irpan5 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-22 08:21:46

فىتىر سەدىقىسىنى بىلەمسىز؟

فىتىر سەدىقىسى توغرىسىدا ئېنىقلىما:

    فىتىر- رامىزاننىڭ سەۋەبى بىلەن پېقىرلارغا بېرىش بەلگىلەنگەن سەدىقە دېمەكتۇر. فىتىر سەدىقىسى ھىجرىيەنىڭ ئىككىنچى يىلى رامىزان روزىسى پەرىز بولغاندىن كېيىن، زاكات پەرىز بولۇشتىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فىتىر سەدىقىسىنى ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئارپىدىن ياكى خورمىدىن بىر سائ ( سائ 2751  گىرام ) بېرىشىنى بەلگىلىگەن » (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

فىتىر سەدىقىسىنىڭ ھۆكمى

فىتىر سەدىقىسىنى بېرىش ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە ۋاجىبتۇر. يەنى چوڭ-كىچىك، ئەر- ئايال، ئەقىللىق- ئەقىلسىز ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئۆز ئېھتىياجىدىن تاشقىرى بولغان مال- دۇنىياسىدىن بېرىلىدۇ. ۋاجىبنى ئادا قىلىش پەرىزگە ئوخشاش زۆرۈردۇر. ئەمما فىتىر سەدىقىسى بەرمىگەن كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى مۇئەللەقتە قالىدۇ دېگەن رىۋايەت خاتادۇر. بەلكى تۇتقان روزا ھەر ھالەتتە تېگىشلىك ساۋابىنى تاپىدۇ. فىتىر سەدىقىسىنى بەرمىگەن كىشىنىڭ ئۈستىدە بۇ سەدىقە زاكاتقا ئوخشاش قەرىز بولۇپ قالىدۇ. بىراق تۇتقان روزىسى دۇرۇستۇر.

ھەدىسشۇناس ئالىملار، كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا مەشھۇر بولۇپ قالغان « فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلمىغان كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى ئۇنى ئادا قىلمىغىچىلىك ئاسمان بىلەن زىمىن ئوتتۇرىسىدا مۇئەللەقتە قېلىپ، ئاللاھ تائالاغا يەتمەيدۇ » دېگەن ھەدىسنى راستىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكى ئىسپاتلانمىغان يالغان ھەدىس، دەپ قارار قىلىدۇ.

فىتىر سەدىقىسىنىڭ بۇيرۇلۇشىنىڭ ھېكمەتلىرى:

فىتىر سەدىقىسىنىڭ ۋاجىب بولۇپ بۇيرۇلۇشىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن شۇكى، فىتىر سەدىقىسى روزىنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلاش ۋە پېقىرلارغا ئېھسان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ بۇ روزا ھېيت كۈنىدە خوشال قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىبنى جەرراھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«رامىزان ئۈچۈن فىتىر سەدىقىسى، ناماز ئۈچۈن سەۋەنلىك سەجدىسىگە ئوخشاشتۇر. سەجدە نامازنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلىغاندەك، فىتىر سەدىقىسىمۇ روزىنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلايدۇ » . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« بۇ كۈندە (يەنى ھېيت كۈنىدە) پېقىرلارنى نەرسە سوراشتىن بېھاجەت قىلىڭلار »(دارىقۇتنى ۋە ھاكىم رىۋايىتى).

  فىتىر سەدىقىسى قاچان بېرىلىدۇ؟

  ھەنەپىي مەزھىبىگە كۆرە، فىتىر سەدىقىسى روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگىنى قۇياشنىڭ چىقىشى بىلەن ۋاجىب بولىدۇ. "دۇررۇلمۇختار" دېگەن كىتابتا: « روزى ھېيت كۈنى قۇياش چىقىشتىن بۇرۇن ئۆلگەن كىشىگە فىتىر سەدىقىسى ۋاجىب بولمايدۇ. شۇنىڭدەك ھېيت كۈنى قۇياش چىققاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان بىرسى ئۈچۈن ياكى دۇنىياغا كەلگەن بوۋاق ئۈچۈن فىتىر سەدىقىسى بېرىش لازىم كەلمەيدۇ، دېيىلگەن».

بۇنىڭغا بىنائەن، فىتىر سەدىقىسى ھېيت كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن ۋە ھېيت نامىزىنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن بېرىلىدۇ. فىتىر سەدىقىسىنى ھېيت كۈنىدىن بۇرۇن بېرىش جائىز بولغاندەك، ئۇنى ھېيت كۈنىدىن كېيىن بېرىشمۇ جائىزدۇر. ئەمما ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىت ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن بېرىشتۇر.

