Comeon يوللانغان ۋاقتى 2008-9-8 02:25:29

توردىن مال سېتىۋېلىش ھەققىدە ئاساسى چۈشەنچە

توردىن مال سېتىۋېلىش دېگەن گەپمۇ كۆپچىلىككە ناتونۇش بولمىسا كېرەك.زامانىۋىلاشقان بۇ خىل سودا ئۇسۇلى ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن ئەۋزەللىككە ئىگە.ھەر قايسى ساھە تىجارەتچىلىرىنىڭ تور دۇنياسىدىمۇ ئومۇمى يۈزلۈك رىقابەتكە چۈشىشى،بۇ خىل تىجارەت ۋاستىسىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بارماقتا.سىزمۇ بۇ توردۇنياسىدىكى سودا بازىرىغا نەزەر تاشلاپ بېقىڭ...

توردىن مال سېتىۋېلىشنىڭ ئالاھىدە تەرەپلىرى قايسىلار؟

1.ئەڭ كەڭرى بولغان مەھسۇلات بازىسىغا ئىگە.
ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان رايوندا يوق بولغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالالايسىز.سۈپەت،سان،نۇسخا جەھەتلەردە ئەڭ يۇقىرى تاللاش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولىسىز.


2.ۋاقىت ۋە ئىقتىسادنى تېجەيسىز
بازار ئايلىنىپ مال تاللاشقا قارىغاندا كۆپ ئاسان.توربەتتىن ناخشا ئىزدىگەندەك <ئىزدەش>سىتونىغا سىزگە لازىملىق مالنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزسىڭىزلا يېتەرلىك ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيسىز.توردىكى ماللار بىر قەدەر ئەرزان،ھەتتا ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى باھادىمۇ سېتىلىدۇ.

توردا سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتلار ئىشەنچىلىكمۇ؟

تور دۇنياسىمۇ ئوغرى-يالغاندىن مۇستەسنا ئەمەس.بىراق ئىنتايىن ئاز ساندا.تور سودىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشى بىلەن ئالدامچىلارنىڭ يوللىرىمۇ توسۇلۇپ قالماقتا.شۇڭا مال سېتىۋالغاندا ئىشەنچىلىك دەرىجىسى يۇقىرى ساتقۇچىدىن مال سېتىۋېلىش كېرەك. پەقەت سېتىۋالغۇچى رازى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ساتقۇچىغا ئىشەنچىلىك دەرىجىسى قوشىلىدۇ،باشقا ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن قوشىۋالغىلى بولمايدۇ.شۇڭا،دەرىجىسى يۇقىرى ساتقۇچى ئىشەنچىلىك بولىدۇ.

توردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى،نۇسقىسى،ئىقتىدارىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟

توردا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ رەسىمى،ئىقتىدارى،ساتقۇچىنىڭ كاپالەتنامىسى قاتارلىقلار شۇ مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرلىشىگە يېزىقلىق بولىدۇ.ئىشەنچىلىك دەرىجىسى يۇقىرى ساتقۇچىلار،مەھسۇلاتىنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئەينەن يازىدۇ.
(ئۈلگە؛  http://359768173.paipai.com   ئىزدىنىشتىن Comeonنىڭ تور دۇكىنى)

توردىن مال سېتىۋالغاندا قانداق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك؟
تور بانكا مۇلازىمىتى بېجىرىلگەن بولىشى ۋە ھەرقايسى سودا بېكەتلىرىگە ئەزا بولغان بولىشى كېرەك. توردىن سېتىۋالىدىغان مالنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن تور بانكا ئارقىلىق پۇل تۆلىنىدۇ.بۇ پۇل بىۋاستە ساتقۇچىنىڭ قولىغا تەگمەستىن بەلكى سودا بېكەتلىرى تەرىپىدىن مۇزلىتىپ تۇرىلىدۇ. سېتىۋالغۇچى مالنى تاپشۇرىۋېلىپ رازى بولغاندىن كېيىن ئاندىن قارشى تەرەپكە پۇل تۆلەشكە قوشۇلسا بولىدۇ.ئەگەر مەسىلە كۆرۈلسە سېتىۋالغۇچى،ساتقۇچى ۋە سودا بېكەت ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ.ئەگەر ساتقۇچى تونۇش ئادەم ياكى ئىشەنچىلىك ئادەم بولسا پۇلنى بىۋاستە ساتقۇچىنىڭ ھېساباتىغا ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ.

