تېپىشماقلار
ئەسسالام ئىزدىنىشتىكى تورداشلار.
بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئىزدىنىشنى ئاچالماي دىيارىم .شەبنەملەردە مۇساپىر بۇلۇپ يۈرۈپ كەتتۇق. ئىزدىنىشنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۈرۈپ دەرھاللا قايتىپ كەلدىم. قارسام ئىزدىنىشتا تېپىشماقلار كۆپ ئەمەسكەن. شۇڭا بىر قانچە تېپىشماق يوللاپ بېقىشنى لايىق تاپتىم. توغرا جاۋاپ بەرگەنلەرگە دىيارىم ، شەبنەم مۇنبەرلىردىكىدەك مۇكاپات بىرەي دىسەم مەندە مۇكاپات بەرگىدەك بىر نەرسە يوقكەن. شۇڭا ئىزدىنىش ئەپەندى تېپىشماقنى توغرا تاپقانلارنىڭ ئىزدەنگەنلىكىگە بولسىمۇ رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنبەر تەڭگىسىدىن ئازغىنە مۇكاپات بەرسە قانداق؟ ئۇنداقتا تېپىشماقنى باشلىدىم. بىر تېپىشماققا 100 مۇنبەر پۇلى. ھەممىسىنى توغرا تاپقانلارغا بىرىلىدۇ. بىرنى تېپىپ قالغان تۆتىنى تاپالمىسىڭىز مۇكاپات يوق . ئەڭ ئالدىدا توغرا تاپقان بىرلا ئەزاغا مۇكاپات بىرىلىدۇ. مۇكاپاتنى ئىزدىنىش ئەپەندى بىرىدۇ.
1.بىر قازاندىن بەش قاسقان مانتا چىقىپتۇ، بەش جوزىدا بەشتىن ئولتۇرغان كىشلەرگە بەشتىن تىگىپتۇ، ئۇنداقتا كىشى قانچە ؟ مانتا قانچە؟
2.بىر ئۆيدە تۆت بۇلۇڭ، ھەر بۇلۇڭدا بىردىن توشقان، ھەر توشقاننىڭ ئالدىدا ئۈچتىن توشقان بار ئىكەن، ئۇنداقتا ھەممىسى قانچە توشقان؟
3. ئىگىز تاغدا توققۇز چوققا بار، بىر چوققىدا توققۇز تۈپ دەرەخ، بىر تۈپ دەرەختە 9 تال شاخ، ھەر شېخىدا توققۇز تال گۈل بار ، ئۇنداقتا بۇ دەرەخلەردە جەمئىي نەچچە گۈل بار؟
4. تۇرسۇن 8 ياش، دادىسى 41 ياش بولسا . يەنە قانچە يىلدىن كىيىن ، دادىسىنىڭ يېشى تۇرسۇننىڭ يېشىدىن بىر ھەسسە چوڭ بولىدۇ ؟
5. بىر سان بار، ئۈچكە بۆلسە ئىككىسى قالىدۇ، بەشكە بۆلسە بىرسى قالدۇق قالىدۇ، يەتتىگە بۆلسە ئالتىسى قالدۇق قالىدۇ، ئۇنداقتا بۇ بىر سان قانچە؟
بەش تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى بىرلا ئىنكاس قىلىپ يوللاڭ.
ئىزدىنىش ئەپەندى سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدىغان بولدۇم. ۋاقتىڭىز بولسا سىزمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ بەرگەن بولسىڭىز.چۈنكى بۇ سىزنىڭ ئىزدىنىشنى نەچچە ئاي تاقاپ قويغىنىڭىزغا بىرىلگەن جازا ھې ھې
1. كىشى 25 مانتا 125
2.جەمئى 4 توشقان
3. 6561 تال گۈل بار
4. يەنە 25 يىلدىن كېيىن تۇرسۇن 33 ياش دادىسى 66 ياش بولىدۇ
5. ئۇ سان 11
1.مانتىمۇ 25
5.ئۇسان 11ئەمەس ،11نى 7گە بولسە 6قالدۇق قالمايدۇ.
