GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 13:02:49

« « بىر سوم » » يىغلايدۇ

  ھەممىمىز بىلىمىز ، بىر سوم پىلانى قۇرۇلغاندىن بېرى ھەر تەرەپلەردىن قىزغىن قوللاشقا ئېرىشىپ ، شۇ قوللاشلار تۈرتكىسىدە ئاز بولسىمۇ بىر قاتار ئەمەلى ئىشلارنى قىلدۇق . ئەمدى بىر بېكەتتى بىرنى قۇرۇپ تور ئارقىلىق google دىن ئازراق پۇل تاپارمىز دەپ ئويلىغان ، بۇ ئىشلىرىمىزمۇ يۈرۈشلىشىپ تەشۋىق باشقۇچىغا كەلگەندە ، كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز قىزغىن قوللاپ بەرگەن بولسىمۇ يەنە بىر قىسىملار نىمىلەرنى ئويلايدىكىن تاڭ ، ئىقتىسادى قۇرلۇش بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۋاتقان بۇ جەمىيەتتە ياشىغانسىرى ھەممىدە ئىقتىسادنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان بوپتۇ .

ئالدىنقى كۈنى بۇرادىرىمىز ئەلقۇت مەلۇم بىر بېكەت باشلىقىدىن بېكىتىدە ئېلان بېرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا "ياردەم بولسا ماڭا قىلىڭلا" دەپتۇ . ياقامنى تۇتتۇم ، ھەر خىل ئادەملەر بولىدىكەن بۇ جەمىيەتتە .

سەلكىندە بىر سوم پىلانىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان تىمام ئۆچۈرۈلدى (نۇرغۇن تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنتى ، بەزىلەر سەلكىندە ئېلان بېرىلىشنى تەلەپ قىلغانتى)، سەۋەبىنى بىملىدىم ، باشلىق ئۆچۈر دېگەچكە ئۆچۈرۈلگەنمىش .  شۇنداقتىمۇ تىرشىپ - تىرمىشىپ ئىشلەپ كېلىۋاتىمىز .  شۇنداق قىلىپ دوللىرىمىز 47 بولدى .  بىر ئاماللارنى قىلىپ ، ئا پۇلنى 100 قىلىپ بىر قېتىم كىرىم قىلساق ، شۇنىڭدىن ئازراق مەبلەغ چىقىرىپلا ئىشلىرىمىزنى يۈرۈشتۈرۈپ كېتەتتۇق .  خەقنىڭ قۇلىقىغا قۇرۇق گەپ خوش ياقمايدىكەن ، يەنە شۇ پۇل تۆلەپ ئېلان بەرمىسەك بولمايدىغان ئوخشايدۇ .  ھەتتا ئۇلىنىش تورىمۇ ئۇلىنىشقا قوشمىدى .  بەزىلەرگە خەت يازساق ئىنكاسسىزلا يوقاپ كەتتى  .  بەزىلەر ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، گېپىدىن قارىغاندا ئاخىرقى يەنىلا ئۆزىنىڭ بېكىتىنىڭ ئېلانىنى بەرگۈزۈش بولۇپ چىقتى . بەزىلەردىن سۆيۈندۇق ، بىرسوم پىلانى دەپ بولغۇچە كارتا نۇمۇرىنى دەپ بېرىڭ دېگۈچىلەرمۇ بولدى .

  ئەپلەپ سەپلەپ قىلغان تەشۋىقاتلىرىمىزنىڭ كۈچى يەنىلا ئاجىز بولىۋاتىدۇ ، بېكىتىمىزنىڭ كۈنلۈك زىيارەت سانىنى 100 گە يەتكۈزۈشمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالدى .

بۇ تىما ئارقىلىق دېمەچى بولغىنىم بىر سوم پىلانى تور بېكىتى يەنە ياردەم تەلەپ قىلىدۇ . يېقىندا تورداش ئەلقۇت بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېكەتنى چوڭايتىشنى يەنى كىشىلەرنى تېخىمۇ جەلىپ قىلىدىغان مەزمۇنلار بىلەن تولدۇرۇپ زىيارەت سانىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز ، بىز ئىككىلىمىز ئوقوغۇچى بولغاچقا بۇنىڭغا كۆپ ۋاقىت ئاجىرتالمىغۇدەكمىز ، شۇڭا ئەتراپىمىزدىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەردىن بېكىتىمىزگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلاربولسا ياردەمگە چاقىرىمىز .  سىزنىڭ كومپيۇتېر تېخنىكىڭىز يۇقىرى بولمىسىمۇ بولىدۇ ، تېخنىكىلىق ئىشلارنى بىز بىر تەرەپ قىلىمىز ، پەقەت بېكەت سېستىمىسىنى باشقۇرۇشۇپ بېرەلەيدىغانغا ۋاقتىڭىز بولسىلا بولدى  .  ھەمكارلاشقۇچى تاپقان ھامان ئەلقۇت بىلەن ئىككىمىز يېڭى بېكەت سېستىمىسىنى تەييارلاش ئىشىغا كىرىشىمىز .  

تورداشلارنىڭ تەشۋىق قىلىشقا ياردەملىشىشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىمەن .

مۇشۇ تور يۈزى ئارقىلىق تور بېكىتىگە پىلانىمىزنىڭ ئېلانىنى قويۇپ ، تەشۋىقات ئىشلىرىمىزغا ھەمدەمدە بولغان مىھرىبانلىرىمىزغا پىلانىمىز نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن .  

پىلانىمىز ياردەمچىلىرى :

ئەڭ ئاۋال بېكىتىمىزنىڭ ئىسمى www.1tilla.com نى بەرگەن ئىنتىل سەيناسىدىكى<< ئىنتىل>> غا رەھمەت ئېيتىمەن .

دەرسلىك قانىلى   www.darslik.com     قاينام  

ساۋاقداشلار كۇلۇبى   www.sawakdax.cn  ئەلقۇت  

زىلتار تور بېكىتى www.ziltar.com  زىلتار

يۈكسەل بىلوگى :   http://yuksel.blogbus.com    يۈكسەل

خانتەڭرى تور دۇنياسى :   http://munbar.hantangri.net   
ئىزدەش تور بىكىتى :   www.izdax.com
ئوكيان تور بىكىتى :   www.okyan.com
ئەركىن سىدىق مەرىپەت بىلوگى  :    http://meripet.blogbus.com

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 15:18:58

مەن بىر گەپ قىلاي!

بلوگىمنىڭ  يېقىندىن بۇيانقى زىيارەت قېتىم سانى كۈندە 1000 قېتىمدىن ئ.ىشىپ كەتتى، ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 3000 غا چىققان ۋاقتىمۇ بولدى. بىر سوم پىلانى ئۈچۈن ئىلان قويۇپ پۇل تاپساق ئەلۋەتتە بولىدۇ. ھەم بلوگىمدا تەشۋىق قىلىشنى خالايمەن. لىكىن بىر ئىش بار: بلوگ بوشلىقى تازا نۇرمال ئەمەس. ( تۈنۈگۈن ، بۈگۈن ئىچىلمىدى، ئەتە ئىچىلارمىش ) . ماڭا بىر سوم پىلانى تور بېتىنىڭ لاھىيلىنىشى بەك يېقىشلىق تەسىر بىرىدۇ. شۇڭا سىلەرگە مۇۋاپىق ئىش ھەققى بەرسەم،  ئۇيغۇر تېبابىتى بويچە ساغلاملىقنى ئاسىراش تېمىلىرىمغا ماس كەلگۈدەك چاققانغىنا بىر تور بەت ياساپ بەرسەڭلا، بەتنىڭ مۇۋاپىق جايلىرىغا ئىلان بەرسەك، ئىلان كېرىمىنى بىر سوم پىلانىغا ئىشلەتسەك بولارمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. ( قولۇمدىن كىلىدىغىنىمۇ مۇشۇنچىلىك ئىكەن).  قالغان گەپلەرنى تېلفۇنلاشساقمۇ بولىدۇ. 0998-6462787

