GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-9-6 16:16:57

بىر سوم مۇراجەتنامىسى

<< بىر سوم پىلانى >> مۇراجەتنامىسى

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم ئىزدىنىش ئەھلى ، ئىزدىنىش يېڭىدىن ئېچىلدى (كۆز تەگمىسۇن) ، ھەممىلىرى ئوبدان تۇرۇشقانلا ؟  بالا-چاقا ، ئاتا - ئانىلىرىمىز تىچلىقتۇ ؟

    سالامنى مۇشۇنچىلىك قىلىپ نەق گەپكە كېلەي . ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بار ، ئىزدىنىشتا <<بىر سوم پىلانى>> دەيدىغان بىر پىلان بار ئېدى ، (خەۋىرى يوق تورداشلارنىڭ بىر سوم پىلانى مەخسۇس سەھىپىسىنى كۆرۈشىنى سورديمەن)پىلانىمىز قۇرۇلغاندىن بېرى كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن ئېدى ، جەمئىيەتتە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشقا ئامالسىز بولغاچ google كامنىڭ ئازراق بولسىمۇ تۈكىنى يۇلايلىمىكىن دەپ بىر سومنىڭ تور بېكىتى قۇرۇلغان ئېدى ، بېكەت قۇرۇلۇپ تاپقان پۇل 20 نەچچە دوللاردىن ئاشقان ۋاقىتتا نىمە بولدىكىن بېكەت توختاپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم بىر قوللۇق قىلىپ بېكەت پروگراممىسىنى باشقىدىن تەييارلاپ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىغان ئېدىم ، شۇنداق قىلىپ مۇشۇ يېقىندا بېكەتنى پۈتتۈردۈم ۋە مۇقىم بوشلۇق ئېلىپ http://www.1tilla.com دېگەن خەلىقارالىق ئۆلچەملىك نام (بۇ ئىسىمنى ئىنتىل سەيناسىدىن ئىنتىل تەمىنلىگەن ، بۇ يەردە ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن)بىلەن ئېلان قىلدۇق.  لىكىن بېكەتنىڭ ھازىرقى كۈندىلىك IP سانى بەكلا ئاز بولغاچقا كىرىم تېخى ھازىرغىچە 40 دوللارغىمۇ يەتمىدى ، QQ توپلىرىدا قايتا - قايتا ئېلان قىلغان بولساقمۇ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى ، شۇ ۋەجىدىن بىر سوم پىلانى شۇنداق مۇراجەت قىلىدۇكى :

  بارلىق تورداشلار بىر سوم پىلانى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقارساق كۈندە بىر قېتىم http://www.1tilla.com غا كىرىپ ئېلاننى بىر چېكىۋەتسەڭلار (پەقەت بىر قېتىم جۇما يەنە ، قايتا - قايتا چەكسەڭلار <<چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كۆزىنى قارغۇ قىلىسىلەر>>)، تور بېكىتى بار تورداشلار ئۆز تور بېكىتىنىڭ كۆرۈنۈشلۈك ئورنىدىن بىر سوم پىلانى ئۈچۈن ئازراق ئېلان ئورنى ئاجراتسا ، ھىچ بولمىغاندا دوستانە ئۇلىنىش قىلسا ، شۇ تەتىقىدە تور بېكىتىمىزنىڭ كۈنلۈك IP سىنى 2-3 مىڭغا يەتكۈزسەك ھەر ئايدا بىر سوم پىلانى ئۈچۈن 100 دوللارنى گەپ يوق تېپىپ بېرەلەيتتۇق . بۇ 100 دوللار بىلەن 10 ئوقوغۇچىنىڭ بىريىللىق ئوقۇش ھەققى ھەل بولىدۇ دېگەن گەپ .  

گەپنىڭ قىسقىسى توردارشلار بىرلىكتە بىر سوم ئۈچۈن كۈچ چىقارساق دېمەكچى . باشقا مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ شۇ مۇنبەرلەرگىمۇ چاپلاپ قويۇشىنى بىر سوم نامىدىن سورايمەن  .  

ئىھتىرام بىلەن : <<بىر سوم پىلانى مىھرىبانلىق يەتكۈزۈش تور بېكىتى>>  http://www.1tilla.com

مىھرىبانلىق رىشتىسى مەڭگۈ ئۈزۈلمىسۇن !!!

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2008-9-6 17:31:53

بىر سوم پىلانى ھەممىمىزنىڭ پىلانى ~~~~~!

