irpan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 12:28:13

ASP.NET 2.0 دە ھەركەتچان توربەت ياساش دەرسلىگى (1-باپ

بۇ تېما www.uyghurdev.net تور بېتىدىن يۆتكەپ كېلىندى ،بارلىق ھۇقۇقى ئەسلى يازغۇچىغا مەنسۇپ ،ئەگەر ئەسلى ئاپتۇرى خالىمىسا ئۆچۇرۋېتىلسە بۇلىدۇ .

ئاپتۇرى تەۋەككۇل

ئېلاۋە: مەن 2006- يىلى  توردىن vb2005 يۇنىكودنى قوللايدىغانلىغا ئائىت خەۋەرنى كۆرۇپ، تۇرۇپلا vb2005 گە قىزىقىپ قالدىم (ئۇنىڭدىن بۇرۇن پروگرامما ئېچىش تىلىغا ئائىت بىلىملەردىن ئانچە خەۋىرىم يوق ئىدى )، شۇنىڭ بىلەن توردىن vs2005 نى چۇشۇرۇپ كومپيوتېرىمغا قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقتىم تۇرۇپلا قىزىقىشىم بارغانسىرى كۈچەيدى . شۇنىڭ بىلەن vb2005نى ئۆگىنىشنى باشلىۋەتتىم .مەيلى قوللانما پروگرامما ئېچىش بولسۇن ،مەيلى Web پروگراممسى ئېچىش بولسۇن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تاپساملا كۆرۇپ يۇرۇپ خېلى كۆپ مەزمۇنلارنى بىلىپ قالدىم ،ھەرخىل كىچىك پروگراممىلارنى يىزىپ باقتىم (ساھەلەردە ئىشلىتىشكە بولمىسۇ) ،ئۇچۇر سۈرۈشتە قلىش تور بېتى ، ئاددى خەۋەر تور بەت سېستىمسىنى تۈزۇپ باقتىم . ھازىرمۇ يەنىلا ئۆگىنىش باسقۇچىدا بولساممۇ ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆزەمنىڭ چۇشەنچسى بويىچە توردىن چۇشۈرگەن ASP.NET+2.0动态网站开发教程 دىگەن ماتىريال ، fif گورۇپپىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكىگە ئاسەن يىزىپ چىققان بۇ ئۆگىنىش خاتىرسىنى مۇشۇ ساھەدە يېڭىدىن ئىزدىنىۋاتقان تورداشلارغا ئازراق بولسىمۇ نەپ بېرەلىسە دىگەن ئۈمۈتتە تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچىمەن . ئەلۋەتتە سەۋىيەمنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن يازمامدا خاتالىقلار بولىشى تەبئى ،يەنە كېلىپ بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى ئويغۇرچىدا قانداق ئاتاش مەسىلسدىمۇ خاتالىقلار بولىشى مۇمكىن ، ئۇستازلارنىڭ  خاتالىقلارنى كۆرىسىتىپ بېرىپ ياردەم قىلىشىنى سەمىمى ئۈمۈد قىلىمەن .

                                                                                                              ھۆرمەت بىلەن :تەۋەككۇل

1. باپ .NET رامكىسى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
ئېنتېرنېت تورىنىڭ كىشىلەر تۇرمىشىغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ تىز سۈرئەتتە كېڭىيشىگە ئەگىشىپ ئېنتېرنېت تورىنىڭ ئىقتىدارى پەقەت ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ئۇچۇر توپلاش بولۇپلا قالماستىن ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ، تور بانكىسى ، ئېلىكتىرۇنلۇق مەمۇريەت ، ئېلىكترونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردە  مۇلازىمەت قىلماقتا . بۇ خىل خىزمەتلەردە كۆپ مىقداردا سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قلىىش ، ھېسابلاش جەريانىدا ئابونت ۋە مۇلازىمەتچى ئوتتۇرسىدا مۇرەككەپ بولغان ئالاقە ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئەمىلياتتە بۇ خىل مۇلازىمەت ئاللىقاچان بىرخىل كۆپ قاتلاملىق تارقالما شەكىلدىكى قوللانما سېستىمىسى بولۇپ  شەكىللەندۈرلۈپ بولىندى .

