Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-9-3 12:51:47

خەنزۇلارنىڭ تەگئاتى ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭ

خەنزۇلارنىڭ تەگئاتى ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭ


خەنزۇلار دۇنيادىكى تەگئات قوللىنىش تارىخى ئۇزاق، تەگئات قوللىنىش ۋە نەسەبنامە يېزىش مەدەنىيىتى بىرقەدەر مۇكەممەللەشكەن خەلقتۇر. شۇنداقتىمۇ خەنزۇ كىشى ئىسىم - تەگئاتلىرىنىڭ باشقا تىللاردا ئىپادىلىنىشىدە ئازدۇر - كۆپتۇر قىيىنچىلىقلار مەۋجۇد. بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان خەنزۇلارنىڭ ئىسىم - تەگئاتلىرىنىڭ ئېنگلىزچە ئىپادىلىنىشىدە قىزىقارلىق مىساللار ناھايىتى كۆپ.
ئادەتتە خەنزۇلار ئۆز تەگئاتلىرنىڭ پىنيىن ( 拼音 ) بويىچە يېزىلىشىنى ئېنگلىزچە تەگئاتى سۈپتىدە قوللىنىدۇ. ئەمما، كۆرۈنۈشتە خەنزۇچە پىنيىن بىلەن ئوخشاش يېزىلغان سۆزلەرنىڭ ئېنگىلىزچىدە ئوقۇلۇش ئاھاڭى باشقىچە بولغاچقا، ئامېرىكىدىكى خەنزۇلار كىشىنى تېلىقتۇرۇپ قويغۇدەك تېڭىرقاشلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ.
تەگئاتى ( 邢 ، X ing  )بولغان بىر خەنزۇ دوستىمىز ئامېرىكىدىكى بىر بانكىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ھەركۈنى نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىق كىشىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن. باشقىلار ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىقلىق ئىسىم كارتوچكىسىدىكى << Mr . X ing >> دېگەننى توغرا تەلەپپۇز قىلىشالماي گاڭگىرىشىدىكەن. بەزىلىرى ئاغزىغا كەلگىنى بويىچە < ئېكىس ئەپەندى > دەپ ئاتىشىدىكەن. كىشىنىڭ تېخىمۇ كۈلكىسىنى قىستايدىغىنى شۇكى، بىر قېتىم بىر موماي << Mr . Crossing  >> دەپ چاقىرغان. Crossing ئەسلى ئېنگىلىزچىدا يولدىن كېسىپ ئۆتىدىغان ئاق سىزىقلار بار جاينىڭ ئېتى بولۇپ ، ئامېرىكىدا قىسقارتىپ <<  X ing  >> دەپ يېزىلىدۇ. بەلكىم بۇ موماي شىڭ تەگئاتلىق بۇ دوستىمىزنىڭ تەگئاتىنىمۇ قىسقارتىلغان بولسا كېرەك دەپ قاراپ، تولۇقىنىلا چاقىراي دەپ << Mr . Crossing  >> دەپ چاقىرغان بولۇشى مۇمكىن...
بەزى خەنزۇ تەگئاتلىرىنىڭ ئېنگلىزچە ئېيتىلىشى مەنا جەھەتتىن كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. مەسىلەن، 李 ئەپەندى ( Li ) نىڭ تەگئاتى بەلكىم << يالغانچى ئەپەندىم ، MR. L ie >> دەپ چاقىرىلىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ جايدىكى i تاۋۇشى < ئى > تەلەپپۇز قىلىنماستىن ئېنگىلىزچىدا < ئاي > دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 李 ئەپەندىنىڭ تەگئاتى < لاي > دەپ چاقىرىلىپ( ئېنگىلىزچىدىكى مەنىسى يالغانچى )، ئىشتىقۇچىدا << يالغانچى ئەپەندىم ، MR. L ie >> دەپ چاقرىغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ.
تەگئاتى ( 戴 ، D ai  )  بولغان كىشى << Mr.Die >> دەپ چاقىرىلىپ، باشقىلارغا << ئۆلۈم ئەپەندىسى >> دېگەن مەنانى ھېس قىلدۇرۇپ قويىدۇ. چۈنكى بۇ جايدىكى << دەي >> تەگئاتى ئېنگىلزچىدە <<داي ( ئۆلۈم ) >> دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ دەي تەگئاتلىق ئەپەندى ئامېرىكىدا دوختۇر بولۇپ قالسا، ئىسمىنى بىر ئاڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا كۆرۈنۈشى ناتايىن. شىپا تاپىمەن دېگەن كىشى << ئۆلۈم ئەپەندىسى >> گە كۆرۈنمەس ؟! ...
ئامېرىكىلىق بىرەيلەننىڭ ئوغلىنىڭ خۇسۇسىي دوختۇرى جۇڭگولۇق پۇشتىدىن بولغان ( He ، 何 ) خېنىم ئىكەن. بىر قېتىم بۇ كىشى بۇ دوختۇر خېنىمنى ئىزدەپ دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، خېلى ھەپىلىشىپمۇ ئۇنى چاقىرتالمىغان. ئاخىرى << دوختۇر ئۇ ( ئەرلەرگە ئىشلىتىدىغان ئۇ ) ، Dr. He >> نى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندىلا ، باشقىلار دەرھال چاقىرىپ بەرگەن. دوختۇرخانىدا خې تەگئاتلىق بۇ خېنىمنى باشقا دوختۇر - سېسترالار ، بىمارلارمۇ << دوختۇر ئۇ ( ئەرلەرگە ئىشلىتىدىغان ئۇ ) ، Dr. He >> دەپ چاقىرىدىكەن. بۇ خانمۇ كۆنۈپ قالغان ئوخشايدۇ.
بىر قېتىم بۇ ئامېرىكىلىقنىڭ ئوغلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تېلېفون قىلىپ، قىزىنىڭ خۇسۇسىي دوختۇرىنىڭ ئىسىم - تەگئاتى قاتارلىقلارنى سورىغان بولۇپ، بۇلار ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك قىزىقارلىق دىئالوگ بولغان :
- ? W ho is y our son's pediatrician  
-  Dr. He
- ? W hat is his phone number
- 。 Dr. H e is not he ,is she
-  ? Y ou mean he is she
-  No, no, her last name is H e, but she is female, although we call her He
كانادادا  ( YOU ، 尤 ) تەگئاتلىق بىر جۇڭگولۇق بولۇپ دائىم باشقا جايدىن كەلگەن جۇڭگولۇق خەنزۇلارغا ناھايىتى قىزغىن ياردەم بېرىدىكەن. بىر قېتىم   ئوغۇلنىڭ تەگئاتى شى ( 佘 ، She ) ، قىزنىڭ تەگئاتى (He ، 何 ) بولغان بىر جۈپ ئوغۇل - قىز ئاشىق مەشۇقلار كاناداغا ساياھەتكە كېلىپ 尤 ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر يىغىلىشقا بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ پۇرسەتتە 尤 ئەپەندى بۇ ئىككى جۇڭگولۇق دوستىنى كانادادىكى ئىنگلىز دوستلرىغا تونۇشتۇرۇپ قويماقچى بولۇپتۇ.
ئاۋۋال قىزنى تونۇشتۇرۇشتىن باشلاپتۇ .
- ! She is H e ,HE
بۇنى ئاڭلىغان كانادالىق
- ? So, She is he  ،دەپتۇ.
ئاندىن ئوغۇلنى تونۇشتۇرۇشنى باشلاپتۇ。
- !  H e is She, SHE
بۇنى ئاڭلىغان كانادالىق نېمە ئىش بولۇپ كەتكىنىنى ئاڭقىرالماي
- ? W hat, H e is she دەپ ياندۇرۇپ سوراپتۇ.
- ! Right < شۇنداق > دەپ جاۋاب بېرىپتۇ 尤 ئەپەندى.
ئاخىرىدا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ،
-! And I am Y ou, Y OU دەپتۇ
بۇنى ئاڭلىغان كانادالىق ? Oh, Y ou are me دەپ ئايلىنىپ كېتىپتۇ...

