koktash يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 08:38:57

ئىملانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە!

تىلىمىزنىڭ ئەسلى گرامماتىكىسى، بولۇپمۇ ئا ئا لەرنىڭ ئاجىزلىشىشى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم.
مېنىڭ قارىشىمدا، بىز تۈرك مەنبەلىك خەلق، تىلىمىز تۈركىي تىل، بۇرۇن گەرچە ھەر خىل يېزىقلارنى ئىشلىتىپ كەلگەن بولساقمۇ، لېكىن خاقانىيەت تىلى، چاغاتاي تىلى قاتارلىق بۈيۈك تىل دەۋىرلىرىنى بېشىمىزدىن ئۆتكەزدۇق. باشقا تۈركىي مىللەتلەرمۇ يۇقارقى بۈيۈك تىللارنى بىز بىلەن ئورتاق ئىشلىتىپ كەلدى. (شۇنىسى ئاشۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك "مىللەت ئۇقۇمى" يوق ئىدى، چۈنكى ھەممىمىز تۈرك ئىدۇق) لېكىن بىزدىن باشقىسى ئا ئە لىرىنى ئاجىزلاشتۇرۋالمىدى. تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە پەقەت بىزلا "ئاناسى" نى "ئانىسى" دەپ يېزىپ كېلىۋاتىمىز، ھەم بۇنى "ئۆزگىچىلىك" دەپ تەرىپلەۋاتىمىز. بۇ راستىنلا بىر ئۆزگىچىلىكمۇ؟! ئەگەر ئۆزگىچىلىك بولسا، تىل تەرەققىياتىمىزغا كاتالىزاتور بولسا توغرا بولاتتى، ئەپسۇس، بۇنىڭ دەل ئەكسىچە تىلىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولىۋاتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك، ئۇيغۇر تىلىدا "قانداق ۋاقتىدا "ئا" تاۋۇشى "ئې"غا، قانداق ۋاقىتتا "ئى" غا ئۆزگىرەش توغرىسىدا بىر مۇنچە گرامماتىكا قائىدىلىرىنى چىقىرىشقا توغرا كەلدى. بۇنداق ئۇششاق مىساللارنى ئېلىپ ئولتارمىساممۇ، 2006- يىلىدىكى تىلكومنىڭ ئىملا تۈزىتىش توغرىسىدىكى 11 مەسىلىنىڭ قاتارىدا " ئا ئە لەرنىڭ ئاجىزلىشىشى" بار بولۇپ، مەزكۇر "ئۆزگىچىلىك"نىڭ "مەسىلە" قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى "پۇتلىكاشاڭلىق"نىڭ تىپىك ئىسپاتى. ئەگەر ئۇ بىر پۇتلىكاشاڭ بولمىسا، تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئوڭ كەلگەن بولسا، نېمىە ئۈچۈن 11 مەسىلىنىڭ قاتارىدا تىزىلىپ قالىدۇ!؟ http://www.anatilim.com/anatilimmunbiri/ShowPost.asp?id=528
2006- يىلدىكى ئىملا تۈزىتىش يىغىنى 1950- يىلدىن كېيىنكى 6- قېتىملىق "ئىملا تۈزىتىش" يىغىنى بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقى ئىملاسىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.....
باشقا مىللەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بىرەر قېتىم ئىملا ئۆزگەرتىش قىلىپ قويىدىكەن. خەنزۇچىمۇ 50 يىل بۇرۇن ئاددى يېزىلىشقا باشلىغاندىن باشقا، ئىملا ئۆزگەرتىپ باقمىدى. ھازىرقى ئېنگلىزچىمۇ بىزنىڭ چاغاتاي تىلىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىشلىتىۋاتقان ۋاقتىمىزدىكى بىلەن ئوخشاش. شىۋېت تىلىمۇ 200 يىلنىڭ ئالداىدا بىر قېتىم "رېمۇنت" قا چۈشۈپ، ھازىرغىچە ئىملا ئۆزگەرتىش كېسىلىدىن خالىيمىش.....

