irpan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 12:30:37

پروگرامما لاھىيلەش بىرخىل سەنئەت

ھايات خۇددى بىر ئەينەك،سەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ باقساڭ ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ باقىدۇ

      كەسپى ھاياتمۇ بىر خىل "كەسپى"نى ئۆزىگە ئېنىقلىغۇچى قىلغان ھايات، شۇنداق بولغان ئىكەن ئۇمۇ مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا بىر خىل ئەينەك. سىزنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيڭىز ۋە چۈشەنچىڭىز ئۇ ئارقىلىق ئالىدىغان نەتىجىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.

      مۇشۇ بىر ئىككى يىلدىن بۇيان كەسپىم ئۆزۈمگە بىر خىل سەنئەتتەكلا تۇيغۇ بېرىدىغان بولۇپ قالدى، مەنمۇ شۇندىن بىرى پروگرامما لاھىيلەش بىلەن سەنئەتنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىنى سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم ۋە بۇ جەرياندا بەزى بىر ئورتاقلىقى بايقىدىم.مۇشۇ ئورتاقلىقىنى بايان قىلىشتىن ئاۋال، ئۆزۈمنىڭ سەنئەت دېگەن بۇ ئۇقۇمغا بولغان قارىشىم توغرۇلۇق ئورتاقلىشىشىنى توغرا تاپتىم چۈنكى سەنئەت دېگەن بۇ ئۇقۇم توغرىسىدا ئورتاقلىق يوق ئاساستا پروگرامما لاھىيلەشنىڭ بىر خىل سەنئەتلىكى توغرىسىدا ئورتاقلىشىش مۇمكىن ئەمەستە.ئۇنداقتا سەنئەت دېگەن نېمە ؟ ئۇنىڭ ماھىيىتى چۇ؟ مىنىڭ بۇ ئىككى سوئالغا جاۋابىم بولسا سەنئەت دېگەن ئىنسانلارنىڭ بىر خىل ھېس قىلىش ۋە ھېس قىلغىنىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئىپادە قىلىشتىن ئىبارەت ئىدىيۋى ھەرىكىتى .ماھىيىتى بولسا ئىپادە قىلىشتىن ئىبارەت.بەلكىم بۇخىل جاۋاب ناھايىتى يۈزەكى ۋە تار دائىرلىك بولىشى مۇمكىن ،لېكىن بۇ نېمىلا بولمىسۇن ماڭا ئوخشاش غەيرى سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار نىڭ سەنئەتكە بولغان بىۋاستە ئىنكاسى.(ئەگەر سىزمۇ مىنىڭ جاۋابىمغا مەلۇم دەرىجىدە قوشۇلسىڭىز،بەلكىم ،بۇ ماقالىنىڭ داۋامىدا دا نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى بىلىپمۇ بولغانسىز).

       ئەمدى بىز سەنئەت دېگەن سۆزنى ئاڭلىغىنىمىزدا تىزلا ئەسكە ئالىدىغان رەسساملىق،ھەيكەلتاراشلىق ۋە مۇزىكانتلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ماھىيىتى (ئاساسى زىددىيەت) بىلەن پروگرامما لاھىيلەشنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى.

       رەسساملىقتا رەسسام بولسا ئۆزىنىڭ گۈزەللىك،خۇشاللىق ۋە قايغۇغا بولغان تونۇشى ئارقىلىق چەكلىك بولغان رەڭلەر ۋە شەكىللەر ئارقىلىق ئۇلارنى بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق(ئابسىتىراكىتلەشتۈرۈپ) ھالدا ئىپادە قىلىدۇ،ئەگەر سىز ،بىزنىڭ گۈزەللىك خۇشاللىق ۋە قايغۇغا بولغان تونۇشىمىز رەسسام بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئوخشاش بولسا ،رەسىم ئارقىلىق رەسسامنىڭ ئەسىرگە سىڭدۈرگەن ھىسياتىنى چۈشىنىمىز ۋە شۇ ئەسەرنى ياقتۇرىمىز. ئەكسىچە بولسا بولسا ئۇ رەسىمبىز ئۈچۈن ھېچقانداق قىممىتى يوق بولغان بولىدۇ.رەسساملىقتا ئىپادىلەش ئوبىيېكتى گۈزەللىك ،خۇشاللىق ،مېھىر -مۇھەببەت قاتارلىق ھەر خىل ھىسيات، مەنزىرە ۋە جىسىم ،ئىپادىلەش قورالى بولسا رەڭ،نەتىجە بولسا رەسىم.

