wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 20:33:38

دوستۇم سېنى ئەركەك دەي دېسەم ؟

دوستۇم سېنى ئەركەك دەي دېسەم؟

خوتۇنلاردەك قويۇپسەن چاچنى .

بوياپ يۈرۈپ شاتۇتىلاردەك ،

قىلىۋاپسەن ئەمەسمۇ باشنى !

دوستۇم سېنى ئەركەك دەي دېسەم؟

ئېسىۋاپسەن بوينۇڭغا زەنجىر .

خوتۇنلاردەك  خۇي قىلىقلىرىڭ ،

تېپىش تەسكەن ئەرلىك خاراكتىر .

لاك قويۇپسەن ئۇزۇن تىرناققا ،

قوللىرىڭدا ئالتۇن ئۈزۈكۈڭ .

ئاۋازىڭ زىل ،بويۇڭ ئەۋرىشىم ،

شۇ ھالىڭغا كەلمەمدۇ كۈلگۈڭ .

دوستۇم سېنى ئەركەك دەي دېسەم؟

جىمىكۇلار كېيىشلىرىڭ بار .

ئېغىزىڭنى ئېتىپ قولۇڭدا ،

ۋىلىق -ۋىلىق كۈلۈشلۈرۈڭ بار .

تەنقىت قىلساق بىزنى مەتۇ دەپ ،

مودا دېدىڭ بۇنى ئۆزۈڭچە .

"ئەر دەك" يۈرگەن سەھرالىق دوسىتلار ،

سىغىشمىدۇق سېنىڭ كۆزۈڭگە .

ئەرنىڭ  ئەردەك بولغىنى ياخشى ،

جىنىس ئەمەس قىياپەتتىمۇ !

مودىلارنى ئۇنۇتمىغاندەك ،

ئۇنۇتمايلى قىيامەتنىمۇ !!!!!

08-يىلى 10-سېنتەبىر كۈنى  شەھرى بورتالادا يېزىلىپ بېقىلدى .

قېنى ئازلار ئاجىزلار ،

كۈندە يەپ بەر چىلاننى ،

چەكمىگەنلەر دوسىت ئەمەس ،

بۇ بەتتىكى ئېلاننى ..

http://www.1tilla.com

xatlik يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 21:19:32

شۇنداق غىتمەكلەر بىر ئوقۇسا بوپتىكەن ،ياخشى يېزىلىپتۇ ،ئەرلەر ئوزىنىڭ سۇر ھەيۋىسى ،سالاپەتلىك كىيىنىشى بىلەن ئەردەك بولمامدۇ دەيمەن .توۋا دەيمەن شۇ غىتمەكلەرگە

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 21:24:55

ئالىي مەكتەپلەردە غىتمەك ئوغوللارنىڭ كۆپيىشى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ ....

سانائەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان يىللىرى بىر بالا بولىدىغان ئىنچىكە پۇتىنى كۆرەپ قىلىپ چاپلىشىپ تۇرىدىغان ئىشتاننى كىيىپ پىگورا دىگەننى چىقىرىپ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتىن ئۆتۈدىغان ......ساراڭ ...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 00:32:47

چەكمىگەنلەر دوست ئەمەس؟

زورلاپ چەكتۈرىدىكەنسىزدە ئادەمنى

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 06:31:08

توسما مېنى يار چېكەي بىر نەپەس: دەپ  قويمامسىز دەيمەن .مېنى ئوسال قىلماي .

turbo يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 08:43:18

ۋاپادارىم ، ئىككەيلەن بىر مەكتەپنى ئوقۇپتىكەنمىز.
بەت: [1]
: دوستۇم سېنى ئەركەك دەي دېسەم ؟