Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-9-4 10:41:47

جەمەت قائىدىسىنىڭ 3 تۈرلۈك ئەمەلىي ئەھمىيىتى



نەسەبنامەلەردىكى جەمەت قائىدىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى

نەسەبنامەلەردىكى جەمەت قائىدىسى ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك بولغان چەكلەش كۈچى جەمەت – ئۇرۇق ئىچىدىكى دەرىجە – تەبىقە مۇناسىۋىتىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، جەمەت ئەزالىرى ئارا ۋە جەمەت بىلەن جەمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىناق بولۇشىنى ساقلايدۇ.
جەمەت قائىدىسى ئىسمىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇكى، ئۇ بىر جەمەت كىشىلىرىنىڭ قىلمىش قېلىپى، ئاتا – ئانا ، ئاغۇن ( ئەجداد ) لارنىڭ كېيىنكى بوغۇنلار ( ئەۋلاد ) غا قالدۇرغان قىممەتلىك پەندى – نەسىھىتى، تەربىيىسىدۇر. ئىنسانلاردا ئائىلە ئۇقۇمى پەيدا بولغان چاغلاردىن باشلاپلا، ئاتا – ئانىلاردا ئۆز پەرزەنتلىرىنى نەسىھەتلەش، مەلۇم ئىشلاردىن چەكلەش قىلمىشى سادىر بولۇشقا باشلىغان. يېزىقنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، ئۇلۇغلارنىڭ بۇ خىل ئۇششاقلارنى تەربىيىلەش، تەنبىھلەش، نەسىھەتلەش جەريانى يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلىنىپ جەمەت قائىدىسىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى تۇرغۇزغان. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل جەمەت تەربىيە – تەنبىھلىرىنى خاتىرىلەش ئائىلە نەسەبنامەلەرگە كىرگۈزۈلۈپ، مۇكەممەل جەمەت قائىدىسى سۈپىتىدە نەسەبنامەلەرنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمىغا ئايلانغان.
دەۋرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان ئەنئەنۋىي ئۆرپ – ئادەتلەر، قائىدە – مىزانلار كۈچلۈك تەسىرگە ئۇچرىدى. جۈملىدىن، كىشىلەردىكى جەمەت كۆز قارىشىنىڭ بارغانسېرى سۇسلىشىشغا ئەگىشىپ، جەمەت قائىدىسى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى يوقىتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن جەمەت قائىدىسىنىڭ مەۋجۇد بولۇش بوشلۇقىمۇ كۈنسېرى تارىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ جەمەت قائىدىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىدىن، ئۇنى تارىخنىڭ تاشلاندۇق ئەخلەتلىرى دۆۋىسىگە تاشلىۋېتىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز يەنىلا نەسەبنامەلەردە قەيت قىلىنغان ۋە قىلىنىدىغان جەمەت قائىدىلىرىنىڭ مۇنداق بىرقانچە تۈرلۈك ئەمەلىي ئەھمىيىتى بار، دەپ قارايمىز:
1. نەسەبنامەلەردىكى جەمەت قائىدىسى ئاتا – ئانىلارنى پەرزەنت تەربىيىلەشتىكى ئەڭ ئېسىل ئائىلە تەربىيىسى ئوقۇشلۇقى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
نەسەبنامەلەردىكى جەمەت قائىدىلىرىدە كۆپىنچە، شۇ جەمەتنىڭ ئۇزاق تارىختىن بېرى شەكىللەندۈرگەن ئېسىل ئەنئەنە – ئەخلاق قاراشلىرى، ياخشى – يامان چۈشەنچىلىرى، جەمەت ئەزالىرى ئارسىدىكى مۇناسىۋەت ئەدەبلىرى، مەسئۇلىيەتچان ئاتا – ئانا، ۋاپادار پەرزەنت بولۇش ھەققىدىكى ھېكمەتلەر، ئىنسانىي پەزىلەت بابىدىكى قىممەتلىك ئۈگۈتلەر، غۇرۇرلۇق ئەر ، ئىپپەتلىك ئايال بولۇشنىڭ بايانلىرى، جەمەت ئىچىدىكى نەمۇنىلىك كىشىلەرنىڭ ئېسىل پەزىلەت - سۈپەتلىرى ، ئىش – پائالىيەتلىرى ، بوۋىلارنىڭ نەسىھەت - تەنبىھلىرى ... قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان بولىدۇ. مانا بۇلار پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشتە ، ئۇلاردا كىشىلىك دۇنيا قارىشى، ئەنئەنە چۈشەنچىسى، ئۆزلۈك تۇيغۇلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە بىباھا دەرسلىك بولالايدۇ. بالىلار ئۆز جەمەتىنىڭ جەمەت قائىدىسىنى، بوۋىلىرىنىڭ كىشىلىك پەزىلىتى ھەققىدىكى بايانلاردىن زور تەربىيىۋى ئوزۇق ئېلىپ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، قېرىنداشلار ئارا مېھرى – مۇھەببەتلىك، ئۆز – ئارا ھۆرمەتلىشىدىغان، ئار نومۇسلۇق بولۇپ چوڭ بولىدۇ. ئۆز ئەجدادلىرى ئارىسىدىكى نەمۇنىلىك كىشىلەرنىڭ روھىدىن ، ئىش – ئىزلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا مۇستەھكەم ئۇل سالالايدۇ.
كۆز ئالدىمىزدىكى جەمئىيەتكە قارايدىغان بولساق، ئاز بىر قىسىم ياشلارنىڭ، بالىلارنىڭ بارغانسېرى تاپتىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، چوڭلارنىڭ ھە دېگەندە ياشلاردىن قاقشاپ يۈرۈشكەنلىرىنى كۆرۈمىز. بۇ دەل شۇ ئاز بىر قىسىم بالىلاردا ئائىلە تەربىيىسىنىڭ كەمچىللىكىنىڭ نىشانى. ئىشىنىمىزكى نەسەبنامەلەردىكى جەمەت قائىدىسى ئاتا – ئانىلارغا ئۆز بالىلىرىنى تەربىيىلەيدىغان، ئائىلە تەربىيىسى بېرىدىغان ئەڭ ياخشى ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
2. نەسەبنامەلەردە يېزىپ قالدۇرۇلغان جەمەت قائىدىلىرى بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنى مىللىي ئەنئەنە، ئاتا – بوۋىلاردىن قالغان ئېسىل ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرىدۇ.
ھازىر كۆپىنچە كىشىلىرىمىزدە تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېز، خىزمەت بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولۇش باھانىسى بىلەن مىللىي ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنلىرىمىزگە ئېتىبار بەرمەسلىك خاھىشى ئېغىرلاپ قالدى. بۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولساق، ئۆز مىللىي كىملىكىمىزنى يوقىتىپ، جاھان مىللەتلىرى ئارىسىدا خاسلىقى يوق قوۋمگە ئايلىنىپ قېلىشىمىز سۆزسىز. ھالبۇكى، جەمەت قائىدىلىرىدە مۇشۇ جەمەت تەۋە بولىۋاتقان ئىجتىمائىي توپ، يەنى مىللەتنىڭ تارىخىي ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش، ئاداققىچە مىللىي كىملىكنى ساقلاش ھەققىدىكى كۈچلۈك ئەسكەرتىملەر، ئاتىلارنىڭ ئۆز ئەسلىگە سادىق پەزىلەتلىرى ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايەتلەر مۇشۇ جەمەت ئەزالىرىنىڭ دىلىدا ئۆز ئەنئەنىسىنى ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە ئۇلاش ئوتىنى  ياقىدۇ.
3. نەسەبنامەلەردە يېزىپ قالدۇرۇلغان جەمەت قائىدىلىرى جەمەت ئەزالىرىنىڭ ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئېرىغ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
جەمەت قائىدىلىرىدە يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك كىشىلىك پەزىلەتنىڭ مۇھىملىقى، غورۇلۇق ئەر ، ئىپپەتلىك ئايال بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈك قەيت قىلىنغاچقا، بۇ خىل جەمەت قائىدىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا يېتىلگەن ئۆسمۈرلەر ئەخلاق – پەزىلەتلىك، شەرمى – ھايالىق چوڭ بولىدۇ. بۇنداق كىشلەردىن تەركىبلەنىڭ جەمەت ۋە جەمئىيەتتە ناشايان ، بىھايا ئىشلارنىڭ سادىر بولۇشى مۇمكىن بولمايدۇ. دېمەك نەسەبنامەلەردىكى جەمەت قائىدىسى جەمئىيەتنىڭ ئېرىغ ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ دۇرۇس بولۇشىدا بەلگىلىك دەرىجىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.  


مەزكۇر يازما << يۈكسەل بلوگى >> دىن ئېلىندى  http://yuksel.blogbus.com ,

مەنزىلhttp://yuksel.blogbus.com/logs/28454596.html


بەت: [1]
: جەمەت قائىدىسىنىڭ 3 تۈرلۈك ئەمەلىي ئەھمىيىتى