  فىتىر سەدىقىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى :

فىتىر سەدىقىسى ھەنەپىي مەزھىبىگە كۆرە، تۆت نەرسىنىڭ بىرىدىن بېرىلىدۇ. ئۇلار: بۇغداي، ئارپا ، خورما، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلار. فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى بۇغدايدىن يېرىم سائ، ئارپا، خورما ۋە قۇرۇق ئۈزۈمدىن بىر سادۇر. ئەمما شافىي، ھەنبەلى ۋە مالىكى مەزھەبلىرىگە كۆرە، فىتىر سەدىقىسى ئاشلىق، زىرائەتلەردىن ۋە يېمەك ئورنىدا قوللىنىلغان خورمىغا ئوخشاش مېۋىلەردىن بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ مىقدارى بىر سادۇر. يەنى فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى ئىراق كەمچەكلىرى بىلەن بىر سائدۇر. بىر سائ ـ نورمال بويلۇق ئەر كىشىنىڭ ئۇۋۇچلىرى بىلەن تۆت ئۇۋۇچتۇر.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بېرىلىدىغان فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى بۇ ئېدى. بۇنىڭ مىقدارى كۈنىمىزدە 2751 گرام، ھەنەپىي مەزھىبىگە كۆرە، 3800 گراممىدۇر.

فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشتا ئاشلىق، زىرائەت ۋە مېۋىلەرنىڭ قايسى بىرىدىن بېرىش دۇرۇس بولغىنىدەك، بەرمەكچى بولغان نەرسىلەرنى پۇلغا ھېسابلاپ قىممىتىنى بېرىشمۇ جائىزدۇر. چۈنكى فىتىر سەدىقىسىنىڭ ۋاجىب بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ پېقىرلارغا ياردەم قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن بولغاچقا، ئۇلارغا ئاشلىق ياكى مېۋە بەرگەندىن كۆرە بۇلارنىڭ پۇلىنى بېرىش تېخىمۇ ياخشىدۇر.

فىتىر سەدىقىسى كىملەرگە بېرىلىدۇ؟

فىتىر سەدىقىسى زاكات ئېلىشى دۇرۇس بولغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. چۈنكى فىتىر سەدىقىسىمۇ ئىقتىسادى ئىبادەت بولغانلىقتىن، ئۇمۇ زاكاتقا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « زاكات پېقىرلارغا (زاكات بېرەلمەيدىغان كەمبەغەللەرگە)، مىسكىنلەرگە (ھېچ نەرسىسى يوق، ئاجىز يوقسۇللارغا)، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازات قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا، يولدا قالغان پۇلسىز مۇساپىرلارغا بېرىلىدۇ « (تەۋبە سۈرىسى 60- ئايەت). ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنىڭ ياخشى ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن.

مەنبە؛ ئىسلام ئۆيى تورى،

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-9-22 13:15:23

ھېيىت نامىزدىن كىيىن بىردىغانتى بىز تەرەپتە.

1000 سوم كىرىمگە قانچىلىك كىلىدۇ؟

akkaniyat يوللانغان ۋاقتى 2008-9-22 16:21:10

شۇنداق، رەھمەت!

marbiya يوللانغان ۋاقتى 2008-9-23 09:02:29

ئا كۈنى مېنىڭ پۇلۇم يانچۇقۇمدىن چۈشۈپ قاپتىكەن ، شۇنى بولدى سەدىقە بوپ كەتسۇن دىگەنتىم ، بۇمۇ فىتىر سەدىقىگە كىرەمدۇ ؟ ئۇغۇ خېلى جىق پۇلتى بولمىسا  !

ipar يوللانغان ۋاقتى 2008-9-23 09:50:25

    بىلىشىمچە پېتر - سەدىقىسىنى ھېيت نامازدىن بۇرۇن بېرىش كېرەككەن. بۇ يىل بىر ئادەمگە سەككىز يۈەندىن توغرا كېلىدىكەن دەپ ئاڭلاپ،ئائىلىمىزدىكىلەرنىمۇ قوشۇپ ھېسابلاپ يەنى 3 جان بولساق 24 يۈەن، تۆت جان بولساق 32 يۈەندىن ئىشخانىدىكىلەر يىغىش قىلىپ، سۈبھىنۇرغا ئېۋەرتىۋەتتۇق. ئۇلۇغ ئاللا قوبۇل كۆرگەيسەن.

     ئەمدىكى ۋەزىپە بارلىق ئالتۇنلارنى ھېسابلاپ، مال - مۈلۈك، مۇقىم كىرىمنى ھېسابلاپ زاكاتنى بۇ يىل چىقىپ كەتكۈچە ئاللا يولىدا، زكات بېرىشقا تېگىشلىك بولغان كىشىلەرگە يەتكۈزسەم دەپ ئويلاۋاتىمەن. ئاللا ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا نېسىپ قىلغاي.

