misran يوللانغان ۋاقتى 2008-9-26 12:49:58

قاتناش ساقچىلىرى كۈلىشىنى ياكى يىغلىشىنى بىلەلمەيدىغان

بۇ بۇرادەر نورمىدىن ئارتۇق ئادەم باسقاننى ئاز دەپ يەنە تېلىفۇن سۆزلەشكىنى نىمە قىلغىنىدۇ؟

بۇلار ماشىنا ھەيدەۋاتامدۇ ياكى ماشىنا بۇلارنى ھەيدەۋاتامدۇ؟

بۇ بۇرادەر بىر قېتىمدىلا ئون ئادەمنىڭ ئىشىنى قىلىۋەتتى؟...

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2008-10-2 09:34:54

ۋوۋ !!!~~~ ......    ما تازنىڭ تۇمىقىنى كۆرۈڭ ....

abdussamad يوللانغان ۋاقتى 2008-10-2 12:41:43

نىمە ئىش بوپ كەتتى بۇ يەردە ؟

  قاتناش ساقچىسى توغرىلىق گەپلەر بولاۋاتاتتى......

      ھەجەپ بىر مۇبارەك كۈنلەردە قىلغىلى ئىش چىقمىغاندەك ....

     راسىت ھىسياتىمنى سۆزلىسەم ئويغان توردىشىمىزنىڭ باش سۈرىتى بىلەن ئىمزاسى قەتئى ماسلاشماپتۇ....ئۇيقۇنى ياخشى ئۇخلىيالماي سەل ياخشى ئويغانمىغانمۇ نېمە؟

  ئۆز ھال ئاكىمىزمۇ شوخلىقى تۇتقىلى تۇردىغۇ مۇشۇ كۈنلەردە..

   باشقا رەسىم يوقمىكەن قاتناش ھادىسىسىدىن ئىبرەت ئالغۇدەك؟

     بۇنى كۈرۈپ قويۇڭلار راشىد  قارىمنىڭ ئوقۇغان ئايىتى بولسا بۇ ئايەت:

   ئى مۆمىنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى اللەنىڭ زىكرىدىن (يەنى اللەنىڭ تائەت-ئىبادىتىدىن) غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر . بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزەڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەرنى سەدىقە قىلىڭلار . اللە ھېچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ، اللە قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر .

63- سۈرە مۇنافىقۇن مەدىنىدە نازىل بولغان،

     

      بۇلاردىن ئىبرەت ئېلىڭ...

   

  

  بۇنى كۆردىڭلارمۇ؟

   

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ھەرۋاقىت ئاللاھنىڭ بۇئايەتلەرىنى ئوقۇپ، تەپەككۈر قىلىپ ئويلىنىپ بېقىشى لازىم . ئاللاھ خېتاب قىلىدۇ:

« سىلەر ئاخشامدا ۋە ئەتىگەندە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار. ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەمدۇسانا، كەچ ۋە پېشىن ۋاقىتلىرىدىكى ھەمدۇسانانىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ  جانسىز نەرسىلەردىن جانلىق نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، جانلىق نەرسىلەردىن جانسىز نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ (يەنى قۇرغاق زېمىننى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن كۆكەرتىدۇ)، سىلەرمۇ مۇشۇنداق تىرىلدۈرۈلىسىلەر ئاللاھنىڭ سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتقانلىقى، ئاندىن سىلەرنىڭ ئىنسان بولۇپ زېمىندا تارىلىپ يۈرۈشۈڭلار ئاللاھنىڭ(كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر. ئاياللار بىلەن ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر – خوتۇن ئارىسىدا) مېھر – مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك - شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار. ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئاللاھنىڭ(كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار. سىلەرنىڭ كېچىسى ۋە كۈندۈزى ئۇخلىشىڭلار،(كۈندۈزى) ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىدىن (رىزىق) تەلەپ قىلىپ (ھەرىكەتلىنىشىڭلار) ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، شەك – شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار ئاللاھنىڭ سىلەرگە چاقماقنى قورقۇنچ ۋە ئۈمىد قىلىپ كۆرسىتىشى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشى  ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، چۈشىنەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا، شەك – شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار ئاللاھنىڭ ئاسمان زېمىننى ئۆز ئەمرى بىلەن (مۇئەللەق) تۇرغۇزۇشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، ئاندىن ئاللاھ (قەبرىلەردە كۆمۈلۈپ ياتقان) سىلەرنى يەر ئاستىدىن چاقىرسا، دەرھال چىقىسىلەر ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغۇچىدۇر».[رۇم 17ـ 26ـ ئايەتلەر].

