Turjun يوللانغان ۋاقتى 2008-9-21 20:48:21

قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە « « ياردەم بېرىدىغان » »

قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە << ياردەم بېرىدىغان >> يېمەكلىكلەر  
     تەتقىقات ۋە ئۇزاق يىللىق ئەمەلىيەت سىنىقىدىن ئۆتكەن قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە << ياردەم بېرىدىغان >> يېمەكلىكلەر مۇنۇلار : ئوزۇقلۇق نەزىريىسىدە E ، C ، A لار ھۈجەيرىنىڭ خام ئەشياسى بولۇپ ، قېرىشقا قارشى تۇرغۇچى << تۆمۈر ئۈچ پۇت >> دېيىلىدۇ .   
تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتە رولى ئىنتايىن چوڭ .   
بۆلجۈرگەن : بۆلجۈرگەن تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە E بولۇپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ۋە تېرىنى ئاقارتىشقا پايدىلىق .   
مانگو : مانگو تەركىبىيدە بىتا كاروتىن مول بولۇپ ، ئۇنىڭ تېرىنى ئاقارتىش رولى بار
كۇلى بىھىسى : كۇلى بىھىسى تەركىبىدە ئاقسىل مول بولۇپ ، تېرىنىڭ بوشۇشۇپ ، ساڭگىلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە قارا پىگىمىنتنىڭ توپلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭىلىنىشىنى تېزلىتىپ تېرىنى يۇمراق قىلىدۇ .  
تەرخەمەك : تەرخەمەكنىڭ سۇ تولۇقلاشتىكى رولى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ ، تېرىنىڭ سۇسىزلىقتىن قارىداپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .     
شوخلا ۋە ئالما : ئالما ۋە شوخلا تەركىبىدە ۋىتامىنلار ، بولۇپمۇ ۋىتامىن C مول بولۇپ ، ھەر كۈنى ئالما ياكى شوخلا ئىستېمال قىلىنسا ۋىتامىن C غا بولغان ئېھتىياج تولۇقلىنىدۇ .   
قېتىق : قېتىق تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ئىنتايىن مول . شۇڭا ھەر كۈنى بىر ئىستاكان قېتىق ئىچىشكە ئادەتلىنىش زۆرۈر .   
چاي : چاينىڭ ئورۇقلىتىشتا رولى ئىنتايىن چوڭ ( يېشىل چاي بولسا تېخى ياخشى   
قايناقسۇ : قايناقسۇنىڭمۇ ئورۇقلىتىش ياكى سۇ تولۇقلاشتىكى رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ . ھەر كۈنى يېتەرلىك سۇ ئىچىش - سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن ، تېرىنى ئاقارتىش ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتە رولى ئىنتايىن مۇھىم .   

<< شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە گېزىتى >> دىن ئېلىندى .

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2008-9-21 21:34:33

مەن ھەركۈنى نەچچە كىلۇ سۇ ئىچىۋىتىمەن ئاقرىۋاتقىنىمنىڭ سەۋەبى شۇكەندە .

ئەمدى سۈت ئىچىشنى تاشلاپ قىتىق ئىچىشنى باشلىسام بوغىدەكتە .

سۇ - قىتىق - بولجۈرگەن  - ئالما ؛ بولىدۇ!

رەخمەن tilak ئەپەندى يادلىۋالدىم ، ئەمدى ئادەتلىنىشلا قالدى

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-9-22 09:59:45

شۇنداق قىلىپ قېرىمايدىغان بولدىڭىز دە !!!

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-9-22 11:57:25

سۇنى جىق ئىچسەڭلار لەش بوپ كىتىسلەر...

===============================

قايناقسۇ ، قېتىق دىگەن ياخشى نەرسە. قايناقسۇ يەنە بەدەندىكى زەھەرنى تازىلايدۇ

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2008-9-22 21:02:10

ھا ھا ھ ھ ھ ھ ھ ھ ھ ھ ھ ھ ھ ھ ھ

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-23 13:01:12

قوي گۆشى يېسە سالامەتلىككە پايدىلىق،  ئادەم قېرىغاندا يىقىلىپ چۈشسە بولمايدۇ، قورساق ئاچقاندا  تاماق يېيىش كېرەك.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-9-23 18:41:28

بىر چىلەك سۇنى تاماق بىلەن تەڭلا ئىچىۋەتمەيسىز جۇما، يېرىم سائەت كېيىن مۇندا، بولمىسا ھەزىمنى تەسلەشتۈرۈۋېتىدۇ، قانغا سۈمۈرۈلۈۋاتقان ئۇزۇقلۇقنى ئازايتىۋېتىدۇ. ئۆزەمغۇ تاماق ۋاقتىدا كۆپ چاي ئىچىدىغان ئادىتىمنى بىر ئۆزگەرتىۋالسام بولاتتى. چايچى مەن..

Gulruh2 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-23 18:53:02

شوىلىنى  يۈزۈمگە  چاپلىۋالماي  ئۇنى  خام يىيىشكە  ئادەتلەنسەم  بولامدۇ  نىمە  
بەت: [1]
: قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە «« ياردەم بېرىدىغان »» يېمەكلىكلەر