erturk يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 11:41:33

(ئەرتۈرك ) يېڭى ھايات نىڭ مۇشەققىتى ۋە خۇرسەنلىك

"يېڭى ھايات" ئاخىر نەشردىن چىقتى، ھاردۇقۇم چىقتى، دوستلاردىن تېلېفون كەلدى، بۈگۈن چەرچەندىن بىر بۇرادەر تېلېفون قىلىپتۇ، "مەن ئوقۇپ يېرىمىغا كەلدىم، ھېچنېمىنى چۈشەنمىدىم، سىز قانداق تەرجىمە قىلغان؟" دەيدۇ، "مەنمۇ بېشىمنى قوچۇپ ئولتۇرۇپ تەرجىمە قىلغان، ئالدىرىماي قايتا-قايتا ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز، بۇنىڭ ھۇزۇرىنى ھامان ھېس قىلىسىز" دېدىم.

  بۇ كىتابنىڭ گېپى چىققىلى خېلى بولدى، نەشرگە سۇنغىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى، بۇنداق بىر كىتابنىڭ تەھرىرلىك، كوررېكتورلۇق ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈپ، كىتابخانا تەكچىلىرىگە تىزىلىشىغىچە كەتكەن ۋاقىت، ئەمگەك ھەقىقەتەن زور، مىڭ مۇشەققەتتە قىلغان تەرجىمىنى مىڭ مۇشەقەتتە ئوقۇيدىغان گەپ، چۈشىنىدىغانلار چۈشىنىدۇ، چۈشەنمەيدىغانلار "نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى دېمىسە، بۇنداق كىتابنى ئوقۇش خوشياقامدۇ؟" دەيدۇ.

  بۇنىڭدىن بەش يىل ئاۋۋال تۈركىينىڭ ئىزمىر شەھىرىدە تۈركىيە گۈزەللىرىگە قاراپ ئۈرۈمچى قىزلىرىنى ئەسلىگەن چاغلاردىكى رومانتىك تۇيغۇلارغا شاھىد بولغان كىتاب ئۇ!  كوچىدىن ئۈچ مىليون لىراغا سېتىۋالدىم، بېيجىڭغا سارس مەزگىلىدە كېلىپ، دوختۇرخانىدا خوتۇنۇمنى باققاچ ئوقۇدۇم، زېرىكىپ تۇرۇپ، ئويلىنىپ تۇرۇپ، بېرىلىپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم، ئەڭ ئاخىرىدا باش پىرسۇناژ ئۆزى ئىزدەپ يۈرگەن ئۆلۈمگە يۈز تۇتقاندا ھاياتتىن كېچەلمەي "مەن ئۆلۈشنى_ئۇ دۇنياغا ئۆتۈپ كېتىشنى زادىلا خالىمايتتىم" دېگەندە زىلزىلىگە كەلدىم. بىزدىكى ئەدەبىيات قاراشلىرىنىڭ كونىلىقىغا، تەپەككۇرىمىزنىڭ قاتماللىقىغا، پىكرىمىزنىڭ تېيىزلىقىغا ھەسرەتلەندىم، دەبدەبىلىك ۋەقەلىك، يۈزەكى پىكىر، سۇۋارى تەسۋىرلەرگە ئۆگىنىپ قالغان ئوقۇرمەنلىرىمىزگە چوڭقۇر مەنىلەرگە تويۇنغان، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە بۇ روماننى تونۇشتۇرۇش قارارىغا كەلدىم، نەشر قىلدۇرۇش ئىشەنچىمنىڭ ئانچە يوقلۇقىغا قارىماي، تۇيۇقسىز كەلگەن بىر ئىلھام، ئىرادە بىلەن تەرجىمە جېڭىگە كىرىشىپ كەتتىم. ئورخان بىلەن مەنە داۋانلىرىغا بىرلىكتە ياماشتىم، ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى ئوقالمىغان چاغدا جىلە بولدۇم، بىر جۈملىسى ھەتتا بىر ئابزاس كېلىدىغان ئۇزۇن جۈملىلىرىگە تاقىشىپ تۇرۇپ قالغاندا چىڭقىلىپ كەتكەن نېرۋامنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن تەمبۇر چالدىم. بىر ئويلىنىۋېتىپ، يەنە ئىش باشلىدىم. تۇغقان تىللارنى بىر-بىرىگە ئاغدۇرۇشتا كۆرۈلىدىغان يېڭىلىش، نازۇك خاتالىقلارغا ئىلاجىنىڭ بېرىچە يول قويمىدىم، سۆزلۈك مەنىلىرىنى ئىزدەش ئاۋارىچىلىك بولغان بىلەن، ئۇنى لۇغەتتىن پايدىلىنىپ ئاڭقىرىغىلى بولىدۇ، ئەمما ئورخاننىڭ شۇ تىلنى ئۆز رايىچە ئىشلىتىشى، روھىدىكى لېرىكا، ئەسەبىيلىك، ئەبجەشلىكنى تىل بەلگىلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلاشقا تىنىمىسىز ئۇرۇنۇشلىرى تەرجىمىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. سۆز-ئىبارىلەر ئۈچۈن  "تۈرك تىلى سۆزلۈكى"  "تۈرك تىلى ئىدىئوملىرى" دېگەن ئىزاھلىق لۇغەتنى، يەر، ئادەم ئىسىملىرى، تۈركلەرگە خاس شەيئىلەر ئۈچۈن "بۈيۈك لارىئوس قامۇسى"(24 توم)نى ئاختۇرۇپ تىتىۋەتكەن بولساممۇ، ئورخاننىڭ تەپەككۇرىدىكى نازۇك يەرلىرىنى، ئۆزىنى جاھىللىق بىلەن ئىپادىلەشتىكى ئەشەددىي ئۇسلۇبىنى ئەينەن ئىپادىلەش قىيىنغا توختىدى، ئەمما بوشاشمىدىم،  ئۇنىڭ قەلىمىگە تەڭ ئەگەشتىم، ئۇيغۇر تىلىمنىڭ بايلىقى ۋە گۈزەللىكىدىن مۇمكىنقەدەر تولۇق پايدىلىنىشقا تىرىشتىم. لېكىن شۇنچە قىلساممۇ تىلىمنىڭ بايلىقىغا يېتىپ بولالماپتىمەن، ئەسلىسىگە بەك سادىق بولىمەن دەپ تىلىمغا تۈركچە تەركىپلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپتىمەن، بۇنى تەرجىمە تەھرىرلىكىنى قىلغان توختى تىللا ھاجىنىڭ قەلىمىدىن ھېس قىلدىم. تەھرىرلىك نۇسخىسىغا ئاساسەن روماننى تۈزىتىش جەريانى ئەمەلىيەتتە ئىككى تىلنى سېلىشتۇرۇپ يەنە بىر قېتىم ئۆگىنىش جەريانى بولدى.

