ئايال بولۇش بىر ئىلىم ، كېلىن بولۇش بىر سەنئەت
ئايال بولۇش بىر ئىلىم ، كېلىن بولۇش بىر سەنئەت
ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئانىسىدىنمۇ ئۇلۇغ ، نۇقسانسىز ، كۆيۇمچان ئايال بولماس . شۇڭا ئۇلار ئانىسىنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە ئايالىنى دەڭسەيدۇ . ئانىسىغا سېلىشتۇرىدۇ . ئاياللار ئەرلەرنىڭ بۇ قارىشىنى ئوزگەرتەلمەيدۇ . قىسقىسى ، ئېرىنى سۈيۈشنى بىلگەن ئايال چوقۇم ئالدى بىلەن ئېرىنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ياخشى كۆرۈشى ، ھورمەتلەشنى بىلىشى زۆرۇر . ئۇنداقتا ، كېلىن بولغۇچى قېينئانىسىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ۋە مېھرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك ؟
1 . كېلىن ئېرىگە بولغان مۇھاببىتىنى دائىم قېيىنئانىسىغا بىلدۈرۈپ تۇرۇش بىلەن بىللە ، قېيىننانىسىنى خۇددى ئۆز ئانىسىدەك كۆرىدىغانلىغىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك
2 . قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ ياخشى گېپىنى كۆپ قىلىپ بېرىش كېرەك ، چۇنكى ھەر قانداق ئانا ئوغلىنىڭ غەيۋىتىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ ؛
3 . كېلىن قېيناتا - قېينانىسىنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلماسلىقى ، بەزى مەسىلىلەردە پىكرى بىلەن ئۆزىنىڭ قارىشى زىت بولغان تەقدىردىمۇ قېينانىسىغا يول قويۇشى كېرەك ؛
4 . كېلىن ھەر ۋاقىتتا قېينانىسى تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلىشى كېرەك ، ئەگەر ئېرى بىلەن قېينانىسى ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ كورۇلسە ، كېلىن چوقۇم قېينانىسى تەرەپتە تۇرۇپ ئېرىنى بېسىشى كېرەك . چۇنكى نۇرغۇن قېينانىلار ئوغلىنىڭ ئوزگۇرۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى كېلىنىدىن كورىدۇ ، شۇڭا كېلىن چوقۇم قېينانىسى تەرەپتە تۇرىدىغانلىغىنى بىلدۇرۇپ قويۇشى كېرەك ؛
5 . كېلىن قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىگە بەكمۇ يېقىنچىلىق قىلىپ كەتمەسلىكى لازىم ، بولمىسا قېينانىسىدا ھەسەت قوزغاپ قويىدۇ ؛
6 . كېلىن قېينانىسىغا ئۆز قىزىدەك كۆيۇنىشى ، ئۆز ئانىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشى كېرەك . لېكىن يېقىنچىلىق قىلىپ چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك ؛
7 . كېلىن قېينانىسىغا ئونىڭ تۇرمۇشدىكى مۇھىم ئورنىنى بىلدۇرۇپ قويۇش كېرەك . شۇنداق بولغاندىلا قېينانىنىڭ قەلبىدە ئىپتىغارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ، ئۇلاردىن رازى بولىدۇ .
8 . كېلىن قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ياغاچتەك قېتىۋالماسلىقى ، چوڭ ئىشلاردا مەيدانى مۇستەھكەم ، كىچىك ئىشلاردا دوت بولۇۋېلىشى كېرەك . بۇنداق بولغاندا قېينانا كېلىنىگە ھەم قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ ؛
9 . كېلىن قېيىنئانىسى بىلەن ئازارلىشىپ قالسا ئېرىگە چاقماسلىقى كېرەك . ئۇنداق قىلغاندا قېيىنئانا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت يىرىكلىشىپلا قالماي ، ئېرىنىڭ غەزىپىنى كەلتۇرۇپ قويىدۇ . شۇڭا ئېرىگە قېينانىسى بىلەن ئوتكۈزگەن كۆڭۇللۇك ۋاقىتلىرىنى دائىم سوزلەپ بىرىشى كېرەك ، شۇندىلا ئەر ئايالىنىڭ ئىقتىدارلىقىغا قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك قەدىرلەيدۇ ؛
10 . ئەگەر قېيىنئانا ھەق گەپ ئۇقمايدىغان ، جاھىل بولسا ، كېلىن چوقۇمقىيىنئانىسىغا ئۆزى ۋە قېيىنئانىسىنىڭ ئوغلى ئەڭ ياخشى كورىدىغان ، قەدىرلەيدىغان ئايال ئىكەنلىگىنى ، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋېتى يىرىكلەشسە ، ئائىلىنىڭ ئومۇمى كەيپىياتىغا ، پۈتۈنلىگىگە تەسىر يېتىدىغانلىغىنى بىلدۇرۇپ قويۇشى كېرەك،
بىلىۋالىدىغان ياخشى سۆزلەركەن..
ياخشى سۆزلەر بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن، تىما ئىگىسىگە رەھمەت.تۇرمۇشتا كىلىن بىلەن قېينىئانىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش بەك مۇھىم.
كېلىنلەرمۇ چۇقۇم ئوز مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئۇتەش، قېينىئانىلارمۇ چۇقۇم كېلىنىنى ئوز قىزىدەك كۇرۇش كىرەك.
يازمىڭىزغا تەشەككۇر!!!!!
ئىنكاس شەكلى ئۆزگەردىمۇ نىمە ئىزدىنىشتا ..................... نىمە تېرىساڭ شۇنى ئورىسەندە!