Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-10-4 14:59:23

ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈش دۇرۇسمۇ؟

ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈش دۇرۇسمۇ؟


خوتۇن كىشى ئەرلىك بولغاندىن كېيىن ئۆز تەگئاتىنى تاشلاپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشى دۇرۇسمۇ ياكى ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلاردا ئوي سۈرۈپ، چۈشەنچىلەرنى ئوچۇقلاپ ئۆتكىنىمىز ياخشى.
بىرىنچى سۇئال : ئۆز تەگئاتىنى تەرك ئېتىپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشتىن مۇددىئا نېمە؟
ئىككىنچى سۇئال: ئۆز تەگئاتىنى تەرك ئېتىپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈش نېمىدىن بېشارەت ؟
ئۈچىنچى سۇئال: ئۆز تەگئاتىنى تەرك ئېتىپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشنىڭ ئىسلام دىنىمىزدىكى ھۆكۈمى نېمە؟
بىرىنچى سۇئال ھەققىدە كۆپ قىسىم كىشىلەر ئايال كىشىنىڭ ئەرگە تەگكەندىن كېيىن ئۆز ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىشتىن باش تارتىپ، نۆۋەتتىكى ئېرىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىشىدىكى مۇددىئا ئەرگە بولغان ھۆرمەت - ئېھترامىنى ئىزھار ئەيلەش، يەنە بىر جەھەتتىن ئايال كىشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىن چىقىپ ئەرنىڭ ئائىلىسىگە يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكى ۋە مەنسۇبلۇق جەھەتتىن ئەر جەمەتىگە تەئەللۇق بولغانلىقىنى ئىشارە قىلىش ئۈچۈن دەپ ، قارايدۇ. ھالبۇكى بۇ سۇئال ھەققىدە بىزنىڭ چۈشەنچىمىز شۇكى، ئۆز تەگئاتىدىن ۋاز كېچىپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈش ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىدىكى ياۋرۇپا كىشىلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىشتىكى ناچار ئادىتىدىن ، يەنى ئەرگە تەگكەن ئايالنى ھۆر ئىنسان سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى ئەرگە تەئەللۇق بولغان ئەسلىدىكى ئائىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن، ئەرنىڭ خۇسۇسىي بۇيۇمى سۈرىتىدە قاراش ھەمدە ئۇنىڭ ئۆز جەمەتى مەنسۇبلىقىنىڭ ئاداققىي تامغىسى - نىشانى بولغان تەگئاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەرنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىشكە بۇيرۇشتىن ئىبارەت ئىنسانىيلىققا زىيادە يات بولغان ئادەتنىڭ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن ئاسارىتىدۇر. بەلكى بۇنى بىر قىسىم كىشىلەر يۇقىرىقىدەك ئايالنىڭ ئەرگە بولغان ھۆرمىتىنىڭ يۇقىرى ماقامدا جارى ئېتىلىشىدۇر دەپ، بىلجىرلاشماقتا. بۇ كىشىلەرگە سۇئالىمىز شۇكى، ئەرگە بولغان ھۆرمەت  - ئېھترامنى ئىزھار ئېتىشتە، ئۆز جەمەتىي مەنسۇبلىقى ، كىملىكىدىن نىشان بولغان تەگئاتىنى ئۆزگەرتىش نەھاجەت؟! ئەرنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ ئۆز ئىسىم - تەگئاتىنى قوللىنىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقىنى پايمال قىلىمىزمۇ؟!... ئومۇمەن، بىز شۇنداق بىر خۇلاسىگە كېلىمىزكى، ئايال كىشىنىڭ  ئەرلىك بولغاندىن كېيىن ئۆز تەگئاتىنى تاشلاپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشىگە كىشىلەر ھەرزامان تارازىدا تۇرغۇدەك ھەق - ئادىل جاۋاب بېرەلمەيدۇ.
ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى سۇئال ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز شۇكى، ئايال كىشىنىڭ ئۆز تەگئاتىدىن كېچىپ ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئەگەر بۇ خىل ئۆز ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى تەرك ئېتىشنىڭ بېشارىتى ( بېشارىتى دېگەن سۆزگە ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەيسىز ) ئۆز نەسەبىدىن چىقىپ، ئەر نەسەبىگە ئۆتۈش بولسا ( كۆرۈنۈشتە ھەم ئىش شۇنداق. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ تەگئات ئالماشتۇرۇشى سەۋەبلىك ئايال ئۆز نەسەب تامغىسى بولغان تەگئاتىنى تاشلاپ، ئەرنىڭ نەسەبىگە تەئەللۇقلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئەرنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئايالنىڭ ھەقىقىي نەسەبىي مەنسۇبلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بەلكى كىشىلەردە ئايال مۇشۇ نەسەبكە ( ئەرنىڭ ) تەئەللۇق ئىكەن دېگەن چۈشەنچىنى بېرىپ قويىدۇ. ) ، ئۇنداقتا مۇھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېيتقان ئۇشبۇ ھەدىسنىڭ ھۆكۈمى سەۋەبلىك  بۇ خىل ئۆز تەگئاتىنى تاشلاپ باشقىلارنىڭ ( ئەرمۇ ھەم شۇنىڭ ئىچىدە ) تەگئاتىغا ئۆتۈش مۇسۇلمان كىشىگە دىنىي نۇقتىدىن دۇرۇس بولمايدۇ. بەلكى ئېغىر قىلىپ ئېيتقاندا ھارامدۇر.