تور بېكىتى بولسا  زىيارەت قىلغۇچ ياكى باشقا ئېلېكترونلىق ئۈسكۈنلەرنى ئابونت تەرەپ قىلغان قوللانما پروگراممىدىن ئىبارەت .تور يوقارقىدەك مۇرەككەپ ئېھىتىياجغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بولغاچقا ، تور بېكەت بىلەن ئۈستەل يۈزى قوللانما سېستىمىلىرى ئوتتۇرسىدا چوڭ پەرق بولىدۇ . شۇڭلاشقا تور بېكىتى لاھىيلەش نۆۋەتتىكى پروگرامما لاھىيلەش ساھەسىكى ئىنتايىن مۇھىم تۈر ھېسابلىنىدۇ .

ASP.NET2.0 بولسا مىكروسوفت شىركىتى 2005- يىلى يىل ئاخىردا تارقاتقان يېڭى بىر ئەۋلات كارخانا دەرىجىلىك قوللانما سۇپىسىدۇر . ئەلۋەتتە ASP.NET2.0 بولسا ASP.NET1.1 تەرەققياتى ، بىراق كۆپ تەرەپتە ھەل قىلغۇچ ئىقتىدارلار قۇشۇلغان . تۆۋەندە بىز تور بېكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ باقايلى .

1.1 تور بېكىتىنىڭ قىسقىچە تەرەققىيات تارىخى
1.1.1 تىنىچ تور بېتى تېخنىكىسىنى ھەركەتچان تور بەت تېخنىكىسىغىچە
دەسلەپكى Web مۇلازمېترى يوللاپ بېرىدىغىنى پەقەت تىنىچ ھالەتتىكى تور بەتتىن ئىبارەت بولۇپ ، تور بېتى يىزىق ۋە سۆرەتنى كۆرسىتەلىسىمۇ بىراق بەت لاھىيەسىنى ئوزگەرتىش ئىنتايىن قىيىن ئىدى ، تور يۈزىدە بەت مەزمۇنىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايتى . تىنىچ ھالەتتىكى تور بەتنى زىيارەت قىلىش جەريانى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ .

(1) ئابونت تەرەپ Web مۇلازېمېترنىڭ URL غا بەت ئىلتىماسىنى يوللايدۇ .
(2) مۇلازېمېتر ئابونت تەرەپكە ئىلتىماس قىلغان بەتنى قايتۇردۇ .
(3) ئابونت تەرەپ مۇلازېمېتر يوللىغان بەتنى قۇبۇل قىلىپ زىيارەت قىلغۈچتا كۆرسىتىدۇ .
(4) ئابونت ۋە مۇلازېمېتر ئوتتۇرسىدىكى ئالاقە ئۈزۈلىدۇ .
پۈتۈن جەريان مۇشۇنداق ئاددى بولىدۇ ، ئابونت تەرەپ بەتنى قۇبۇل قىلىپ زىيارەت قىلغۇچتا كۆرسىتىپ پۈتۈن جەريان ئاخىرلىشىدۇ . تىنچ  ھەلەتتىكى توربېكىتىنى لاھىيلەش ۋە تارقىتىش نىسبەتەن ئاددى بولىدۇ . بۇ خىل لاھىيە ئەمىليەتتە شۇۋاقىتقا نىسبەتەن يىتەرلىك ئىدى . چۇنكى دەسلەپكى مەزگىللەردە تور بېكىتىنى ئاساسەن بىر قىسىم پەن تېخنىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارلا پەن تېخنىكىغا ئائىت مەزمۇنلارنى ئالماشتۇرۇشقىلا ئىشلىتەتتى .

ئېنتېرنېتنىڭ ئىشلىتىش ساھەسىنىڭ كېڭىيشىگە ئەگىشىپ ئابونت سانىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىپ ماڭدى . ئۆز نۆۋىتىدە ئوخشىمىغان ئابونتلار ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجلارنى ئوتتۇرغا قويۇشقا باشلىدى . مەسلەن : بىر قىسىم ئابونتلار تور بېتى ئارقىلىق بانكىدىكى ھېساباتىنى ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلىشتى . بۇخىل ئارزۇنى قانائەتلەندۇرۇش ئۈچۈن مۇلازېمېتر تەرەپ ئالدى بىلەن ئابونتنىڭ ھېساباتىنى ئىزدەپ تېپىپ زۈرۈ بولغان ھېسابلاش ۋە سېستاتىستىكا قىلىپ ئاندىن ئۇچۇرنى ئابونت تەرەپكە ئىنكاس قىلىدۇ . دېمەك مۇلازېمېتر ئابونتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر يۈرۈش مۇناسىۋەتلىك پروگراممىنى ئىجرا قىلىدۇ . بۇ بۆلۈك پروگرامما پەقەت ئابونت تەرپ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپلا قالماستىن يانا ئابونت تەرەپنىڭ ئۇچۇر بېخەتەرلىكىگە ، باشقىلارنىڭ كۆرىۋېلىشىنىڭ ۋە بۇزغىنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ .

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تور بەت مەزمۇنىنى چىقىرىپ بېرىشتە پروگرامما ئىجرا قىلىپ نەتىجىنى چىقىرىپ بېرىدىغان تور بېتى ھەركەتچان تور بېتى دەپ ئاتىلىدۇ . ھەركەتچان تور بەتنى زىيارەت قىلىش جەريانى مۇندان بولىدۇ .

(1) ئابونت تەرەپ Web مۇلازېمېترنىڭ URL غا بەت ئىلتىماسىنى يوللايدۇ .
(2) مۇلازېمېتر تەرەپ ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تور بەت پروگرامىسىنى بىر تەرەپ قلىدۇ .
(3) بىر تەرپ قىلىنغان پروگرامما نەتىجىسىنى HTML كودىغا ئايلاندۇرۇپ ئابونت تەەپكە يوللىنىدۇ .
(4) ئابونت تەرەپ يوللانغا بەتنى قۇبۇل قلىپ زىيارەت قىلغۇچتا بەت مەزمۇننى كۆرسىتىدۇ .
(5) مۇلازېمېتېر ئابونت تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ ، باشقا ئابونتقا يۈزلىنىپ يېڭى يېڭى بىر مۇلازىمەت قىلىدۇ .
تىنچ تور بەتكە سېلىشتۇرغاندا ھەركەتچان تور بەت بىر پروگرامما بىر تەرەپ قىلش جەريانىلا ئارتۇق بولىدۇ .  پروگراممىنى مەيلى قانداق ئۇسۇلدا بىر تەەپ قىلسۇن ئوخشىمىغان دەۋىردە ئوخشاش بولمىغان تېخنىكا قوللىنىلغان . ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك 3 باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ  .

1.1.2 ھەركەتچان تور بەت تەرەققىياتىدىكى بىرقانچە جەريان
1. CGI جەريانى
CGI ئېنگىلىزچە Common Gateway Interface دىگەن سوزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولىپ  مۇلازىمېتېرنىڭ بىرخىل ئورتاق ئۇلىنىش ئېغىزىغا ۋەكىللىك قىلدۇ . ھەرقېتىم مۇلازېمېتر ئابونت تەرەپنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن بۇ ئېغىزدىن پايدىلنىپ سرتقى پروگراممىنى قوزغىتىپ ھېسابلاش،بىرتەرەپ قىلىش ۋە سانداننى زىيارەت قلىش  ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كىيىن نەتىجىنى Web  مۇلازېمېترغا قايتۇردۇ. مۇلازېمېتر بەت مەزمۇنىنى  قايتا زىيارەت قىلغۇچقا يوللاپ بېرىدۇ .سىرتقى قوللانما پروگرامما c, c++ pascal,Jawa  ياكى باشقا پروگرامما تىلىدىن  پايدىلنىپ يېزىلغان پروگراممىدۇر . پروگرامما مۇستەقىل بولغان ئادرېس بوشلىقىدا ئىجرا بولىدۇ .

كىيىن "ISAPI" ۋە "NSAPI" تېخنىكىسى مەيدانغا كەلدى ، بۇلارنىڭ ئىقتىدارى CGI بىلەن ئوخشاش ئىدى ، بىراق تېخنىكا جەھەتتە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ئىدى . سىرتقى قوللانما پروگرامما نىسپى ئولىنىش ھۆججىتى قىلىپ ئىشلىتىلىپ (DDL) ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى يوقۇرى كۆتىرىلدى . يوقارقى تېخنىكىلارنىڭ قايسى بىرسى بولمىسۇن ھەممىسىدە سىرتقى قوللانما پروگرامما يزىلدىغان بولغاچقا قىيىلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يوقىرى ئىدى .

