Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2008-9-6 19:26:07

ئىزدىنىش دۇردانىلىرى

ئىزدىنىش دۇردانىلىرى

ئۇزۇندىن بۇيان تاقىلىپ قالغان ئىزدىنىشمۇ ئاخىرى ئېچىلىپ، چېچىلىپ كەتكەن ئەزلارمۇ بىر-بىرلەپ قايتىپ كەلگىلى تۇردى.
ئېچىلغىنىنى تېخى بىلىپ بولالمىغان ئەزالارمۇ ئاستا-ئاستا يىغىلىپ قالار. يەنە بۇرۇنقىدەك قىزغىن، ئۆتكۈر مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇرىدىغان
كۇنلەرنىڭ قايتىدىن كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتىمىز. بىر مەزگىل قىزىغان< ئىزدىنىشتىكى ئەڭ كۆپ ئىنكاس قايتۇرۇلغان تېما> دېگەن تېمىمۇ بارا-بارا سوۋۇپ كەتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش تېمىدىن يەنە بىرنى چىقىرىش ئۈچۈن بۇنى ئويلاپ تاپتىم.
بۇمۇ ئىزدىنىشتىكى ئەڭ كۆپ ئىنكاس قايتۇرۇلغان تېمىغا ئوخشاپ قالىدۇ. يەنى ئەڭ ئاۋال مەن بىر جۈملە <ھېكمەتلىك سۆز> قالدۇرىمەن.
سىز بۇنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ئويىڭىزنى يېزىپ بولۇپ ، داۋامىغا سىزنىڭ <ھېكمەتلىك سۆز>ىڭىزنى قالدۇرىسىز. ئەلۋەتتە بۇ داڭلىق كىشلەرنىڭ ، مەشھۇر شەخسىلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزى ئەمەس. پەقەت كىشىلىك تۇرمۇشتا ، دوستلىرىڭز، ساۋاقداشلىرىڭز، ئەقۇتقۇچىلىرىڭىز، خىزمەتداشلىرىڭز بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ، پىكىر ئالماشتۇرۋاتقان ، چاقچاقلىشىۋاتقان چاغلىرىڭىزدىكى ، شۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ئىچىدە ، سىزنى ئويلاندۇرۇپ قويغان بىر جۇملە گېپنى يازسىڭىزلا بولىدۇ. تېما مۇشۇنداق قىلىپ داۋاملىشىۋېرىدۇ.  ئەمسە ئالدى بىلەن مەن كېلەي.

بىلىم كۈچ، دېمەك بىلىم=كۈچ.
ۋاقىت ئالتۈن، دېمەك ۋاقت=پۇل.
تۆۋەندىكى تەڭلىمە كۈچكە ئىگە دېسەك،
كۈچ=ئىش\ ۋاقىت
ئۇ ھالدا تەڭداش قىممەتلەرنى ئورنىغا قويۇش ئارقىلىق
بىلىم=ئىش\پۇل
يۇقارقى تەڭلىكتىن پۇلنى ئىپادىلىسەك
پۇل=بىلىم/ئىش
بىلىم قانچە ئاز بولغانسېرى پۇلىمىز شۇنچە كۆپ بولىدىكەن، شۇڭا مەن ئوقۇشنى تاشلىماقچى.

بۇنى ئىككى كۇن ئاۋال توردا ئۇچىرىتپ قالدىم. قېىنى بۇنى كۆرۈپ ئويلىغىنىڭزنى دەپ بېقىڭ ۋە <ھېكمەتلىك سۆز>ىڭزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.

باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى : تېما ئىسمى << ئىزدىنىش دۇردانىلىرى >> دەپ ئۆزگەرتىپ قويۇلدى.

يۈكسەل

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-9-6 21:21:19

مەسلىھەت ئىشتىمىغان كىشىدىن بىرى بولسا بىرى مىخقا ئۈسۈيدۇ، مىڭى بولسا ھەم مىڭى مىخقا ئۈسۈيدۇ.

- بۇ چوڭدادامنىڭ سۆزى.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-9-6 21:22:15

ئىشەنمگىن دوستۇڭغا ، سامان تىقۇر پوستىڭغا .

- بۇ ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىلى.

Qaraxenjer يوللانغان ۋاقتى 2008-9-6 22:06:57

ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ . ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﺋﺎﻕ ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻨﻰ ۋە ... ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ . ﺑﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻗﯘﺭﺍﻟﻰ .
<< ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎ ، ﻗﻪﺑﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯚﻟﻪﻳﺪﯗ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎ ، ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺗﯩﻼﻳﺪﯗ >>
-  ﺑﯩﺮ ﺑﯘﺭﺍﺩﯨﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ
<< ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻗﺎﺯﺳﺎ ﺑﺎﻻ - ﻗﺎﺯﺍ ﻛﯧﻠﯘﺭ >>
- ﺑﯩﺮ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-9-6 22:12:16

نادان بىلەن سۆھبەتلىشىش شۇملۇقتۇر. (ئىبنى ھەجەر كىتابىدىن)

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-9-6 22:15:26

ئۆز - ئارا سوۋغات بېرىشىپ تۇرۇڭلار. دوستلۇقۇڭلار كۈچىيىدۇ. كۆڭۈلدىكى ئاداۋەتلەر تۈگەيدۇ.

--------------- رەسۇلۇللاھ سۆزى.

??????? يوللانغان ۋاقتى 2008-9-6 23:08:04

دىۋانىنىڭ ئالقىنى مەڭگۈ تولمايدىغان ھاڭ!

