\"

ھازىرقى 3.دۇنيا ئەللىرى دەپ ئاتالغان دۆلەتلەرنىڭ قەرزدىن قۇتۇلالماسلىقىنىڭ بىر سەۋەبى مۇشۇ رىبا، قەرز ئېلىپ نەچچە يىل ئۇنىڭ ئۆسۈمىنىلا قايتۇرۇپ بولالماي ھالىدىن كېتىپ، بۇ پۇل كۆپىيىپ ئاخىرىدا دۆلەت ئۆمرىنى ئۆسۈم قايتۇرۇش بىلەنلا ئۆتكۈزىدۇ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رەھمى كەپ قالسا بىر مەنپەئەتنى دەستەك قىلىپ بۇ قەرزنى قالدۇرۋېتىدۇ، بولمىسا كوزر قىلىپ قوللىنىدۇ .

قالدىسىنى تەپسىلى، ئايرىم بىر تىما قىلىپ يوللامىز.

ATAMAN يوللانغان ۋاقتى 2008-10-8 13:21:36

كىرزىس پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبىنى بىلدۇق. بىراق دەسلەپتە چىقىرىلغان شۇ پۇللار ھامان بىر يەرگە كىلىپ توختايدۇ.ئەمىسە شۇ پۇللار زادى نەگە كەتتى؟ كىملەرنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتتى؟ بۇنىڭدا بىر ھىيلە بارمۇ قانداق؟نىمە مەقسەتتەت شۇنچە چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىنىدۇ؟

بۇنى چۈشىنىدىغانلار پىكىرىڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساڭلار!!!

NEZERI يوللانغان ۋاقتى 2008-10-8 16:39:41

ۋاھ   بەك ئاممىباب چىقىپتۇ

koltigen يوللانغان ۋاقتى 2008-10-7 16:09:18

چۈشىنىشلىك  بايان قىلىنىپتۇ.ئىسلامدىكى ئىقسادى تۈزۈلمە توغرىسىدا بىلىدىغانلار تەپسىلى بايان قىلىپ بېقىڭلار.ئامرىكىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ چېتىلىش دائىرسى بەك كەڭ،ئىككىنچى دەرىجىلىك قەرىز مەسىلىسى،بۇ كىرزىسقا پىلتە بولغان خالاس!

  يەنە بىر مۇنازىرە تېمىسىكەن.

eldos يوللانغان ۋاقتى 2008-10-7 19:49:29

ئاندىنقى ئىقتىسادقا دائىر ماقالىلاردا تىلغا ئېلىنغان ئىككىلەمچى قەرز كىرزىسى توغرىسىدا چۈشەنچەم تازا ئېنىق ئەمەستى . يۇقارقى ئاممىباپ تىلدىكى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ناھايىتى ياخشى چۈشىنىۋالدىم .

مۇشۇ قېتىمقى ئەمدىلا شامىلى چىقىۋاتقان دۇنياۋى ئىقتىسادىي كىرزىس توغرىسىدا يەنىمۇ ئىزدەنگەن تورداشلار بولسا ، بىلگەنلىرىنى ئايىماي مۇنبەرگە تۆكۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2008-10-7 20:27:57

<div class=tpc_content align=center>ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىنى قۇتقۇزۇش پىلانى </div><div class=tpc_content>



يېقىندا  ۋال سترېت كوچىسىدا ‹‹ پۇل مۇئامىلە تاشقىنى›› يۈز بىرىپ ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى يەنە بىر قېتىم قايتا تەقسىملەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قۇتقۇزۇش يېڭى پىلانىنى تېزلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇپ، 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىپ پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ناچار مال–مۈلكىنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىدى، بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30–يىللىرىدا يۈز بەرگەن ئىقتىسادى بۆھراندىن بۇيانقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ زور قۇتقۇزۇش پىلانى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.  

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىرنى ئامالسىزلىقتىن يولغا قويدى. ئامېرىكا ئەزەلدىن ئۆزىنى ئەركىن بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۈلگىسى دەپ كۆرسىتىپ كەلدى، ئەمما ئىككىلەمچى قەرز كىرزىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، فاننىمىي ۋە فرېدىماكتىن ئىبارەت ئۆي مۈلۈك شىركىتى ، لېخمان ئاكا–ئۇكىلار ئاكسىيە شىركىتى ، ئامېرىكا خەلقئارا گۇرۇھى قاتارلىق نۇرغۇن پۇل مۇئامىلە گۇرۇھلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى بىلەن، كىشىلەرنىڭ بازارغا بولغان ئىشەنچىسى يوقالدى.

ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىتىسرلىكى ئىلگىركى بىر قانچە ھەپتىدە قۇتقۇزۇش پىلان تەدبىرىنى ئىزچىل تەتقىق قىلىپ كەلگەن ئىدى، ئەمما سىرتتىكىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىشىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن ئىزچىل تۈردە سىر تۇتۇپ كەلدى ؛ لېكىن يېقىندىن بۇيان ۋال سترېت كوچىسىدا ۋەزىيەتنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشى بىلەن، ھۆكۈمەت كىرزىسنىڭ يەنىمۇ يامراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشقا تاللاش ئىمكانىيىتى بولمىدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش بۇنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم، ئەمما مەسىلىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى تۇنۇپ يەتكەندىن كىيىن، مۇشۇ تەدبىرنى قوللىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا قارار چىقاردىم، ئۇنداق قىلمىسام، ئامېرىكا بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ زور بەدەل تۆلەپ قالىدۇ.

پۇل مۇئامىلىنى قۇتقۇزۇش پىلانى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا ، ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى بورسىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بوناك قاتارلىقلار بۇش بىلەن جىددىي كېڭەشتى؛ بورسىن قاتارلىق ئەمەلدارلار ئۇنىڭدىن كىيىن نوپۇزلۇق پارلامېنت ئەزالىرىنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى.

بورسىن پىلانىنىڭ يادروسى، ۋال سترېت كوچىسىنى پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ تۆۋەن باھادا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ۋە سودا رەنىلىك قەرز پۇل قاتارلىق ناچار مال– مۈلكىنى سېتىۋېلىش، بازار دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشقاندىن كىيىن، ھۆكۈمەت يەنە مۇشۇ مال–مۈلۈكلەرنى سېتىشتىن ئىبارەت. بورسىن، بۇ ناچار مال–مۈلۈك نۆۋەتتىكى پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مەنبە، دېدى.  

1979–يىلىدىكى كرېسلېر شىركىتىنى قۇتقۇزۇش پىلانىغا قاتناشقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق ئەمەلدارى روگى ئارتمان مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى پۇل مۇئامىلە مۇھىتى جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما ‹‹ مۇشۇ ئۆتكۈنچى دەۋردىن كىيىن›› ھۆكۈمەت ئاخىرىدا بۇ پۇلنى تولۇق قايتۇرۇشى مۇمكىن.

پۇل مۇئامىلە قۇتقۇزۇش پىلانى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى، شۇنداقلا يەر شارى پاي چېكى بازىرىنىڭ زور دەرىجىدە يۈكسلىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

زور مىقداردىكى مالىيەنىڭ چىقىم قىلىنىشى، شۈبھىسىزكى ئامېرىكىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىگە ئېغىر قەرز يۈكىنى ئارتىپ، ئامېرىكا مالىيە قىيىنچىلىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىشى مۇمكىن. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىچاد شىلبى مۇنداق دەپ ھېساپلىدى: ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇشقا ئاجرىتىدىغان مەبلىغى بىر تېرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىشى مۇمكىن. ناۋادا ھۆكۈمەت ساتىدىغان مال- مۈلۈك پايدىغا ئۆزگەرمىسە، زور زىيان باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ بېشىغا كىلىشى مۇمكىن. كانىچ- مىلۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس ئالىمى ئەيلۇن مېرسى مۇنداق دەپ ھېساپلىدى: نۆۋەتتىكى پۇل مۇئامىلە كىرزىسى باج تاپشۇردىغانلارنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بورسىن ئوتتۇرىغا قويغان قۇتقۇزۇش پىلانىدا سەرپ قىلىنىدىغان پۇل نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىدۇ، بۇ ناھايىتى قاملاشمىغان ئىجتىمائىي دېموكراتىيە.

دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرى مۇنداق دەپ ھېساپلىدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر ۋال سترېتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەكچى بولىۋاتىدۇ، ئاددىي ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ زىيىنى بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ، بۇ خىل سەل قاراشتەك ئەخلاق،خەۋپ–خەتەر قىلمىشى بازارنىڭ ھايانكەشلىك خەۋپ–خەتىرىنى كۈچەيتىپ، يېڭى كىرزىسىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ. ئاۋام پالاتا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى بانى فرانك مۇنداق دېدى: بۇ پىلان پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى كىشىلەرنى بىۋاستە نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ، كېلەر باسقۇچتا غەيرىي خۇسۇسىي ساھەدىكى ئاممىنىڭ نەپكە ئېرىشىش ئەھۋالى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.

