wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-20 16:45:53

كۆپتۇر

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تۇغقانلار ،ساق سالامەت تۇرۇشۇپتۇق ،بۈگۈن سەھەردىلا گۈلى ماركىسى توغرىسىدىكى تېمىنى ئوقۇپ ئاجايىپ مەيۈسلۈك بېسىپ كەتتىكى  بۇنچىلىك دەرىجىدە مەيۈسلۈكتە قالمىغىنى ئۇزۇن زامانلار بولغان ئىكەن ...........

خاتىرىنى ئارىلاپ باققان ئىدىم ئالدىنقى ھەپتە  يىراق سەھرادە يېزىلىپ قالغان بىر مۇنچە قۇرلار تۇرىدۇ ،.ئۇنىڭدىن ئىلغاپ تىلغاپ تۇرۇپ مۇشۇلانى يېزىپ قويدۇم ..

ئوقۇپ باقارسىلەر ......

ھاراق سورۇندا ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلەرى كۆپتۇر ،

قېنى قىززىيدۇ مەسىتلىكتە خەلقىپەرۋەرلەرى كۆپتۇر .

قەسەم پەيمانىغا باقساڭ دېگەيسەن كاتتا مىللەتچى ،

ئەمەلدە ئەلنى سېسىتقان نىجىس خۇمپەرلەرى كۆپتۇر ..

شەرەپ شانلارنى قۇچقانغا مەدەت ياردەمگە قول قىسقا ،

لىكىن پۇتلاپ يىقىتماققا تىقار خەنجەرلەرى كۆپتۇر ..

سەمىمىي بولغىنى ئازدۇر ئېلىم -بېرىم تىجارەتتە ،

كۆمۈشنى ساتتى ئالتۇن دەپ ناچار زەرگەرلەرى كۆپتۇر ..

بىر بىر ياخشى ئىش قىلسا ئۇنى ماختاشقا تىل بارماس ،

لىكىنزە سېسىتىش بولسا سۆزى زەھەرلىرى كۆپتۇر .

ۋاپادارىم ئۆزۈڭ باشلا قىلىپ تەرغىپ ئىناقلىقنى ،

بۇ ئەلنىڭ دەۋرى -دەۋرانغا چاچار ئەنبەرلەرى كۆپتۇر ..........

شەھرى بورتالادا يېزىلىپ بېقىلدى .

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2008-9-20 20:58:34

قەلىمىڭىزتوختاپ قالمىغاي. راسلائىچىم كۆيىدۇسىزگە

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2008-9-20 22:36:53

ئىككىنچى ، ئۈچىنچى مىسرالار ھەجەپ پەيزى چىقىپتۇ.   قاملاشمىسىمۇ ئەگىشىپ باقاي سىزگە:

خوتۇن-قىزلارى بىرياندا ئەلەم يۇتقاندا پىغاندا،

بۇلۇڭدادۈگدىيىپ ياتقان پالاكەت ئەرلىرى كۆپتۇر.

almashan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-20 23:59:22

ئىتىزنى چەينىگەن توڭگۇز ماياغىدىن شىئىر ئۇندى،

ئۇرۇپ سۇرمەككە بۇركۇت يوق پىغان دەمدەرلىرى كۆپتۇر.

Gulruh2 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-21 04:50:43

مەن  سۆزلىيەلمەس  بولۇپ  قالغاندەك  ھېلىقى  شەرەت  بىلەن  ئۆزىنىڭ  مەقسىتىنى  ئۇقتۇرىدىغان  ئادەمنى  نىمە  دەيتۇق  ھە  ئېسىمگە  كەلدى  \"  گاچا  \"  .............................  بۇ  كۈنلەرمۇ  ئۆتۈپ  كېتەر  .  ھامان  تىل  يېرىپ  ئاۋازىم  چىققاندا  ..........

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-21 08:10:14

دوسىتلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .....

xatlik يوللانغان ۋاقتى 2008-9-21 12:52:00

-ھەر بىر تېمىڭىزنىڭ تىلى شۇنداق ئوتكۇر ،ھارمىغايسىز

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2008-9-21 20:51:38

ئىتىزنى چەينىگەن توڭگۇز ماياغىدىن شىئىر ئۇندى،

ئۇرۇپ سۇرمەككە بۇركۇت يوق پىغان دەمدەرلىرى كۆپتۇر

===============================

ما شئېرنى نۇرغۇنلانىڭ چۈشنىدىغانلىرى كۆرۈپ قاسا قان قۇسسۇپلا ئۆلەپ قالىدىكىن !  

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-9-22 12:24:02

جىم....
بەت: [1]
: كۆپتۇر