ھازىرقى جوڭگۇ تور بەتلىردىكى Windows ئاچارچىلىقى
پەمىدۇر باغچىسىنىڭ ئاپتورى تۇتۇپ كىتىلگەندىن بۇيان ( تەپسىلاتنى بۇ تېمىدىن كۆرۈڭ ) . دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى نۇپۇزلۇق Ghost لانغان Windows ئائىلىسى مەشغۇلات سۇپىسى ۋە قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان Windows ئائىلىسىدىكى مەشغۇلات سۇپىسىغا ئىش قۇشۇپ ئىشلەيدىغان تور بىكەتلەر سەل چۆچۈدىمۇ قانداق ، يېقىندىن بېرى يېڭىراق بىرەر نەرسە چىقتىمىكىن دەپ قاراپ باقساممۇ ، ھېلىغۇ يېڭىكەن كونىسىمۇ يوق دەڭلا . سېستىما ئىخچاملاشتۇرۇشتا نامى بار Deepin مۇ جىمىپ كەتتى ، بۇرۇنقىلىرىدىن تارتىپ يىغىشتۇرۋېتىپتۇ . بوپتۇلا دەپ 雨林木风 كىرسەممۇ ھىچنىمە يوق 东海 دىگەن جوھۇتمۇ پاك - پاكىز قىلىپ مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى يىغىپ قۇيۇپتۇ . 小路工作室 دىكىلەرمۇ بارلىق Windows قا ئائىت چۈشۈرۈش ئادىرسىلىرىنى تاقاپ ، پەمىدۇر باغچىسىنىڭ ئاپتورىنىڭ تۇتۇپ كىتىلگەنلىكى توغىرسىدىكى خەۋەرنى چوققىسىغا چىقىرىپ قۇيۇپتۇ . قارىسام MAC , Linux لارنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى داۋاملىق خىزمەتتە ئىكەن .
قارىغاندا بۇنىڭدىن كىيىنكى ۋەزىيەت ئاستا - ئاستا باشقا رايونلاردىكىگە ئوخشاش ، ھەقىقىي نۇسخسىنى سېتۋېلىپ ئىشلەتمىسىڭىز ، توردىن Windows نى چۈشۈرىمەن دىگەننى خىيال قىلمايدىغان شارائىتقا قاراپ يۈزلىنەمدۇ قانداق ؟ يىغىۋالغان Windows لىرىمىزنى ئوبدان ساقلاپ ، يوقىتىپ قۇيۇشتىن ساقلانساق بولغۇدەك ، ھېلىمۇ بىز جوڭگۇدىكى نەشىر ھوقۇقىغا پىسەنت قىلماسلىقتەك ، بىكارغا ئامراق خاھىشنىڭ ئارقىسىدا خېلى جىق پايدا ئېلىۋالدۇق . ناۋادا ئۇنداق بولمىغان بولسا ، كومپىيۇتېرنى سېتىۋېلىش بىر گەپ . ئۇنىڭغا دىتال قاچىلاشقىمۇ يۈرەكنى پولدۇڭشىتىپ تۇرۇپ ، تىترەپ تۇرغان قوللىرىمىز بىلەن پۇل تۇتۇپ بازارغا چىقمىساق بولمايتتى . Windows بىلەن باشلانغان بۇ يىغىۋېتىلىش كىيىنچە بارلىق ھەقلىق دىتاللارغىمۇ يۈزلىنىشى مۇمكىن ، شۇڭا مۇشۇ بىر مەزگىلدە توردىن ، ھەقلىق دىتاللارنىڭ يىشىۋېتىلگەن نۇسخسىىنىڭ ئەڭ يېڭى ھەم مۇكەممەل نۇسخسىنى ئىزدەپ چۈشۈرۋالمىساق ، ئەتە - ئۆگۈن ئۇنى توردىنمۇ ياكى بازاردىنمۇ ئوغرى نۇسخسىنى تاپالماي ، پۇل خەجلەشكە توغرا كىلىپ قالۇرمىكىن .
Windows مۇشۇنداقلا قىس بولۇپ كەتسە ، Linux مۇ بازار تېپىپ قېلىشى مۇمكىن . كۆپلىگەن linux ھەۋەسكارلىرى ياكى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ۋە ياكى تۆۋەن كىرىملىكلەر تەبىئىيلا Linux قا يۈزلىنىپ كىتىشى تۇرغانلا گەپ . شۇڭا Windows نىڭ بۇ قېتىملىق نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيىتى ، linux قىزغىنلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن .
باياتىن ياقى تور كىزىپ ئۆزەمگە ياققۇدەك نەرسە تاپالماي قايناپ قاپتۇمەن . خاپا بولماڭلار ھە .
8,15 كۈنىگىچە بولغان windows ئىخچاملاشتۇرۇلغان قاچىلايدىغان،ghost نەشرلەرنىڭ خىللانغانلىرى بار..چۈشۈرۈش سۈرىتىمۇ خېلى تىز.ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ ساقلىۋېلىڭلار.
تەكشۈرۈشىتن كېىيىن ، يەنە ئۆز سەنىمگە چۈشىدۇ . ۋاقىتتلىق ئىشلار .
بىل گەيتىس پىنسىيگە چىقىپتىمىش باللا. مىكروسوفىتنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرنى بىر نىمە دىمەك تەس. ھەممە ئادەمنىڭ خاراكتىرى ئوخشاشمايدۇ. ھازىرقى مىكروسوفىتنىڭ ئاتامانلىرى نىمىش قىلمەن دىسە قىلالايدۇ دە