ئۇ سان 104 ئوخشىمامدۇ؟
بەشىنجى سوئالنىڭ جاۋابى: 41
مانتىنىڭ گىپىنى قىلماڭلار ... ياز ۋاقتى سىرىتتىن مانتا يىمىسە بولىدىكەن زادى ..... ئادەمنى بىئارام قىلىپ ، سېسىپ قالغان گۆشنى قىيما قىلامدىكىن تاڭ ...1-تېپىشماقنىڭ جاۋابى : كىشى 25 مانتا 125
2-تېپىشماقنىڭ جاۋابى : ھەممىسى 4 توشقان
3-تېپىشماقنىڭ جاۋابى : جەمئىي 6561 تال گۈل
4-تېپىشماقنىڭ جاۋابى : دادىسى ھازىر تۇرسۇندىن 33 ياش چوڭ. دىمەك تۇرسۇن 33 ياشقا كىرگەندە دادىسى 66 ياشقا كىرىدۇ .شۇڭا يەنە 25 يىلدىن كىيىن دادىسىنىڭ يېشى تۇرسۇننىڭكىدىن بىر ھەسسە چوڭ بولىدۇ.
5- تېپىشماقنىڭ جاۋابى : بۇ سان 41
ئۇھ مۇشۇ تېپىشماقنى تاپىمەن. ئېكرانغا قاراپ ئولتۇرغىلى 2 سائەت بولدى. چۇقۇم توغرا چىقىدۇ
قېنى مەھمۇد ئەپەندى،تېپىشماقلارنىڭ جاۋابىغا قاراپ باقامسىز؟
ھەي ھەي بۇ بەك ئاسان بۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ. ئەلنەزەر بەك ئاسان تېپىۋاپتۇ. بىراق لەتيىف مۇ بىرسىگىلا خاتا جاۋاپ بىرىپتۇ. قالغىنغا توغرا جاۋاپ بىرىپتۇ. ئەلنەزەرنىڭ ھەممىسى توغرىكەن. بۇ ھىساب بولمىسۇن ھە . مەن باشقىدىن تەييارلىق قىلاي. بۇنداق ئاسانلا ھەم تىزلا مۇكاپات بىرىلىپ كەتسە بولماس شۇنداقمۇ؟ ھامىنى مۇكاپاتنى مەن بەرمەيمەن. ئەلنەزەر مۇكاپاتنى ئىزدىنىش ئەپەندىدىن قانداق قىلىپ ئالسىڭىز ئېلىڭ . بولدى مەن بۇ تىمىغا قاتناشمايمەن. بەك ئاددى تېپىشماق بۇلۇپ قاپتۇ. باشقىسىغا تەييارلىق قىلاي.
5- مەسلىگە بېرىلگەن بېرىلگەن جاۋاپ يەنىلا چولتا . ئەمەلىيەتتە بۇنداق سان چەكسىز كۆپ . مەن تۆۋەندە ئۇنىڭ بارلىق يېشىمىنى ئوتتۇرغا قوياي :
بۇ ساننىZ دەپ پەرەز قىلساق ، ئۈچكە بۆلسە قالدۇق 2 ، بەشكە بۆلسەقالدۇق 1، يەتتىگە بۆلسە قالدۇق 6 بولغانلىقتىن ،
Z=3a+2=5b+1=7c+6 بولىدۇ . ( بۇلاردىكى ھەرىپلەر پۈتۈن سان ) . بۇنىڭدىن بۇ سانغا 1 نى قوشقاندا بۇ ساننىڭ 3 بىلەن 7 نىڭ پۈتۈن سان ھەسسىلىگى بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ . شۇڭا Z+1 بولسا 21 نىڭ پۈتۈن سان ھەسسىلىگى بولىدۇ . دېمەك
Z+1=21t ( بۇنىڭدىكى t پۈتۈن سان ) بولىدۇ . يەنە Z+1=5b+2 بولىدۇ . بۇنىڭدىن 5b+2=21t غا ئېرىشىمىز . يەنى
b=(21t-2)/5=4t+(t-2)/5 بولىدۇ . b پۈتۈن سان بولغانلىقتىن ، g=(t-2)/5 ( بۇنىڭدىكىg نۆلگە تەڭ ھەم چوڭ بولغان پۈتۈن سان ) دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ . دېمەك t=5g+2 بۇنى Z+1=21t دىكى ئورنىغا قويساق ، Z=105g+41 بولىدۇ .
يەنى g=0 بولغاندا بۇ سان 41 ؛
g=1 بولغاندا بۇ سان 146 ؛
g=2 بولغاندا بۇ سان 251 ؛ ...........................................................
دېمەك بۇ مەسلىنىڭ چەكسىز كۆپ يېشىمى بار .
.................................................................................................................................................................................
ئەمدىغۇ مۇنبەر پۇلىنى ماڭا بېرەسىلەر ؟
شاخماتچى سىز ماتىماتىكىچى ئوخشىمامسىز؟
توغرا تاپتىڭىز ، ماتىماتىكىنى چېقىۋىتىمەن!
تېپىشماقما بۇ؟
ھىسابلىق تېپىشماق