1. سەھىھ بۇخارى ، 3982- ھەدىس ، سەئىد ئەبۇ ۋەققاس رەيزۇللاھى ئەنھۇ ھەمدە ئەبۇبەكرى رەيزۇللاھى ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئەيتۇرلەر : << كىمكى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز نەسەبىدىن كېچىپ، باشقا نىسبەتنى بەرسە ئۇ كىشىگە جەننەت ھارامدۇر. >> مەزكۇر ھەدىس يەنە سەھىھ بۇخارى 6269 - ھەدىستە باشقا بىر ساھەبە تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ.
2. ئىمام مۇسلىم ، << ئۆز ئاتىسى نەسەبىدىن يۈز ئۈرۈشنىڭ ئەھۋالى >> بابى 96- ھەدىستە ھەم يۇقىرىقى ئىككى ساھەبە تىلىدىن ئۇشبۇ ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان ھەمدە ساھەبىلەرنىڭ << بىز ئۇشبۇ ھەدىسنى ئىككى قۇلىقىمىز بىلەن ئىشتىپ، قەلبىمىز تۆرىگە قويۇپ ئالدۇق >> دېيىشكەنلىرىنى ئىلاۋە قىلغان.
3.سەھىھ مۇسلىم ، ھەج كېتابى ، 2433- ھەدىس، ھەزىرەت ئەلى ئىبىن ئەبۇ تالىپ رەيزۇللاھى ئەنھۇ ئەيتىدۇرلەر<< رەسۇللاھ سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇنداق دېدى، ... ... ... كىمىكى ئۆز ئاتىسىدىن باشقىغا نىسبەتىنى بەرسە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ، فەرىشتىلەرنىڭ ، بارچە ئادەملەرنىڭ لەنەتلىرى بولسۇن ... >>
بۇندىن تاشقىرى يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىكى ھەدىسلەر ئىمام تېرمىزى، ئەبۇ داۋۇدنىڭ كېتابلىرىدىمۇ ئوخشاش ساھەبە ياكى باشقا ساھەبىلەر تىلىدىن ھەم بېرىلگەن.
كۆرۈنۈپ تۇرۈپتىكى، ئۆز نەسەبىدىن ، ئۆز ئاتىسىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا نەسەب ياكى باشقا ئاتىنى ئۆزىگە راۋا كۆرۈش ئىسلام دىنىمىزدا ناھايەتتە ئېغىر ئېلىنىدىغان ھەتتا ئاللاھ ، پەرىشتىلەرنىڭ، بارچە ئىنسانلارنىڭ لەنەتلىشىگە لايىق ئېغىر گۇناھ ئىشتۇر.
ئۇنداقتا ئۆز تەگئاتىنى ئالماشتۇرۇپ ، ئەرنىڭ تەگئاتىغا ئۆتۈش ئۆز نەسەبىدىن تېنىپ، باشقا نەسەبنى ئۆزىگە نىسبەتلىگەنلىك بولامدۇ؟ بىزنىڭ قارىشىمىزدا تەگئات كىشىلەرنىڭ نەسەبىنى ، ئۇرۇق- ئەجدادىنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان جەمەتىي خاس نام. يەنى ئۇ شۇ كىشىنىڭ قايسى نەسەبكە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان نىشان - بەلگە. تەگئات گوياكى كىشىنىڭ جەمەتىي كىملىكىگە بېسىلغان مۆھۈرنىڭ ئۆزى. بىز كىشىلەرنىڭ تەگئاتىغا قاراپ ئۇنىڭ قايسى نەسەبتىن ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلىمىز. شۇنداقكەن. ئۆز تەگئاتىنى ئالماشتۇرۇش، ئاتىسىنىڭ تەگئاتىدىن ۋاز كېچىپ، باشقىلارنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىش نىيەت جەھەتتىن ئۇنداق مەنا بېرەلمىسىمۇ، لېكىن كۆرۈنۈشتە ئۆز نەسەبىدىن تېنىش ، باشقا نەسەبنى ئۆزىگە نىسبەتلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بىز ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئېرىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلەتكەن ئايالنى ئۆز ئېرى بىلەن بىر ئۇرۇقتىن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قېلىشىمىز تەبىئىي.
يەكۈن شۇكى، خوتۇن كىشى ئەرلىك بولغاندىن كېيىن ئۆز ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى تاشلاپ، ئەرنىڭ تەگئاتىغا ئۆتۈشى مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن دۇرۇس ئەمەس. بەلكى ئۇ ئاللاھ ۋە پەرىشتە، ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە لايىق ھارام قىلىمىشتۇر.
( ئەلبەتتە يۇقىرىقى قاراشلىرىمىز  ئۇيغۇر خوتۇن قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش شەكلى مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى تەلقىنلىرىدۇر. شۇڭا دوستلارنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈم سۈپىتىدە چۈشەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىمىز يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقۇسى! كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپ، سەۋەنلىكلىرىمىزنى ئىشارە قىلىپ،  بىز بىلەن بىرگە مۇھاكىمە - مۇنازىرە قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. بىلگۈچى ئاللاھ  )