سىتودىنىتلار كۇلۇبى بىر سوم پىلانى ئۈچۈن بەتنىڭ تۆرىدىن مەڭگۈلۈك ئىلان ئورنى ئاجرىتىمىز !

www.sawakdax.cn

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2008-9-6 20:07:47

خانتەڭرى تور دۇنياسى بېكەتنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدۇردى.
http://munbar.hantangri.netداەداەداەدەا

A.SERDAR يوللانغان ۋاقتى 2008-9-6 20:41:46

fier fox دا ئىلاننى چەككلى بولمامدۇ قانداق ........؟

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-9-6 21:12:07

بىر سوم پىلانىغا ئاتاپ << يۈكسەل بلوگى >> دا تۆرنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قوشلاپ كۆرپە سېلىپ قويۇلغان ئىدى. << يۈكسەل بلوگى >> دوستخنىمىزدىكى ھەرقانداق نازۇ - نېئمەت ( يازما ) يارىسا ، بىر سوم پىلانى تورىغا قويۇلسا بولىدۇ. پېقىرمۇ ھەم ئۇزۇندىن بىر سوم پىلانى تورىنى كۈندە بىر يوقلاپ، گۇگۇلجاننىڭ ئىشىكىنى قېقىشنى ئادەت قىلىۋالغانمەن. باشقا تورداشلارغىمۇ شۇندااق قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

يۈكسەل بلوگى ---------- http://yuksel.blogbus.com

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-6 23:03:36

قەدىردان تورداشلارنىڭ بىر سوم پىلانى مېھرىبانلىق پائالىيىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز ..نۇرغۇن ئوقۇغۇچى سىتۇدىنىت تورداشلار بىر سوم پىلانىغا قاتنىشىپ ھەر ئايلىق تۇرمۇش پۇلىدىن ئاز قىسمىنى ئاجرىتىپ ئىئانە قىلىش ئويىنى بىلدۈرگەنلىرىدا ئۇلارغا ھازىرچە بىر سوم پىلان مېھرىبانلىق پائالىيىتىگە پۇل ئەۋەتمەسلىكنى ،چۈنكى ئاتا ئانىلار ئەۋەتكەن شۇ تۇرمۇش پۇلىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقى لازىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى كىيىنچە بىر سوم پىلانى تور بېتى ئېچىلغاندا  ھەر قېتىم تورغا چىققانلىرىدا ئېلانلىرىمىزنى چېكىپ قويۇش يولى بىلەن بىر سوم پىلانىغا \"زىخ كۆيدۈرمەي كاۋاپ يېيىش\"ئۇسۇلىدا ياردەم قىلىشنى بىلدۈرگەن ئىدىم ...

ئەمدى شۇ سىتۇدىنىت مېھرىبانلارغا تەۋسىيەم شۇكى ئۇشبۇ  بېتىمىزدىكى ئېلانلارنى چ چ توپلىرىڭلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىپ ئېلان كىرىمىمىزنى ئاشۇرىشىمىزغا ياردەمدە بولىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز .....

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 06:14:24

مەن بىر سوم پىلانىنى بىزنىڭ سىنىپتا تەشۋىق قىلغان چېغىمدا ، سىنىپىمدىلا نەخ پۇل بەرمەكچى بولغانلار بار ئېدى ، مەن ئۇلارغا بېكىتىمىزگە كىرىپ ئېلان چەكسەڭلارلا بولدى دېگەنتىم ، ئىشىنىمەنكى بىر سوم پىلانى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگىسى !

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 06:44:55

يەنىلا بىزنىڭ ئىزدىنىش ياخشىكەن ، باشقا مۇنبەرلاردە ساپلا قوللايمىز ، رەھمەت  ... دېگەندەك گەپلەر ، ما بىزنىڭكىدەك پالانى بېكەتكە ئېلان بەردۇق دېگەن گەپ يوق دېسە  .

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 09:39:07

مېنىڭچە گۇگۇلجاندىن دوللار تاما قىلىپ ئولتۇرماي، يەنىلا ئىزدىنىش ئەھلىدىن ئەسلىدىكى كېلىشكەن پىلانىمىز بويىچە < بىر سوم پىلانى ئەزالىق بەدىلى > يىلدا پەقەت ۋە پەقەت 12 يۈەننى ئىلگىرىكىدەك يىغىش كېرەك. ھەربىر ئىزدىنىش ئەھلى مەزكۇر بەدەل پۇلىنى تۆلەشنى ئۆزىنىڭ قەرزى ۋە پەرزى دەپ بىلىشى كېرەك. 12 يۈەن بىز ئۈچۈن بىر تەخسە لەغمەننىڭ پۇلى بولسىمۇ، سەبىي - گۈدەكلىرىمىز ئۈچۈن كەلگۈسىگە ئۇل سېلىش ، ئىستىقبال يارىتىش پۇلىدۇر. بۇ بەدەل پۇلىنى تاپشۇرمىغانلىق ئەشۇ سەبىيلىرىمىزنىڭ ھەققىگە قارا سانىغانلىق، كۆڭلىمىزنى قارا سىياھتا بۇيىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس! 

ئىزدىنىش ئەھلى قۇلاق سېلىڭ! سىز بۇ يىل << بىر سوم پىلانى >> ئەزالىق بەدەل پۇلىنى تاپشۇردىڭىزمۇ ؟ تاپشۇرمىغانلار تاپشۇرۇش نېيتىڭىز يوقمۇ؟! ....

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 09:39:57

ئېنى  - سىڭللىرىم ئۈچۈن بۇ تېمىنى جەۋھەرلىدىم.