1.قوليازما تىلى باسقۇچى
بۇ باسقۇچقا كەلگەندە كۆپخىل قوليازما تىلى مەيدانغا كەلدى . مەسلەن JSP , PHP , ASP . قوليازما تىلىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھەركەتچان تور بەت ياساشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى كۆپ دەرىجىدە ئاسانلۇشتىرۋەتتى .

بولۇپمۇ PHP , ASP نى ئۆگىنىش ئاسان ، ئىقتىدارى كۆچلۈك بولۇپ نۇرغۇن تور بېكىتى ئېچىشتا تاللاش ئوبىكتىغا ئايلىنپ قالدى .

2. ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن تېخنىكا باسقۇچى
ASP.NET ۋە Java(J2EE) تېخنىكى بۇ باسقۇچنىڭ ۋەكىللىرىدۇر . بۇ تىپ ۋە ئوبىكتتىن تەركىپ تاپقان پۈتۈنلەي ئوبىكتقا يۈزلەنگەن سېستىما بولۇپ چارە ۋە ھادىسىنى قوزغىتىش ئارقلىق ئىجرا قلىندۇ . بۇ خىل سېستىما يوقۇرى ئۈنۈملۈك ، ئىشەنچىلىك ۋە كېڭەيتىشچانلىقتىن ئىبارەت ئارتۇقچىلىققا ئىگە .

1.1.1 ASP نىڭ تېخنىكىلىق ئالاھىلدىلگى
1996- يىلى 11- ئايدا مىكروسوفت شىركىتى  ASP تېخنىكىسىنى مەيدانغا كەلتۈردى . ئۇنداق بولسا ASP تېخنىكىسى دىگەن نىمە ؟

ASP بولسا ئېنگىلىسچە  Active Server Page دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى . ASP تور بېتىنى زىيارەت قىلغاندا مۇلازېمېتىر ASP ھۆججىتىنى ئىجرا قلىپ ئاندىن مۇناسىپ  HTML   ھۆججىتىنى ھاسىل قلىپ ئاخىردا ئابونت تەرەپكە يوللاپ بېرىپ زىرەت قىلغۇچتا كۆرسىتىدۇ .

ASP دا ئورگىنال تىلىنى ئىشلىتىش بىرقەدەر ئاسان بولۇپ سېستىما يەنە بىرقانچە ئىچكى ئوبىكت بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ ، ئولارنى ئىشلىتىپ ھەركەتچان تور بەت قۇرۇش ئىنتايىن ئاسان بولغاچقا ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى .

بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر تور بېكەتكە تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ يوقۇرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشتى .بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تېخىمۇ يېڭى ئىقتىدارى يوقۇرى بولغان تېخنىكىنىڭ چىقىشىغا تۆرتكىلىك رول ئوينىدى .

1.1.2 يېڭى بىر ئەۋلاد ASP.NET تېخنىكىسى
21- ئەسىرگە كەلگەندە مىكروسوقت شىركىتى  .NET  تېخنىكىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ كىيىنكى بىر ئەۋلات ئىنتېرنېت سۇپىسغا ئاساس سالدى . بۇ كومپيوتېر ، كۆچمە ئالاقىلىشى ئابونتلىرىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن بەلكى يەن كەلگۈسىدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق ئۈسكىنىلەرنىمۇ (كىر ئالغۇ ،تېلۋېزور،توڭلاتقۇ ،بولكا ماشىنىسى ، قەھۋە ماشىنىسى ...) ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلاپ ھەرخىل مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ .

بۇ خىل ئىنتېرنېت سۇپىسىدا  1)كۈچلۈك بولغان ئۈتۈشۈش ۋە ھېسابلاش . 2)كۈچلۈك سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش . 3)تىز سۈئەتتە لاھىيلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش . 4)كۈچلۈك بولغان ئۇچۇر بېخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ  .

مۇشۇ خىل ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسىدە مىكروسوفت شىركىتى 2000- يىلى .NET رامكىسى ئاساسىدا ASP.NET1.0 نۇسخىسىنى ، 2002- يىلى ASP.NET1.1 نۇسخىسىنى ، 2005- يىلى ASP.NET2.0 نۇسخىسىنى ئوتتۇرغا چىقاردى .