ئەڭ دەسلەپكى ئا ئە لەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئىملا تۈزىگەنلەر گوياكى بىر ئېنجىنىر، ئەپسۇس بۇ ئېنجىنىرلار بىنانىڭ ئۇلىنى خاتا قويدى. بىنا گەرچە لەپپەڭشىپ ئاران تۇرسىمۇ، ئۇنى ياماپ- چاپلاپ دىگۈدەك، باشقىلارغا مۇكەممەل قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. ھېچكىممۇ بۇ بىنانىڭ ئۇلىنىڭ خاتا سېلىنغانلىقىدىن گۇمان قىلىپ باقمىدى، ھەم ياماپ- چاپلىسىلا مۇكەممەللىشىپ كېتىدىغانىقىغا ئىشىنىپ كەلدى. ششۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە ئىملايىمىزنى 5 نۆۋەت "رېمونت" قىلىپ بولۇپمۇ، 21- ئەسىرگە كىرگەندىمۇ (2006) يەنە بىر قېتىم رېمونت قىلىۋەتتۇق. مەسىلە تەلتۆكۈس ئوڭشالدىمۇ؟ جاۋابىنى يەنە 10 يىلدىن كېيىن كۆرۈمىز. چۈنكى 10 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم "چوڭ رېمونت" قىلىشى ئېنىق تۇرۇپتۇ...
ئەڭ دەسلەپكى ئىملا تۈزىتىشتە، 500 يىل ئورتا ئاسىيا تۈركلىرىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلەپ كەلگەن چاغاتاي تىلىنى ئەمەس، بەلكى ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا شىۋىسى ئاساس قىلىندى، ئىسڭىزدە بولسۇن، يېزىقنى ئەمەس، شىۋىنى ئاساس قىلىپ تۈزىلدى. دېمەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل- يېزىقى ئەجداد تىلىغا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلالمىدى. چاغاتاي تىلىدەك مۇكەممەل (ھېچ بولمىغاندا بىر قەدەر مۇكەممەل، چۈنكى ئورتا ئاسىيا تۈركلىرى نەچچە يۈز يىل ئىشلىتىپمۇ، بىرەر قېتىم ئىملا ئىسلاھاتى قىلغان دەپ ئاڭلىمىدىم، لېكىن ھازىرقى يېزىقىمىز 50 يىلدا 6 قېتىم ئوڭ- تەتۈر ئىسلاھ قىلىنىپ بولدى) يېزىقنى ئاساس قىلمىغانلىقتىن، ھازىرقىدەك 10 يىلدا دېگۈدەك بىر قېتىم رېمۇنت قىلىپ ئىشلىتىدىغان بىچارە ھالەتكە كېلىپ قالدى.
ھېچقانداق بىر ئىلغار مىللەت شىۋىنى ئاساس قىلىپ ئەدەبىي تىل تۈزىمەيدۇ، لېكىن بىز ئىزا تارتماي شۇنى قىلدۇق. بېيجىڭلىقلار 我 نى "ۋو" دەپ ئوقۇغىنى بىلەن، گۇاڭدۇڭلۇقلار "مو" دەپ، شەنشىلىكلەر "ئې" دەپ ئوقۇيدۇ. ئېنگلىزچىدە know نى "نوۋ" دەپ ئوقۇيدۇ، ئالدىدىكى k نى ئوقۇمايدۇ. ئۇ مەيلى قانداق ئوقۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر 我ۋە know دەپ يېزىلىشى شەرت(我ۋە knowقەدىمدە باشقىچە ئوقۇلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن). دېمەك، بىر مىللەتنىڭ ئېغىز تىلى بىلەن يېزىق تىلى پەرقلىنىدۇ. بىلىشىمچە، ئوروسلارنىڭ خەت يېزىلىشىمۇ ئوقۇلىشىغا ئوخشاپ كەتمەيدۇ. نېمە دەپ يازسا شۇنداق ئوقۇيدىغان ئىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. يېزىلغىنى ئۇ بىر مۆھۈر، سىز نېمە دەپ ئۆزلەشتۈرىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم يېزىقتا شۇنداق يازىسىز. بۇ مۇقىم ھالەتتە بىرلىكلىكنى ساقلاشنىڭ قائىدىسى. خەنزۇلار بىر- بىرنىڭ گېپىنى بىلىشەلمىسە، يۈز –تۇرانە تۇرۇپ خەت يېزىشىپ پىكىرلىشەلەيدۇ. لېكىن بىزچۇ؟ قازاق، قىرغىز لار، تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن يۈز –تۇرانە پىكىرلىشەلەيمىز-يۇ، خەت ئالاقە قىلالمايمىز.
پەقەت بىزلا ئەمەس، كۆپىنچە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يېزىقى كىلاسسىك يېزىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئېغىز تىلىدىن كەلگەن. ناۋادا ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەر ئېغىز تىلىغا ئەمەس، قەدىمكى تىل- يېزىقىغا ئاساسلىنىپ يازسا، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يېزىقى پەقەت بىرلا ھالەتكە كېلەلەيدۇ. مەسىلەن:
مۇسۇلماندار اسخاناسى (قازاقچە)، بۇنىڭدىكى "دار" ئېغىزچە، ئەسلى "لار" بولىدۇ، "ئاس"- "ئاش" بولىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئاشخانىسى (ئۇيغۇرچە)، "خانىسى" ئېغىزچە، ئەسلى "خاناسى" بولىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئوشخوناسى (ئۆزبەكچە)، "ئو"نىڭ 'ئا" تەلەپپۇز قىلىنىشى ئۆزبەكچىدىكى ئورۇسنى دورىغان بىر ئۆزگىچىلىكى بولۇشى مۇمكىن.
مۇسۇلمانلار اشخاناسى (ئەڭ ئورتا، چاغاتاي تىلىغا يېقىن)


يەنە ئوبدان قاراپ باقىدىغان بولساق، بىزدىن باشقا تۈركلەر ئا ئە لەرنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ، كونا كىتاپلىرىمىزدىمۇ ئاجىزلاشتۇرماي يازغان. ئۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز، ناخشىلىرىمىزنى ئاڭلاپ بېقىڭ، "ئاچىل، ئاچىل گۇل ئاچىل" (ئېچىل، ئېچىل، گۈل ئېچىل ئەمەس)، "پۇرايدۇ بەشكېرەم باغى" (بېغى ئەمەس). ئۇنىڭغىمۇ ئىشەنمىسڭىز، 1980- يىللاردىن بۇرۇنقى پۇللارغا قاراپ بېقىڭ، "جۇڭگو خەلق بانكاسى" (بانكىسى ئەمەس) دېگەن خەتنى كۆرىسىز......
ئۇنداقتا بىز قانداقسىگە ئا ئە لەرنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئىملانى تاللاپ قالدۇق؟ بۇنىڭدا 2 سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، 1- سىياسىي ئويۇن، تۈركىي مىللەتلەرنى ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالاقە قىلىشتىن ۋە ئىتتىپاقلىشىشتىن توسۇش، بۇنى دەسلەپ سوۋېت ئىتتپاقى يولغا قويغان. 2- مىللىي ئۆزگىچىلىككە ئىنتىلىش، باشقا تۈركلەردىن پەرقلىنىش. ھازىرمۇ تۈركىي مىللەتلەر ئارا پەرقلىنىش ئىنتىلىشى بەك كۈچلۈك. قازاقلار "ياكى" دېگەن گەپنى چۈشىنىدىكەن، لېكىن ئۇنى قەتئىي ئىشلەتمەي، زادى "نەمەسە" دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدىكەن. بىز ئېغىز تىلىدا "ياخشى بولايلىق"، دەيمىز، لېكىن قازاقچىگە ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇنداق يازمايمىز. ھەتتا قازاقچە، ئۇيغۇرچە ۋە قىرغىزچە ھەرىپلەرمۇ ئوخشىمىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەن.
بۇ خىل ئۆزگىچىلىكلەر ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى ئانا تىلى بىلەن تەڭ نابۇت قىلىدىغان كۆرۈنمەس سىرتماقلا خالاس!!!
ناۋادا، ھەممە تۈركىي مىللەتلەر تىل ئورتاقلىقىدىن پايدىلىنىپ، قەدىمكى ئىملالىرىمىز ئاساسىدە يېڭى بىر تىل- يېزىق لايىھەپ چىقسا، بۇنى ھەممە تۈركىي مىللەتلەر ئىشلىتىپ، دۇنيا مىقىياسىدا ئۇچۇر- ئالاقە قىلالىسا، بۇنىڭ نەرى يامان؟! ئۇيغۇرغا نېمە زىيىنى بار؟! ئۇيغۇرلار ئۆز قېرىندىشىنىڭ سۆزىنى بىلىپ، خېتىنى ئوقۇيالماي، تەكلىماكاندا مەڭگۈ قاپسىلىپ ياتسا، ئاخىرىدا ئانا تىلى بىلەن بىرگە يوقاپ كەتسە ياخشىمۇ؟ ؟؟

