Gulruh2 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-8 12:39:05

ئايال - مەن سېنى چاقىردىم !

ئايال ...  مەن سېنى چاقىردىم  !


گۈلپىيە  زەيدىن  



دۇنيانىڭ  شاۋقۇن  - سۆرەنلىرى  بەزىلەرنىڭ  قۇلىقىنى  گاس  قىلسا  بەزىلەرنىڭ  قەلبىنى  گاس قىلىدۇ .  قۇلىقىم  گاس  بولغاندىن  بۇيان  مەن  قەلبىمگە  قۇلاق سالىدىغان  بولۇپ  قالدىم  .  قەلبىم  مېنى چاقىردى  .
ئايال  !  ئېھ  سۈيۈملۈك  ئايال  !  مەن  سېنى  پاك  قەلبىم  بىلەن  قەلبىڭنى  چاقىرىمەن  سەمىمىيىتىم  بىلەن  سەمىمىيلىكىڭنى چاقىرىمەن  .  سەن مېنىڭ  چاقىرىقىمغا  چىن  دىلىڭدىن    ھە !  دەپ  سادا  قايتۇرغىن ،  سېنىڭدىن  تىلەي  !
ئايال -مەن  سېنى  چاقىردىم  !
ئەڭ  ئاۋال  سېنى  پاك  بولۇشقا  ،  تېنىڭنى  ھەم  روھىڭنى پاك  بولۇشقا  چاقىردىم  .  سېنى  ئاشۇ  پاكلىقى  بىلەن  پاكىز  ھەم  تۇزانسىز  سۆيگۈگە  ئىنتىلسۇن  ،  ئاشۇ  پاكلىقى  بىلەن  باشقىلارنىمۇ  بەخىتلىك  قىلسۇن  ،  پاك  زىمىنلارنى  ھازىرلىسۇن  دەپ  .
ئايال -ھەي  گۈزەل  ئايال  !
بۇ  قېتىم سېنى  غورۇرلۇق  بولۇشقا  ، كۈچلۈك  بولۇشقا  چاقىردىم  .  سېنى  ئۆز  ھاياتىدا  غورۇرنى مۇقەددەس  بىلىپ  ،  ئەشۈ  مۇقەددەس  ،  ئولۇغ  غۇرۇرنى  قەلبىگە  يىقىلماس  يۆلەك  قىلىپ  ياشىسۇن  ،  باشقىلارغا  يۆلىنىپ ياكى  يېلىنىپ  ئۆتۈپ  كەتمىسۇن ،  ئۆز  قەدىر  - قىممىتىنى  بىلسۇن  ،  دەپ  نۆۋىتى  كەلگەندە  سېنى  مۇستەققىل  ياشىيالايدىغان كۈچلۈكلەردىن  بولسۇن  دەپ  .
ھەي  ئانىلارنىڭ  ئانىسى  ئولۇغ  -  ئايال  !  سېنىڭ  گۈزەل بولۇشۇڭ  ،  غورۇرلۇق  ،  چىداملىق  بولۇشۇڭ  ئۆزۈڭ  ئۈچۈندۇر  ، ئۆزۈڭنى  سۆيگەنلىكىڭ  ئۈچۈندۇر  .
باشقىلارغا  قېيداش  ۋە  ئۆچ  ئېلىش  ئۈچۈن  ئۆز  ئەھدىڭنى  بۇزۇپ ،  كىچىك ئىشلار  سەۋەبى بىلەن  دىلىڭنىڭ  چىرىغىنى ئكچۈرمىگەيسەن  .
جېنىم ئايال  ،  مەن سېنى چاقىردىم  .  بۇ  قېتىم  سېنى  ئايال  بولۇشقا  چاقىردىم  .  سېنى  تۇرمۇشقا  ئەقىدە  قىلسۇن  ، ئۆزىنى  بېغىشلاش  بەدىلىگە  ئۆزىنى  ھەم  ھەمراھىنى بەخىتلىك  قىلسۇن دەپ  ،  گۈزەللىك  ئىچىدىن گۈزەللىك  ياراتسۇن  ،  ئاياللىق  نازاكىتىنى چاقناتسۇن  دەپ   ،   سېنى  ئۆز قۇدرىتى بىلەن  بەخىتلىك  ئائىلە  ياراتسۇن  دەپ ،  ھەمراھىغا  جاسارەت  ئاتا  قىلسۇن  دەپ  ،  ئۇنىڭ  خىسلىتىنى  ئەلگە  تۇنۇتسۇن  دەپ  ،  ئۆزىنىڭ  قۇدرىتىنى  سەل چاغلىمىسۇن  دەپ  ..........
قەدىرلىك  ئايال  بۇ  قېتىم مەن سېنى  گۈزەللىك  يارىتىشقا  چاقىردىم  .  ئانا  بولۇشقا  چاقىردىم  .  سېنى تەن  بىلەن  تەن  ياراتسۇن  ،  روھ  بىلەن  روھ  ياراتسۇن  دەپ  ،  ۋۇجۇدىدا  تەۋرىنىۋاتقان  ئەشۈ  يېڭى جانلىق  ئۈچۈن ،  قەلبىڭدە  كۈمۈلۈپ ياتقان مۇھەببەتنى  ئويغاتسۇن  دەپ  ،  ھەم  مۇھەببەتنى  زىمىنغا  يۇلتۇزدەك  چاچسۇن دەپ  ..................
سېنى  ئانىلارنى چۈشەنسۇن  دەپ  ،  ئۆزىنى  چۈشەنسۇن  دەپ  ،  سېنى  ئۆزۈڭدىنمۇ  يۈكسەك  بولغان يېڭىچە  ئارزۇ  -  ئارممانلارغا  ئەمەس  يەنە  دەرمانلارغىمۇ  يەتسۇن  دەپ  ،   ئىلىمگە  بارلىقى  بىلەن  ئىنتىلىدىغان  ، ئۆزىگە  خاس  پىكىر قىلالايدىغان  بالىلارنى  تەربىيلىسۇن  ،  سېنى  يەنە  پۈتكۈل  كىشىلەرگە  ئانا  بولالىغىدەك  پەزىلەتنى  ياراتسۇن  دەپ  .............
ئايال  مەن  سېنى  ھۆرمەت  بىلەن  چاقىردىم  . مۇھەببەت  بىلەن  چاقىردىم  .  سېنىڭ  گۈل  بەرگىدەك نازۇك قەلبىڭنى چاقىردىم  . سېنى  ئانا  ،  ئايال   دەپ  تۇرۇپ  چاقىردىم  .  سېنى  تىلىم  سىغدۇرالىغانكى  گۈزەل  سۈپەتلەر  بىلەن  بەخىتلىك  بولۇشقا  چاقىردىم  .  
تەبىئەتنىڭ  ساڭا  گۈزەللىك  ئاتا  قىلغان  قوللىرىغا  سۆيىمەن  . شۇ گۈزەللىكنى  پەرزەنتىمگە  ئەسلىسى  بىلەن يەتكۈزگەن  ئەزىزانە  قوللىرىڭغا  سۆيىمەن  !

مەنبە  :  كىرورەن  ژورنىلىدىن  

xatlik يوللانغان ۋاقتى 2008-9-8 14:04:41

ئايال -مەن  سېنى  چاقىردىم  !
ئەڭ  ئاۋال  سېنى  پاك  بولۇشقا  ،  تېنىڭنى  ھەم  روھىڭنى پاك  بولۇشقا  چاقىردىم  .  سېنى  ئاشۇ  پاكلىقى  بىلەن  پاكىز  ھەم  تۇزانسىز  سۆيگۈگە  ئىنتىلسۇن  ،  ئاشۇ  پاكلىقى  بىلەن  باشقىلارنىمۇ  بەخىتلىك  قىلسۇن  ،  پاك  زىمىنلارنى  ھازىرلىسۇن  دەپ

مۇشۇ گەپلەرنى ھەر بىر ئايال ئوزى ئۇچۇن قىبلىنامە قىلغان بولسا ،بۇ دۇنيا تېخىمۇ گۇزەل بۇلۇپ كەتكەن بۇلاتتى .

ھارمىغايسىز

Aytel يوللانغان ۋاقتى 2008-9-9 09:56:21

-----------------------

baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2008-9-9 15:09:58

سەمىمىيىتىم بىلەن < ھە ....!!!!! > دەپ جاۋاپ قايتۇرىمەن ...............

mawsuma يوللانغان ۋاقتى 2008-9-10 06:08:33

<<ھە >>دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلىمەكتە مەن.
بەت: [1]
: ئايال - مەن سېنى چاقىردىم !