13565662787  مۇھەممەت تۇرسۇن

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 15:49:09

بولىدۇ ، بېتىڭىزنى مەن ياساپ بېرەي ، بوشلۇقىڭىز نۇرمال بولمىسا بۇنىمۇ ھەل قىلىمىز ، مەن سىزگە ئەرزان ھەم مۇقىم بوشلۇق تېپىپ بېرىمەن .  بۇ توغۇرلۇق بىز QQ دا تەپسىلى پاراڭلىشىلى  307790918 .  ئېلخەت : kainam12@163.com  . كەچتە تورغا چىقىمەن .

ئەمدى بېتىڭىزدىكى ئېلان كىرىمىگە كەلسەك ، بىزگە پەقەت ئازراق ئېلان ئورنى ئاجراتسىڭىزلا بولدى ، بېتىڭىزگە قويىدىغان ئېلان كىرىمىگە كەلسەك ، بۇنى بىر سومغا ئىشلىتىلى دېسىڭىز بىز ئەلۋەتتە خۇشال بولىمىز . لىكىن بۇنداق قىلمايلى ، ئېلان كىرىمىنى ئۆزىڭىز ئېلىڭ ،ئەگەر خالىسىڭىز ھەر قېتىملىق ئېلان پۇلىنى تاپشۇرۋالغاندا ئەھۋالغا قاراپ بىر سومغا ئاتاپ قويارسىز .

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 16:04:53

مەن كەچلەردە  توردا بولالمايمەن. تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز، ياكى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز مەن تېلفۇن قىلاي!

Baxagim يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 16:05:31

مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ .
مەن سىلەرنى قوللايمەن ، باشئەگىم تور بېكتىدە تەشۋىق قىلىشقا بولىدۇ .

izdax.com يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 17:24:10

مەنمۇ كۈچ قوشىمەن ! ...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 17:50:15

بىر زاتقا : تېلفۇنۇمنى رىمونتقا بەرگەن ، ئەتە ياكى كەچتە مەن سىزگە تېلفۇن قىلاي .

باشئەگىمگە : سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمەن ؟ مېنىڭ ئالاقە ئۇسۇللىرىم 2 - قەۋەتتە قالدۇرۇلدى .

ئىزدەش تور بېىتىنىڭ ئېلان ئورنى ئاجراتقىنىغا رەھمەت ئېيتىمىز .

konamiltik يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 18:57:55

مەندە بلوگ ،تور بەت دېگەنلەر يوق . بىراق ياردەم قىلىشنى چىن كۆڭلۈمدىن خالايمەن.   چ چ : 290463533

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 20:26:10

قاينام بىلەن قۇتيار؛كۆپ رەھمەت سىلەرگە ..

چۆلدىن قايتىپ كەلدىم ،،خۇدايىم بۇيرىسا 6كۈن سىرىتلاردا ئىشلەپ تۈگىتىۋالسام ئاندىن شەھەردە تۇرىمەن ......چىداپ تۇرۇڭلار بۇرادەرلەر ،مەن تورغا قايتىپ كېلىپ چوقۇم ئېسىل قىلىپ بىر نەرسىلەرنى ئىشلەيمەن ...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 22:44:29

مەن مۇشۇ \" بىر سوم پىلانى\" توغرىسىدا مۇنداق ساددا خىياللارنىمۇ قىلىپ باققان.