       ھەيكەلتاراشلىقتا ( بەدئىي شەكىل چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ)بولسا ھەيكەلتاراش ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەرخىل ھېسسىياتىغا بولغان چۈشىنىشى ۋە ئاخىرقى ئەسىرى ئورۇنلاشتۇرىدىغان مۇھىتقا بولغان چۈشىنىشى ئارقىلىق چەكلىك بولغان گىئومىتىرلىك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ ئۆز ئەسىرىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.بۇ خىل ئەسەر كۆپىنچە ۋاقىتتا ئابستراكىت بولۇپ،پەقەت بىز نىڭ مەلۇم خىل ھىسياتىمز ۋە بۇخىل ھىسسىياتقا بولغان چۈشەنچىمىز ئەسىر ئاپتورى بىلەن ئوخشاش بولغان ۋاقىتتىلا ئاندىن ئۇ ئەسەر كونكرېتلىشىدۇ.ھەيكەلتاراشلىقتا ئىپادىلەش ئوبىيېكتى رەسساملىق بىلەن ئوخشاش ،قورالى بولسا ھەرخىل گىئومىتىريىلىك شەكىل،ماتىريال ۋە نۇر ،نەتىجە بولسا بەدئىي شەكىل.

       مۇزىكانتچىلقتا بولسا مۇزىكانتمۇ ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل ھىسياتى ۋە پىسخىكا ھالىتىگە بولغان تونۇشى ئارقىلىق چەكلىك بولغان ئاۋاز (يەنى 7 خىل نوتا)نى ھەر خىل ئورۇنلاشتۇرۇپ گۇرۇپپىلاپ مۇزىكا ئىجاد قىلىدۇ،مۇزىكىدىن ئىبا رەت بۇخىل سەنئەتنىڭ مىسالى (Instance)دىمۇ ئىپادىلەش ئوبيېكتى رەسساملىق بىلەن ئوخشاش ،قورالى بولسا چالغۇ ئەسۋاب نەتىجە بولسا مۇزىكىدىن ئىبارەت (نەزىرىمدە مۇزىكا بىر خىل ئابستراكىت ،ناخشا بولسا مۇزىكىنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى كونكرېت ئىپادىسى).

      خوش ئەمدى پروگرامما لاھىيلەشكە كېلەيلى( بەلكىم سىز ئاللىقاچان نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى بىلىپ بولغانسىز) پروگرامما لايھىلىگۈچى مەلۇم مەسىلىگە يولۇققاندا،شۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشى ئارقىلىق شۇ مەسىلىنى مەلۇم خىل چەكلك بولغان ئاچقۇچلۇق سۆزدىن تەركىب تاپقان پروگرامما تۈزەش تىلى ئارقىلىق ئىپادە قىلىدۇ ۋە ئۇنى ھەل قىلىدۇ. پروگرامما لاھىيلىگۈچىنىڭ مەسىلىگە بولغان تونۇشى قانچە ئەتراپلىق بولسا ،لاھىيلىگەن پروگراممىسى شۇنچە بەدئىي بولىدۇ چۈنكى مەسىلىنى ئىپادە قىلىش ياخشى بولىدۇ دە شۇنچىكى كۆپ پروگرامما لاھىيلىگۈچىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىدۇ. ،بۇ خۇددى مۇزىكانت خەلقنىڭ مەلۇم خىل ھىسيات ۋە كەيپىياتنى قانچىكى چۈشىنىپ مۇزىكا ئىشلىسە ،شۇنچىكى كۆپ خەلقنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ ۋە يەنە شۇنچىكى كۆپ باشقا مۇزىكانتلارنىڭ شۇ مۇزىكىدىكى پۇراقتىن(پروگراممىدا بولسا بەلكىم مەلۇم خىل قۇرۇلما ۋە ياكى ئالگورىزىم) پايدىلانغىنىغا ئوخشايدۇ.ئەگەر پروگرامما لاھىيلىگۈچىنى رەسسام دېسەك ئۇنداقتا بۇ رەسسام چوقۇم ئابستراكىت ئېقىمدىكى رەسسام.چۈنكى پروگرامما لاھىيلەشتكى ئاساسلىق ئىدىيۋى قورال ئابستراكىت ئىدىيە. پروگرامما تۈزۈشنىڭ ئىپادىلەش ئوبىيېكتى بولسا ھەرخىل ماتېماتىكىلىق مودېلىنى(ھىچ بولمىغاندا تۇلىڭ مودېلغا ماس بولغان) تۇرغۇزغىلى بولدىغان مەسىلىلەر،ئىپادىلەش قورالى بولسا پروگرامما تىلى،نەتىجە بولسا پروگرامما.