   "يېڭى ھايات" دېگەن ھۆججەت ئۆيدىكى، ئىشخانىدىكى كومپيۇتېرىمنىڭ دېسكىسىدا تۇرغىلى 4 يىل بوپتۇ،  رومان تەرجىمىسى يېرىم بولغاندا كومپيۇتېرىمدىن چاتاق چىقىپ ئەمگىكىم  ۋەيران بولغىلى تاس قالغان، شۇ چاغدا ئۈمىدسىزلىنىپ ئاھ ئۇرغىنىم يادىمدا،  كېيىن سىستېمامنى ئوڭشىتىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشىمنى  خۇشاللىق بىلەن داۋاملاشتۇردۇم. بىر كىتابنىڭ پۈتۈشى نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىق بىلەن بولىدۇ، كەتكەن جاپا، ۋاقىت، زېھنى كۈچنى ھېسابلاپ بولغىلى بولمايدۇ. قەلەم ھەققى ئۇنىڭ بەدىلىنى تولدۇرۇپ بولالمايدۇ،  بىزدە بارى قىزغىنلىق ۋە ئىشتىياق...

   كىتاب نەشردىن چىققاندا، ئەسلىدىكى كىتابنىڭ مۇقاۋىسى بىلەن ئوخشاش ئىشلەنگەن مۇقاۋىدىن سۆيۈنگەن چېغىمدا، كىتابنى خۇرسەنلىك بىلەن ۋاراقلاپ قايتا  ئوقۇغىنىمدا، كېتىپ قالغان يەرلەردىنمۇ ئەپسۇسلانغان ۋاقتىمدا بۇ كىتابنى ئوقۇغانلارنىڭ قانداق تەسىراتتا بولىدىغانلىقىغا قىزىقتىم، بەلكىم زېرىكىپ تاشلاپ قويغاندۇ، بەلكىم يەنە قىيالماي ئاخىرىغىچە ئوقۇۋەتكەندۇ...