  

   ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلارغا (بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنلاش، مەنئى قىلغان ئىشلاردىن چەكلىنىش بىلەن) تەقۋادارلىق قىلىڭلار، شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، (ئۇ كۈندە) ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ، اللەنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى اللەنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشىغا يول قويماڭلار . قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن اللەنىڭ دەرگاھىدىدۇر. اللە يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) اللە بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى- يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، اللە ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر .

31- سۈرە لوقمان

    ئاللاھ ھەممىمىزنى كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەردىن ساقلىسۇن...ئامىن!!!

  كۈنلىرمىزنى خۇشال -خورام ئۆتكۈزۈشكە نىسىب قىلسۇن....ئامىن!!!

  

قاتناش قۇراللىرىغا چىققاندا ئوقۇلىدىغا دۇئا

1ـ{ سُبْحَانَ الَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَذَا وَمَا كُنَّا لَهُ مُقْرِنِيْنَ وَإِنَّا إِلَى رَبِّنَا لَمُنقَلِبُونَ }

تەرجىمىسى: « بىزگە بۇنى (قاتناش قورالى، ئۇلاغ) بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز بۇنىڭغا(چىقىشقا)قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» [زۇخرۇف سۈرىسى 13ـ ئايەت].

2ـ{ اَلْحَمدُ لِلَّهِ، اَلْحَمدُ لِلَّهِ ، اَلْحَمدُ لِلَّهِ ، اَللهُ اَكْبَرُ، اَللهُ اَكْبَرُ، اَللهُ اَكْبَرُ، سُبْحاَنَكَ  اللّهُمَّ اِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي فاَغْفِرْلِي فَاِنَّهُ لاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ اِلاَّ اَنْتَ}.

تەرجىمىسى: »  جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ئى ئاللاھ! سەن پاكتۇرسەن، مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، مېنى مەغپىرەت قىلغىن، شۇبھىسىزكى، گۇناھلارنى سەندىن باشقا مەغپىرەت قىلغۇچى يوق».

[تىرمىزىي رىۋايىتى].

سەپەرگە چىققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

{اَللَّهُمَّ إنَّا نَسْأَلُكَ فِي سَفَرِنَا هَذَا الْبِرَّ وَالتَّقْوىٰ، وَمِنَ الْعَمَلِ مَا تَرْضَىٰ، اَللَّهُمَّ هَوِّنْ عَلَيْنَا سَفْرَنَا هٰذا، وَاطْوِ عَنَّا بُعْدَه، اَللَّهُمَّ أَنْتَ الصَّاحِبُ فِي السَّفَرِ، والخَلِيفَەُ فِي اْلاَهْلِ، اَللَّهُمَّ إِنَّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ وَعْثَاءِ السَّفَرِ، وَكآبَەِ الْمُنْقَلَبِ، وَسُوءِ الْمَنْظَرِ فِي اْلاَهْلِ وَالْمَالِ}

تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! بۇ سەپىرىمىزدە سېنىڭدىن ياخشىلىق بىلەن تەقۋالىقنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ئەمەلنى تىلەيمىز. ئى ئاللاھ! بىزگە بۇ سەپىرىمىزنى ئۇڭايلاشتۇرۇپ بەرگىن، ئۇنىڭ مۇساپىسىنى يېقىنلاشتۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! سەن سەپەردە ھەمراھ، ئەھلىمىزدە ئورۇنباسارسەن. ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ سەپىرىمنىڭ زورلىقىدىن، چىرايىمنىڭ سارغىيىشىدىن، ئائىلەمگە ۋە پۇل ـ مېلىمغا زىيان ـ زەخمەت يېتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن»[مۇسلىم رىۋايىتى].  

سەپەردىن قايتىشتا ئوقۇلىدىغان دۇئا

{آيِبُونَ تَائِبُونَ، عَابِدُونَ لِرَبِّنَا حَامِدُونَ}

تەرجىمىسى: « ئاللاھ تەرەپكە قايتقۇچى، تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى ۋە پەرۋەردىگارىمىزغا ھەمدۇسانا ئېيتقۇ چىلارمىز» [مۇسلىم رىۋايىتى].

بازارغا كىرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا

{ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَشَرِيْكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ يُحْيِ وَيُمِيْتُ وَهُوَ حَيٌّ لاَ يَمُوْتُ بِيَدِهِ الْخَيْرُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيْرٌ }.