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 11:05:36

بىر تىللا تۆۋەندىكى بىكەتكە ئۇلاندى !

patriot يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 11:07:05

بىر سوم پىلانىغا قانداق پۇل سالىمىز ؟ بىر تىللا تور بېتىنىڭ كۆرۈنەرلىك يېرىدە ئۇچۇر بېرىپ قويساڭلار.

SAKA يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 11:56:44

سىلەرنى قوللايمەن .   مەنمۇ كىرىپ گوگۇلجان بىلەن  كۆرشۇپ چىقاي ئەمسە ......

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 13:04:52

بىر سوم پىلانىغا قانداق پۇل سالىمىز ؟ بىر تىللا تور بېتىنىڭ كۆرۈنەرلىك يېرىدە ئۇچۇر بېرىپ قويساڭلار.

----------------------------------------

بۇنىمۇ ئويلىشىۋاتىمىز ، ئۇزۇنغا قالماي بۇلارنىمۇ تەييار قىلىمىز .

كۆپچىلىكنىڭ قوللىغىنىغا تەشەككۈر ، يۈكسەل ئوبدان گەپ قىپتۇ ، ئەگەر شۇنداق قىلالىساق ئىشلىرىمىز تېخىمۇ روناق تاپاتتى .

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-7 23:11:46

بىر سوم  مېھرىبانلىق پائالىيىتگە پۇل سېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى يەنىلا كارتىدىن كارتىغا پۇل ئاغدۇرۇش ئۇسۇلىدۇر ...........

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-8 11:00:22

قاينام بۇرادەر ،

مەن بۈگۈن چۈشتىن كىيىندىن باشلاپ تۆۋەنگە بىر ھەپتىلىك خىزمەتكە چۈشۈپ كېتىمەن ،تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى يوق ،

شۇڭا سىزنىڭ مۇمكىن بولسا تۆۋەندىكى ئۇلانمىلاردىن پايدىلىنىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ...

http://bbs.bilik.cn/forumdisplay.php?fid=137

ئەسلى بىر سوم پىلانىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردا قىلغان ئىش پائالىيەتلىرىنى يازماقچى  ئىدىم ،ۋاقىت چىقمىدى ،قېنى خۇدا خالىسا كەلگەندە يازارمەن ...

خەيىر ......ئىزدىنىش ....

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-9-9 08:23:35

نەق پۇل سېلىشنى ئويلاشقان مىھرىبانلىرىمىزغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بىر سوم پىلانىنىڭ بانكا ھېسابات نۇمۇرىنى بېكىتىمىزگە چىقىرىپ قويدۇق .  شۇ ھىساباتقا سالساڭلار نەق ۋاپادارىمنىڭ قولىغا تېگىدۇ .  

Vatan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-9 12:48:23

تاما-تاما كۆل بولار ،ھەممىمىز تېرىشساق ،چوقۇم نەتىجىسىنى كۆرەلەيمىز.

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2008-9-9 15:32:45

ئاڭلىسام  9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپتىكى ئۇقۇغۇچىلاردىن ئۇقۇش پۇلى  ، كىتاب پۇلى ئالمايدىكەن.  پەقەت 40 يۈەن سۇغۇرتا پۇلنىلا تاپشۇردىكەن دەيدۇ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-9-9 16:06:59

ئوقۇش پۇلى ئالمايدىغىنى راست ، لىكىن كىتاب پۇلىنى كۆتۈردۇق دگىنى بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ، بىر قىسمى ھەقلىق يەنە بىر قىسمى ھەقسىز دەپ ئېلان قىلىندى ، شۇنداق قىلىپ ئاساسى ماتىرياللارنى ھەقسىز بەرگەندىن كىيىن،  دەرسلىك يانداشما مەشقلىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئشىپ ھەتتا تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنىمۇ باستۇرۇپ ئەكىلىپ بىر تۇتاش سېتىپ دېگەندەك مەكتەپ ئۆزى ساتىدىغان يانداشما مەشىقلەرنى باھاسى ئەسلىدىكى ھەقلىق ماتىرياللاردىن قېلىشمىغۇدەك بولدى يەنە .

ئەگەر مەكتەپلەر پۈتۈن ھەقنى كۆتۈرۋېتىپ ئوقۇتقان تەقدىردىمۇ ، ئارىمىزدا تېخى قورسىقى تويمايۋاتقانلار ئاز ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش كېلىۋاتىدۇ . بىزنىڭ ياردەم نىشانىمىز ئوقوغۇچىلارلا ئەمەس ، ئەگەر ئىئانە قىلىش نىيىتىڭىز بولسا پۇلنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى قالمىدىمىكىن دەپ ئىككىلەنمەي بېرىۋېرىڭ   .

يۇقارقىدەك دېسىڭىز بۇ گەپ بىزگە قارتىلىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالىدىكەنمىز ، شۇڭا گەپ سۆزدە سەل دېققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .

بەت: [1] 2
: بىر سوم مۇراجەتنامىسى