      يۇقىرىقى كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىپادىلەش ئوبيېكتىنى ئىپادە قىلىش جەرياندا چەكلىك بولغان ئېلمىنتىنى (رەڭ ،نوتا ،شەكىل ۋە پروگرامما تىلىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز)مەلۇم قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە گۇرۇپپىلاش ئارقىلىق ئەسەر يارىتىلىدۇ. دەسلەپكى ئۇچ خىل سەنئەت كەسپىنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل ھىسياتىنى ئىپادىلەش ئوبىيېكتى قىلغاچقا،سەنئەت دېگەن سۆزنى تىلغا ئالغاندا تىزلا ئەسكە ئېلىشىمىزمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس .چۈنكى ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇخىل سەنئەتلەرنىڭ ئەسىرىنى چۈشىنىش بىزگە ھېچقانچە تەلەپ قويمايدۇ. لېكىن پروگرامما لاھىيلەشتىن ئىبارەت بۇخىل سەنئەت كەسىپنىڭ ئەسىرىنى ھەممىلا ئادەم چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا سەنئەت بولالايدۇ.مۇنداقچە دېسەم پروگرامما لاھىيلەش بەلكىم سەنئەت دېگەن كەسىپنىڭ ۋارىس كەسىپى بولالماسلىقى مۇمكىن لېكىن سەنئەت دېگەن ئېغىزنى ئىشقا ئاشۇرغان بىرخىل كەسىپ.


ئەرنتىر تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن
ئاپتۇرى Architect

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 17:30:18

راست دەيدۇ، تەرتىپ لايىھىلەش ھەقىقەتەن بىر سەنئەت، مەيلى يەككە ئىشلەيلى، مەيلى كوللىكتىپ ئىشلەيلى، تەرتىپ ئىقتىدار تەلپىنى يېزىپ چىقىش، تەرتىپ قۇرۇلمىسىنى تۇرغۇزۇش، كود يېزىش، خام ماتىرىيال تاللاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، ۋاقىت ۋە سۈپەت تەلپىگە قارىتا كۆرۈنمە يۈزلۈك لايىھىلەش، تەرتىپ ئىجراسىنى سىناش نۇقتىلىرىنى يېزىش، سىناش نۇقتىلىرى بويىچە ئىقتىدار سىناش ۋە يوچۇق تېپىش، تولۇقلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاخىرىدا تەرتىپنى كۆركەم ئوراش، دېسكا تەرتىپ نومۇرى بېكىتىش ۋە خاتىرلەش تەرتىپىنى بېكىتىش، چۈشەندۈرۈش يېزىش، دېسكا يۈزى ۋە دېسكا قېپى سۈرىتىنى لايىھىلەش، تەننەرخ ھېساپلاش، پايدا نىسبىتى ۋە باھا بېكىتىش،   ئېلان ۋەرەقىسى ئىشلەش، سېتىش تورى ۋە تەرتىپى لايىھىلەش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت تەرتىپى تۇرغۇزۇش، مەخسۇس تور بەت ئېلانى ئىشلەش ياكى باشقا تورلاردا بېرىشكە ئېلان رامكىسى ئىشلەش، ئېلان چىقىرىش ۋە سېتىشنى باشلاش، مۇۋاپىق ئورۇن ۋە كىشىلەرگە سوۋغا قىلىش... قالدۇق كەمچىللىك ئىنكاسلىرىنى توپلاش ۋە ئىقتىدار قوشۇپ يېڭى نەشىرىگە تەييارلىق قىلىش... بۇ خىزمەت ھالقىلىرىنى ئورۇنلاپ بولغۇچە ھەقىقەتەن بىر سەنئەتلىك خىزمەت تەرتىپى ئورۇنلىنىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ، پۈتۈن جەرياندىن تارتىپ ھەر بىر ھالقىغىچە ھەقىقەتەن پۈتۈنلەي لايىھىلەش، ئىجادىيەت، تەقلىد.. قاتارلىق خىزمەت شەكىللىرى ھەر قانداق بىر سەنئەتتىن قېلىشمايدۇ.. بۇلارغا چىۋىندەك بارماقلار، پۇلاتتەك كاسسا، ساراڭدەك داۋاملاشتۇرۇش، كۆز ۋە ئۇمۇرتقا، ئولتۇرغۇچ نېرىۋىلارنى دوغا تىكىش ھەمراھ بولىدۇ..

Estami يوللانغان ۋاقتى 2008-9-18 23:33:38

ناھايىتى ياخشى ، سەنئەت دەپ چۈشۈندىغانلار بارىكەن.ئىلگىرىلەش زور .

font يوللانغان ۋاقتى 2009-1-7 10:58:51

بۇ ئوخشىتىش ناھايتتىمۇ جانلىق بوپتۇ.

ئۆز كۆڭلىدىكى مۇزىكا.....

SADAKAT0903 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-26 19:07:13

خاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخا

بەت: [1]
: پروگرامما لاھىيلەش بىرخىل سەنئەت