Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-9-5 10:04:55

8 ئۇيغۇر تارخانبەگنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇراجەتنامىسى


تارىخىي ھۆججەت : 8 ئۇيغۇر تارخانبەگنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇراجەتنامىسى

مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇلكەرىم يۈكسەل

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدا 1929-يىلى ئۇيغۇر يۇرتىدىكى 8 ئۇيغۇر تارخانبەگنىڭ نەنجىڭ ئاۋام ھۆكۈمىتىگە ( 国民政府 ) يوللىغان<< ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك  مۇراجەتنامىسىى >> ماۋزۇلۇق بىر پارچە قىممەتلىك تارىخى ھۆججەت ساقلانماقتا.
1928-يىلى نەنجىڭ ئاۋام ( گومىن، 国民 ) ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكىنى تەنتەنىلىك جاكالىغان بولسىمۇ، لېكىن، مىللىتارىستلارنىڭ بۆلگۈنچىلىكى شەكىللەندۈرگەن يەرلىك ھەربىي كۈچلەر جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدە دېگۈدەك مەۋجۇد ئىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا نەنجىڭدىكى جياڭ جېشى ھۆكۈمىتى ئەسكەر قىسقارتىش نامى بىلەن ھەربىي شىتات بېكىتىش يىغىنى ئېچىپ، مىللىتارىستلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ ئىچكى ئۇرۇش ئوتى يەنە يامراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكىدا باشلانغان دۇنياۋى ئىقتىسادىي بوھراننىڭ تەسىرىدە خەلقئارادا جاھانگىرلارنىڭ پۇت تېپىشىش، زېمىن تالىشىش ۋە ئىقتىسادىي تەسىر دائىرىسىنى تالىشىش ماجرالىرى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. شىنجاڭدا بولسا، ياڭ زېڭشىننىڭ 17 يىللىق زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقى (1912-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 1928-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە) ئاخىرلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا زالىملىق ۋە مەككارلىقتا ياڭ زىڭشىندىن قېلىشمايدىغان جىڭ شۇرىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولدى (1928-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە). شىنجاڭ تاشقى جەھەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تەسىر دائىرىسى تالىشىدىغان نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى. بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەرلەردىكى كونسۇلخانىلىرى پۇرسەت بولسىلا شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول تېقىپ، ئەسلىدىنلا داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقا ن شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇندى. شىنجاڭدىكى ئاۋام خەلىق بولسا يەنىلا زۇلمەتلىك قاراڭغۇ جەمئىيەتتە ئەرىكسىزلىك، نامراتلىق ۋە بىكىنمە ھالەتتە ياشىماقتا ئىدى. ئىچكى-تاشقى جەھەتتە مۇرەككەپ بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە شىنجاڭدىكى سەككىز نەپەر ئۇيغۇر تارخانبەگ بىرلىكتە ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇراجەتنامىسى ›› نى يېزىپ، نەنجىڭ ئاۋام ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى. سەككىز نەپەر ئۇيغۇر بەگ دۆلەت دۇچ كەلگەن ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتتىن قاتتىق ئەنسىرەپ، ئىچكى سىياسەتنىڭ ئىسلاھ قىلىنمىغانلىقى، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلىنمىغانلىقى، ئەجنەبىيلەرنىڭ نەزىرىدە جۇڭگو يەنىلا بۇرۇنقىدەك چاك - چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن ئاجىز دۆلەت دەپ قارىلىۋاتقانلىقىغا قارىتا : ‹‹ ئادالەتنى ياقلاش، مەملىكەت مىقياسىدا پىرقە - مەزھەپ ئايرىماستىن، جۇڭگولۇق بولسىلا، شەخسىي غەرەزنى چۆرۈپ تاشلاپ، بىر نىيەتتە ئۇيۇشۇپ، ئىچكى جەھەتتە تەرەققىياتنى، تاشقى جەھەتتە مۇداپىئەنى  كۈچەيتىپ، دۆلەت سىياسەتلىرىنى ئورتاق كېڭىشىش ›› نى مۇراجەت قىلدى. بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەننى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈشكە ئورتاق تىرىشىدىغان  كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. مۇراجەتنامىنىڭ خاتىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: ‹‹ بىز ئۇيغۇرلار دۆلىتىمىزدىكى بەش مىللەتنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ۋەتەننىڭ ھايات-ماماتى ۋە شان - شەرەپ، ئار - نومۇسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . بىز ھەرقايسى ئۇيغۇر بەگ - قوماندانلار ۋەتەن سۆيۈشتە باشقىلاردىن قېلىشمايمىز. ئەگەر دۆلىتىمىز بىرەر ۋەقەگە ئۇچرىسا، بىز ئىككى مىليون ئەسكەر تەييارلاپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قوغداش، ھۆكۈمەتكە ھەمكارلىشىپ، جۇڭخۇا ئېلىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايمىز. ›› بۇ خەتتە تىلغا ئېلىنغان 5 مىللەت ئەينى دەۋردە، سۇن جۇڭشەن ئەپەندى 1912-يىلى 1-ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېلان قىلغان ‹‹ جۇڭخۇا ئاۋام دۆلىتى بۈيۈك پىرىزدىنتىنىڭ خىتابنامىسى›› دا : ‹‹ ئاۋام-دۆلەتنىڭ ئاساسى. خەنزۇ، مانجۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، زاڭزۇ قاتارلىقلار تۇرغان جايلار دۆلەتنىڭ تېررېتورىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن، يەنى بۇ مىللەتلەرنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ›› دېيىلگەن. بۇ شۇ دەۋردە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئېيتىلغان بەش مىللەتنى كۆرسىتىدۇ.
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر بەگلىرىگە ئىنانچىخان، تارخانبەگ، جاساقدارخان قاتارلىق ئوتۇغات ئەمەل ناملىرىنى بىرىش- چىڭ سۇلالىسى ئەينى دەۋىردە جاھالەت پىرى ھىدايىتۇللا ( ئاپپاق حۇجا ) سەئىدىيە خانلىغىنى سۈيىقەسىت بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاپ جۇڭغارخانلىغىنىڭ ھامىلىغىدا تىكلىگەن، خۇجىلار ھاكىمىيىتىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى ئەبەيدۇللاغا تارخانبەگلىك ئۇتۇغات نامىنى بەرگەن، 1697 -يىلىدىن باشلانغان. تارىختا چىڭ ئوردىسى مانجۇ، موڭغۇل خۇشۇن تۈزۈلمىسى بويىچە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر بەگلەردىن 8 كىشىگە تار خانبەگ،  ئىنانچىخان،جاساقدارخان قاتارلىق  مەنسە پ-ئەمەل نامىلىرىنى بەرگەن. بۇ تارىختائومۇملا شتۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى ‹‹ سەككىز ئۇيغۇر تار خانبەگ›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.

ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1.ئەبەيدۇللا . ئۇ جۇڭغارلارنىڭ دەھشەتلىك زۇلمى دەستىدىن  ، چىڭ سۇلالىسى كاڭشى خاننىڭ 36 - يىلى (مىلادىيە 1697 - يىلى ) قۇمۇلنىڭ ھاكىمبېگىلىك سالاھىيىتى بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ خان ئوردىسىغا ئوغلى ئالىمبەگنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپ، چىڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھامىيلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى كاڭشى  ئەبەيدۇللاغا تارخانبەگ دېگەن مەنسەپ نامىنى بەرگەن. بۇ مەنسەپ نامى ( 1697-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە ) شامەخسۇتقىچە توققۇز ئەۋلاد داۋاملاشقان.
2.   ئىمىن خوجا. ئۇ 1720 - يىلى جۇڭغارلارنىڭ زۇلىمى تۇپەيلىدىن تۇرپاننىڭ ھاكىمبېگى سالاھىيىتى بىلەن چىڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلغان. 1759-يىلى چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى چىيەن لۇڭ ئۇنىڭغا بىزىلىق مەرتىۋىسى، ئوغلى سۇلايمانغا بەگلىك مەرتىۋىسى ئىنئام قىلغان. ئىمىن خوجا 1759-يىلى 6 -ئايدا، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ قەشقەر، يەكەن قاتارلىق جايلار نى ھۇجۇم بىلەن ئېلىشىغا يول باشلاپ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئۇنىڭغا ئىنانچىخانلىق مەرتىۋىسى بېرىپ، يەكەننى باشقۇرۇشقا بەلگىلىگەن. ئىمىن خوجىنىڭ ئىنانچىخانلىق مەرتىۋىسى-سۇلايمان، ئىسكەندەر، يونۇس، فەرىدۇن، مەتسايىت، ئەفرىدۇن، مامۇت، ئىمىن خوجا، مۇھەممەت سىيت قاتارلىقلارغىچە 10 ئەۋلاد داۋاملاشقان. مۇھەممەت سىيت 1954-يىلى ئۆلگەن.
3.غۇجەش. ئۇ 1758-يىلى ئۇچتۇرپاننىڭ ھاكىمبەگلىك سالاھىيىتى بىلەن ئۇچتۇرپانغا قېچىپ كەلگەن جۇڭغارخانى داباچىنى تۇتۇپ،  ئېلىدىكى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ھەم چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا ئەل بولغان، 1759 -يىلى چىڭ ئوردىسى ئۇنىڭغا ئىنانچىخانلىق مەرتىۋىسى بەرگەن. بۇ مەرتىۋە ئۇنىڭ 9 -ئەۋلادىغىچەداۋاملاشقان.
4.مىرزاھادى.  كۇچادىن . 1755-يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا ئەل بولغان ھەم چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىشىگە قوشۇن باشلاپ ھەمدەم بولۇپ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن، 1758 - يىلى چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئۇنىڭغا ئىنانچىخانلىق مەرتىۋىسىنى بەرگەن. داۋۇت مەخسۇت بۇ مەرتىۋىگە ۋارىسلىق قىلغان 11 - كىشى بولۇپ، بۇ كىشى ھازىرمۇ ھايات، 81ياش. 
5.قۇشۇق. ئۇ خوتەننىڭ ھاكىمبەگلىك سالاھىيىتى بىلەن 1759-يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا ئەل بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى ئېلىشىغا تۆھپە قوشقانلىقتىن، 1760 -يىلى چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى تەرىپىدىن ئىنانچىخانلىق مەرتىۋىسى بېرىلگەن.