بىز ئاشۇ ئىملاغا كۆچكىلى تېخى ئاران 50 يىل بولدى. ئۇنداقتا، بىز 50 يىللىق گرامماتىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، 500 يىللىق، ھەتتا 1000 يىللىق گرامماتىكىدىن ۋاز كېچىمىزمۇ؟ بۇ پەقەت 500 ۋە 1000يىللىق گرامماتىكىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا تەنھا قېلىشقا مۇپتىلا بولۇشنى تاللاش خالاس!
بىز پەقەت ئۆز "تۈرك" لىكىمىزنى، يەنى تۈركىي تىلىمىزنى ساقلاپ قالغاندىلا، ئاندىن ئاناتىلىمىزنى ساقلاپ قالغان بولىمىز. ئەگەر سۆزلىشۋاتقان تىلىمىز تۈركىي تىل بولمىسا (ئا ئە لەر ئاجىزلاشسا)، قانداقسىگە بىزنىڭ ئاناتىلىمىز بولالايدۇ. قىسقىسى، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز پەقەت ئۇيغۇر تۈركچىسى!

يەنە بىر گەپ، ئا ئە لەرنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق قائىدىسى باشقىلار ئېتقاندەك ئىسلاھ ئەمەس، بەلكى ئەسلىگە قايىتىش! بىزنىڭ يېزىقىمىز نۇرغۇن ئىسلاھ قىلىنىش ئارقىلىق، ئەسلىدىكى مۇكەممەل ھالىتىدىن ھازىرقىدەك 10 يىلدا بىر قېتىم چوڭ "رېمۇنت"قا چۈشىدىغان ھالغا كەلگەن!

تىلىمىزنىڭ ئۆتمۈشى بىر نۇقتا، ھازىرى بىر نۇقتا. مۇشۇ 2 نۇقتا ئارىسىدىكى تۈز سىزىق تىلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ توغرا يۆنلىشى بولالايدۇ. باشقا تىللارمۇ ھەم شۇنداق.
خەنزۇلار مەكتەپتە مەجبۇرى ھالدا 古文 (قەدىمىي يېزىق) دەرسىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ھەر بىر خەنزۇ ئوقۇغۇچى مەكتەپتىكى چېغىدىلا خەنزۇ تىلىنىڭ ئۆتمۈش ھالىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ. ئامېرىكىلىقلارمۇ "قەدىمكى كىلاسسىك ئېنگلىز تىلى" نى ئۆتىدۇ. ئۇلار ئۆز تىللىرىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن ھازىرىنى ياخشى باغلاپ، توغرا بولغان يۆنىلىشكە سىلجىيدۇ. پەقەت بىزلا تىلىمىزنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشقا مۇيەسسەر بولالمايمىز. بىز ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدە "خاقانىيە تىلى" ، "چاغاتاي تىلى" قاتارلىقلارنى قوللانغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە، خىزمەت ئالدىراشلىق ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ تىللار بىلەن تونۇشۇشقا پۇرسەت بولمايدۇ. شۇڭا، ھازىرقىدەك تىلىمىزنىڭ تەرەققىيات يۆنلىشىنى توغرا بەلگىلىيەلمەي يۈرۈيمىز.
تىلىمىزنىڭ تەرەققىيات يۆنلىشىنى توغرا بەلگىلەشتە، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى، تىلىمىزنىڭ تەۋەلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى توغرا بىلشىمىز ۋە مۆلچەرلىشىمىز كېرەك.

50 يىل بۇرۇنقى ئىملا: "بانكىسى" ئەمەس، بەلكى "بانكاسى"

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 09:04:30

يەنە بىر چىڭقىلىپ تۇرۇپ مۇنازىرىلىشىدىغان تېما ئىكەن بۇ! ئاۋۋال ئەن سەپ قوياي ، ئۆزەمنى سەل توختىتىۋېلىپ ئاندىن ئىنكاس يازاي ، ئالدىراپ - سالدىراپ ئۇنى - بۇنى دېگۈلى بولمىغۇدەك....

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 12:14:56

قارىماققا ئورۇنلۇق پىكىردەك قىلىدۇ، بىراق ھازىرقىچىلىك ئورتاقلىققا يېتىشىگە ئادەمنىڭ كۆزى يەتمەيدىكەن...

addiy يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 14:46:28

دېمىسىمۇ توغرا. مەن قازاقچىنى خېلى ئوبدان بىلىمەن ،ئۇلاردا بىر تاۋۇشنىڭ يەنە بىر تاۋۇشقا ئېغىش ئەھۋالى

ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 16:35:07

ئەمەلىيەتتە ئاجىزلاشسىمۇ ئى غا ئاجىزلاشمايدۇ، كورىيان تىلىدىكى بىزدىكى يالغۇز ئا غا ئوخشاش يېزىلىدىغان ھەرپكە ئوخشاش ئوقۇلىدىغان،   \" قىز\" دىكى \" ئى\" غا ئاجىزلىشىدۇ. مېنىڭچىغۇ ئەسلىدە بۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم بىر سوزۇق تاۋۇش قوللىنىلسا ياخشى بولاتتى.  ئايرىم تاۋۇش قوشمىسا ، يەنىلا ئوقۇغاندا ئاجىزلاشتۇرۇپ ئوقۇپ، يازغاندا \" ئا\"  بويىچە يېزىشنى قوللايمەن.

ulugyar يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 16:59:05

مەيلى قايسى زاماندىكى يېزىق ئۆزگەرتىش تەرەپدارلىرى بولسۇن مەن شۇنداق قاراشتىمەنكى، يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ ئۆزى بەلكىم بىر مىللەتنىڭ ئۆمۈرلۈك تەقدىرىنى بىۋاستە بەلگىلەيدىغان بىر ئامىل بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك پەن- تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بىر دەۋردە شۇنداق، مەيلى كىم قانداق قارىسۇن ياكى قانداق ئويلىسۇن شۇ نوقتىغا دىققەت قىلىش كېرەككى- ھازىرقى پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئىنسانىيەتنىڭ ھەرقانداق بىر دەۋرىدىن بېسىىپ چۈشىدۇ- شۇنداق تېزلىك بىلەن تېخنىكا يېڭىلىنىۋاتىدۇ. بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز ئەسلى بۇنىڭدىن 30-40 يىل ئېلگىرى يېزىقنى ئۆزگەرتمىگەن بولسا بەلكىم مىللىتىمىزمۇ ھازىرقىدىن پەن- مەدەنىيەت جەھەتتە سەل- پەل يوقۇرى تۇرغان بولاتتى، ئەمدى كەلگەندە يەنە يېزىق ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىشنى مەيلى قايسى نوقتىدىن  قارىمايلى سەل سوغۇققان پوزىتسىيە نوقتىسى بىلەن بىرتەرەپ قىلمىساق، بەلكىم مىللىتىمىز ساپاسىنىڭ يوقۇرى كۆتۈرۈلۈش مۇساپىسىدە مۆلچەرلىگۈسىز سەلبىي ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، يېزىقنى ئۆزگەرتمەي، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان يېزىقنى سېغىنىش- قوللىنىش ئىستىكىدە بولماي تۇرۇپمۇ ھازىرقى مۇشۇ يېزىقىمىزدا مۇنتىزىم مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر قانچىلىك ئۆزلەشتۈرۋاتىدۇ؟! بىز تارىختىن بىرى زادى قانچە قېتىم يېزىق ئۆزگەرتتۇق، قانچە قېتىم ئۆزگەرتىپ، قانچە قېتىم يەنە ئەسلىگە كەلتۈردۇق؟ بەلكىم دۇنيادا بىزگە ئوخشاش ھېلى بۇ يېزىقنى، ھېلى بۇ يېزىقنى ئۆزگەرتكەن، ئۆزگەرتكەندىمۇ ئۇنچىلىك كۆپ ئۆزگەرتكەن ئىككىنچى بىر مىللەت چىقماسلىقى مۇمكىن. ئەمدى ئەجدادلىرىمىز قوللانغان يېزىققا- مەدەنىيەتكە كەلسەك، بىز ئۆگەنسەك بولىدىغۇ؟

كۆپچىلىك، ئالدىڭلاردا ئاتىكاچىلىك قىلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن خىجىلمەن

koktash يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 18:02:22

ئۇلۇگيار ئەپەندى،

ئىنكاسىڭىز تېمىدىن چەتنەپ كېتىپ قاپتۇ. بىز ھازىر \"ئىملانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش\" ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ھەرگىز \"يېزىق ئۆزگەرتىش\" ئەمەس. خاتا چۈشىنىپ قاپسىز.

يېزىقتا ھازىرقىدەك يېزىۋېرىمىز، پەقەت \"ئانىسى\" دېگەندەك سۆزلەرنى ئەسلىي ئۇيغۇر تىلى بويىچە \"ئاناسى\" دەپ ئالىمىز دېمەكچى. خۇددى ئەجدادلىرىمىز \"ئاچىل، ئاچىل گۈل ئاچىل\" (ئېچىل، ئەمەس) دەپ ناخشا ئايتقاندەك!

تېمادىن  --> تېمىدىن
ھازىرقى ئىملا قائىدىمىز بويىچە تۈزىتىلدى، يەنىلا ئېتىراپ قىلىنغان ئىملانى ئىشلىتەيلى، تەشەببۇستىكىسىنى ئاۋازدىن ئۆتەلىسە بىر گەپ بولار..

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2008-9-8 05:18:15

بۇ تېمىغا بولغان پىكىرىم سۈزۈكنىڭكى بىلەن ئوخشاش.

يېقىندا مەن يەنە بىر گەپنى ئاڭلاپ قالدىم.(ئاقتۇ ناھىيە ئويتاغ يېزىسىدا)

دېپسېيمە. دەسلىپىدە مەنمۇ ئاڭقىرالمىدىم.بۇ <دەسسەيمەن>دېگىنى ئىكەن.

ئەسلى دېمەكچى، دەپسەيمەن. ئىككى يەردە <ئە>ئې غا ئاجىزلىشىپ بىر تاۋۇش چۈشۈپ قالغان ھالىتى ئىكەن. لېكىن پ تاۋۇشىنىڭ ئورنى توغرا ئىكەن. ئەڭ توغرىسى <دەپسەيمەن>

دەپسەندە قىلىش دەپ گەپ بارغۇ؟ نېمىشقا دەسسەندە قىلىش ئەمەس؟  كىم ئۆمرىدە <دەپسەيمەن،دەپسە!>دېگەندەك گەپلەرنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقتى؟

koktash يوللانغان ۋاقتى 2008-9-8 22:48:15

سۈزۈك خانقىز، توغرا دەيسىز!

ئەمەلىيەتتە، \"قىز\" دىكى \"ئى\"نىڭ ئوقۇلۇشى \"ئى\" ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن سەل پەرقلىنىدۇ.

يەنە سىز دېگەندەك، ئوقۇغاندا ئىختىيار، يازغاندا چوقۇم ئىملاغا دېققەت قىلىش كېرەك.

ئوكئانىيە قىتئەسىدە بىر فرانسوزچە سۆزلىشىدىغان ئارال باركەن، ئۇلار ئېنگلىز تىلىدا سۆزلىگۈچىلەرگە ھەسەت قىلىپمۇ، ئىشقىلىپ ياقتۇرۇپ كەتمەيدىكەن، ھەم ئۆزلىرىنىڭ فرانسوز تىلىدىن پەخىرلىنىدكەن. شۇنىسى ئۇلار فرانسىيەلىكلەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك فرانسوز تىلىدا سۆزلىشەلمەيدىكەن، لېكىن يازغاندا ئوخشاش يازىدىكەن. بۇنى ماڭا بىر ئاۋسترالىيىلىك دەپ بەرگەن ئىدى.

uygur0998 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-9 14:13:01

كۇك تاش  مۇئەللىم بولسا بولگىدەك   قايناپ چۇشەندۇرۇپلا كىتىپتىغۇ ....؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-9-13 19:21:00

بۇرۇنقى خەلق پۇلىدىكى \"ئۇيغۇر خەليىق بانكاسى\" دىگەن خەتنى يازغان خەتتات ئۇيغۇر ئەمەس، قېرىنداش تۈرك خەتتات تۇرسا..