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 12:44:03

-ئاداش ،بۈگۈن مېنى كوچىدا بىر ئالدامچى قۇيۇپ كەتتى -

بىر ئوغرى ئاغىنەمنىڭ ئاغزىدىن !!!!

atella يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 13:41:49

ئۆزۇمنڭ سۆزى

ئادەملەر ئارسىدا ئىنساپ قالمغاچ،ئارىمزدا دىۋانىلەر كۆپەيدى...

قوشۇمچە--------------

ئوغلۇم.........
ساڭا يەر-زېمىننى سوۋغا قىلمىدىم.
ئېلىپ قويدۇم بىر جۇپلا ئاياق،
ئۆز زېمىنىگە دەسسەپ تۇرسۇن دەپ.

بۇ ئادىل تۇنىيازنىڭ شىئېرىمۇ؟

Algha يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 14:52:41

ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ روھىدىن يىراقلىشىپ،چۈمىلە روھىغا يېقىنلىشايلى!

-مىنىڭ گىپىم،پاتنىت ھوقۇقى مەندە!

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 15:07:05

كۈلەلمىسەڭ ھىجايما ، چىچالمىساڭ دوڭغايما

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 15:08:31

كۈلەلمىسەڭ ھىجايما ، چىچالمىساڭ دوڭغايما

شۇڭا، قاپاق تۈرۈپلا تۇرىدىغان گەپكەندە ؟! ....

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 15:09:57

Do what you love, Love what you do

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 15:12:38

Do what you love, Love what you do

ھەممىمىز ياۋا كەپتەر.....

ئۈستىدىكى گەپتىن ئىمزايىڭىزدىكى گەپ نوچىكەن!

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 22:44:35

ئۈمۈت ھاياتنىڭ يىلتىزى ..

- Musicfan

پاتىنىتى مەندە

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 23:13:54

ئىككى ئادەم پايانسىز چۆلدە ئىزىپ قاپتۇ. ئۇلاردا پەقەت  بىر تال ئالما  قالغان ئىكەن، ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم  يىيىشكە قالدۇرۇپ قويۇپ، ئالمىنى سىقىمدىغىنىغىچە  يول ئىزدەپ مىڭىپتۇ...

ئۇلار چۆلدىن چىقىپ كىتىشتىن ئۈمۇدىنى ئۈزمىگەنىكەن ،چۈنكى ئۇلارنىڭ قولىدا ئەڭ ئاخىرقى قىتىم يىسە بولىدىغان ئالمىسى بار.  شۇنداق قىلىپ شۇ ماڭغانچە  يول مېڭىپ ، يول ماڭغاندىمۇ مول مىڭىپ ئاخىرى چۆلدىن چىقىپ كىتىپتۇ. بوستانلىققا چىققاندا قولىدىكى ئالما بولسا پۇتۇنلەي سولىشىپ بۇزۇلۇپ بولغانىكەن...

ئەكسىچە يانا بىر ھىكايە، ئىككى ئادەم چۆلدە ئىزىپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئېلىۋالغان ئاخىرقى بىر قاپاق سۈيى ، تاساددىبى پۇرسەتتە تۆكۈلۈپ ، قۇملارغا سىڭىپ كىتىپتۇ. ئىچىدىكى بىرى بۇنىڭدىن پۈتۈنلەي ئۈمۇدىنى ئۈزۈپ ، (قورققانلىقتىن ) ئۆلۈپ قاپتۇ. لىكىن  ئۇلار ئازغىنىلا ماڭغان بولسا بوستانلىققا چىقاتتىكەن...

شۇڭا موزىكفاننىڭ \" ئۈمۈد ھاياتنىڭ يىلتىزى\" دىگەن سۆزى بەك جايىدا بوپتۇ.

ئادەم ئەڭ ئىگىز تاغقىمۇ چىقالايدۇ.

بۇنى مەن ئۆز تەجىربەم ئارقىلىق ھىس قىلغان. بەش، ئالتە يىل بولدىغۇ دەيمەن ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا . ئوينىغىلى تاغقا چىققان ئىدۇق... باشتا بىز يىراقتىن بەك ئىگىز كۆرۈنگەن بىر تاغقا چىقىمىز دىيىشتۇق . شۇ چاغدا مىنىڭ كۆزۈم يەتمىگەن لىكىن ھە چىقىمىز دىسە چىقىمىز دىيىشىپ، ماڭدۇق...  ئارلىقتا بەزى دوستلار  بولدى قىلماقچىمۇ بولدى لىكىن مىنىڭ ماڭغانسىرى قېنىم قىزىزىپ كىتىۋاتاتتى... نۇرغۇن يوللارنى بىسىپ ئاخىرى شۇ تاغنىڭ چوقىسىغا چىقتۇق. مەن شۇ چاغدا ھاياجاندىن كۈچۈمنىڭ بارىچە ۋاقىرىۋالغانىدىم.

كىيىن چۈشۈش يولىدا تاغ چوقىسىدىن  بىز كەلگەن تەرەپكە (پەسكە) قارىدىم. لىكىن ئۆزۈمنىڭ شۇ يوللارنى بىسىپ مۇشۇ يەرگە چىققىنىمغا  راستىنلا ئىشەنگۈم كەلمىدى...

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-9-8 07:07:43

ما ھاجىم گەپكىمۇ پاتنىت تەلەپ قىپتىيا

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-8 07:45:34

مەن شۇ ئېغىزىمدا جان باققاندىكىن دەيمىنا

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2008-9-16 02:24:40

توختاپ قاپتىغۇ بۇ ؟

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2008-9-16 05:03:37

ئۈمۈتسىز ئادەم تىرىك مۇردىغا ئوخشايدۇ !

بۇ سۆزنى مەندىن بۇرۇن بىرەسى دىگەنمۇ بىلمىدىم  .

بەت: [1] 2
: ئىزدىنىش دۇردانىلىرى