ئەسلەش كىم ئۇچۇن
ئەشۇ چاغلاردا ،بىز تولىمۇ بەختلىك ئىدۇق ،كۆزلىرىمىز بېقىشىپ قانمايتى ،ياش تۆككەن ئاشۇ چاغدا،سېنى يېنىمدا ئېلىپ قېلىشتىن باشقا ھىچنىمىنى ئويلىمىغان ئىدىم، سەن ياش تۆككەندە،سېنىڭ قانچىلىك ئازاپلىنىۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلدىم ،جمجىت كېچە، سېغىنىشلىرىم كېچە قوينىغا سىڭىپ كەتتى ،ھەر كۇنى مۇشۇنداق ئوخشاشلا قاراڭغۇ كېچە،مەن سېنىڭ قايتىپ كېلىشىنىڭ كۇتۇۋاتىمەن ،سېغىنىش ئازابى مېنى قىينىماقتا ،ھەر قېتىم سېنى ئويلىغىنىمدا چۇڭقۇر خىيالغا پاتىمەن ،ھەسرەت چېكىمەن .
سېنىڭ بىلەن تۇنۇشۇش تەقدىرىمىزگە پۇتۇلگەن بۇلىشى مۇمكىن،ھەر قېتىم ئايرىلغىنىمىزدا ئىچىم قاتتىق سىرىلىدۇ ،بىر ئازابلىق ھېسسيات مېنى سەن بىلەن بىللە ئۆتكەن ھەر بىر كۇننى ھەر بىر ۋاقىتتىنى ئەسلەشكە مەجبۇرلايدۇ،بىز بىللە تۇرغان ھەر بىر ۋاقىت ،ھەر بىر كىچىك ئىشلار مېنى چۇڭقۇر ئەسلىمە ئىچىگە سورەپ كىرىدۇ..ئاشۇ تاتلىق كۈنلىرىمىزنى ئەسلەيمەن.قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قېتىدا يەنىلا سەن بار،سېنىڭ يېنىمدا بۇلۇشۇڭنى ،ساڭا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ سېنى يەنە بىر قېتىم كۇرۇۋېلىشنى ئارزۇ قىلىمەن ..
سېنى ئەسلىگىنىمدە يانغۇنۇمغا قارىغۇم كېلىدۇ،سېنىڭدىن كەلگەن ئۇچۇرنى ساقلايمەن ،سېنىڭ تېلفۇنۇڭنى،ئەھۋال سورىشىڭنى ساقلايمەن،سېنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتا نەدە نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭنى بىلمەيمەن ،مېنىڭ مۇشۇ چاغدىكى سېغىنىشىمنى ھېس قىلالامسەن بىلمەيمەن..سېنى سېغىنمەن ...
يېنىڭدىن سىپاپ ئۆتكەن شاماللارنىڭ لەرزان ئۇسۇلىغا قارا، ئۇ مېنىڭ سېغىنىشىمنى ئېلىپ بارىدۇ،كۆكتىكى ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى قارا،مېنىڭمۇ قانىتىم بولغان بولسا ،قۇشلاردەك يېنىغا ئۇچۇپ بارغان بۇلاتتىم، مانا بۇ مېنىڭ خوشاللىقم .سېغىنىشلىرىم مۇڭلۇق مۇزىكىغا ئەگىشىپ قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىغا قۇيۇلماقتا ،پەقەت سېنىلا ئەسلىمەكتىمەن ،سېنىڭ ھە بىر قاراشلىرىڭنى ،ھەر بىر كۈلكەڭنى ،يېقىملىق ئاۋازىڭنى ئەسلىمەكتىمەن ،سېنىڭ كۆڭلۇمدە مەڭگۇلۇك ساقلىندىغانلىقىڭنى بىلىمەن....


ناخشىنى بەك ياخشى ماسلاشتۇرۇپسىز .ھارمىغايسىز
ئۇ ئۇششششش ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىپبىررەر تال يۇمۇرلىرىڭ يوقمىتى؟
ئۆزۇممۇ سەزمەيلا تىلفۇنغا قاراپ ساپتىمەن
پېچەتكەنغۇ
خەتلەر بەك ئۇساق شۇڭلاشقىمۇ ، تېما يۇلغۇچى سىز ئۇيلىغاندەك لىرىك تۇيغۇنى ئپادىلەنمەي قاپتۇ ،لىكىن يۇقىمۇ ئەمەس..
توۋا ! ماۋۇ تېما مىنىڭ كەچمىشىم ھەم ھازىرىم بىلەن ھە جەپ ئوخشاش ئىكەن .ئىچىمنىڭ بىريەرلىرى بىرقىسما بۇلۇپ كەتتى بۇنى يازمىنى كۈرۈپ .