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-9-13 19:32:21

---

ئىنكاسىڭىز تېمىدىن چەتنەپ كېتىپ قاپتۇ. بىز ھازىر \"ئىملانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش\" ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ھەرگىز \"يېزىق ئۆزگەرتىش\" ئەمەس. خاتا چۈشىنىپ قاپسىز.

---

32 ھەرپ ئۆزگەرمىسىلا \"يېزىق ئۆزگەرتىش\" دىيىشكە بولمايدىكەندە!
ئەمىسە بۇ تەشەببۇسنى \"تىل ئۆزگەرتىش\" دەپ ئاتىساق قوشۇلامسىلەر؟...

ھىچ بولمىسا مەن شۇنداق دەپ ئاتاپ تۇراي..

ھەي باللا.. پەن تېخنىكىغا دائىر تەشەببۇسقا كۆچەرسەڭلارچۇ زېھنىڭلارنى.. ئىشقىلىپقۇ، ئۇيۇننى مىنگەن بالىلاردىن مىڭ ياخشى سىلەر، لېكىن بۇ خىل تاللاشنى توغرا تاللاش دەپ بىلمەيمەن، قىلىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپلىگىدە..

koktash يوللانغان ۋاقتى 2008-10-19 22:29:15

baqka ئىنىم:

ھەقىقەتنى چۈشەنمەي، شەيئىيلەرنىڭ تاشقىي قىياپىتىگىلا قارايدىغان ئادىتىڭىز تېخىچە ساقايماپتۇ-دە!؟

سىز 3- 4 يىل بۇرۇن قەتئىي قارشى تۇرىۋاتقان لاتىن يېزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرمەسلىكتە چىڭ تۇرغان ئىدىڭىز، ھازىر قارىسىڭىز، سەللا سەۋىيىسى بار تورداشلار كىيۇكىيۇلاردا ئۇلاي (ئۇيغۇرلارنىڭ لاتىن ئاساسىدىكى يېزىقى) شەكلىدە خەت ئالاقە قىلىۋاتىدۇ، نۇرغۇن شىركەت ۋە دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكىسى ئۇلايدا يېزىلۋاتىدۇ، توردىن ئاختۇرسىڭىزمۇ ئۇلاينىڭ ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلىتىۋاتقان  3 خىل يېزىقنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى  ئاسانلا بايقىيالايسىز، ئىلغار ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئۇلاي توغرۇلۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى ......... مانا بۇ مىللىي روھ، ھەقىقەتنى چۈشىنىش!

گەپكە كەلسەك، 50 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلار \"ي\" ھەرىپىنى \"ئى\" نىڭ ئورنىدا ئىشلىتەتتى. ئىشەنمىسىڭىز، 60 يىل بۇرۇنقى ماتېرىياللارنى ئىزدەپ كۆرۈپ بېقىڭ!

شۇڭا، بۇرۇنقى پۇللارغا \"جۇڭگو خەليق بانكاسى\" دەپ يېزىلغان.

پەرىزىڭىز بويىچە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر يازغانمۇ بولسۇن. ئۇنداقتا بۇنداق بولغىنى يامان بولغىنىمۇ؟  ھەممە تۈركلەر ئورتاق يېزىق ئىشلەتسە تېخى ياخشى ئەمەسمۇ!؟  

سىتالىننىڭ دېپىغا تا ھازىرغىچە سىزدەك  ئۇسۇل ئويناۋاتقانلار كۆپ بولغاچقا، ئۇيغۇر ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھالى ھازىرقىدەك ئەھۋالدا!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-10-20 11:27:21

---
baqka ئىنىم:
ھەقىقەتنى چۈشەنمەي، شەيئىيلەرنىڭ تاشقىي قىياپىتىگىلا قارايدىغان ئادىتىڭىز تېخىچە ساقايماپتۇ-دە!؟
-----

توردا ئالدىراپ بىرىنىڭ يېشىنى كىچىك پەرەز قىلىپ سالماڭ. ئۇكام دەۋالغانغا بىرنىمە كەلمەيدۇ. ئىزدىنىشقا پىنسىيە يېشىمدىمۇ باچكا دەپ كىرىۋېرىمەن.

گىرىم قىلغان ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. تاشقىي قىياپەتتىن سۆز ئىچىپ قاپسىز، تىلنىڭ تاشقىي قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە بەكرەك كۈچەۋاتقان كىشىلەر سىلەرغۇ دەيمەن؟!

ھازىر خەق تىلنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلغىنى يوق، كاللىسىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، سىلەردەك تىلنى ياساشقىلا چۆكۈپ قالغانلار پەقەت خەقنىڭ ئىلتىپاتىنى كۈتۈپلا ئولتۇرۇۋېرىسىلەر، خەق نىمە كەيسە شۇنى كىيىۋەرسەڭ، سەن يەنە ئۆزەڭ بولالامسەن؟ كىملىكىڭلارنى ئۆزگەرتىپ تىزىملاپ بېرەيلىمۇ يا؟  
ۋېۋىسكىلارغا ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئورنىغا ئېنگىلىزچىدا ئىپادىلەپ يازغانلار قىلغان ئىشىنىڭ تەسىرىنى ئۇقمايدۇ، بۇرۇن كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىشكە سەۋىيە يەتمەي قىلغانلارغا ئەگىشىپ بولۇپ قالغان ئىش.
تورغا، مەتبۇئاتقا، تېلىۋىزىيىگە، تىل ئالاقىغە بىر ئوبدان بولۇۋاتقان تىل- يېزىقىمىز نەگە تاقىشىۋاتىدۇ؟ كۆزۈڭلارغا شۇنچە سىغماي قالغان بولسا مىللەت ئايرىپ چىقىپ كەتسەڭلار پەقەت خاپا بولۇپ قالمايمىز...