6.غۇجەك. ئۇ ئەسلى قەشقەرنىڭ ھاكىمبېگى بولۇپ، 1759-يىلى چىڭ قوشۇنىغا ئەل بولغان ۋە چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا ئۇيغۇرلار يۇرتىنىڭ خەرىتىسىنى تەقدىم قىلىپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ بۇرھانىدىن خۇجا، خان خوجىلارنى يوقىتىشىغا ياردەم بېرىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئۇنى يەكەنگە ھاكىمبەگ قىلىپ تەيىنلىگەن. 1760--يىلى تارخانبەگلىك مەنسەپ نامى بەرگەن. بۇ مەنسەپ نامى ئۇنىڭ ئوغلى ئىبراھىمغىچە ئىككى ئەۋلاد داۋاملاشقان.
7.گادايمەت. ئەسلى سايرامنىڭ ھاكىمبېگى بولۇپ، چيەنلۇڭنىڭ 20-يىلى ( مىلادى 1755-يىلى ) چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا ئەل بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭنى ئېلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكتىن، 1759-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى تەرىپىدىن ئىنانچىخانلىق مەنسەپ نامى بېرىلگەن.
8 . ھۈسۈيۈن ، يەكەندىن ، لەقىمى ئەركە خۇجا . ئپارخان (مەمۇرئەزىم ) نىڭ تاغىسى . چىڭ سۇلالىسى جەنۇبى شىنجاڭغا لەشكەر تارىتقاندا ، 1759-يىلى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنىغا ئەل بۇلۇپ، قۇشۇن باشلاپ چىقىپ چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭنى ئىلىش ئۇرۇشلىرىدا خىزمەت كۆرسەتلىكتىن ، چىيەنلۇڭ خان ئۇنىڭغا ئوتتۇرانچى گۇڭلۇق مەنسەپ نامى بەرگەن.
چىڭ سۇلالىسى غەربىي دىيار-شىنجاڭغا ( 1759-يىلىدىن 1912-يىلىغىچە )  ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ، ئۇيغۇرلار رايۇنىدىكى ھەر دەرىجىلىك بەگلەر جەمئىي 298 نەپەربولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەشىنچى دەرىجىدىن يۇقىرى ھاكىمبەگلەر ۋە تۆتىنچى دەرىجىدىن يۇقىرى ئىشىك ئاغا بەگلەردىن 22 سى بار ئىدى. بۇلارنى چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى ئۆزى قاراپ چىقىپ تەستىقلاپ تەيىنلەيتتى. ( ليۇ زىشاۋ : ‹‹ئۇيغۇر تارىخى›› بىرىنچى قىسىم 2 -كىتاب،786 -بەت) بۇلاردىن ئىنانچىخان، تارخانبەگ، جاساقتارخان قاتارلىق ئەمەل-مەنسەپ نامى بەرگەن ئۇيغۇر بەگلىرى خېلى كۆپ ئىدى. ‹‹ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغان ئەسلىمە-ئارخىپتىكى ھېكايىلەر ›› ناملىق كىتابتا، ‹‹سەككىز ئۇيغۇر تارخانبەگنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇراجەتنامىسى ›› نىڭ ئەينەن تېكسىتى تولۇق بېرىلمەي مەزمۇنى كونكرېت تونۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن، مۇراجەتنامىنى يازغۇچىلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. شۇڭا، مەن چۈشىنىشكە پايدىسى بولار دەپ ئويلاپ، پەقەت تارىختا چىڭ ئوردىسى بىرقەدەربۇرۇنراق ئەمەل-مەنسەپ نامى بەرگەن سەككىزنەپەر ئۇيغۇر بەگنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى ئەسكەرتىپ قويدۇم. چۈنكى، چىڭ سۇلالىسى غەربى دىيار-شىنجاڭدا يولغا قويغان ئەمەل--مەنسەپ نامى بېرىش تۈزۈمى باقىۋەندىلىكقىلدۇرۇش خاراكتېرىدە بولغانىدى.
ئىزاھات:
1. كاڭشى خان-مانجۇچە ئىسمى ئايسىنگورۇشۈنيى ( 1654 - 1722 ) . چىڭ سۇلالىسى سەددىچىن سىپىلىدىن كىرىپ جۇڭگۇدا سەلتەنەت سۇرگەندىن كىيىنكى2 - پادىشاھ . 1661 -يىلىدىن 1722-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.
2. چيەنلۇڭ خان، مانجۇچە ئىسمى ئايسىنگورۇخۇڭلى ( 1711- 1799) . چىڭ سۇلالىسىنىڭ 6 -ئەۋلات پادىشاھى، 1735-يىلدىن 1799-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.
3. جىياڭ جىشى (1887- 1975) . جىجياڭ ئۇلكىسىنڭ فىڭخۇا دىگەن يېرىدىن.ياپۇنىيە ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا ھەربى ئىشلارنى ئۆگەنگەن.سۇن جۇڭشەنگە ئەگىشپ خۇاڭپۇ ھەربى مەكتىۋىنىڭ مۇدىرى ،نەنجىڭ ئاۋام ھۈكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولغان.1- ۋە 2 - قېتىملىق كومپارتىيە-گومىنداڭ ھەمكارلىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، كومپارتىيەگە ئىزچىل قارشى تۇرغان . 1949 - يىلى ئازادلىق ئارمىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ، تەيۋەنگە قىچىپ بېرىۋالغان. 1975-يىلى4-ئاينىڭ 5 - كۇنى تەيبيدە ئۆلگەن.
4.خۇجىلارھاكىمىيىتى . ھىدايىتۇللا ئىشان-ئاپپاق خۇجا ( 1626-1693) سەئىدىيەخانلىغىنىڭ 12 - سۇلتانى ئىسمايىل خان تەرىپىدىن 1672 - چەتئەلگەپالاندى قىلىنغاندىن كىيىن،1680 -يىلى كەشمىر ئارقىلىق تىبەتكە بېرىپ ، دالاي لاما 5 - گە باش ئۇرۇپ ،دالاي لامانىڭجۇڭغارخانلىقىنڭ خانى غالدان بۇشۇقتۇخانغا يازغان ئىلاھىمەكتۇبىنى ئېلىپ ، غالداننڭئىلىدىكى تەختىگاھىغا بېرىپ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىدىغانلىغىنى بىلدۇرۇپ، جۇڭغارخانلىغىدىن 120مىڭ كىشىلىك لەشكەرنى باشلاپ كىلىپ، 166 يىل سەلتەنەت سۇرگەن يەكەن سەئىدىيە خانلىغىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭغار خانلىغىنىڭ ھامىلىقىدىكى مۇقىم بولمىغان جاھالەتلىك خۇجىلارھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن، بۇ قورچاق ھاكىمىيەت چىڭ سۇلالىسىنىڭ جۇڭغارخانلىقىنى يۇقۇتۇشى بىلەن 1759 - يىلى ئاخىرلاشقان.
پايدىلانمىلار :
1.   ‹‹ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغان ئەسلىمە-ئارخىپتىكى ھېكايىلەر››، شىنجاڭ خەلق نەشر ىياتى، 2007 -يىل خەنزۇچە نەشرى.
2.   سۇبېيخەي، خۇاڭ جيەنخۇا:<< قۇمۇل، تۇرپان ئۇيغۇر ۋاڭلىرى تارىخى>>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 - يىلى نەشرى.
3.   بورھان شەھىدى: ‹‹ شىنجاڭدىكى 50 يىلىم ››، مىللەتلەر نەشرىياتى،1986-يىل نەشرى.
4.   ليۇ زىشاۋ: << ئۇيغۇر تارىخى>>، مىللەتلەرنەشرىياتى، 1987 - يىل نەشرى.
5.    فاڭ يىڭشى: ‹‹ جۇڭگو تارىخىدا شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش دۆلەت سىياسەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات ››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2006 -يىل ، خەنزۇچە نەشرى.
6.ۋېي لىياڭتاۋ ، ليۇجېڭيىن : << خۇجىلارجەمەتى ھەققىدە>> ، مىللەتلەرنەشىرياتى ،2006 - يىل نەشرى.

مەنزىل :http://yuksel.blogbus.com/logs/28468928.html

يۈكسەل بلوگى

http://yuksel.blogbus.com


Yawuz يوللانغان ۋاقتى 2008-9-5 11:32:38

南京国民政府   نەنجىڭ مىللى ھۆكۈمىتى دىيىلىدۇ.

نەنجىڭ مىللى ھۆكۈمىتىنىڭ بەش مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەش خىل رەڭلىك دۆلەت بايرىقى

بەت: [1]
: 8 ئۇيغۇر تارخانبەگنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇراجەتنامىسى