Algha يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 15:21:40

مەكتەپ تەشۋىقاتى

    شىنجاڭ ئۇلتاش مەكتىپى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مۇنتىزىم باشقۇرۇلىدىغان سىنىپلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىنگلىز  تىلى،روس تىلى ۋە خەنزۇ تىلى،كومپيۇتېر قاتارلىق سىنىپلارغا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.بۇ سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىر تۇتاش ياتاق-تاماق ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاندىن سىرت، كەچلىك مۇزاكىرەمۇ ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ-ئوقۇغۇچىلارنىڭ 1 يىل ئىچىدە كۆپلەپ بىلىم ئۆگىنىۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئۇلتاش مەكتىپىنىڭ بىڭتىۋەن پىداگوگىكا مەكىتپىدىكى ئوقۇتۇش نوقتىسىدا قاتتىق تۈزۈم ۋە يۈكسەك كۈيۈمچانلىق بىلەن ئوقۇتۇلىدۇ ۋە باشقۇرۇلىدۇ.

      ئاتا-ئانىلارنى خاتىرجەم قىلىش،ئۇقۇغۇچىلارنى خاتىرجەم ئۆگىنىش شارائىتى بىلەن تەمىن ئىتىش ئۈچۈن مەكتىپىمىز ئەقلىي-ئەخلاقىي جەھەتتىن تەڭ يىتىلگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن تاللاپ، ھەر بىر سىنىپقا بىردىن  سىنىپ مەسئۇلى قىلىپ بەلگىلىدۇق،سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ شۇ كەسىپلەردە بەلگىلىك بىلىم قورۇلمىسى بار بولۇپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەرۋاقىت تىل ئۆگىنىشى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىدۇ.

    مەزكۇر سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋەتلىك ئىمتىھانلارغا قاتناشتۇرۇلۇپ،مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلەرنى ئېلىشىغا ياردەمدە بولىمىز ۋە يول كۆرسىتىشلەرنى ئىلىپ بېرىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغان بىر يىل ئىچىدە بىلىم+كىنىشكا=خىزمەت  كە ئىگە بۇلۇشقا تۈرتكە بۇلىنىلىدۇ.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ  يىللىق ئوقۇش پۇلى ۋە ياتاق پۇلى قانداق بولىدۇ؟باشقا چىقىملارمۇ بارمۇ؟

    ج: ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى 2200يۈەن.ياتاقنىڭ يىللىق ھەققى 600 يۈەن.ئۇنىڭدىن باشقا كىتاب پۇلى ئۈچۈن 200 يۈەن ،ئەگەر ئۆگەنگەن كىتابىڭىزنىڭ پۇلى بۇ پۇلغا يەتمىسە پۇل قايتۇرۇلۇدۇ،كاملىسا تۇلۇقلاپ ئېلىنىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇچىلار سوغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلۇدۇ  50 يۈەن(بۇ مەجبۇرى ئەمەس،تەۋسىيە قىلىنىلىدۇ).سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۈچۈن 50 يۈەن.ياتاقتىكى نەرسە كىرەك زاكالەت پۇلى ئېلىنىلىدۇ،بۇ 150 يۈەن بۇلىدۇ.سىز بىر يىلدىن كىيىن بۇزغان نەرسىللىرىڭىزگە ئاساسەن تۇتۇپ قېلىنىلىدۇ ،بولمىسا قايتۇرۇلۇدۇ. باشقا چىقىملار يوق!

     ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈنلۈك دەرس ئوقۇش ۋاقتى:      6 سائەت +2  سائەت كەچلىك مۇزاكىرە=8 سائەت!

مەكتەپ ئورنى: شىنجاڭ بىڭتۈۋەن مىللىي پىداگوگىكا مەكتىپى ئىچىدە

مەسلىھەت سوراش تېلېفۇن: 0991-2127773  8354040  13809949988

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىرىشەي دېسىڭىز خەلقئارا توردا www.ultash.com نى زىيارەت قىلىڭ!

    بۇ سىنىپلاردىن باشقا مەكتىپىمىزدە مەخسۇس ئىنگلىز تىلى يۇقۇرى سەۋىيەدە  بىر سىنىپ بار.ئەگەر سىزنىڭ سەۋىيىڭىز ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلىنىڭ 1-قىسمىغا ياكى يىڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلىنىڭ 2-قىسمىغا  يەتسە،بۇ سىنىپىمىزغا كىلىپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.بۇ سىنىپ مۇنتىزىملىققا ئىگە بولۇپ،ئوقۇغۇچىلارغا چەتئەللىكلەرنى ئۇچۇراشتۇرۇپ تۇرۇش شارائىت يارىتىپ بىرىمىز.،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېغىز تىلىنىڭ تىزرەك چىقىشىغا ياردەمدە بولىمىز.ئوقۇغۇچىلار "ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانى "غا قاتناشتۇرۇلىدۇ.بۇ سىنىپنىڭ ئوقۇش پۇلى 2200 يۈەن.مەسلىھەت سورماقچى بولسىڭىز يوقارقى تېلېفۇنغا تېلېفۇن قىلىڭ!

brave يوللانغان ۋاقتى 2008-9-8 20:38:13

قاچان ئوقۇش باشلايسىلەر؟مەن رۇس تىلىدا ئۇلتاشتا ئوقۇي دىگەن.
بەت: [1]
: مەكتەپ تەشۋىقاتى