نېمىلا بولسۇن، داۋرىڭى چىققان ئورخاننىڭ تۇنجى كىتابىنى ئوقۇدۇڭلار،  توختى تىللا ھاجى تەرجىمە قىلغان "مېنىڭ ئېتىم قىزىل" دېگەن رومانىنىمۇ ئۇزاققا قالماي ئوقۇيسىلەر، ئىككى روماننىڭ بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى ھېس قىلىسىلەر.  ئورخان پامۇكنىڭ تۈركلەردىن چىققان دۇنياۋى يازغۇچى ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر رومانىنىڭ بىر بەدئىي قامۇس ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇمىغىچە ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈمىدسىزلىنىدىغانلار چىقىدۇ، "ئۇنىڭ يازغانلىرىنى چۈشەنگىلى بولمايدىكەن، يەنىلا زوردۇن سابىر، ئەختەم ئۆمەر، مەمتىمىن ھوشۇرلارنىڭكىنى ئوقۇساق بولىدىكەن" دەپ ئويلاپ قالىدۇ،  بۇ ئەجىبا ئەدەبىياتتىكى مىللىيلىكنىڭ قۇدرىتىمۇ؟

كىتابنىڭ تۈگەنچىسىدە ئېيتىلغاندەك،  ئورخان پامۇك ئەسلىدە مىللەتلەر نەشرىياتىدىكىلەردىن "مېنىڭ ئېتىم قىزىل"نى دەسلەپتە نەشر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپتىكەن، "يېڭى ھايات"نىڭ تىلى ئېغىر، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە، ئۇنى كېيىنرەك نەشر قىلساڭلار، مەن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنى باشتىلا زېرىكتۈرۈپ قويۇشنى خالىمايمەن، دەپتىكەن. شۇنداقتمۇ بۇ كىتاب ئىككى يىللىق تەرجىمە، ئىككى يىللىق تەھرىرلىك (بەش قېتىم كۆرۈپ تۈزىتىلگەن) ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، نەشرگە تەييار بولۇپ قالغاچقا بۇرۇنراق نەشردىن چىقتى، بەلكىم نەچچە ئادەمنى ئالدىن زېرىكتۈرۈپ بولدى، زېرىكمىگەنلەر باشتىن ئاخىر ئوقۇپ ئۆزىگە چۇشلۇق ھاسىلات ئالدى.

    جامېس جويس ئېيتقاندەك: "ھەر بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ كىتابخانىنى  يارىتىدۇ"، ئورخان پامۇكنىڭ مەيلى قايسى رومانى باشتا نەشر قىلىنسۇن، ئوقۇيدىغانلار يەنە تېپىپ ئوقۇيدۇ، زېرىكسە تاشلايدۇ، خىلمۇ خىل باھالارنى بېرىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى. شۇنداقتىمۇ مەن، ئەدەبىياتنى، سەنئەتنى چۈشىنىدىغانلارنىڭ ئۇ كىتابتىن چوقۇم تېگىشلىك مەنپەئەت ئالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، مەزكۇر رومان ئەدەبىياتىمىزغا ئازغىنە بولسىمۇ يېڭى ھاۋا بەخش ئېتەلىسە، شۇنىڭدىن رازىمەن.

Koktikin يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 12:35:59

مۇبارەك بولسۇن !مەن  ئورخان پامۇكنىڭ ئەسىرنى ئۇقۇپ بېقىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم .  بۈگۈن مانا سىزنىڭ ياردىمىڭىز ئارقىلىق بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشقۇدەك. يىڭى -يىڭى ئەسەرلىڭىزنىڭ ئۈزۈلمەي بىز ئۈچۈن روھى ئۇزۇق ئاتا قىلشىنى ئۈمۈت قىلمەن .

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 12:44:41

ئويلاپ باقسام ئۇزۇن بوپتۇ <رومان> ئوقۇپ باقمىغىلى،  \"ئانا يۇرت \" تىن كېيىنكى رومانلارنى ئوقۇپ باقماپتىمەن. بولۇپمۇ كىرىمىم ئاشقانسىرى كىتاپ ئېلىشىم ئازلاپ مېڭىپتۇ. ئوقۇغۇچىلىق نامراتچىلىقتا جېق كىتاپلار ئالغان ئىكەنمەن، ھازىر بولسا 5 كويلۇق زورنال نىمۇ ئالماس بولۇپ كېتىپتىمەن...

izdinix يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 13:40:34

مۇبارەك بولسۇن!

Gulruh2 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 13:44:17

سىزنى  قۇتلۇقلايمەن  .    كىتابنى  ئوقۇشقا  مۇيەسسەر  بولارمىز  !

humayun يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 14:24:30

بىر  ۋاقىتلاردا  يازمىلىرىڭىزدا  مۇشۇ  كىتاپنىڭ تەرجىمىسى   ۋە  ئۇرخان  پامۇك بىلەن  دىدارلاشقانلىقىڭىىز  ھەققىدە توختىلىپتىكەنسىز  ........قىزىققان، تىرىشقان  ئىشلىرىڭىز  روياپقا چىققان بولسا   مۇبارەك  بولغاي ...  