تەرجىمىسى: « بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق. ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرەلەيدۇ، ئۇ ھەمىشە تىرىك بولۇپ ھېچ ئۆلمەيدۇ، پۈتۈن ياخشىلىق ئۇنىڭ قولىدىدۇر، ئۇ ھەممە نەرسىگە كۈچى يەتكۈچىدۇر».

[تىرمىزىي رىۋايىتى].

يولۇچىنىڭ ئۇزاتقۇچىلارغا قىلىدىغان دۇئاسى

{ أَسْتَوْدِعُكُمُ اللهَ الَّذِي لاَ تَضِيْعُ وَدَائِعُهُ }

تەرجىمىسى: « سىلەرنى ئامانەت قىلىنغان نەرسە قەتئىي يوقالمايدىغان زات ـ ئاللاھقا تاپشۇردۇم».

[ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

يولۇچىنى ئۇزاتقۇچىلارنىڭ قىلىدىغان دۇئاسى

{ أسْتَوْدِعُ اللَّهَ دِينَكَ وأمانَتَكَ وخَواتِيْمَ عَمَلِكَ }.

  تەرجىمىسى: « سېنىڭ دىنىڭنى، ئامانىتىڭنى ۋە ئىشىڭنىڭ خەيرلىك ئاخىرلىشىشىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم».

[تىرمىزىي رىۋايىتى].

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2008-10-2 13:37:31

paxwa يوللانغان ۋاقتى 2008-9-26 13:45:03

ۋەي،  لوبەنما مەن ھازىر تۆت مەدىكانى ئىزدىنىشنىڭ ھاجەتخانسىنى تازلىتىش ئۇچۇن ئىلىپ ماڭدىم.

86 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-26 15:17:21

ماتوتنىڭ بېلىنى  يەنە سەل ئۇزۇنراق قىلىپ ئىشلىگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاركەنتۇق.

Tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2008-9-26 16:08:38

ئۆتكەندە بىر كۈنى ماشىنىدا كېتىۋاتسام، تۆتى بىر موتوغا مىنىپ مېڭىپتىكەن، ئالدىغا ئۆتۈپ تۇسىۋېلىپ:''ھاجىم... جان لازىممۇ يا؟پايدىسىغا قالغان جان ئەمەستۇ ھەقاسىڭلىنىڭ، 4 ئادەممۇ مىنىۋالامسىلە ؟'' -دىسەم، ئالدىدا ئولتۇرغىنى شەيتان گۇيكەن:'' ئەسلى بەشتۇق ، بىرسى پاتماي چۈشىرىۋاتقان تېخى''-دىمەسما، كۈلگۈم كەپكىتىپ، ئۈچىنى چۈشەرگىزىۋېتىپ، قويپىرىۋاتتىم.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2008-9-26 17:49:33

ئۇلار ئۇ دۇنياغا كىتىپ بارغان ئوخشايدۇ!..

totem يوللانغان ۋاقتى 2008-9-26 20:54:08

ئۈلۈم يۇلىغا ماڭغانلار.

كارۋاتمۇ يا موتومۇ دىگۈسى كىلدىكەن كىشىنىڭ.

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-26 23:35:15

ماۋۇلار بىر يەرگە ئىشلىگىلى كېتىۋاتقان بولسا كېرەك.  ئېشىكى خىلى زامانىۋىكەن.

86 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-27 11:28:40

86 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-27 11:32:55

86 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-27 11:34:34

86 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-27 11:38:37

xatlik يوللانغان ۋاقتى 2008-9-27 12:47:23

قاتناش ساقچىسى ئۇلارنى كۇرۇپلا ،قارا كوزەينىگىنى تاقىۋالدىمۇ تېخى .

misran يوللانغان ۋاقتى 2008-9-27 13:33:16

ساقچى ھاجىم خاپا بومىسىلا مەلىدىكىلە بىللە كۆچكەنتۇق!

misran يوللانغان ۋاقتى 2008-9-27 13:38:21

misran يوللانغان ۋاقتى 2008-9-27 13:47:45

ئەمدىغۇ مەنچىلىك نورمىدىن ئارتۇق باسالايدىغىنى چىقماس؟!

يەنە بىسى پاتىدۇۇۇۇ.....

Uyghun يوللانغان ۋاقتى 2008-9-27 15:43:32

86 ئەپەندىمنى ئىزدىنشتە قايتا كۆرگەنلكىمدىن  ناھايتى خوش بولدۇم .

musajan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-28 09:19:56

ئاۋۇ پويىز ھەرە ئۇۋىسىمۇ ياكى؟
بەت: [1] 2
: قاتناش ساقچىلىرى كۈلىشىنى ياكى يىغلىشىنى بىلەلمەيدىغان كۆرىنىشلەر