مەزكۇر يازما << يۈكسەل بلوگى >> دىن ئېلىندى  http://yuksel.blogbus.com ، مەنزىل:http://yuksel.blogbus.com/logs/28398948.html



Y.T يوللانغان ۋاقتى 2008-9-4 06:42:10

ئا خىردىكى ھىكايە بەك قىزىقارلىقكەن .

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-4 13:15:10

يەنە بەزىلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ قىسقارتىلىپ يىزىلىشى WCبولۇپ قالىدىكەن !

Tornado يوللانغان ۋاقتى 2008-9-5 14:50:59

ئۆتكەندە بىرسى ئىش بىجىرگىلى كەپتۇ،كىملىكىگە قارىسام死فامىلىك ئىكەن ،\"ئاھ خۇدا ، بۇ خەتنىڭ يەنە بىر ئوقۇلۇشى بارمىدۇ ئەمدى؟\"دەپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرسام ،ھىلقى ئادەم:\"شۇنداق شۇنداق ،فامىلەم سى ..\"دەيدۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ، قارىغاندا بۇنداق ئىككىلىنىشلەرگە جىق ئۇچراپ كۈنۈككەن.

يەنە بىرسى كەپتۇ ،فامىلىسىنى دىمەي ،ئىسمى粪池 ئىكەن،كۈلۈۋەتمەي دەپ بۇرنۇمنى قاشلاپ ئولتۇرۇپ ئاران يولغا سالدىم،تاماكا تەڭلىۋىدى چەككۈم كەلمىدى.

بەت: [1]
: خەنزۇلارنىڭ تەگئاتى ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