« «تۈكى يوق پاراڭ » » تىمىسىدىن تۇغۇلغان خيالل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى:
بۈگۈن مۇنبەرنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ بىر قانچە تىمىغا قىزىقىپ، تىزىلمىتىپ كىرىپ ئىنكاس يازدىم،
يېقىن بىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇشۇ <<تۈكى يوق پاراڭ>>غا ئالاقىدار سۆزلەرنى بەك كۆپ ئاڭلاپ قالدىم، زادى قانداق پاراڭ <<تۈكى بار>> قانداق پاراڭ <<تۈكى يوق>> پاراڭ؟ دىگەن سىز سۇئال كاللامغا كىرىپلىۋالدى. ئۇزۇن ئويلاندىم، ئاخىر كاللامدا << تۇتامى بار پاراڭ>> ھەم <<تۇتامى يوق پاراڭ>> بولسا كىرەك دەپ يەكۈن چىقاردىم.
<<شاپائەتچى جىگوڭ>> قىلىمىدە <<تۈكلۈك پاچاق ئالمايمەن، تۈكسىز پاچاق ئالىمەن>> دەيدىغان بىر دىئالوگ بار. ھەر قېتىم مۇشۇ <<تۈكى بار پاراڭ>>، <<تۈكى يوق پاراڭ>> نى ئاڭلىساملا ئىسىمگە كىلىپ قالىدۇ. ئەمدى بىز تىنماستىن <<تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغدايلى!>> دەپ شوئار توۋلاپ، پايرىقىمىزنى لەپىلدىتىپ، ئاشۇ شوئارغا ئەگىشىپ يۈردۈق، ئەمما نىمىشقا مۇشۇنداق تىلىمىزغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ئەبگا سۆزلەرنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن، خەلقئارالاشقان مۇنبەر يۈزىدە يازمىغا تىما قىلالايمىز؟ قۇرۇق شوئارۋازلىق تارىختىن بىرەر ئىشقا ئەسقاتقىنىنى مەن ئاڭلىمىدىم، ھازىرقى زاماندا ھەم كۆرمىدىم.... ئۆز تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى ئۆزىمىز قىلمىساق خەق قىلسۇنمۇ؟ بىز توغرا ئىشلەتمەي تۇرۇپ خەقتىن ئاغرىنىشقا ھەققىمىز بارمۇ؟ يەنە مۇشۇ ئەبگا سۆزنى تىما قىلىپ ئىشكەتكەن كىشى بەلكىم ئائىلە، مائارىپ، جەمىيەت تەربىيىسىنى قۇبۇل قىلغان كىشىدۇ، تەربىيە كۆرگەن ئادەمنىڭ قانداق تەربىيەلەنگىنىنى گەپ سۆزى، ئىش ھەركىتىگە قاراپ ھىس قىلىش مۈمكىن دەپ ئويلايمەن، ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۆز بىلىمىنىڭ قەدرىنى قىلمىغان كىشى قانداق كىشى؟ .... مۇنبەر ئەھلى بۇ خىلدىكى تۈزەتكىلى بولىدىغان خاتالىقنى ئىمكان قەدەر تۈزىتىۋالايلى، كونىلاردا <<باش نەدىن كېتىدۇ؟ تىلدىن.>> دەيدىغان ھىكمەت بار! ئۆزىمىزنىڭ بېشىغا ئۆزىمىز ھىزى بۇلايلى.... نۇرغۇن چوڭ خاتالىقلار مانا مۇشۇنداق ئۇششاق خاتالىقلارغا يول قۇيۇپ كۈنۈپ قالغىنىمىزدىن پەيدا بولغان....
ئەگەر مېنىڭ مۇشۇ قارىشىمغا قۇشۇلىدىغان ئادەم كۆپ سانلقنى ئىگىلىسسە، ئۇشبۇ <<تۈكى بار، تۈكى يوق>> دىگەن گەپنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىپ كۆرسەك، ئۇنداق بولمىسا يەنىلا تۈكى بار تۈكى يوق پېتىم قېلىۋېرسۇن.....
بەك جايىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان تەكلىپ بوپتۇ.سېلىق،چىرايلىق گەپ سۆز بىزلەرگە پەرىزغۇ.تۈكى بار پاراڭ دىن بىرنى قىلىپسىز مانا
چاخچاق قىلىپ قويدۇم. تىلنى قەدىرلەش، تىلنى قوغداش ۋە ئۇنى توغرا ئىشلىتىش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيتى. تىل مىللەتنىڭ جېنى. تىلغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك ئۆز قەۋمىمىزنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك ئاخىرقى ھىساپتا ئەۋلاتلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك...
بۇمۇ بىر تۈكى يوق پاراڭ بوپتۇ.
بۇ مۇ بىر ئېغىز تىلىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ،ئېغىز تىلىمىزنى مۇشۇنداق سۆزلەر بىلەن بېيىتمىساق بەزى ئىنچىكە مەنالارنى قانداق ئىپادىلەيمىز خانقىز؟
ھەقىقىتەن تۇكى يوك پاراڭ بوپتۇ بۇ. ئىدىيوم دىگەن گەپنى ئاڭلىمىغانما توۋا ئەسلىدە ئۇيغۇر تىلىدا مۇنداق ئىدىيوملارمۇ بار ئىكەندە.....گەپ\" تۈك\" تە ئەمەس، (يەلكىمىزدىكى ) يۈكتە...
