misran يوللانغان ۋاقتى 2008-10-6 12:11:45

شوئارنىڭ تەتۈر مەنىسى

شوئارنىڭ تەتۈر مەنىسى

  «ھەرقانچە نامرات بولساقمۇ مائارىپنى نامراتلاشتۇرمايمىز!» دېگەن سۆزدىن مائارىپنىڭ نامراتلىقى مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.

  «تېرىلغۇ يەرلەرنى يولسىز ئىگىلىۋېلىش، يولسىز ئىشلىتىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ!» دېگەن سۆزدىن، تېرىلغۇ يەرلەرنى يولسىز ئىگىلىۋېلىش، ئۇ يەرلەردىن يولسىز پايدىلىنىش ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ.

  «دېھقانلارنىڭ سېلىقلىرىنى راستتىن ئازايتىش كېرەك!» دېگەن سۆز دېھقانلارنىڭ سېلىقىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  «بىكارغا يېيىش، بىكارغا ئېلىش، بىكارغا قايرىپ قېلىش، زورلۇق بىلەن ئېلىش ھادىسىلىرىنى قەتئىي مەنئى قىلايلى!» دېگەن سۆزدىن شۇنداق ھادىسىنىڭ ئومۇملىشىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  «قاتتىق زەربە بېرىش ۋە تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرى پارلاق!» - بۇ سۆزدىن مەلۇمكى، شۇ يەردە ئوغرى- بۇلاڭچىلار يامراپ كەتكەن.

   خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ھەر يەرگە «جىنسىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش» ئېلانلىرى چاپلىنىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئەھۋال بۇزۇقچىلىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

   ئەگەر تامنىڭ بۇرجىكىدە «بۇ يەرگە چوڭ - كىچىك تەرەت قىلماڭ» دېگەن سۆز ئۇچرىسا، مەلۇمكى، چوقۇم شۇ يەرگە تەرەت قىلىدىغانلار بار.

ئامال بولمىغاندا

     ئەركەك - چىشى بىر جۈپ چاشقان بىر توپ بالىسىنى باشلاپ يەم ئىزدەپ كېتىۋاتقانىكەن، ئۇشتۇمتۇت بىر چىپار مۈشۈك بۇرۇتلىرىنى دىڭگايتىپ ئېتىلىپ كەپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتكەن چىشى چاشقان:

   - ۋاي بالىلىرىم! تېز قېچىڭلار!  تېز - دەپ چىرقىراپتۇ.

    چاشقان بالىلىرى بۇنداق ئەھۋالنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باقمىغاچقا، قورققانلىقىدىن دىر- دىر تىترەپ، تۇرغان جايىدا ھاڭۋېقىپ قاپتۇ.

   ئەركەك چاشقان بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، دەست تۇرۇپتۇ- دە، ئاسىققان ھالدا چىشلىرىنى كىرىشتۈرۈپ مۈشۈككە قاراپ قاۋاپتۇ:

   - ھاۋ! ھاۋ! ھاۋ- ھاۋ!

   ئىتقا ئوخشىتىپ قاۋىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان مۈشۈك دىڭ تۇرۇپ قاپتۇ ۋە دەرھال ئارقىسىغا قاراپ بەدەر تىكىۋېتىپتۇ.

   قورقۇنۇچلۇق ئەھۋال تۈگىگەندىن كېيىن، ئەركەك چاشقان خۇشاللىقىدا سۆزلەپتۇ:

   - بالىلىرىم، كۆردۈڭلارمۇ، بىرەر چەت ئەل تىلىنى بىلىپ قويۇش تولىمۇ جانغا ئەسقاتىدىكەن!.......

مەنبە: «ھەق سۆزلىگەن گۇناھ ئەمەس» نەملىق فېليەتون توپلىمىدىن ئېلىندى.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-10-6 14:20:55

مەلۇم بىر ۋىلايەتنىڭ خەلق مەيدانىغا چوڭ ئېلان تاختىسىغا خەتنى يوغان - يوغان قىلىپ يېزىلغان << چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىشقا بولمايدۇ >> دېگەن شۇئارنى كۆرۈپ، بىرى يۈزۈمگە شاپلاق ئۇرغاندەك غەلىتە تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ئىدىم .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-10-6 17:34:59

يېزىمىزنىڭ ئادەم ئەڭ كۆپ ئۆتىدىغان جايلىرىغا <<تېرىلغۇ يەرنى قانۇنسىز ئېگەللىۋېلىش جىنايەت !>> دەپ يېزىقلىق ، لىكىن بىزنىڭ يېزا باشلىقىنىڭ ھەر بىر كەنىتتە(يېزىمىزدا 19 كەنىت بار) ئەڭ كەم بولغاندا 20 مودىن يېرى بار ، ھىچقانداق ھەق تۆلىمەيدۇ ، يىل بويى ئېتىز بېشىغا كەلمەيدۇ ، كۈزدە ھوسۇل  ئىشىكىنىڭ ئالدىغا ھەتتا يانچۇقىغىچە ئۆزى مېڭىپ بارىدۇ !!!

sabir يوللانغان ۋاقتى 2008-10-6 17:59:49

يىزا باشلىغى بىلەن سىكىرتارنىڭ ھەقىقەتەن شۇندا ق چوڭ غەزىنىلىك يەرلىرى بار .

Gulruh2 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-6 18:48:11

جۇڭگۇدا  تەتۈر  مەنا   قوللانغان  ئېلانلار بىلەن  مەھسۇلات  ئەڭ  بازار  تاپىدىغان  تۇرسا  . تاماكا  چېكىش  سالامەتلىككە  زىيانلىق دىگەندەكلا  ...........................

tayger يوللانغان ۋاقتى 2008-10-7 09:35:49

بىركىنودا مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىغان:ماتەم مۇراسىمىدا تاماكا چېكىشكە بولمايدۇبولۇپمۇ خادامېن ماركىلقنى..........

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-7 21:29:22

شۇئارنىڭ كۆپلىكى، بۇلۇمسىز ئىللەتلەرنىڭمۇ كۆپلىكىنى بىلىدۇرىدۇ!

jessur يوللانغان ۋاقتى 2008-10-7 23:23:06

كۆپچىلىككە مەلۇم  دۆلىتىمىزدە ھەريىلى بىر ئاي جىنايى قىلمىشلارغا  قاتتىق زەربە بېرىش مەزگلى بار ،بۇنىڭدىن دۆلىتىمىز ساخچىلىرى ھەمدە خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىدىغان فونكىسيىلىك تارماقلارنىڭ باشقا 11 ئايدىكى كېرەكسىزلىكىنى كۆرۇۋېلىش تەس ئەمەس .
بەت: [1]
: شوئارنىڭ تەتۈر مەنىسى