ئىككىلەمچى قەرز پۇل كىرزىسى يۈز بەرگەن بىر يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق بازار قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى بازار ئەھۋالىنى تۈپتىن ياخشىلاش ۋەزىيتىنى ئوڭشىيالمىدى، بۇنىڭدىن كىيىنكى قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ ئۈنۈم كۆرۈلۈش ياكى كۆرۈلمەسلىكىنى كۈزىتىشكە توغرا كىلىدۇ، ئامېرىكا ئىقتىسادىدا يەنىلا زور مۇقىمسىزلىق مەۋجۇت. ئىجابىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭدىن كىيىن مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنالىسا، ۋال- سترېتتىكى داۋالغۇشدا ياخشىلىنىش ئالامىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.



مەنزىل : شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىشتانسىسى خەۋەرلەر تورى </div><div class=tpc_content>شەبنەم مۇنبىرىدىكى ياسىرنىڭ  يوللانمىسى</div>

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-7 21:14:57

پىچەت تىما بوپتۇ بۇ

Savut يوللانغان ۋاقتى 2008-10-7 21:24:32

مۇزىكجان: <<ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى>> دە <<پېچەت>> دېگەن سۆزگە(<پىچەت> دەيدىغان گەپ يوق ئوخشايدۇ) مۇنداق ئىزاھات بېرىپتۇ.

ئى [ر] پايدىلىنىشىنى توسۇش ياكى باشقىلارنىڭ ئاچماسلىقى ئۈچۈن قويۇلغان بەلگە ياكى ئۇرۇلغان تامغا : پېچەت سالماق . پېچەت چاپلىماق .
دەپ ئىزاھات بېرىپتۇ. بۇ تېمىنى ئوقۇپ بوپتىمەن ئىنكاسىڭىزنى كۆرمەي. چاتاق چىقماس - ھە؟!

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2008-10-9 04:23:43

يېغىشتۇرۇپ كەلگەندە مەن بۇنى ئىككى نۇقتىدىنلا چۈشەندىم.

1-ئامىركا جەمىيتىنىڭ ئىستىمال كۆز قارىشى.ھەرقانداق بىر ئىقتىسادىي گەۋدىدە ئىستىمالغا ئائىت كۆرسەتكۈچلەر شۇ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەس ئىكەنلىكنى گەۋدىلەندۇرۈپ بىرەلەيدۇ.ئىستىمال كۆز قارىشنىڭ مۇۋاپىق مۇۋاپىق ئەمەسلىكى شۇ جەمىيەت ئىقتىسادىنىڭ ئىزچىل،نورمال ھالەتتە تەرەققى قىلىش قىلالماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ.

2-پۇل-مۇئامىلە سېستمىسدىكى ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان،ئاساسىي ئەخلاق پىرىنسىپلىرغا خىلاپ بولغان پۇل-مۇامىلە مەھسۇلاتلىرنىڭ كۆپلىكى،قىسقىسى شۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ھەقلەشتۈرگەن  پۇل-مۇئامىلە تۈزۈلمىسنىڭ مەيلى ئىقتىساددىكى تەبىي تەدىرجىي شاللىنىش بولسۇن ۋە ياكى مەقسەتلىك قۇرۇلغان پۇتاقلار (خۇددىي ئەينى ۋاقىتتا بو زۇڭتۇڭلىق ۋەزىپىسنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ شەھەر قۇرلۇشى ۋە تۇرالغۇ ئۆي تەرەققياتىغا مەسئۇل رەھبەرگە (HUDنىڭ باشلىقى بىرنىمە جېكسون ...)مەن ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقىتتا ئۆيى يوق كىشلەرنىڭ  نىسبىتىنى ئازلتشىم كېرەك ،ھازىر ئۆيى بار كىشلەر 70%ئەتىراپىدا بولۇۋاتىدۇ.بۇ ھەتتاكى شىمالىي ياۋروپدىكى دۆلەتلەرنىڭ نىسبىتىدىن خېلىلا تۆۋەن.شىۋىتسيەدە ئاللاقاچان 88%گە يىتىپ بولدى،دىگەن گەپنى قىلغان بولۇپ ھەمدە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۇرالغۇ ،مەسىلىسنى پۈتكۈل ئامىركا خاراكتىرلىق چوڭ ۋەزىپە قاتارىدا كۆرۈشكە بۇيرۇغان دىگەندەك سۇيقەست دەپ قارىلۋاتقان ئىشلاردەك بولسۇن)تۈپەيلىدىن بولسۇن ئىشقىلىپ گۈمۈرلشدىن قۇتۇلغىلى بولمايتتى.چۈنكى بۇ تۈزۈلمە ئاشۇنداق تۈزۈلمە.