ئىلان كىرىمىدىن سىرىت. مۇشۇ بىر سوم پىلانىنى توردىلا ئەمەس پۈتۈن دىياردىكى ھەممە كىشىگە تەشۋىق قىلىپ ، ئۇنىڭ ئەھمىيتى، رولى ۋە ئىشەنچىلىكلىكىنى ئاممىغا چۈشەندۈرسەك خالىغانلاردىن ئەزا قوبۇل قىلىپ ، بۇنى شەھەر-شەھەرلەردە تەشۋىق قىلساق.  ئايدا 1000 يۇەندىن يۇقىرى مۇئاش ئالىدىغانلار ئايلىق مۇئاشىدىن جىق ئەمەس بىر كويلا چىقارسا، شۇنداق ئادەمدىن 100000 ئادەم بار دەپ پەرەز قىلساق ئايدا كەم دىگەندە 100000 يۇەن يىغىلدى دىگەن گەپ. بۇ پۇلنى دوختۇرخانىلاردا ئاغرىق ئازابى تارتىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزغا، ئالىي مەكتەپتە تىرىشىپ ئوقۇۋاتقان قىيىنچىلىقى بار باللارغا ھەمدە شۇنىڭدەك ئاساسلىق خەيرىلىك ئىشلارغا ئىشلەتسەك. بۇنىڭغا ھۆكىمەت تەرەپتىن روخسەت ئېلىپ پۇتۇن رايۇنىمىزدا \" بىر سوم فوندى\" نى قۇرساق ھەمدە ئۇنى مۇۋاپىق تەشكىللەپ ، باشقۇرساق...

بىر سوم پۇل دىگەن بىزگە ھىچنىمە ئەمەس . ئۇنى بەرگەنگە بىرى كەمبىغەللىشىپ كەتمەيدۇ . مىىڭچە بۇنى كوپىنچە ئادەم توغرا تەشۋىق قىلالىساق قوش قوللاپ قۇۋەتلەيدۇ ۋە ئاۋاز قوشىدۇ. گەپ ئۇنى قانداق كىڭەيتىش،تەشۋىق قىلىش ۋە تەشكىللەپ باشقۇرۇشتا. \" تامچە تامچە قوشۇلۇپ دەريا بولۇر\" دىگەن ئىزدىنىشنىڭ گىپى، ھەممەيلەن ئۆم بولۇپ مۇشۇ ئىشقا راۋۇرۇس بىر تۇتۇش قىلىپ باقساق خۇدايىم بۇيرىسا بۇ ئىشلار خەيرىلىك يۈرۈشۈپ كەتكەي.   مەسىلەن ، مەن ئۆز ئائىلىدىكىللىرىمگە، تونۇش-بىلىش، دوستلىرىمغا چۈشەندۈرسەم، سىزمۇ شۇنداق قىلسىڭىز، تونۇشلار تونۇشلارغا تەشۋىق قىلسا،  ھەر بىر شەھەردىن بىر نەچچەيلەن بۇ ئىشلارغا مەسئۇل بۇلۇپ تەشۋىق ۋە باشقا ئىشلارنى ئىشلىسە... بۇنىڭ 10% رولى بولغان تەخدىردىمۇ خىلى ئۈنۈمىنى كۆرىشىمىز مۇمكىن.

مەيلى ئاقسۇن ئاقمىسۇن بىر تۇتۇش قىلىپ كىرىشىپ باققانغا يەتمەيدۇ...

layli510 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 06:31:34

بىر سوم پىلانىنى قانداق قوللىغىلى بولىدۇ؟ ئىانىنى نەگە يوللايدۇ؟

پېيپال ئارقىلىق بولسا بولامدۇ؟

ئۆشنە زاكاتنى شۇ يەرگە بەرسە بولامدۇ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 06:57:56

8- قەۋەتتىكى بۇرادەر مەن كەچكىچە سىز بىلەن ئالاقىلىشىمەن ، قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت .

10 - قەۋەتتىكى bilig بۇرادەر ، بۇنداق قىلىشنى مەنمۇ ئويلاشقان ، بۇنداق قىلساق ئەلۋەتتە ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ . لىكىن بىزنىڭ ئارىمىزدا پىتنىخورلار بەكلە كۆپ ، ئەگەر پىلانىمىز تەرەققى قىلىپ ئەمدى بىر ئىشلارنى قىلىشنى باشلىغاندا قانۇنسىز تەشكىلات دەپ قالپاقتىن بىرنى كىيىشىمىز تورغانلا گەپ .  پىلانىمىزنى قانۇنلۇق قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرساقمۇ بولاتتى ، بۇنداق قىلساق بىزنىڭ مەبلىغىمىزنى ھۆكىمەت باشقۇرۇپ بېرىدىكەن ، بىرەسىگە 10 كوي ياردەم قىلماقچى بولساقمۇ تەستىق ئېلىشقا تورغا كېلىدىكەن .  شۇ سەۋپلەر تۈپەيلىدىن پەقەت توردا ۋە جەمىيەتتىك بىر قىسىم خەۋەر تاپالىغان كىشىلەر ئارىسىدىلا تەسۋىق قىلالىدۇق .

11-قەۋەتىكى بۇرادەر ، پىلانىمىزنى قوللاش ئۇسۇللىرى كۆپ ، تور تېخنىكىسى جەھەتتە قوللىسىمۇ بولىدۇ ، www.1tilla.com غا كىرىپ كۈندە بىر قېتىم ئوخشاش بولمىغان ئورۇندىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىمۇ بولىدۇ ...

ئەگەر ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بەرمەكچى بولغانلار بولسا بېكىتىمىزدە پىلانىمىز ھىسابات كارتا نۇمۇرى بار شۇنىڭغا يوللىسىمۇ بولىدۇ (ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئاپتۇماتىك ھىسابات يۆتكەش) .

ھەقىقى مەنە جەھەتتىن ئېيىتقاندا مېنىڭچە زاكاتنى بەرسە بولىدۇ ، چۈنكى بىز بۇ پۇلنى پۈتۈنلەي قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ئىشلىتىمىز . ئەمما مەن زاكات شۇ يۇرتنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولىشى كېرەك دەپ ئاڭلىغان ، بۇنىڭغا 86 ئەپەندىمنىڭ بىر مەسلىھەت بىرىشىنى سورايمىز .  

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 18:40:33

ياخشى ئىشنى قىلماق شۇنداق تەس بولىدىكەندە!  لىكىن مىنىڭچە \"ۋاقتى كەلگەندە بىرگەپ بولار\" دەپلا تۇتۇش قىلىپ باققانمۇ ياخشى. تەۋەككۇل قىلمىغاندا چوڭ ئىشلارنى ھۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-9-22 11:32:27

قېنى ما ، بالا تېلفۇن قىلىمەن دەپ قويۇپ جىممىدە بولاپ كەتتىيا؟!!

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2008-9-22 21:09:53

نەچچە كۈن بولدى تورغىمۇ چىقمىدى ئالدىراش بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ ~

نەچچە كۈن ساقلاپ بىقىڭ !

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-22 21:21:36

بىر سوم پىلانىمىز ئۈچۈن \"شاڭخەيلىك سەيپىدىن \"دىگەن تېمامدىن باشلاپ بىر سومنىڭ ئارقا ھويلىسى تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى يېزىشنى باشلايمەن .....

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2008-9-23 21:34:04

ھازىر راستىنى دىگەندە ئىزدىنىش ۋە بىلىكلەرنى قىزىۋەتتىم .لىكىن بىر سوم پىلانى دىگەن نىمە ؟

دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بولىدىغان تىمىدىن بىرنى تاپالمىدىم . ئىزدىنىشتىكى بۇرۇن يىزىلغان تىمىلار ئۆچۈرۈلۈپتۇ .

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-9-25 05:53:15

تېلفۇن نۇمۇرلىرىنى قالدۇرۇپ قويسىلا بولمىسا، قاينامجوووون،
بەت: [1]
: «« بىر سوم »» يىغلايدۇ