ASP.NET تېخنىكىسى  ASP تېخنىكىسى ئاساسىدا تەرەققى قىلىپ مەيدانغا كەلگەن ، بىراق ئاددى ھالدىلا ASP تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسىنىڭ كۆتىرلىشى دەپ قاراشقا بولمايدۇ .   ASP.NET تېخنىكىسدا ASP تېخنىكىسىدىكى يىتەرسىزلىكلەر تۇلۇقلانغاندىن سىرت يانە نۇرغۇنلىغان يېڭى ئىقتىدارلار قۇشۇلغان .

ASP.NET بولسا .NET رامكىسى سۇپىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان پۈتۈنلەي ئوبىكتقا يۈزلەنگەن سېستىمىدىن ئىبارەت . ASP.NET بىلەن .NET رامكىسى سۇپىسىنىڭ زىچ بىرلەشتۈرلىشى  ASP.NET نىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىلدىلگىدۇر .

1.2 .NET رامكىسىنىڭ سېستىما قۇرۇلمىسى
.NET رامكىسىنىڭ سېستىما قۇرۇلمىسى  5 چوڭ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان :

1. پروگرامما لاھىيلەش تىلى ۋە ئورتاق تىل ئۆلچىمى (قېلىپى ) (CLS)
2. قوللانما پروگرامما سۇپىسى (ASP.NET ۋە Windows قوللانما فروگراممسى )
3. ADO.NET ۋە تىپ ئامبىرى
4. ئورتاق تىل ئىجرا مۇھىتى ئامبىرى(CLR)
5. پروگرامما ئېچىش مۇھىتى (Visual St.

5. پروگرامما ئېچىش مۇھىتى (Visual Studio.NET)
ئۇنىڭ قۇرۇلما رەسىمى تۆۋەندىكى رەسىم 1.2 دىكىدەك . بۇ ئاددىلاشتۇرۇپ رەسىم 1.3 دىكىدەك ئىپادىلەشكىمۇ بولۇدۇ .

تۆۋەندە .NET رامكىسى سۇپىسى ئىشلىتىدىغان تىل ۋە سۇپىنىڭ رولى ھەم ئالاقە كېلىشىمى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز .

1. .NET رامكىسى قوللايدىغان پروگرامما تىلى
.NET رامكىسىدا نۇرغۇنلىغان پروگرامما تىلىنى قوللايدۇ  ، بۇ .NET نىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىلدىلگىنىڭ بىرسى . .NET رامكىسىدىكى CLS بولسا ئەمىليەتتە بىر خىل تىل ئۆلچىمىدىن ئىبارەت . .NET رامكىسى كۆپ خىل تىلنى قوللىغانلىقتىن ،ئوخشاش بولمىغان تىل ئوبىكتلىرى ئوتتۇرسىدا ئۆز-ئارا ئۈتىشىش بولغاندا چۇقۇم ئورتاق بولغان ئۆلچەمگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك . ئورتاق تىل ئۆلچىمى (قېلىپى ) (CLS) ئوخشاش بولمىغان تىللارنىڭ ئورتاق ئۆلچىمىگە ئېنىقلىما بېرىدۇ . ئۇ سانلىق مەلۇمات تىپى ، تىل قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .

نۆۋەتتە .NET رامكىسى قوللايدىغان تىللاردىن C# .NET、VB .NET、J# .NET、Jscript .NET、 C++ .NET قاتارلىقلار بار . بۇ تىللارنىڭ ھەممىسى .NET رامكىسىدا ئىجرا بولىدىغان بولغاچقا ئىقتىدارى ئاسى جەھەتتىن ئوخشاش بۇلۇپ پەقەت گىراماتىكىسىدىلا پەرق بار . پروگرامما ئاچقۇچىلار ئوزى ياقتۇردىغان خالىغان تىلنى تاللاپ پروگرامما ئاچسا بولىدۇ .

2. تىپ ئامبىرى
.NET رامكىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى تىپ ئامبىرى بولۇپ ، ئۇ نەچچە مىڭلىغان تەكرا ئىشلىتىشكە بولىدىغان <<تىپ>>نى ئۆز- ئىچىگە ئالىدۇ . ھەرخىل پروگرامما ئېچىش تىللىرى <<تىپ ئامبىرى>>دىكى تىپلاردىن پايدىلنىپ ئەن-ئەنىۋى پروگرامما ۋە كۆرۈنمە يۈزلۈك (GUI) پروگرامما ئاچىدۇ .

.NET رامكىسىدىكى <<تىپ>>لار <<نام بوشلىقى >>(NameSpace)  ئارقلىق ھەرخىل لوگىكىلىق تۈرلەرگە ئايرىلىپ قاتلام بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، ھەر بىر <<نام بوشلىقى >> رولىغا ئاساسەن تۈرلەرگە بۈلۈنگەن مۇناسىۋەتلىك <<تىپ>>لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇخىل ئورۇنلاشتۇرۇش ناھايىتى چوڭ بولغان .NET <<تىپ>> لىرىنى چۇشۇنۇش ۋە ئىشلىتىشتە ئىنتايىن قولاي شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ .

مەسلەن :

بارلىق مىكروسوفت تەمىنلىگەن <<تىپ>>لار ھەممىسى  System ۋە Microsoft باشلانما <<نام بوشلىقى >> دا بولىدۇ .

تور كېلىشىمى ۋە پروگرامما ئۇلىنىش ئغىزىغا ئائت <<تىپ>>لار System.Net نام بوشلىقىدا بولىدۇ .

ھۆججەت I/O ، ئىچكى ساقلىغۇچ I/O ۋە مۇستەقىل ساقلاشقا ئائىت <<تىپ>>لار System.IO نام بوشلىقىدا بولىدۇ .

Windows قوللانما پروگرامملىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە ئائىت <<تىپ>>لار System.Windows.Forms نام بوشلىقىدا بولىدۇ .

تور مۇلازىمىتىگە ئائىت <<تىپ>>لار System.Web نام بوشلىقى ۋە تارماق نام بوشلىقىدا بولىدۇ .

3. ئورتاق تىل ئىجرا مۇھىتى ئامبىرى(CLR)

ئورتاق تىل ئىجرا مۇھىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، .NET رامكىسىنىڭ يادرولۇق بۆلىكى . ئۇ پروگرامما ئىجرا بولغان ۋاقىتتا ئىچكى ساقلىغۇچنى باشقۇرۇش ، ئەخلەت ئۇچۇرلارنى ئاپتۇماتىك يىغىۋېلىش ،قاتلاملىق باشقۇرۇش ۋە يىراقتىن بىر تەرەپ قلىش مۇلازىمىتى  ھەم باشقا سېستىما مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمنلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پروگراممىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىش ، بىخەتەرلىك تەكشۇرشى ئېلىپ بېرىش، سېستىمى ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەنى ئورۇنداپ ،پروگراممىنىڭ ئىشەنچىلىك ، توغرا ، بىخەتەر ئىجرا بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ . (1-مەزمۇن تامام)

RGB يوللانغان ۋاقتى 2008-9-20 13:18:31

ماڭا سەل مۇرەككەپتەك تۇيۇلدى .

SADAKAT0903 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-20 14:48:51

ماڭا سەل مۇرەككەپتەك تۇيۇلدى .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-9-22 06:49:05

ئىزدىنىشتا مۇشۇنداق تىمىلارنىڭ تازا قەدرى يوق ، لىكىن نىمىشقىكىن مەن تېمىلىرىمنى يەنىلا ئىزدىنىشقىلا يازغۇم كېلىدۇ .  بەلكىم ئىزدىنىشتا چۈشىنىدىغانلار كۆپ دەپ ئويلىسام كېرەك .

مەنمۇ ASP ۋە vbscript توغۇرلۇق تولۇق چۈشەنچە بېرىدىغان چوڭ تىپتىكى ماقالىدىن بىرنى تەييارلايمىكىن دەۋاتىمەن .  ئاللا خالىسا يېقىندا ئىش باشلايمەن ، بىزدە مۇشۇنداق تىپتىكى ماقالىلەر بولماسلىق بوشلۇقىنى تولدۇرماي بولمايدۇ !!!

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-15 06:44:23

داۋامىنى كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-9-15 07:45:32

مەن IIS تا .netFramwork 4 نىڭ كىچىك سىناقلىرىنى ئىجرا قىلىپ باقتىم، 4 كە تەڭشەيدىغان جايىنى سەل ئۇزۇندا تاپتىم.

تور بەتنى VS تا ياساش تېخىمۇ قولايدەك تۇيۇلدى.

بەت: [1]
: ASP.NET 2.0 دە ھەركەتچان توربەت ياساش دەرسلىگى (1-باپ)