ياۋروپا قۇرۇقلقىدىكى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزىدىن تارتىپ ئەنگىليەنىڭ ئەڭ يۇقىرى دىنىي زاتلىرغىچە بۇ زادى خاتا ئىدى دىيىشتى،ئۆزىنىڭ ئانگىلو-ساكسۇن ئىقتىسادى ئەندىزىسىنى بازارغا سېلىشتى.

  يۇقارقى گەپلەرنى تېخمۇ كەڭەيتىسەك ماكىرولىق تەڭشەش بىلەن جەمىيەت ئىدىلوگىيسىنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرستىش مۇناسىۋىتى قانداق بولۇدۇ دىگەندەك مەسىللەرگە  تاقىلىدۇ.شۇڭا بۇ كىيىنگە قالدى...

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2008-10-9 14:53:04

1980يىللارنىڭ باشلىردىكى بولۋىيەدىكى ئىقتىسادىي بوھران بۇنىڭ تىپىك مىسالى،ئەينى ۋاقىتتكى خەلىقئارا پۇل-مۇئامىلە فوندى تەشكىلاتنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى ھەممىگە مەلۇم.بۇ پەقەتلا بىر دىنبىر مىسالى ئەمەس.ئادەتتە بەزىدە مەلۇم دۆلەتكە دۇنيا بانكىسى  ئۆسۈمسىز قەرىز تارقاتتى دىگەن گەپنى ئاڭلايمىز،لىكىن بۇ ئۆسۈمسىز قەرىزنىڭ ئۇمۇىي قەرىز بەرگەن پۇل ئىچىددىكى نىسبىتى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ،ھەتتا بەزىدە سىياسىي قورالمۇ قىلىندۇ.ئاساسەن ھەممىسى ئۆسۈملىك قەرىز،ئۈچۈنچى دۇنيا ئەللىرگە بەرگەن قەرىزنىڭ ئۆسۈمى 0 بولمىغىچە دۇنيا تەكشى تەرەققى قىلالمايدۇ،ئاچ-نامىراتلار ئازايمايدۇ...

koltigen يوللانغان ۋاقتى 2008-10-9 16:10:09

روسىيە بىلەن جوڭگونىڭ تىڭىرقاش ئىچىدە قېلىشى،ئامرىكىنىڭ ئىتپاقداشلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بىر تەدبىرنى قولىنىشدىن قارىغاندا،بۇ قېتىمقى كىرزىس، زور بىر سۈيقەست بۇلىشى مومكىنچىلىكىنى چەتكە قاقىلى بولمايدۇ.苦肉计بۇلىشى مومكىن.

humayun يوللانغان ۋاقتى 2008-10-9 16:32:50

ئىشقىلىپ بىر مەزگىللىك  گۈللىنىشتىن كىيىنكى   بىر چىكىنىشمىكىن  دەيمەن .............ئامىركا  ئىقىتىسادىنى  بېل كلۇنتون دەۋرىدە بەك  گۈللەنگەن ........بوش دەۋرىدە چىكىنىشكە قاراپ ماڭدى دەۋەتقان .................ئىشقىلىپ دۇنيا  بۇ قېتىملىق كىرزىس سەۋەبىدىن ۋەيران بولمايدۇ...بۇ ئۆتكۈنچى مەزگىل ئۈتۈپ  كەتسە  يېڭىچە بىر خىل  ئىقتىسادى قۇرۇلما مەيدانغا كىلەر بەلكىم ........

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2008-10-9 17:54:48

يەرشارىلىق ئالدىنقى ئىنكاسىدا دېگەن بىرىنجى نۇقتىنى ئامىرىكىلىق ئىقتىسادشۇناسلامۇ تەكىتلەيدىكەن، مەسىلەن فلىدن لارۇشمۇ 1995. يىلىدىكى ۋاتىكاننىڭ بىر توپلانتىسىدا ئوچۇق قىلىپ ئامىرىكا خەلقىنىڭ ئىستىمال پارازىتى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى، بازاردى ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلى تەرەققى قىلىش نىسبىتىدىن ئاشۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزارىبە ۋە باشقا ھەرخىل رىبا سودا شەكىللىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان .
ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا ، كاپىتالىزمنىڭ شۇئارلىرىدىن  : ئىستىمالغا قاراپ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەس، كۆپلەپ ئىشلەپچقىرىپ ئۇنى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئىستىمال قىلدۇرۇش، \"يېڭى شەھۋەت پەيدا قىل \" دېگەندەكلار .  بۇنداق ئايلىنىپ تۇرمىسا كاپىتالىزم ئىقتىسادى بولالماي قالىدۇ .

يەرشارىلىقنىڭ ئاندا چولتا ئىنكاسلارنىڭ ئورنىغا ئۇزۇنراق يېزىشىنى ئۈمىت قىلىمەن، زاكاتى يىغىلىپ قاممىسۇن جۇما

Umit-1 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-9 18:40:01

ھازىر ئەھۋالى ئەڭ خاراپ، لېكىن تېخى ئاق بايراق چىقارمىغان بانكىلار بولسا فېدىرالىستان زاپاس پۇل ئىدارىسى بىلەن JP Morgan ۋە Citibank.
ئىشنىڭ قىززىق يېرى، نىمە ئۈچۈن باشتا بۇلار ۋەيران بولماي، ئەھۋالى بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا خېلى يامان ئەمەس بولغان Washington Mutual ئالدىراپ-تىنەپ ئاق بايراق چىقاردى؟ چۈنكى،
Washington Mutual نىڭ سەل ۋىجدانى ئېچىشىپ ئالالمىغان قەرزلىرىنىڭ مىقتارىنى رەسمىي ھىساۋاتتا ئازراق ئاشكارىلاپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن بۇلارنىڭ ھىساۋاتىغا ئازراقلا كۆز يۈگۈرتۈپ چىققان 7 ياشلىق كىچىك بالىمۇ ئەھۋالنىڭ دەھشەت چاتاقلىنى كۆردى، ۋە \"ۋاشىڭگىتونلۇق شېرىكلەر\" مۇددەتتىن بۇرۇن ئاق بايراق چىقرىشقا مەجبۇر بولدى. لېكىن JP Morgan بىلەن Citibank ئالالمىغان قەرزلىرىنىڭ مىقتارىنى تېخىچە يۇشۇرۇن تۇتىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئىككىسىنىڭ ئالالمىغان قەرزلىرى 1 تىرلىيون دوللاردىن كەم ئەمەس.

قائىدە بۇيىچە بولغاندا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل  كومىتىتى قايسى بانكىغا پۇل بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشقان بولسا، ئۇ بانكىنىڭ پاي-چەكلىرىمۇ ئۇنىڭ بۇلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا زاپاس پۇل كومىتىتى پۇل چىقىرىپ ۋەيران بولغان بانكىلارنى سېتىۋالغان بۇلىدۇ. AIG, Fannie ۋە Freddie لار بۇنىڭ مىسالى. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا زاپاس پۇل كومىتىتى بۇ بانكىلارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئېغىرچىلىقىنى دۈمبىسىگە ئالغان بۇلىدۇ، ۋە چاتاق يېرى ئۇ بانكىلارنىڭ قەرزلىرىمۇ تەڭ يۈكلىنىدۇ. شۇنداقى قىلىپ بانكىلار ۋەيران بولغانسىرى، قەرزلەر بەلنى ئىگىشكە داۋام قىلىۋېرىپ ئاخىر ما بەل \"چىم\" بولۇپ كەتسە، نامى-شەرىپى جاھاننى تىترەتكەن فېدىراتسىيە زاپاس پۇل ئىدارىسىنى كىم سېتىۋالىدۇ؟  ھازىر ئامېرىكىنىڭ بىر \"مىللىي مەركىزىي بانكا\" غا ئېرىشىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسىتى. ماك بوۋاي بۇ پۇرسەتنى قاچۇرمىسا بۇلاتتى .


بەت: [1] 2 3
: ئامىرىكىدىكى ئىقتىسادى كىرزىس قانداق پەيدا بولغان ؟