سىزنىڭ يېشىڭىزنى تاپالايمەن .
1.ئاۋال 1بىلەن 7 ئارلىقىدىكى خالىغان بىر ساننى تاللاڭ.بۇ مۇشۇ ھەپتىدىكى سىز ياقتۇردىغان كۇن بولسۇن.
2.مۇشۇ ساننى 2گە كۆپەيتىڭ.
3.ئاندىن 5نى قۇشۇڭ
4.چىققان نەتىجىنى 50كە كۆپەيتىڭ
5.بۇ يىلقى تۇغۇلغان كۇنىڭىزنى ئۆتكۇزۇپ بولغان بولسىڭىز نەتىجىگە 1756نى قۇشۇڭ ،تۇغۇلغان كۇنىڭىز كەلمىگەن بولسا 1755نى قۇشۇڭ
6.نەتىجىدىن تۇغۇلغان يىلىڭىزنى ئېلىۋېتىڭ ،مەسلەن 1980-يىلى تۇغۇلغان بولسىڭىز 1980نى ئېلىڭ ،ئاندىن چىققان نەتىجىگە 2 نى قۇشۇڭ .
سىزنىڭ ھازىر ئېرىشكىنىڭىز 3خانىلىق بىر سان ، بۇ ساننىڭ ئالدىنقى بىر خانىسى سىز باشتا ئويلىغان سان ،قالغان ئىككى خانىسى سىزنىڭ يېشىڭىز .
بۇ ھەقىقەتەن قىزقارلىق. بۇنى مەنمۇ بىلىمەن.
بۇ سېھرىگەرگە يېشىڭلارنى تاپتۇرۇپ باقمامسىلەر، قېنى مەرھەمەت.
ئۇنداقتا مەن 1902 -يىلى 11-ئاينىڭ 2 -كۈنى تۇغۇلغان بولسامچۇ؟
ئىنىقكى كىيىنكى 3 خانىلىق بۇ سان 500 دىن يۇقۇرى شۇڭا چىققان ساندىن 500 نى ئېلىۋەتسەك ئاندىن يىشىمىز چىقىدىكەن.يەنى ئەگەر تۇغۇلغان كۈنىمىز كەلمىگەن بولسا 2507 دىن تۇغۇلغان يىلىمىزنى ئېلىۋەتسەك چىققان ساندىن 500 نى ئېلىۋەتسەك ياش سانىمىز چىقىدۇ،ئەگەر تۇغۇلغان كۈنىمىز ئۆتۈپ كەتكەن بولسا 2508 دىن تۇغۇلغان يىل سانىمىزنى ئېلىۋىتىپ ئاندىن چىققان قىممەتتىن 500 نى ئېلىۋەتسەكلا بولىدىكەنغۇ.


مۈشۈكىڭىز بىر ساننى كۆڭلىگە پۈكۈپ تۇغۇلغان يىلىنى ماڭا دەپ بەرسە مەن ھىساپلاپ بېرەي
قىزلارنى خۇشال قىلىدىغان سىناقكەن بۇ
مېنىڭ يېشىم 4 ياش كىچىك چىقتى
1.تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى يىل ، ئاي، كۈن بويىچە دەپ بېرىڭ.2. ئاندىن بۇگۈنكى يىل ، ئاي، كۈندىن تۇغۇلغان ۋاقتىڭىزدىكى يىل ئاي، كۈننى ئېلىۋېتىڭىڭ. 3. ئاندىن چىققان ساننى ئوقۇڭ ، بۇ سىزنىڭ يېشىڭىز . قانداق؟ توغرا چىققاندۇ؟

خاتا چىقتى.
مېنىڭ توغرا چىقىپتۇ. خاتا چىقمايدىغۇ دەيمەن .ئوبدان ھىساپلاپ بېقىڭلار
بۇ خىل ھىساپلاشنىڭ سىرى :
بىز ئويلىغان ساننى نامالۇم سان χدىسەك، تۇغۇلغان يىلنىY يۇقارقى باياننى مۇنداق ئىپادىلەشكە بۇلىدۇ.
2x+5)×50+1756-Y+2=100X+2008-Y
ماتىماتىكىلىق ئالداش ، بۇنداق مەسىلىلەر بەك كۆپ .
يەنە بىرى باتتى ، كۆڭلىدىكى ساننى تاپىدىغان .