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 14:24:42

بۈگۈن ئىككى كىتاپ سېتىۋالدىم ، يېقىندىن بېرى چەتئەل پىروزىك ئەسەرلىرىگە سەل قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 14:26:13

كىتابخانىغا بېرىپ قايتا قاراپ باقايچۇ ، بۇ كىتاپ كەلدىمىكىن .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 15:21:09

20 سومغا سېتىۋالدىم ھازىر .... كەچتە ئوقۇشنى باشلايمەن

atella يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 16:23:00

مەن 1ئاي بۇرۇن قەشقەر مائارىپ كىتاپخانىسدا كۆرگەن...تۇنجى كۆرگەن چېغمدىكى خۇشاللىقىم،ئورخان پامۇك دىگەن خەتنى ئەمەس بەلكى ئەنۋەر مۇھەممەت دىگەن خەتنى كۆرۈپ شۇنداق ھاياجانلىنپ كەتكەن،ئىدىم...ئورخان پامۇك تېخى بۇكىتاپقا ئۆز ئمىزاسنى قويۇپ بېرىپتۇ.

سېتۋىلىڭلار...مىنڭ بىلشىمچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرشكەن كىشلەردىن تۇنجىسى ئانا تىلمىزدا نەشىر قىلنغان كىتاپقا ئۆز ئىمزاسنى قويۇپ بەردىغۇ دەيمەن...

كومپيۇتېرنى بىرە ھەپتە تاقاپ قويۇپ تۇماقنى ئالدىغا ئېلىپ قويۇپ ئوقۇيدىغان ئىشمىكى ...كومپيۇتېر بلەن ھەپىلەشكەندىن بېرى ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھوزۇر ھېس قىلالماس بولۇپ قالدىم.

alipanwar يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 16:27:39

تۈركچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلغان بولسىڭىز، مەنمۇ بىرنى ئېلىپ ئوقاي ئەمسە.
تۈركىيەنىڭ «چالىقۇشى» ، «مەمەت ئاۋاق» تىن باشقا رومانلىرىنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن.

Algha يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 19:31:29

مەن بۇ كىتابنى ئوقۇغۇلى بىرە ئايدىن ئاشتى،بىراق ، راس گەپنى قىلسام،مەن ھېچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم.شۇنىڭ بىلەن \"نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىششىنىڭ ئاساسى-چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئەسەر يېزىش ئىكەن\"دىگەن يەكۈنگە كىلىپ،ئۇ كىتابنى چىرايلىق ئېلىپ قويدۇم.

مەن سىز دىگەن گەپلەرنى ۋە ئورخاننىڭ گەپلىرىنى ئويلۇنۇپ چىداپ تۇرۇپ كىتابنىڭ ئوتتۇرىغا باردىم،بىراق نەتىجە ئوخشاش چىقىتى،مەن چۈشەنمىدىم.شۇنىڭ بىلەن كىتابنى تاشلاپ قويۇشقا مەجبۇرى بولدۇم.

بەلكىم بۇ مىنىڭ كاللامنىڭ بەك ئاددىلىقى بولسا كىرەك.بىراق مەن ئۇ كىتابنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن بەك تىرىشتىم.باشقىلارنىڭمۇ ئېلىپ ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 19:43:27

مۇبارەك بولسۇن! مەن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. مىنىڭچە بۇ تەرجىمە رومانىڭىزمۇ چوقۇم ناھايىتى ياخشى چىقتى. نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەر بولغانىكەن ئۇنى بىر ئوقۇپ تەپەككۇرىمىزنى غىدىقلاپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپسىز، رەھمەت سىزگە!

قوشۇمچە سورىۋالىدىغىنىم، سىز بىلەن قانداق ئالاقىلاشكىلى بولار؟ دىمەكچى بولغىنىم، مىنىڭ بىرھىكايە ،نەسىر يېزىقچىلىقىغا شۇنداق ھەۋەس قىلىدىغان  بىر دوستۇم  بار ئىدى. ئۇنىڭ   بىلەن سىزنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىڭىز ۋە ئەسەرلىرىڭىز توغرىسىدا پاراڭلاشقان. مەن ئۇنىڭ يازمىللىرىغا سىزنىڭ ياخشى باھا بىرەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 20:19:59

ئالدى بىلەن سىزنى مۇبارەكلەيمەن

مەن ئەتىلاسېتىۋالاي

atella يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 21:10:27

يەنە بىر گەپنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
\"زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز\"رۇماننى قاچان نەشىر قىلدۇرۇسىز...