پەن تېخنىكا ئىلغارلىشىپ كەتتى.بولسا كاللىغا شۇنداق بىر يۇمتالنى ياساپ قاچىلىۋېتىڭلار.ئوخشىمىغان تۈشۈكتىن چۈشكەن ھەممىنىڭ تىلى،گىپى ئوخشاش بولسۇن.
مىڭ بىر كېچىىدە ساقاللىق ئەر بىلەن ساقالسىز ئەرنى ئككى خوتۇن مۇنازىرلىشىپ دىيشىدىغان بىر تەسۋرىلەر بار ئىدى . تەپسىلاتى .......ئۆزھال
SARANG
مىڭ بىر كىچىنى ئوقۇڭلار . تەپسىلاتى شۇ يەردە .

ۋاقتى ئۆتكەن تېمىغا ئىنكاس يازغۇم كەپ قالدى، مۇشۇ سۆزنى مەن تولا ئىشلىتىمەن. شەخسەن مېنىڭ چۈشىنىشىمچە تۈكى بار ئەركەك دېگىنىمىزدە بالاغەتكە يەتكەن، گەپ-سۆزىگە ئىگە بولالايدىغان، ئۆزىنى توختاتقان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ، «تۈكى يوق پاراڭ» دېگەنلىك كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ «ئاقماس پىكىر، ۋاقىت ئالىدىغان قۇرۇق گەپ،..،»دېگەننى بىلدۈرىدۇ.
بۇ ئىبارىنى ئىشلەتكەنلىك تىلنى بۇزغانلىق ئەمەس، مېنىڭ بىر بۇرادىرىم بار، نېمىلا گەپ قىلسا «ئويناپ» دېگەن سۆزنى(پېئىلنىڭ ھەرقاندىقىنى مۇشۇ سۆزگە ئۆزگەرتىۋېىتىدۇ) قوشۇپ دەيدىغان دەيدىغان. تاماق يەپ كېلەيلى دېگەننىما تاماق ئوينايلى دەيدۇ، ناماز ئوقۇپ كېلەيلى دېسىمۇ ناماز ئويناپ كېلەيلى دەيدۇ، بانكىغا بارماقچى بولسىمۇ بانكا ئوينايمەن دەيدۇ، دەسلەپتە غەلىتە تۇيۇلغانتى ماڭىمۇ. كېيىن ئۆزۈممۇ شۇنداق دەيدىغان بوپ كەتتىم.
«تۈكى يوق پاراڭ» دېگەن ئىبارىنى پەرھات تۇرسۇنكاممۇ ئىشلىتىدىكەن. قايسى كۈنى بەرقىي تورىدا كۆردۇممۇ ياكى «تارىم» ژۇرنىلىمۇ ئىشقىلىپ بىر يەردە كۆرگەنتىم. پەرھاتكاممۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى» كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ ھازىر.
قالپاق كىيدۈرگىلى تۇرساق بۇنداق گەپلەر بەك نۇرغۇننى تاپقىلى بولىدۇ.
ئاتتەك-بەك شاش، بەك نوچى، پەيزى دېگەن مەنىدە.
چانايدىغان-بەك نوچى، بەك پەيزى دېگەن مەنىدە.
قاتىل-چانايدىغان بىلەن ئوخشاش مەنىدە.
يىرتىۋېتىدىغان-ھەقدادىغا يەتكۈزۈۋېتىدىغان.
بۇ گەپنىڭ بىر ئادەمنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىغا چېتىلىدىغان ھىچقانداق بىر يېرى يوق . يۇقۇرىدا تورداشلار تىلغا ئالغاندەك بۇنداق سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر بايلىق ھىساپلىنىدۇ . < تۈكى يوق > دىگەن سۆزنىڭ ئۆزى ، ئۇزاقتىن ئۇزاق ئىزاھلىنىشقا ، چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدىغان گەپنى ، ناھايىتى قىسقا ، ئىىچام ، چۈشۈنۈشلۈك ھالەتتە تەسۋىرلەپ بېرىدۇ .
مېنىڭچە يۇقارقى تېمىنىڭ ئۆزى < تۈكى يوق > تېما بولۇپ قاپتۇ .
eldos:
بۇ گەپنىڭ بىر ئادەمنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىغا چېتىلىدىغان ھىچقانداق بىر يېرى يوق . يۇقۇرىدا تورداشلار تىلغا ئالغاندەك بۇنداق سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر بايلىق ھىساپلىنىدۇ . < تۈكى يوق > دىگەن سۆزنىڭ ئۆزى ، ئۇزاقتىن ئۇزاق ئىزاھلىنىشقا ، چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدىغان گەپنى ، ناھايىتى قىسقا ، ئىىچام ، چۈشۈنۈشلۈك ھالەتتە تەسۋىرلەپ بېرىدۇ .
مېنىڭچە يۇقارقى تېمىنىڭ ئۆزى < تۈكى يوق > تېما بولۇپ قاپتۇ.
كۆك رەڭدە بوياپ قويغان گەپكە خو! ئاتايىن تەھلىل قىلغۇدەك ئىش ئەمەس بۇ.
ياش باللا مۇشۇنداق ئىشلىتىدۇ دائىم. ئۆتكەندە مەن ھەممە ئىشنى مۇشۇنداق دەيدىغان بولۇۋالسام مېنىڭ ئەتراپىمدىكى ھەممىسى دېگۈدەك شۇنداق دەيدىغان بولۇۋاپتىكەن.
تىلنى زورمۇ -زور ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