مەزكۇر يازما << يۈكسەل بلوگى >> دىن ئېلىندى  http://www.yukselblog.com

مەنزىل :  http://yuksel.blogbus.com/logs/29866771.html


Huqush يوللانغان ۋاقتى 2008-10-4 20:04:00

مۇشۇ تەگئات دېگەن قېلىپلاشقان ئاتالغۇمۇ؟ دەسلەپكى بىر تېمىنى كۆرگەندە مەنمۇ مۇشۇ تەگئات دېگەن نېمە گەپتۇ دەپ ئويلاپ كېيىن بىلگەن، ئىلگىرى مەتبۇئات ۋە تورلاردا ئۇيغۇرلاردا فامىلە قوللىنىش دېگەن گەپ چىققان ئىدى، بولسە ھەممە چۈشىنىدىغان قىلىپ فامىلا قىلىپ ئالساق

yasin88 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-4 20:26:19

فامىلە  دىگەن سۆزمۇ ئەسلى ئۇيغۇرچە سۆزمۇ ياكى چەت ئەل تىلىدىن سىڭىپ كىرگەنمۇ ؟

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2008-10-4 23:48:03

تەگئاتىدىن ۋاز كىچىش ؟ ئۆزەمنى مىسال قىلىپ سۆزلەپ كۆرەي .

كۈنلەرنىڭ بىرىدە  ( ئاللاھ خالىسا )  مەن بىر جەمەت قۇرۇپ گۈللەندۈرسەم نۇرغۇن قىز ئوغۇللىرىم بوسا .

ئوغۇللۇرۇم ئۆيلۈنۈپ ئاياللىرى ئۆزتەگئاتىدىن ۋاز كىچىپ مىنىڭ تەگئاتىمنى قوللانسا ،ياكى تەگئاتى بولماي مىنىڭ تەگئاتىمنى قوللانسا.