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-23 11:33:07

<div class=ForumPostContentText>ئا كۈنى مېنىڭ پۇلۇم يانچۇقۇمدىن چۈشۈپ قاپتىكەن ، شۇنى بولدى سەدىقە بوپ كەتسۇن دىگەنتىم ، بۇمۇ فىتىر سەدىقىگە كىرەمدۇ ؟ ئۇغۇ خېلى جىق پۇلتى بولمىسا  !</div>

======================================================================================

ھېساب بولمايدۇ....

  ئالدىنقى كۈنى كىشى بېشىغا 7 سومدىن بولسا بولىدۇ دەپ چىقارغانىدى..

  توي قىلىپ چىكەتكەن قىزلارنىڭ فىتىرىنىمۇ ئاتا - ئانا تاپشۇرىدىغۇ دەيمەن

ipar يوللانغان ۋاقتى 2008-9-23 14:22:21

توي قىلىپ چىقىپ كەتكەن قىزلارنىڭكىنى ئېرى تاپشۇرىدۇ.

yasin88 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-24 00:35:46

بىزغۇ ھەر يىلى 10 سومدىن بىرىۋاتىمىز ، كۆپ بېرىۋەتكەننىڭ زىيىنى يوق ، 8 ،  7  سومدىن  10 سوم ياخشى ئەمەسمۇ !

totem يوللانغان ۋاقتى 2008-9-24 01:01:13

كىشى بىشىغا 3 سومدىن بولسا بۇلىدۇ،دەپ پەتۋا بەرگەن مەھەلىمىزنىڭ ئىمامى.

ipar يوللانغان ۋاقتى 2008-9-24 09:46:52

بىزنىڭ بۇ يەردە بۇ يىل 7 سومدىن دەپتۇدەك. ھە راس ئاڭلىشىمچە فىتر سەدىقىنى مەسچىتكە بېرىش كېرەككەن. يەنە ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن . زاكاتنى يۇقىرىقى سەككىز خىل كىشىگە بەرسىڭىز مۇۋاپىق بولىدىكەن.

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-24 09:52:10

توي قىلىپ بولغان قىز - ئوغۇللارنىڭ فىتىر سەدىقىسىنى ئۆزلىرى بېرەمدىغاندۇ ئاتا -ئانىسى بېرەمدىغاندۇ ؟

86 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-24 10:38:51

بۇغداي ئۇنىنىڭ كىلوسى 3 يۇەندىن ئاشىدۇ، قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ كىلوسى 7-8 يۇەن بولىدۇ،  ... پۇلغا سۇندۇرسا ئەڭ ئەرزىنى بۇغداي بولىدىغان ئوخشايدۇ. شۇنى ئۆلچەم قىلسىمۇ 2 كىلو مۆلچەرلىسە 7 يۈەن ئاتراپىدا بولغۇدەك؛

زاكات پۇل-مېلى زاكات بېرىش مىقداردىن ئاشسا ئاندىن ئادا قىلىدۇ؛   پىتىر سەقىقىسى بولسا ئادەم بېشى بويىچە ئادا قىلىنىدۇ. مەيلى نامرات بولسىمۇ باي بولسىمۇ ئادا قىلىدۇ. بىراق ئۇنى يەنىلا شۇ زاكات قوبۇل قىلسا بولىدىغان 8 تۈرلۈك كىشىلەرگە بېرىدۇ.  

زاكات ۋە پىتىر سەدىقىسنى چوقۇم مەسجىتكە بېرىڭ دەيدىغان گەپ يوق،  پىتىرنى تېخىمۇ تىگىشلىك كىشىلەرگە يەتكۈزۈشكە  تاپىلاپ مەسجىتكە بەرسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۆزى بىلىدىغان پىتىر قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك كىشى بولسا  ئۆزى يەتكۈزسە بولىۋېرىدۇ.  پىتىر ۋە زاكاتنى مەسجىتكە ئىشلىتىۋېلىشكە بولمايدۇ. 8  تۈرلۈك كىشىنىڭ ئىچىدە زاكات يىغىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىغان خادىملىرىمۇ بار،.

توي قىلىپ  ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولسا ئۆزلىرى بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىغا ئاتا -ئانىسى ئىگە بولسا ئاتا -ئانىسى بېرىدۇ. قىز ياتلىق بولۇپ چىققان بولسا  ئۇنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ئېرى مەسئۇل . شۇڭا ئەر تەرەپ ئۇنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

xatlik يوللانغان ۋاقتى 2008-9-24 14:09:49

فىتىر سەدىقىسىنى ئىمانى بار ،ئاجىز ،غېرىپ -غۇرۋا كىشىلەرگە بېرىدۇ ،بەرگەندىمۇ فىتىر سەدىقىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ تۇرۇپ بەرگۇلۇك بولمىسا بولمايدۇ .

bariber يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 10:46:24

ياردەملەر ئۈزۈلمىسۇن.
بەت: [1]
: فىتىر سەدىقىسىنى بىلەمسىز؟