مۇشۇ دەۋىردە يەنە تىل- يېزىقنىڭ چاپىنىنى ئالماشتۇرىمىز دىگەنگە ۋارىسلىق قىلىپ ئۆزەڭلارنى بەك ئۇلۇغۋار ھېس قىلىۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن. پەقەت سۈزۈك سۇنى چايقاپ لاي قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس، قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ زېھنىنى ۋەيرانچىلىق دەرىجىسىدە ئىسراپ قىلىش بۇ!
تىل ئۆزگەرتكەنگە، يېزىق ئۆزگەرتكەنگە بىرنىمە بولۇپ بەرمەيدۇ، يۈزەكى تاشقىي قىياپەتلەرگىلا ئېسىلىۋالماي، يولنىڭ توغرىسىغا كۆچكىن، تېخنىكا ئۆگەن، بىلىم ئال..
بىلىم ئۆگىنىدىغان تىل- يېزىقىڭنى كەچكىچە ئۆزگەرتىمەنلا دەپ يۈرسەڭ، توختىماي چاق ئالماشتۇرىدىغان پويىز قاچان سۈرئەت تېزلىتەلەيدۇ؟

almire يوللانغان ۋاقتى 2008-10-20 11:35:26

ئۇلاي؟  بەكلا قالماشمىغان قىسقارتىلما ئىسىمكەنغۇ بۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-10-20 11:42:50

شۇ ئەمەسمۇ، سېلىشتۇرما جەدۋەل دىسەكلا بولىدۇ، يېزىق قالپىقىنى كەيگۈزۈپ قويسا تاج تارتقۇزۇپ قويغاندەكلا بىر ئىش، يا بۇلار دەۋالغان ئاتالمىش \"ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى\" دىگەننى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بىزنىڭ يېزىقىمىزنىڭ ئىسمى مۇشۇ شۇ بولىدۇ، دەپ ئېتىراپ قىلغان يوق، شۇلار ئېنگىلىزچە ھەرپلەر بىلەن كېتىۋاتقان بولسا، شۇلارنىڭ ئىشلەتكىنىنىلا چىقىرىپ قويسا بولىدۇ، قايتا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتۇق دەپ ئولتارغىچە..

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 12:35:47

يانا باشلاندىمۇ ماۋۇ كۆكتاش بىلەن باقكا ئەپەندىنىڭ گىرىلىغى.
----------------------
تىل ئۇ ئالدىغا قاراپ تەرەققى قىلىپ ماڭىدۇ، ئە ۋە ئا تاۋۇشلىرىنىڭ ئاجىزلىشىپ ئۆزگىرىشى بۇرۇنقى زىيالىلىرىمىزنىڭ بىر خاتالىقى بولىشى مۈمكىن.
ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئۆزگەرتمىگەن بولسا، تىلىمىزمۇ قېرىنداش، تۇمۇرداش تۈركى مىللەتلەلردىن پەرقىمىز ئازلايتتى دە ئۆز ئارا مەدىنىيەت ۋە تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۈگىنىش تېخىمۇ ئاسانلىشاتتى.
بىراق ئامال قانچە؟
ئۇنى يەنە كەينىگە ياندۇرۇپ تۈزىتىشنىڭ ئورنى بارمۇ؟
شۇڭا بۇ توغرىسىدا ئارتۇقچە زىھنىمىزنى ئىسراپ قىلمىساق. بۇ بىر مۈمكىن بولمايدىغان ۋەزىپە.
=====================================================
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى توغرىسىدكى تالاش -تارتىشنى ئەمدى توختىتىڭلار، باقكا ئەپەندىمۇ ھىچ بىر نۇمۇس قىلمىدى.
نەچچە يىلدىن بېرى دونكىخوتتەك دەۋىر تەرەققىياتىغا قارشى چىقىمەن دەپلا يۈرگەن.
تىلىمىز نىمە بولىۋاتىدۇ، قانداق قىسمەتلە كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ؟ يىلتىزداش مىللەتللەر ئارىسدىكى يېقىنچىلىقىمىز نىمە ئۈچۈن يىلسېرى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئۇيغۇر تىلى  يىتىم قالدۇرۇلۇپ يۇقۇلۇش گىرداۋىدا تىپىرلايدۇ؟
ۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدا« تۈركى مىللەتلەر ئورتاق يېزىقى»مەيدانغا كېلىپ، ئاساسى لاھىيەمۇ ئوتتۇرغا قويۇلدى، 34 ھەرىپلىك بۇ يېزىقبىزنىڭ ULY بىلەن ناھايىتى يېقىن بولۇپ، بۇ يېزىق كەلگۈسىدە تۈركىمىللەتللەر ئالاقىسىدا ناھايىتى تۈرتكىلىك رول ئوينىغۇسى.
UKIJ نىڭ تەشۋىقات كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە باشقا سەۋەپلەر بىلەن بۇ ' يانداشتىل قۇرالىمىز' كەڭ تونۇلالمايۋاتىدۇ ۋە بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىنچەتكە قېقىلىۋاتىدۇ، 8 يىلدىن بېرى بۇ ياردەمچى يېزىقنى ئىشلىتىش ۋەتەشۋىق قىلىش مۇنازىرىسى تۈگىمەيۋاتىدۇ، بۇ نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال .
قوش تىل ئوقۇتۇش ۋە مائارىپنى خەنزۇچىلاشتۇرۇش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى،ئانا تىلىمىزنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرسى تارىيۋاتىدۇ، خەنزۇچە ئوقۇغانبالىللارنىڭ كۆپۈيىشى بىلەن ئانا تىلدا ساۋات چىقىرىش مانا بۇ 32*4= 128ھەرىپلىك يېزىقىمىز سەۋەبىدىن تەسكە توختاۋاتىدۇ، ھاتتا ئۇيغۇرچە فونلارنىكومپىيوتېردا تونۇتۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش تا ھازىرغا قەدەر مۇكەممەللەشكىنىيوق. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا، بىزنىڭ بۇ ياردەمچى قۇرالنى يەكلەيدىغانغاھەققىمىز يوق.
بەزى تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر توربەتلىرىدىكى چايخانىلاردا ۋە QQ دەك ( گەرچەبۇ قۇرال ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىسىمۇ) قۇراللاردا ئىشلىتىۋاتقانيېزىقلاردىن يۈرىگى يىغلاۋاتقان بولسا، بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز ناھايىتى يېرىم .
شۇڭا ئىزدىنىش تورىدىكى  ۋە باشقا توربەتلەردىكى تورداشلارنىڭ بۇ يېزىقنى كۆپرەكتەشۋىق قىلىشىنى ( تەشۋىق قىلغۇڭىز كەلمىسە ، چەتكە قاقمىسىڭىز ) ئارزۇقىلىمەن.
بۇ ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن.
مۇشۇ توغرىسىدا ئويلىنايلى.


ئاقماس پىس-پاس غەۋغا قىلغۇچە.



Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 14:36:42

پىس- پاس پاراڭ!!..

شىنجاڭ داشۆ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەممە تۈركىي دۆلەتلەردىن ۋەكىل يىغىپ، دۆلەت ھالقىغان مۇھاكىمە يىغىنى ئاچسا، ئاندىن ئۆزەڭلار پەردازلاۋاتقان ئالاقە ئاسانلىشىدۇ دىگەن گەپكە چۇشلۇق ئىش بولاتتى، ئۆزۈڭنىڭ ئىچىدىن چىقىۋالغان نەرسىنى بىزگە ئۆتكۈزەلمەي تۇرۇپ باشقا مىللەتلەر بىلەن ئورتاق ئىشلىتەرمىش، بۇنىڭدىن ئارتۇق ئاقماس پاراڭ بارمۇ؟

باشقا مىللەتلەر بىلەن پەرقىمىز ئاجىزلايىتتى، دەپ قويۇڭ تېخى، ھونلارمۇ پەرقى ئاجىزلاپ ئاخىرىدا تۆمۈر قازىنىمۇ، ئوقياسىمۇ، تىل- يېزىقىمۇ قالمىغان.

128 ھەرپ سەۋەبىدىن ساۋاد چىقىرىش تەسكە چۈشىۋاتىدۇ، دەڭ تېخى!!! مىليون خەتنىڭ ئىچىدىن 5000 خەتكە چىقىنالايدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا 128 ھەرپ دەپ قاپسىز، ئەمىسە تۈرگۈن ئىبراھىمنىڭ 10  خىل تىل بىلىدىغان دادىسى ئىبراھىم مۇتئىي مارىستىن كەلگەن ئۇيغۇرمىكەن؟

يېزىقىمىزنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ئازىيىۋاتىدۇ دەيسىز-يۇ، يانداش يېزىق بولمىسا پىنگىۋىنلىشالمايمىزكەن دەپ گەپ سېتىڭ تېخى!يېزىق ئېھتىياجى چۈشىدىغان جايلارنى ئوچۇق- ئاشكارا پارچىلاشقا يۈزلەر قانداق چىداۋاتىدۇ؟! پاس چىقىرىۋاتقان ئىشلاردە بۇ..

ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلىتىدىغان يەرنى ئىككىگە پارچىلايدىغان نەرسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ يەنە يېزىق قوغداشتىن گەپ ساتقاننى كۆرسە..!

QQ2009 نى بىر چۈشۈرۈپ قاچىلاڭچۇ، ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىنى بىر قاچىلاڭچۇ، بىز QQ دا ئۇيغۇر يېزىقىدا ئالاقىلاشقىلى بولمايدۇ، دىگەن باھانىلەرنى كاسسىمىزغا سۈرتۈپ پىقىرتىپ چۆرۈۋەتتۇق، يىراقنى كۆرەلەيدىغانلىرىدىن ئۆرگىلەي. كومپيۇتېردا ئازراق ساۋات چىقىرىپ قويايلى ئۇنداق قىلماي!  ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ساھە، دەپ ئالغان باھانەڭلار كۈنسېرى ئازىيىۋاتىدۇ.

باقكا، دەپ قويۇڭ، بۇنى ھەر قېتىم كۆرگەندە يۈرىكىڭىزلەرنىڭ سۇقۇش سانى 5~8 قېتىمغىچە ئاشىدۇ، خاتا چۈشەنچىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغانلار ئۈچۈن بۇ خېتىڭلارنى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يەردە تۇرسىكەن، دەپ ئويلايمەن، بۇنىڭغا رەھمەت.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 15:21:33

\"ئۇلاي\" دېگەن سۆزنىڭ ياسىلىش پىرىنسىپى نېمە؟
ئ‍ەگەر پىرىنسىپ \"ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى\" دىكى ھەر بىر سۆزنىڭ تۇنجى ھەرپىنى ئېلىش بولسا، ئۇ ھالدا \"ئۇ ل ي\" بولۇشى كېرەك؛ ئەگەر ھەر بىر سۆزنىڭ تۇنجى بوغۇمىنى ئېلىش بولسا، ئۇ ھالدا\" ئۇيلايې\" بولۇشى كېرەك.
كۆز قارىشىم: كۆكتاش ھەمىشە خىيالىغا كەلگەنچە سۆز ياسايدۇ، قائىدە تۈزىدۇ؛ مەقسىتى ئوڭشاش، تۈزەش، نەتىجىدە بۇزىدۇ.

Aqnur يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 16:16:48

ULY غا قارشى چىققان ئەزىمەتلەر نىڭ  مىللەتنى تىلنى يىزىقنى سۆيۇش قەدىرلەش روھىغا ئاپرىن ئىيىتماي بولمايدۇ ،

لىكىن  بۇ  ئەزىمەتلەرمۇ كاللىسىنى ئەمدى سىلكىۋەتمىسە بولمايدۇ...

ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلەتكۇچىلەر  ئارىدا  ..

我的电脑 دىيىش  قانچىلىك ئومۇملاشتى << مىنىڭ كومپىيۇتىرىم >> دىيىش قانچىلىك ئومۇملاشتى.