توردىن مال سېتىۋالغاندا قانچە كۈندە تاپشۇرۇپ ئالغىلى بولىدۇ؟

سودا بېكەتلىرى قوللىنىدىغان پوچتا يوللانمىسى ئادەتتە ئۈچ خىل بولىدۇ.قايسى خىلنى ئىشلىتىشنى سېتىۋالغۇچى ئۆزى بەلگىلەيدۇ،پوچتا ھەققىنى قايسى تەرەپ تۆلەيدىغانلىقىنى ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىدۇ.
1.ئادەتتىكى يوللانما؛ادەتتىكى يوللانمىنىڭ ئەۋەتىش سۈرئىتى مۇقىمسىز بولۇپ،بىر قەدەر ئاستا.دۆلەت ئىچىدە بەك كېچىكسە 15كۈن ئىچىدە تاپشۇرۋالغىلى بولىدۇ.
2.تېز يوللانما؛بىر قەدەر تېز.5كۈندىن 10كۈنگىچە تاپشۇرۋالغىلى بولىدۇ.
3.EMS;بىر قەدەر كۆپ قوللىنىدىغان پوچتا يوللانما ئۇسۇلى.پوچتا ھەققى ئالدىنقى ئىككىسىگە قارىغاندا 5~10يۈەن پەرىق قىلىدۇ.2كۈندىن 7كۈنگىچە تاپشۇرىۋالغىلى بولىدۇ.emsشىركىتىنىڭ تور بېتىگە كىرىپ،مالنىڭ سېلىنغان ۋاقتى،ھازىر قەيەرگە كەلگەنلىكى دېگەندەك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

سىناپ بېقىڭ،سىزمۇ قىلالايسىز!تەۋسىيلىك تور دۇكىنى ؛   http://359768173.paipai.com   ئىزدىنىشتىن Comeon نىڭ تور دۇكىنى. سۈپەت جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردىكى سېفىرلىق مەھسۇلاتلار سېلىنغان.ئىزدىنىشنىڭ ئىستىمالچىلىرىنى يۇقىرى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.ھەرقايسى ساھە تىجارەتچىلىرىنىڭ توردىكى ۋاكالەتچىلىكى قوبۇل قىلىنىدۇ.

سودا چ چ ؛ 359768173
پاراڭ چ چ؛ 289777404

<گۇاڭگاۋ>قىلىۋالدىم ھە...، سۈزۈك،نالەن...ماۋۇ چ چ سىمنى قوشىۋالساڭلار خانىم قىزلار مەھسۇلاتى توغۇرلۇق مەسلىھەت سالىدىغان ئىش بار ئىدى ...

bujahan يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 16:03:09

ئۈرنى: كۇرلا  بۈگۈربازرى باغ بۇيى كەنىت1_گورپا

ئۇي ئۈرنى:314دولەت تاش يولى بويداكۇلمى 1.5مو

باھا ىسى يۇزتۇرانە سۇزلىشىمىز

تىلفون:13139722576

چ چ:645805915

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-9-8 16:54:23

بىرەر-قۇر بىلىپمۇ قالغاندۇ باللا...

پۇل تىجەيدىغان ياخشى ئامال

muhtar يوللانغان ۋاقتى 2008-9-8 20:54:23

توغرا دەيدۇ !توردا مال سىتىۋالسا كىشىلەرگە ناھايىتى قۇلايلىق ئىلىپ كىلىدۇ.......

باشقىلارمۇ توردا مال سىتىۋىلىپ سىناپ باقسا بولىدىكەن جۇما..........

uygur0998 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-9 14:07:01

زىيان بولدىغان ئىشنى ھىچكىم قىلماس .....

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 22:51:07

مىنىڭچە توردىن مال سېتىۋالغاندا ئامال بار ئادەتتىكى تىز يوللانمىنى تاللاش كىرەك،تىز يوللانما ئارقىلىق يوللىغىلى بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئاندىن EMS نى تاللاش كىرەك

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-16 09:30:38

بۇ تور دۇكىنى taobao دىنمۇ ئىشەنچلىكمۇ؟

Berdem يوللانغان ۋاقتى 2008-12-16 15:35:19

ئەڭ ياخشىسى توردىن ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى بولۇپمۇ يانفۇن دىگەندەك تاۋارلارنى سىتىۋالمايلى جۇمۇ ، مەن جىق ئىلىپ ، نۇرغۇن قىتىم بوش قويۇلمۇدۇم، دەماللىققا ھىچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگىنى بىلەن نەچچە ئاي ئۆتمەيلا ھىلى ئۇ يەردىن ، ھىلى بۇ يەردىن مەسىلە چىقىۋاتقان ، ئۇنى قايتۇرۋىتىپ  ئالماشتۇرۇشنىڭ ياكى رىمۇنت قىلدۇرۇشنىڭ بىر ئاۋارچىلىقى . شۇڭا سىز سىتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلات بازار باھاسىدىن بەك تۈۋەن بولمىسىلا ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ھورۇنلوق قىلماي بازارغا بېرىپ ئۆزىڭىز ئۆرۈپ - چۈرۈپ ئوبدان كۆرۈپ نەق مەيداندا سىتىۋالغانغا يەتمەيدۇ . بازار ئايلىنىپ سودا قىلىشمۇ بىر كۆڭۈللۈك ئىش.

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-16 17:05:37

مەن تاۋباۋدىن ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى سېتىۋېلىپ سىناپ باقتىم... يېقىندا ئامازوننىمۇ كۆردۈم ۋە ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم. سەۋەبى: تاۋباۋدا ئەسلى زاۋۇتنىڭ ماللىرىنى تاپماق تەس، مەن ئالدىنقى قېتىم نوكىئا ئېن 82 نىڭ باتارىيىسىدىن بىر تال ئالغان... مۇنداقلا قارىماققا ئەسلى زاۋۇت مېلى ئەمما باھاسى خېلىلا ئەرزان. مەن سېتىۋالغان باتارىيە 104 يۈەن. ئەسلى زاۋۇت مېلى دېيىلگەنىدى. كەلگەندە قارىسام ئوخشىتىپ ياسالغان ئادەتتىكى باتارىيەكەن. N82 نىڭ ئەسلى زاۋۇت باتارىيىسى 300 سومدىن يۇقىرى ئىدى (نوكىئانىڭ مەخسۇس تور دوكىنىدا 338 يۈۋەن) خۇڭجىڭ خەۋەرلىشىشنىڭ دۇكانلىرىدا 380 يۈۋەندىن (تازا تالاشسىڭىز) ئالغىلى بولاتتى.

بۈگۈن ئامازوننى ئارىلاپ يۈرۈپ N82 نىڭ ئەسلى زاۋۇت باتارىيىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بازار باھاسى 388 يۈۋەن، ئامازوندىكى ئالاھىدە باھا 254 يۈۋەن دېيىلگەنىدى. بىردەم ئىككىلىنىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن \"يا تەۋەككەل\" دەپ سېتىۋالدىم (بىر نەچچە كۈن ئىچىدە قولۇمغا تېگىشى مۇمكىن. ھەقىقىي زاۋۇت باتارىيىسىمۇ ئەمەسمۇ كەلگەندە بىلىمىز). تاۋباۋدىن مال سېتىۋالغاندا 支付宝  دىن پۇل تۆلەيتتۇق (ياكى شۇنىڭدىن پۇل تۆلەشنى قوللايتتى) بۇنىڭدا ئالدىنىپ قېلىش ئېھتىمالى ئىنتايىن تۆۋەن بولاتتى. ئەمما Amazon بولسا 支付宝 دىن پۇل تۆلەشنى قوللىمايدىكەن. بىۋاسىتە بانكا كارتىسىدىن يۆتكەشكە توغرا كېلىدىكەن... amazon دىن مال سېتىۋېلىپ باققانلار بولسا تەسىرات ۋە چۈشەنچەڭلارنى ئوتتۇرىغا قويساڭلار. بىلمىگەنلەر بىلىۋالساق ۋە بىلىدىغانلىرىمىزنى ئورتاقلاشساق.

بىزگە نىسبەتەن تاۋباۋ ئىشەنچلىكمۇ ياكى ئامازونمۇ؟ (بۇ يەردە  مالنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئىشلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ)

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2008-12-18 20:22:09

بۇنىمۇ چۈشىنىپ قويغۇلۇق ... مەن توردىن نەرسە سېتىۋېلىپ زىيان تارتىپ باقمىدىم... پايدام كۆپ ... مېنىڭ دۇكىنىمنىڭ پىرىنسىپى ؛  ياخشى خېرىدارنى زىيان تارتقۇزماسلىق (ئۆزۈم زىيان تارتساممۇ)  شەرتسىز مال قايتۇرۇش، تېگىشىش ،..جىق مۇلازىمەت بارتى.ئاكامغا تاشلاپ بەرسەم قارىمىغان ئوخشايدۇ... ماللار جاھازىدىن چۈشۈپ بوپتۇ... كورىيەنىڭ بىر سومكا شىركىتى، جۇڭگونىڭ 清华紫光  شىركىتى توردىن ۋاكالەتچى بولۇپ بەر دېگەن ... مۇئاشىمۇ يۇقىرى،تەلىپىمۇ يۇقىرىكەن ... ئىزدىنىشقا مەسلىھەت سېلىپ بىر ئىش قىلغۇچە ماۋۇ ئەمەلىيەتتىكى دۇكان جانلىنىپ كېتىپ قېلىپ شۇنىڭغا چۈشۈپ كەتتىم ... توردا تۇرۇش پۇرسىتى كۆپ، خەنزۇچىغا پىششىق تورداشلار، توردىكى ۋاكالەتچىلىككە قىزىقىدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار ياردەم قىلىمەن.

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2008-12-19 00:14:50

ماڭا ياردەم قىلىڭچۇ ئەمىسە

مىنىڭ تاۋباۋدا ھىساۋىممۇ بار، مال ئالغان قېتىم سانىم20دىن ئاشىدۇ،ئىشەنچلىك دەرىجەم100%

چ چ  547601414

izdinix1003 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-30 14:18:26

توردا  مال  سېتىۋېلىشنىڭ  تەپسىلى  باسقۇچلىرى  قانداق بولىدۇ . مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار ؟  ياكى  بۇ ھەقتىكى مەزمۇن  قايسى مۇنبەردە بار ؟  دەپ بەرگەن بولساڭلار .
بەت: [1]
: توردىن مال سېتىۋېلىش ھەققىدە ئاساسى چۈشەنچە