تەگئاتىمنى قوللىنشىغا رۇخسەت قىلاي دىسەم ئۇ پۇشتۇمدىن بوممىسا .

ئەگەر يىتىم بالا بولۇپ بالىچىلاپ بىقىپ تەگئاتىمنى بەسەم ئۇ باشقىگەپ ،لىكىن كىلىنگە تەگئاتىنى بىرىش قاملاشمامدۇيا !

ئەگەر كىلىنچەك يىتىم بالا بولۇپ ئۆز ئاتا ئانسىنىڭ كىملىكىنىمۇ  بىلمىسىچۇ ؟

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

ئەمدى قىزلىرىم ياتلىق بولۇپ تەكئاتىمدىن ۋازكىچىپ ئىرىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلەتسە ئۇنىڭ بۇ ئىشى ماڭا ئىغىر كىلشى ئىنىق.

ناۋادا بىر يىل دىنكىيىن ئاجرىشىپ كىتىپ مىنىڭ تەگئاتىمنى ئىشلەتسە قايتا ياتلىق بولۇپ يانا باشقا ئىرنىڭ تەگئاتىنى ئىشلەتسە ،

ئۇنۇڭ بۇ قىلقى ئۈچۈن ئاتا بالىلىق تىن ۋاز كىچشىم ياكى ئۇنىڭ مىراس ھوقوقىنى بىكار قىلشىم مۇمكىن !!!

==================================================================

مۇيىم بىر مەسلە ئىسلامدىنىدا بۇنداقلارغا ھەممە لەنەت قىلىدۇ دىگەن سۆزگە كەسەم بۇيەدە تىلغا ئىلىنغان لەنەت ،

مۇسۇلمان قىز كاپىر غا تىگىپ تەگئاتىنى ئۆزگەرتسە ئاندىن كىيىن شۇنداق بولامدۇ ياكى قانداقلا بوسا لەنەتكە قىلى ۋىرەمدۇ. ؟!

   

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-5 08:18:20

\"تەگ\" __ ئاستى، يىلتىزى، مەنبىيى،

\"ئات\" __ ئىسىم، نام شەرەپ.

تەگ+ئات=تەگئات

\"تەگئات\" __ نام شەرەپنىڭ مەبىيى، نەسەپنىڭ يىلتىزى.

\"فامىلە\" قانداق مەنا بېرىلمىسۇن، شەكشۈبھىسىز كىرمە سۆز. شۇڭا تەگئاتنى قايتىدىن ئەمدىلىكتە قولغا ئالغان بىز كەبىي ئىنسان توپى ئۈچۈن \"يېڭى شەيئىي\" ھېساپلىنىدۇ، شۇڭا يېڭى شەيئىنى ساپ ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن باشلىماق زۆرۈر بولۇپلا قالماي، ھەر بىر جەمەت ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن تەگئاتمۇ ساپ ئۇيغۇرچە بولمىقى زۆرۈر، سەۋەپ تەگئات بىزنىڭ قايسى جەمەتلىكىمىزنىلا ئەمەس بەلكى مىللى كىملىكىمىزنىمۇ نامايىش قىلىدىغان بەلگۈدۇر.

ئاياللارنىڭ تەگئاتىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسى مېنىڭمۇ كاللامدا سىغمايدىغان مەسىلىلەردىن ئىدى، يۈكسەل قىرىندىشىمىزنىڭ يۇقارقى ئىزدىنىشلىرىنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدەك ئىسىم ئۆزگەرتىش تەس بولىدىغان، نام شەرىپى ئۆز يېزىقىدا ئىپادىلەشتىن كۆرە تولۇق ئىپادىلەشكە تولىمۇ ئاجىز بىر يېزىقتا ئىپادىلەش يۇقۇرى ئىمتىيازلىق بولىۋاتقان مىللەت ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور تەتقىقات بولۇپتۇ.

روخسەتلىرىنى ئالمايلا تەگئات ھەققىدە خىلى مۇكەممەل تەپسىلاتلار، مۇھاكىمىلەر، تەتقىقات ئىزدىنىشلەر بولۇنغان  http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=8578&page=1 غا قويۇپ قويدۇم. بۇ ئەيىپلىكىم ئۈچۈن ئۆزرە سورايمەن.

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-5 16:02:38

ئابدۇشۈكۈر ھاجىم(ئۈرۈمچىدىكى ئاق مەسچىتكە كىرگەنلەر تونۇيسىلەر)نىڭ بىر تەبلىغىدە بىرەيلەن ھاجىمدىن بالىسىغا ئۆزىنىڭ ئاتىسىنىڭ فامىلىسنى قوللانسا بولامدىغانلىقى،يەنە ئەۋلاتمۇ ئەۋلات  دادىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىش توغرىسىدا سوئال سورىغانىكەن،ئابدۇشۈكۈر ھاجىم بۇنداق قىلسا بولمايدىغانلىقىنى،بۇ ھەقنى ھەق بىلەن يېپىش بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.تەگئات دىگەنمۇ مۇشۇ گەپقۇ دەيمەن.ئاشۇنداق دىننى ئۆلىمالىرىمىزدىن سوراپراق قىلغىنىمىز توغرىمىكىن.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2008-10-5 16:46:44

ھەقنى ھەق گەپ بىلەن يېپىش، بۇ قانداق گەپ ئۆزى؟

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-5 18:21:47

بالىنىڭ دادىسىمۇ ھەق،چوڭ دادىسىمۇ ھەق.لېكىن ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى فامىلە بولۇشقا ئەڭ لايىق دىگەن مەنىدە.

مەندە بۇ تەبلىغنىڭ م پ 3 شەكلىدىكىسى بار،ئاڭلىغىڭىز بولسا ئەۋەرتىپ بىرىمەن.

Gulruh2 يوللانغان ۋاقتى 2008-10-6 18:41:20

مېنىڭچە  بولماسمىكىن .  بىر  ئەر  بىرلا  ئايال  بىلەن  ئۆتۈپ  كەتسىغۇ  ياخشى  .  ئەگەر  قايتا  نىكاھلانسا  يەنە  ئۆزگەرتىش  ئاۋارىچىلىق  ئەمەسمۇ  .  يەنە  كېلىپ  ئاتىمىزنىڭ  ئىسمىنى  ئۆچۈرۈپ  ئىشلىتىش  دىسە  مەن  قۇبۇل  قىلالمايمەن  .  تەسكە  توختايدۇ  .....................................

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2008-10-6 21:20:23

نىمە ئۈچۈن تەگئاتىنى ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن باشلاش زۆرۈر . دىمەكچى بولغىنىڭىز ھازىرقى ئۇيغۇرتىلى بىلەن چەكلەن سەك دىمەك چىمۇ .

بىرئامال قىلىپ چۈشەپ قويسا دىگەن دەكلا گەپمۇ بۇ ؟

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2008-10-6 21:22:50

yuksel  ئۆزىڭىز يوققۇ !؟

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-7 12:40:40

مۇستەبىت ئەپەندىم، تەگئات دېمەك شۇ ئادەمنىڭ جەمەتىنىڭ \"ماركىسى\" دېمەك، شۇڭا  مۇسۇلمان بولماق بىلەن قۇرئاندىكى سۆزلەردىن تاللاپ ئىسىم قويساقمۇ، ئۇيغۇر بولماق بىلەن ئۇيغۇر ئادەم ئۈچۈن ساپ %100 ئۇيغۇرچە تەگئات قوللانماق زۆرۈر.

ئۇيغۇرچە سۆز كېمىپ قالمايدۇ، شۇڭا چۈشۈلۈپ قالمايدۇ.

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2008-10-7 18:24:17

قۇر ئاندىكى ئۇ ئەرەپچە سۆزلەر يىتىش مەيدۇ  بىدار قۇتلان !!!

ئۇيغۇرلار نىڭ نەچچە ئون مىڭ يىللادىن بىرە ئىشلىتىپ كىلۋاتقان ئادەم  يەر ناملىرى دەريا دىڭىز ئىسىملىرى دىگەن دەك .

نۇرغۇن لىغان ئىيتماققا ئوڭاي ئاڭلىنىشقا چىرايلىق ،ئىسلام غا مۇخالىپ كەممەي دىغان ئىسىملاردىنمۇ تاللاپ ئىلىشكىرەك .

بەت: [1]
: ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈش دۇرۇسمۇ؟