ئاللاھ قەلمىىڭزگە بەركەت بەرسۇن

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 21:35:18

ئەر تۈرك ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ياقتۇرساممۇ پامۇك ئەسەرلىرىنى ئوقۇغۇم يوق.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-19 06:20:20

نىمىشقا ؟

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2008-9-19 08:20:04

مەن بىر يېرىم ئاي بۇرۇنلا سېتىۋېلىپ، ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇشنى باشلىۋەتكەنىدىم... يېڭىچە تەپەككۇر، يېڭىچە بەدىئىي ئۇسلۇب، يېڭىچە تەسىۋىر، ئادەمنى ئاجايىب بىر كەيپىياتلارغا چۆمدۈرىدىغان ئېغىر-ئېغىر جۈملىلەر... پۈتۈنلەي تەپەككۇردىكى يېڭىلىقلار ئارىسىدا قالغىنىمدا، ئۇيغۇرلارغا چوقۇم مۇشۇنداقمۇ بىر رومان تەرجىمە قىلىنىشى كېرەككەن دەپ ئويلاپ، ئەرتۈرك ئەپەندىمنىڭ تەرجىمە قىلىش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى، مەن ئۇ تەرجىمىنى ئوقۇۋېتىپ چىڭقالغان نېرۋېلىرىمدىن بىلدىم...

رومان ئاران ئۈچ يۈز ئاتمىش نەچچە بەت كېلىشى مۇمكىن، مەن خېلى توم-توم كىتابلارنى ( مەسىلەن، مەمەت ئاۋاق، ئۇرۇش ۋە تېنچلىق) بىر كېچىدە خېلى كۆپ  ئوقۇۋەتكىنىم ئېسىمدە، ئەمما بۇ كىتابنى ئون نەچچە كۈندە ئاران ئىككى يۈز نەچچە بەت ئوقۇدۇم.... بىر نەرسىنى تەستە چۈشەندىم، تەستە ھېس قىلدىم... باش -ئاخىرىنى تەستە ئۇلىغاندەك قىلدىم... نەق شۇ يەرگە كەلگەندە، بىر دوستۇم كىتابلىرىمنى سوراپ، بۇ كىتاب يەنە قولۇمغا كەلدى... داۋامىنى ئوقۇپ بولغىنىمدىن كېيىن، قايتا ئوقۇيمەن...

مېنىڭ ئەڭ سۆيۈنگىنىم، ئوقۇۋېتىپ ئەرتۈرك ھاجىغا خەت يازغۇمنى كەلتۈرگىنى- بۇ كىتابتىكى مەن ئويلاپ باقمىغان يېڭىلىقلار، تەپەككۇردىكى، بەدىئىي ئۇسلۇبتىكى، قۇرۇلمىدىكى دېگەندەك يېڭىلىقلار ئىدى. ئىشىنىمەنكى، بۇ كىتاب ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مۇشۇ يەردە بولسىمۇ ئەر تۈرك ھاجىغا رەھمەت ئېيتىۋالاي...

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-9-19 12:19:01

نىمىشقا ؟

===========

ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى بولغان مۇنازىرىلەر ئېسىڭىزدە بولسا كېرەك: غەربلىكلەرگە ئۇنىڭ ئەسىرىدىن كۆرە ئوسمانىيلارنىڭ بىر يېرىم مىليون ئەرمەننى قىرىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قجىنايىتى ئۆتكۈزگەن، دېگەن سۆزىنىڭ سالمىقى ئېغىر كېلىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، دېگەن گەپمۇ تارالغانىدى.

                   سەۋەبىم: مىللىتىگە خائىنلىق قىلىش بەدىلىگە غەربتە ئىناۋەت تىكلىگەندەك كۆرۈنىدۇ، ماڭا.

xatlik يوللانغان ۋاقتى 2008-9-19 12:33:46

يازمىلىرىڭىزغا قاراپلا كىتاپنىڭ ياخشى يېزىلغان ،ياىشى تەرجىمە قىلىنغانلىغىنى ھىس قىلدىم ،كىتاپخانىغا بېرىپ كەلسەم بولغىدەك .
بەت: [1] 2 3
: (ئەرتۈرك) يېڭى ھايات نىڭ مۇشەققىتى ۋە خۇرسەنلىكى