Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-9-20 14:59:56

ئاياللار كۆكسىگە زىيانلىق ئامىللار

ئاياللار كۆكسىگە زىيانلىق ئامىللار

مەنبە: بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق بلوگى: ۋاقىتلىق ئادرىس- http://blog.78.la/u/123horunmuxuk/index.html

1- كيىم-كىچەكنىڭ زىيادە تار بولۇشى، سۈنئىي تالالىق بولۇشى ئەمچەككە زىيانلىق بولۇپ، قىز-ئاياللار تار لىپتىكلەرنى تاقىسا ۋە تار كىيىملەرنى كىيسە، كۆكرەك قىسىمى بىسىمغا ئۇچراپ، سۈت بېزى كىچىكلەپ كېتىدۇ. ئەمچەك توپچىسى ياخشى يېتىلمەي ئچىگە كىرىپ كىتىدۇ. سۈت نەيچىسى قىسقىرىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئېتىلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەمچەك سولىشىپ، شەكىلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ئەمچەك توپچىسى ئولتۇرۇشۇپ قالىدۇ.
2. يېمەك-ئىچمەكنىڭ ناچار بولۇشى، قۇۋۋەتلىك يېمەسلىك، ئورۇقلاش دورىلىرىنى كۆپ ئىشلىتىشنىڭمۇ زىينى بولۇپ، ئەمچەكنىڭ تولۇق ئۆسۈپ يېتىلىشىنى توسۇپ قويىدۇ.
ئۇندىن باشقا ھاراق ئىچىش ئەڭ زىيانلىق بولۇپ، سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىدۇ.
3. ئەمچەك تازلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ياز پەسلىدە ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئۇنى پات-پات يۇيۇپ تۇرماسلىق، بولۇپمۇ ھامىلدارلىق، بالا ئېمىتىش مەزگىلدە يۇيۇپ تۇرمىغاندا ئاسانلا كېسەل پەيدا قىلىدۇ،  يەنى سۈتنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشى، سۈت بېزى ياللۈغى قاتارلقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئېغىر بېسىمغا يەنى ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇشقا ئۇچراش، ئەمچەك زەخمىلىنىش قاتارلقلارمۇ ئەمچەككە زىيانلىق بولۇپ، ئاسانلا ئەمچەكتە تۈگۈنچە شەكىللىنىپ قىلىپ، ئۇنى ۋاقتىدا داۋالىماسلىقتىن ھەرخىل يامان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئەمچەك توپچىسىنىڭ زەربە تۈپەيلىدىن ئىچىگە كىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.
5. بالىنى تولۇق ئېمىتمەسلىك، بالدۇر سۈتتىن ئايرىۋىتىش، ۋاقتىدا ئېمىتمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۈتىنىڭ ئەمچەكتە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ بۇزۇلۇپ، يەرلىق ئورۇننى غىدىقلىشى سەۋەبىدىن سۈت بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئەمچەك دائىم چىڭقىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋىلىپ، ئەمچەكتە مونەكچە  شەكىللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. مۇۋاپىق چېنىقماسلىق. ئەمچەككە مۇناسىۋەتلىك تەنتەربىيە ھەركىتى بىلەن شۇغۇللانماسلىق سەۋەبىدىن ئەمچەك تولۇق يېتىلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. زىيادە سېمىزلىك ۋە رادىئاكتىپلىق نۇرلار بىلەن كۆپ ئۇچرىشىشمۇ سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8. روھى ئامىلنىڭمۇ  سۈت چىقىرىشقا تەسىرى بولىدۇ. ئېمتىش مەزگىلىدىكى روھى ئازاب، ھەددىدىن زىيادە ئاچچىقلىنىش، خىيالچان بولۇش قاتارلىقلارمۇ چوڭ مېڭە پوستىلىقى  ئارقىلىق ھىپوفىزنىڭ رولىغا تەسىر كۆرستىپ، سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشنى ئازايتىش نەتىجىسىدە سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىۋىتىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەمچەكنى ئاسىراش چارىلىرى بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق بلوگىدا. قېىنى مەرھەمەت:
بلوگنىڭ ۋاقىتلىق ئادرىسى:http://blog.78.la/u/123horunmuxuk/index.html

تەييارلىغۇچى: بىرزات بلوگ ياردەمچىسى بۈۋىخەدىچە ئابدۇلھەكىم
پايدىلانغان ماتىريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسىراش

SADAKAT0903 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-20 15:30:51

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-20 21:13:22

بۈۋىخەدىچە ئابدۇلھەكىم بىلەن مۇشۇنداق پاراڭ قىلىپ ئولتۇرىمىزما ھاجىم ؟ ( چاخچاق )

ئاياللار كۈرۈپ قويسا بۇلىدىغان يازمىكەن .....

Algha يوللانغان ۋاقتى 2008-9-20 22:03:40

بۇمۇ مۇھىم بىلىمكەن!

ھازىر ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ قاتىل كىسەللىرىنىڭ بىرسى سۈت بېزى راكى ۋە بالىياتقۇ راكىمىكى....بىرزات بۇرادەر ھەقىقەت ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرنى يوللاپ،كىشىللىرىمىزنى كىسەل ئازاۋىدىن يىراقراق قىلىۋاتىدۇ.ئىشىلىرىغا تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن!

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-9-21 10:28:57

بۈۋىخەدىچە ئابدۇلھەكىم بىلەن مۇشۇنداق پاراڭ قىلىپ ئولتۇرىمىزما ھاجىم ؟ ( چاخچاق )

`````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````

ئاياللارغا زۆرۈر ئىكەن دەپ تەييارلاپ يوللاپتىكەن، مەن ئانچە مۇنچە تەھرىرلەپ قويدۇم. چاخچاقنى يەڭگىلرەك قىلسلا، چاخچاق ئېغىر كىلىپ بۇندىن كىيىن ماڭا ياردەم قىلماس بولۇپ قالمىسۇن ھاجىم

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-21 15:55:20

ئىزدىنىشقا كىرەمدا ؟

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-21 16:54:18

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2008-9-24 15:23:49

ھەكىم يېقىندىن بۇيان ئاياللارنى بەكرەك كۈزىتىدىغان بۇلۇپ قاپتۇدە

lokman يوللانغان ۋاقتى 2008-10-1 09:29:34

بىر زات ئەپەندىم ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم سىز ھەقىقەتەن ياخشى، پايدىلىنىش ئەھمىيىتى بار تىمىلارنى يوللايدىكەنسىز.

ئاياللار كۆرۈپ قويسا بولغىدەك. ھازىرغۇ كىچچچچچچچچچچچچىك بالىلارنى ئايرىپ ئاتا-ئانىسىغا(بوۋا-مومىسىغا) تاشلاپ بىرىدىغانلار كۆپكەن.

بەت: [1]
: ئاياللار كۆكسىگە زىيانلىق ئامىللار