游戏دىيىش قانچىلىك ئومۇملاشتى << ئويۇن >> دىيىش قانچىلىك

كومپىيۇتىر ئاتالغۇلىرىنىڭ قانچىلىكى ئۇيغۇرچە،  ئۇيغۇرچە  بولغانلىرىنىڭمۇ ئومۇملىشىش نىسبىتى قانچلىك

مۇشۇنچىۋالا ئومۇملىشىپ كەتكەن بۇ  ئاتالغۇلارنى ئەمدى ئۇيغۇرچىغا قايتۇرۇپ كىلىش مومكىنچىلىكى قانچىلىك بۇنىڭ ئۇچۈن قانچىلىك ۋاقىت قانچىلىك كۈچ  كىتىدۇ،

مىنىڭ كۆز قارىشىم :

ئۇيغۇر كومپىيۇتىر كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان مەزگىللىرى ۋە  ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسەتلىرى  ئۇيغۇر كومپىيۇتىر كەسپىدىكىلەرنىڭ  ULY تالاش تارتىشى بىلەن فونىت بىرلىككەكەلتۇرۇش توغرىسىدىكى تالاش تارتىشلار بىلەن ئوتۇپ كەتتى ، لىكىن بۇ ئىشلارنىڭ ھىچقايسىسىدىن  تىخى بىر  نەتىجە  چىققىنى  يوق يەنىلا  تالاش تارتىش ئچىدە.

كەلتۇرگەن زىيىنى : مۇشۇ  تالاش تارتىشلار  بولىۋاتقان مەزگىلدە كومپىيۇتىر ،كومپىيۇتىر يۇمشاق دىتاللىرى ۋە كومپىيۇتىر ئاتالغۇلىرى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ھەر قانداق بىر  نەرسىگە قارىغاندا تىز ۋە زور كۆلەمدە ئومۇملاشتى، ئاتالغۇلارنى كومپىيۇتىردا ئۇيغۇرچە ئىپادىلەش  ئۈچۈن ئۈنۈملۈك بىر  ئۇسۇل  ئوتتۇرىغا  قويۇلمىغاچقا بىلىپ بىلمەي بۇ  ئاتالغۇلار  خەنزۇچە ئومۇملىشىپ كەتتى بۇنىڭ زىيىنى ئەمدى  كۆرۇلۇۋاتىدۇ.

مىسال  

ئا:   ۋەي ۋەي (تىلىفۇندا)  كومپىيۇتىرمنىڭ   CPU  نىڭ  تىپىنى  قانداق  كۆرىمەن؟

ب:  << مىنىڭ كومپىيۇتىرىم>> نىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەكىلىپ << خاسلىق>> نى  باسساڭ چىقىدۇ.

ئا:  نىمە  دەۋەتىسەن چۈشەنمىدىمغۇ ؟

ب:  شۇنىمۇ  چۈشەنمىدىڭما <<  ۋودى دىيەنناۋ>> نىڭ ئۈستىگە  ماۋۇسنى ئەكىلىپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چەكسەڭ چىققان تىزىملىكتىن <<  شۇشىڭ>> نى باسساڭ چىقىدۇ.

ئۆز  ۋاقتىدا  ULY  نى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارمۇ ئۇيغۇر يىزىقىنى سىز  بىزلەردىن بەكرەك سۆيگۇچىلەر  ئىدى ،  شۇلارنىڭ ULY  نى  ئوتتۇرىغا  قويۇشىىمۇ سەۋەبسىز ئەمەس ئىدى .

ھازىرغىچە  تىخى ئۇيغۇر  يىزىقىمىز كومپىيۇتىر دا  تولۇق ئىشلىتىلگىدەك ھالەتكە  كەلگىنى يوق ،  سەۋەبى ئۇيغۇر يىزىقىنى كومپىيۇتىردا تولۇق ئىشلەتكىلى بولۇشنىڭ تىخنىكىلىق مەسىللىرى تىخى تولۇق ھەل قىلىنمىدى ، لىكىن ULY  بۇ  جەھەتتە  ئۇيغۇر يىزىقىغا قارىغاندا كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە ئىدى،  ئۆز ۋاقتىدا  يىراقنى كۆرەر كومپىيۇتىر مۇتەخەسىسلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ  لاھىيە  ULY غا قارشى چىققان ئەزىمەتلەر تەرىپىدىن كەسكىن ھالدا رەت قىلىندى ۋە  بىر نەچچە مەيدان تور جەڭلىرىمۇ بولۇندى ، كومپىيۇتىر سەۋىيەسى يۇقرى ULY غا قارشى چىققۇچى ئەزىمەتلەر تىخىچە فونىتنىڭ كاشىلىسىدىن قۇتۇلالماي يۇرۇيدۇ ،باشقا قارشى تۇرغۇچى ئەزىمەتلەر ياكى ئۈنۈملۈك بىر  چارىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى ،  ياكى ULYقارشى جەڭنى توختاتمىدى ،  نەتىجىدە تۆۋەن  سەۋىيەدىكى كومپىيۇتىر ئىشلەتكۈچىلەر ئامالسىز  ھىچقانداق ئاۋارىچىلىقى بولمىغان ئازراقلا تىل قىيىنچىلىقى بولغان خەنزۇچىنى تاللىۋالدى نەتىجىدە ھازىرقىدەك ئەبجەش كومپىيۇتىر ئاتالغۇلىرى پەيدا  بولدى.

ئەگەر ULY  ئۆز  ۋاقتىدا  ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللاشقا  ئىرىشكەن بولسا   مەشغۇلات  سىستىمىلىرىنىڭ  ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىش ۋاقتى 2004 -2005يىللىرىدىن كىيىن قالمايىتتى ، بۇ  دەل windowsxp  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملىشىش مەزگىلى بولغاچقا تەبئىيلا ئىشلەتكۇچىلەر  تەرىپىدىن قوبۇل  قىلىناتتى ،  كىيىن تىخنىكىلىق شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە ھەقىقى ئۇيغۇر  يىزىقىغا  ئۆزگەرتىلسە ئىشلەتكۈچىلەر  بۇنى قوبۇل  قىلالايىتتى ، قوبۇل  قىلالمىغان تەقدىردىمۇ كومپىيۇتىر ئاتالغۇلىرىنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ھالەتكە كىلىشى ئۈچۈن پايدىسى زور  بولاتتى .

مانا  بۇ  مىنىڭچە ULY  نى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارنىڭ ئاساسىي نىشانى..

لىكىن بۇ  تالاش  تارتىش  ئاخىرقى ھىسابتا ULY قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخرلاشتى ،  مۇبارەك بولسۇن ئەزىمەتلەر .

بەت: [1] 2
: ئىملانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە!